تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

50 مىڭدىن ئارتۇق شەھەر - يېزا ئاھالىسى «ئۆلكە ھالقىپ راۋان بېجىرىش»تىن مەنپەئەتلەندى

قومۇل:

50 مىڭدىن ئارتۇق شەھەر - يېزا ئاھالىسى «ئۆلكە ھالقىپ راۋان بېجىرىش»تىن مەنپەئەتلەندى

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋېي يۇڭگۇي، ئىختىيارىي مۇخبىر يې سۈي خەۋەر قىلىدۇ: قومۇل شەھەر ئاھالىسى گو ۋېنجاڭ خاڭجوۋدىكى بىر كارخانىدا ئۈچ يىلدىن كۆپرەك خىزمەت قىلىپ، بۇ يىل قومۇلغا قايتىپ كېلىپ ئىگىلىك تىكلىدى. يېقىندا، ئۇ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مۇناسىۋىتىنى يۆتكەپ كەلمەكچى بولدى، بىراق بىر قېتىم بېرىپ - كېلىشى 6000 - 5000 كىلومېتىرلىق مۇساپە ئۇنى غەمگە سېلىپ قويدى.

12 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، گو ۋېنجاڭ قومۇل شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىگە كېلىپ مەسلىھەت سورىغاندا، خىزمەتچى خادىم ئۇنىڭغا «ئېلېكتىرونلۇق ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى» APPسىنى تەۋسىيە قىلىپ، ئۇنىڭغا «ئۆلكە ھالقىپ راۋان بېجىرگىلى» بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى ھەم نەق مەيداندىلا ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىشىپ بەردى.

«15 مىنۇتقا قالمايلا بېجىرىپ بولدۇم، ئالايىتەن بېرىشىمنىڭ ھاجىتى قالمىدى» دېدى گو ۋېنجاڭ خۇشال ھالدا.

بۇ يىل قومۇل شەھىرى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى، «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتى داۋامىدا، ئاممىدىن كەڭ كۆلەمدە پىكىر - تەكلىپ توپلاپ، دىققەتنى ئامما «ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، ئەندىشە قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان» مەسىلىلەرگە ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىش، ئەمەلىي ئىش قىلىشقا مەركەزلەشتۈردى. بۇنىڭ ئىچىدە، قومۇل شەھىرى تۈرلۈك توردىكى مەمۇرىيەت ئىشلىرى مۇلازىمەت سۇپىسىدا 86 تۈرلۈك «ئۆلكە ھالقىپ راۋان بېجىرىش» ئىش تۈرلىرىنى ئېلان قىلدى، بۇ تۈرلەر ئاھالىلەرنىڭ شەخسلەر ئىجتىمائىي كاپالىتى، داۋالىنىش ۋە تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندىنى يۆتكەپ داۋاملاشتۇرۇش، ئاپتوموبىل باشقۇرۇش قاتارلىق ئىش تۈرلىرىگە چېتىلىدىكەن ۋە كارخانا قۇرۇش، رويخەتتىن ئۆچۈرۈش قاتارلىق رەسمىيەتلىرىگە چېتىلىدىكەن. بۇ ئىش تۈرلىرىنى بېجىرىش ئۇسۇلى «توردا بېجىرىش، ئالقاندا بېجىرىش، پوچتا ئارقىلىق بېجىرىش، ئالدىن كېلىشىپ بېجىرىش»نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان 50 مىڭدىن ئارتۇق شەھەر - يېزا ئاھالىسى «ئۆلكە ھالقىپ راۋان بېجىرىش»نىڭ قولايلىق مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولدى.

ئىجتىمائىي كاپالەت كەسپىدە «ئۆلكە ھالقىپ راۋان بېجىرىش»كە ئوخشاش، ئاپتوموبىل باشقۇرۇش كەسپىمۇ ئاممىنىڭ «ئۆلكە ھالقىپ راۋان بېجىرىش» قېتىم سانى كۆپ بولغان كەسىپ ھېسابلىنىدۇ. ئاپتوموبىل باشقۇرۇش كەسپىدە «ئۆلكە ھالقىپ راۋان بېجىرىش»نى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن، قومۇل شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنى ئاپتوموبىللارنى مەملىكەت بويىچە «ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش»، شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى مەملىكەت بويىچە «كىملىك ئارقىلىق مەملىكەتنىڭ ھەممە يېرىدە ئىمتىھان بېرىش»، نىمكەش ئاپتوموبىللارنىڭ ۋاقىتلىق نومۇر تاختىسىنى باشقا جايدا بېجىرىش قاتارلىقلارنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جەمئىي ئون تۈرلۈك كەسىپتە «ئۆلكە ھالقىپ راۋان بېجىرىش»نى ئىشقا ئاشۇردى.

«ئىلگىرى، ھەر كۈنى 500 - 400 ئادەم كېلىپ كەسىپ بېجىرەتتى، كۆزنەكتىكى خىزمەتچى خادىملىرىمىز ئاممىنىڭ ئىشىنى بېجىرىشنى ئاقسىتىپ قويۇشتىن ئەنسىرەپ، ھاجەتخانىغا بېرىشقىمۇ ۋاقىت چىقىرالمايتتى.» قومۇل شەھەرلىك قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنى ئۇنىۋېرسال كەسىپ بېجىرىش كۆزنىكىنىڭ خىزمەتچى خادىمى دۇەن يۇڭخۇي مۇنداق دېدى: «<ئۆلكە ھالقىپ راۋان بېجىرىش> <ئالاقە تورى + ئاپتوموبىل باشقۇرۇش كەسپى>نىڭ ئومۇميۈزلۈك قاپلىشىغا ئەگىشىپ، زالغا كېلىپ كەسىپ بېجىرىدىغانلارنىڭ سانى زور دەرىجىدە ئازايدى، ھازىر يۇقىرى پەللە ۋاقتىدىمۇ 100دەكلا ئادەم بار، توردا كەسىپ بېجىرىش، بولۇپمۇ ئۆلكە ھالقىپ كەسىپ بېجىرىش ھەم قولاي ھەم تېز بولغاچقا، ئاممىنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى».

«ئۆلكە ھالقىپ راۋان بېجىرىش» قومۇل شەھىرىنىڭ سودا مۇھىتىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى. بۇ يىل، قومۇل شەھىرى بېسىپ تارقاتقان «2021 - يىللىق <قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش> ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى»دا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: مەمۇرىيەت ئىشلىرى مۇلازىمەت سۇپىلىرىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشكە تايىنىپ، رايون ھالقىغان، تارماق ھالقىغان، ساھە ھالقىغان ئۆزئارا ئىشىنىش، ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، مەمۇرىيەت ئىشلىرى ساھەسىدە ئومۇمەن ئۇچۇرلاردىن ئورتاق بەھرىلەنگىلى بولىدىغان ياكى ئېلېكتىرونلۇق كىنىشكا ئارقىلىق دەلىللىگىلى بولىدىغانلىرىنى كارخانىلاردىن تەكرار تەمىنلەشنى تەلەپ قىلماسلىق كېرەك؛ يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن، ئېلېكتىرونلۇق تىجارەت كىنىشكىسىنىڭ باج، ئىجتىمائىي كاپالەت، تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى، سودا بانكىسى قاتارلىق ساھەلەردە قوللىنىلىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

«نۆۋەتتە، بىز 80 تۈرلۈك مەمۇرىي ئىجازەت تۈرىنى توردا بېجىرىشنى ئىشقا ئاشۇردۇق، بۇنىڭ ئىچىدە 13 تۈرلۈك كۆپ بېجىرىلىدىغان مەمۇرىي ئىجازەت تۈرىدە <ئۆلكە ھالقىپ راۋان بېجىرىش>نى ئىشقا ئاشۇردۇق». قومۇل شەھەرلىك بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى تىزىملاپ رويخەتكە ئېلىش بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى ۋاڭ لېي مۇنداق بىلدۈردى: «ئۆلكە ھالقىپ راۋان بېجىرىش» كارخانىلارنىڭ تىجارەت تەننەرخىنى ئازايتىپ، كارخانىلارنىڭ ماكانلىشىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىغا قولايلىق ياراتتى، بۇ، سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش، بازار سۇبيېكتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇشتىكى كۈچلۈك تەدبىر.

قومۇل شەھەرلىك «قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتى ئىشخانىسى ئۇنىۋېرسال ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ياڭ بو مۇنداق بىلدۈردى: كېيىنكى قەدەمدە، قومۇل شەھىرى ئاممىنىڭ ئېھتىياجىنى يېتەكچى قىلىپ، بېجىرىلىش قېتىم سانى كۆپ ئىش تۈرلىرىگە خاس مۇلازىمەت قىلىشنى بېكىتىپ، رايونلار ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، «ئۆلكە ھالقىپ راۋان بېجىرىش مۇلازىمەت ساھەسى»نى داۋاملىق كېڭەيتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.