تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ تۈر قۇرۇلۇشىدا مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىش ۋەزىيىتى بارلىققا كەلدى

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل 11 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 4207 تۈرىدە قۇرۇلۇش تاماملىنىپ ھەم ئۈنۈمى جارى قىلدۇرۇلۇپ، بۇنىڭغا چېتىلىدىغان سېلىنما 205 مىليارد 600 مىليون يۈەن بولغان؛ 3355 يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان تۈردە پىلاندىكى ۋاقىت چەكلىمىسىدىن بىر يېرىم ئاي بۇرۇن يېڭىدىن ئىش باشلاش نىشان - ۋەزىپىسى تاماملانغان؛ 3388 زاپاس تۈرنىڭ ئايلاندۇرۇلۇش نىسبىتى %76كە يېتىپ، يىللىق %30لىك ئايلاندۇرۇش نىشان - ۋەزىپىسى نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئورۇندىلىپ، تۈرلەرنى ئالغا سىلجىتىش ئەھۋالىدا مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىش ۋەزىيىتى بارلىققا كەلگەن.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ نۇقتىلىق خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي، كەسكىن ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرلەرنى تۇتۇش، سېلىنمىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇشتىكى «N+1» خىزمىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەندىزىسىنى پائال بەرپا قىلىپ، تۈر قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچ، پۈتۈن سۈرئەت بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، تۈر قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئۈنۈملۈك سېلىنمىغا تۈرتكە بولۇپ، ئۈنۈملۈك سېلىنما ئارقىلىق ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.

بۇ يىل، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ تۈر قۇرۇلۇشىدا «بەشتە ياخشى بولۇش» ۋەزىيىتى بارلىققا كەلدى، يەنى مېخانىزم رولىنىڭ جارى قىلدۇرۇلۇشى ياخشى بولدى، تۈرلەرنىڭ ئالغا سىلجىتىلىش ئەھۋالى ياخشى بولدى، نۇقتىلىق تۈرلەردە ئىلگىرىلەش ياخشى بولدى، مەبلەغ جەملەش كاپالىتى ياخشى بولدى، ئومۇمىي جەھەتتىن تاماملاش ئۈنۈمى ياخشى بولدى.

ئاپتونوم رايون تۈرلەرنى ئالغا سىلجىتىدىغان «ئون چوڭ مېخانىزم»نى ئورنىتىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئۆلكە دەرىجىلىك رەھبەرلەر نۇقتىلىق تۈرلەر بىلەن ئالاقىلىشىش، «ئالتە مۇھىم» تىزىملىك، تۈر قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى قاتارلىق يانداش تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئون قېتىم تۈر قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش بويىچە سىنلىق تەڭشەپ ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى ئېچىپ، 50 مۇھىم، زور بوغۇق نۇقتا، قىيىن نۇقتىلىق مەسىلىلەرنى يۇقىرى ئۈنۈمدە ھەل قىلدى.

11 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايوننىڭ 350 نۇقتىلىق تۈرىگە 241 مىليارد 360 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش تاماملىنىپ، پۈتۈن يىللىق پىلاندىكى سېلىنمىنىڭ %100.6ى ئورۇندىلىپ، پۈتۈن يىللىق نىشان - ۋەزىپىلەر مۇددەتتىن بىر ئاي بۇرۇن تاماملانغان. ئاراتاش سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشى قاتارلىق 41 نۇقتىلىق تۈر پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن، قورغان سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشى، جياڭجۈنمياۋ - نوم تۆمۈريولى قاتارلىق 89 نۇقتىلىق تۈردە يېڭىدىن ئىش باشلاش ئىشقا ئاشۇرۇلغان.

بۇ يىل، ئاپتونوم رايون ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ مەركەز خامچوتى ئىچىدىكى سېلىنمىدىن 30 مىليارد 930 مىليون يۈەننى قولغا كەلتۈرۈپ، 76 مىليارد 600 مىليون يۈەن يەرلىك ھۆكۈمەت مەخسۇس زايومى تارقىتىپ، شىنجاڭ پۇل مۇئامىلە ئۇنىۋېرسال مۇلازىمىتى (ئىناۋەتلىك قەرز) سۇپىسى ئارقىلىق 8 مىليارد 180 مىليون يۈەن قەرز پۇل چۈشۈرۈپ، 5 مىليارد 600 مىليون يۈەن كارخانا زايومى تارقىتىپ ۋە رويخەتكە ئالدۇرۇپ، جەمئىيەت كاپىتالىغا 47 تۈرنى دائىملىق تونۇشتۇرغان، بۇنىڭغا چېتىلىدىغان ئومۇمىي سېلىنما 97 مىليارد 700 مىليون يۈەن بولغان.

11 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە مەبلەغ سېلىش كۆلىمى 5 مىليون يۈەندىن يۇقىرى 9542 تۈردە ئەمەلىي خىزمەت مىقدارى بويىچە يىللىق پىلان %97.3 ئورۇندىلىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 1.9 پىرسەنت پوئېنت ئاشقان. داۋاملاشما قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە ئىشنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈشى، يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان تۈرلەردە ئىش باشلىنىشى، زاپاس تۈرلەرنىڭ ئايلاندۇرۇلۇشى قاتارلىق تۈرلۈك نىشان - ۋەزىپىلەر مۇددەتتىن بۇرۇن تاماملانغان.

كېيىنكى قەدەمدە، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى 2022 - يىللىق تۈر قۇرۇلۇشىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پائال ياخشى پىلانلاپ، مۇھىم، زور تۈرلەرنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇش، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ياخشىلاشتىكى ئاكتىپ رولىنى ھەقىقىي ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتىپ، بىر تۈركۈم مۇھىم، زور تۈرلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەيدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.