تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

جاپادىنمۇ، ئۆلۈمدىنمۇ قورقماسلىق

− ۋاڭ جيې روھى توغرىسىدا بايان

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ليۇ شياۋخۇڭ

يېقىنقى بىر قېتىملىق ئەسكەرلەرنىڭ ئەمەلىي مەشىقتىكى قارشىلىشىشىدا، لەنجۈن ئارمىيەسىنىڭ كۆپ خىل توساق قۇرۇشى، قاتمۇقات توسۇپ زەربە بېرىشى ئالدىدا، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىگە قاتناشقان 71 ـ جىتۇەنجۈن مەلۇم بىرلەشمە لۈيىدىكى «ۋاڭ جيې بەنى» بىرونېۋىك گۇرۇپپىسى كۈچلۈك ئوت كۈچىگە تاقابىل تۇرۇپ، بىۋاسىتە چوڭقۇرلاپ كىرىپ، كېيىنكى قىسىمنىڭ ھۇجۇم قىلىپ بۆسۈش ئېغىزىنى ئېچىشىغا ياردەم بەردى.

56 يىل ئىلگىرى، ۋاڭ جيې خەلق ئەسكەرلىرىنى مىنا كۆمۈش ـ تازىلاش مەشىقىگە تەشكىللەۋاتقاندا، نەق مەيداندا تۇيۇقسىز تاسادىپىي ئەھۋال يۈزبەردى. ھايات ـ ماماتلىق پەيتتە، باشقىلارنى قوغداش ئۈچۈن، ۋاڭ جيې ھاياتى ئارقىلىق «جاپادىنمۇ، ئۆلۈمدىنمۇ قورقماسلىق» قەسىمىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتى.

56 يىلدىن بۇيان، ۋاڭ جيې روھى قەھرىمان قىسىمنى ئۈزلۈكسىز شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرمەكتە.

100 نەچچە مىڭ خەتلىك كۈندىلىك خاتىرە «ئىككىدىن قورقماسلىق» روھىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنىڭ جانلىق كارتىنىسى

ۋاڭ جيې 1942 ـ يىلى تۇغۇلغان، شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ جىنشياڭ ناھىيەسىدىن. 1961 ـ يىلى ھەربىي سەپكە قاتنىشىپ ئەسلىدىكى جىنەن ھەربىي رايونى بىرونېۋىك مەلۇم قىسمى قۇرۇلۇش ئەسكەرلەر يىڭىنىڭ 1 ـ ليەنىگە كېلىپ، ئۇدا ئۈچ يىل «بەشتە ياخشى جەڭچى» بولۇپ باھالانغان، ئىككى قېتىم 3 ـ دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتكەن.

1965 ـ يىلى7 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى، بەنجاڭ ۋاڭ جيې خەلق ئەسكەرلىرىنى مەشىققە تەشكىللەۋاتقاندا پارتلاتقۇچ بوغچىسى تۇيۇقسىز تاسادىپىي پارتلاپ كەتتى. خەتەرلىك جىددىي پەيتتە، نەق مەيداندىكى 12 خەلق ئەسكىرى ۋە خەلق قوراللىق بۆلۈمى كادىرىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن، ئۇ قەتئىيلىك بىلەن پارتلاتقۇچ بوغچىسىغا ئېتىلىپ بېرىپ، 23 ياشلىق ياش ھاياتىنى تەقدىم قىلدى.

ۋاڭ جيې ئۆز ھاياتىدىن كېچىپ باشقىلارنى قۇتقۇزۇپ قۇربان بولغاندىن كېيىن، ئۇ ھايات ۋاقتىدا تۇرغان بەنگە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن «ۋاڭ جيې بەنى» دەپ نام بېرىلدى.

ئەسكەر بولغان تۆت يىلدا، ۋاڭ جيې 350 پارچىدىن ئارتۇق، 100 نەچچە مىڭ خەتلىك كۈندىلىك خاتىرە يازدى. «بۇ كۈندىلىك خاتىرىلەردە قەھرىماننىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش قەلب مۇساپىسى ھەقىقىي خاتىرىلەنگەن، بۇ ئۇنىڭ <ئىككىدىن قورقماسلىق> روھىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكەنلىكىنىڭ جانلىق كارتىنىسى» دېدى بۇ لۈينىڭ ۋاڭ جيې ئىش ئىزلىرى كۆرگەزمىخانىسىنىڭ چۈشەندۈرگۈچىسى شيې مېڭچى.

ۋاڭ جيې چاقىرىق بويىچە ھەربىي سەپكە قاتنىشىپ، يازغان بىرىنچى پارچە كۈندىلىك خاتىرىسىگە − «ئادەم ھاياتىدا ۋەتەننىڭ ئېھتىياجىغا بويسۇنۇشنى ئەڭ خۇشاللىق ئىش دەپ بىلىشى، ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەشنى بىرىنچى ئارزۇسى قىلىشى كېرەك» دەپ يازدى.

ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتىگەن مەزگىلدە، ۋاڭ جيې جاپاغا چىداپ مەشىق قىلىپ، ئىككى يىلدىلا قۇرۇلۇش ئەسكەرلەر بەش چوڭ كەسپىي تېخنىكا ئىمتىھانىنىڭ ھەممىسىدە ئەلا نەتىجىگە ئېرىشتى، 3 ـ يىلى ئەسلىدىكى جىنەن ھەربىي رايونى تەرىپىدىن «گو شىڭفۇچە» تىرېنېر بولۇپ تەقدىرلەندى.

1965 ـ يىلى، ۋاڭ جيې خاتىرىسىگە «مەن جاپادىنمۇ، ئۆلۈمدىنمۇ قورقمايدىغان باتۇر ئادەم بولىمەن» دەپ يازغانىدى. پەقەت ئىككى ئايدىن كېيىنلا، ئۇ ئۆزىنىڭ ھاياتى ئارقىلىق جاراڭلىق قەسىمىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتى.

2017 ـ يىلى 12 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 71 ـ جىتۇەنجۈنگە بېرىپ كۆزدىن كەچۈرگەندە مۇنداق تەكىتلىدى: ۋاڭ جيې روھى ئىلگىرىمۇ، ھازىرمۇ، كەلگۈسىدىمۇ مەڭگۈ بىزنىڭ قىممەتلىك مەنىۋى بايلىقىمىز، ۋاڭ جيې روھىدىن ئۆگىنىپ ۋە ئۇنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ۋاڭ جيې روھىنىڭ يېڭى دەۋر نۇرىنى جۇلالاندۇرۇش كېرەك.

ۋاڭ جيې روھى نۇرغۇن يېڭى «ۋاڭ جيې»لارنىڭ بارلىققا كېلىپ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى «تۈرتكۈچ»

قەھرىمان ھەر ۋاقىت بىز بىلەن بىللە، ئۇنىڭ روھىغا مەڭگۈ ۋارىسلىق قىلىمىز.

ۋاڭ جيې ھايات ۋاقتىدا تۇرغان ليەندە ھەر قېتىم يوقلىما قىلىنغاندا، مەڭگۈ بىرىنچى بولۇپ «ۋاڭ جيې»نىڭ ئىسمى چاقىرىلىدۇ. ھەر قېتىملىق مۇھىم، زور ۋەزىپىنىڭ ئالدى ـ كەينىدە، ئوفىتسېر ـ ئەسكەرلەر رەتلىك تىزىلىپ، پېشقەدەم بەنجاڭغا قەسەم بېرىدۇ، دوكلات قىلىدۇ.

«بۇ بىر خىل خاتىرىلەش ۋە ھۆرمەتلەش، تېخىمۇ مۇھىمى بىر خىل ۋارىسلىق قىلىش ۋە رىغبەتلەندۈرۈش.» لۈينىڭ جېڭۋېيسى تاڭ ۋېي مۇنداق دېدى: لۈي قوشۇنىدا باشتىن ـ ئاخىر ۋاڭ جيې روھى بىلەن قوشۇن قۇرۇپ ئادەم تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بېرىلىپ كەلدى. يېڭى ئەسكەرلەرنىڭ يىڭغا كىرىپ قىلىدىغان تۇنجى ئىشى ۋاڭ جيېنىڭ ئىش ئىزلىرى كۆرگەزمىخانىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىش، ئۆگىنىدىغان تۇنجى ناخشىسى «ۋاڭ جيېنىڭ مىلتىقىنى بىز كۆتۈرىمىز»، ئاڭلايدىغان تۇنجى سائەتلىك تەربىيە دەرسى «<ئىككىدىن قورقماسلىق> روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ۋاڭ جيېنىڭ ياخشى ۋارىسلىرىدىن بولىمىز»، ئوقۇيدىغان تۇنجى كىتابى «ۋاڭ جيېنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسىدىكى ھېكايىلەردىن تاللانما»دىن ئىبارەت ...

دەل مۇشۇنداق ۋارىسلىق قىلىش، ئەۋج ئالدۇرۇش ۋاڭ جيې روھىنى نۇرغۇن يېڭى «ۋاڭ جيې»لارنىڭ مەيدانغا كېلىپ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى تۈرتكۈچكە ئايلاندۇردى.

«ۋاڭ جيې» جەڭ ئورنىدا مەيدانغا كەلدى.

«ۋاڭ جيې بەنى» نىڭ 31 ـ قېتىملىق بەنجاڭى، 3 ـ دەرىجىلىك جۈنشىجاڭ ۋاڭ داماۋ ئەمدىلا ئىش ئورنىنى ئالماشتۇرۇپ بىرونېۋىك پىيادە ئەسكەرلەر كەسپىگە يېڭىدىن ئالماشقاندا ھەقىقىي «كەسىپ ئەھلى» ئەمەس ئىدى، ئۇ ۋاڭ جيېنىڭ ئەينى يىلى «مەخسۇس قاتتىق تانكا يولىنى تاللاپ مىنا ئورىكى كولىغانلىقى»غا ئوخشاش جاپالىق مەشىق قىلىپ، ماھارەت يېتىلدۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ناھايىتى تېزلا زۆرۈر ماھارەتلەرنى پىششىق ئىگىلەپ، ئون خىل يېنىك قورال بىلەن مەشغۇلات قىلالايدىغان بولدى.

شاڭشى شيې بىنبىن ئۈزلۈكسىز تۈردە پېشقەدەم بەنجاڭ ۋاڭ جيېدىن ئۆگىنىپ، يېڭى خىزمەت ئورنىدا تېزلا لۈي بويىچە «ئەڭ ياخشى مەرگەن»گە ئايلىنىپ، جىتۇەنجۈن تەرىپىدىن «يېڭى دەۋردىكى ۋاڭ جيېچە ياخشى جەڭچى» بولۇپ تەقدىرلەندى.

«ۋاڭ جيې» خەلق ئېھتىياجلىق بولغاندا مەيدانغا كەلدى.

2020 ـ يىلى يازدا، كەلكۈن يامراپ، جيۇجياڭ، خۇەينەن ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ جىددىي ئەھۋالدا قالدى، ۋاڭ جيې قىسمىدىكى 2000دىن ئارتۇق قوماندان ـ جەڭچى كېچىلەپ جىددىي ياردەمگە ئاتلىنىپ، 1000 كىلومېتىرغا يېقىن يول يۈرۈپ، خەلق ئاممىسى بىلەن دەھشەتلىك كەلكۈن ئوتتۇرىسىغا ھالقىپ ئۆتكىلى بولمايدىغان پولات سېپىل سالدى.

ئۇزاقتىن بۇيان، ۋاڭ جيې قىسمىدىكى ئوفىتسېر ـ ئەسكەرلەرنىڭ باتۇرلۇق بىلەن سۇغا چۈشۈپ كەتكەن ئاممىنى قۇتقۇزۇش، تاغدىكى ئوتنى ئۆچۈرۈش، نامراتلارنى يۆلەش ـ قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىشتەك قەھرىمانلىق ئىش ئىزلىرى ئۈزلۈكسىز مەيدانغا كەلدى.

ۋاڭ جيې روھى قىسىمنىڭ جەڭگىۋارلىقىنى ئۆستۈرۈشتىكى «تېزلەتكۈچ»

50 نەچچە يىلدىن بۇيان، ۋاڭ جيې روھى ۋاقىت ئۇزارغانسېرى يېڭىلىنىپ، كەڭ ئوفىتسېر ـ ئەسكەرلەرنى ئۈزلۈكسىز ماھارەتتە كامالەتكە يېتىپ، ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي جەڭ ماھارىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش يولىدا بىر قاتار شانلىق ئىزلارنى قالدۇرۇشقا رىغبەتلەندۈردى.

تۆت يىل ئىلگىرى «ۋاڭ جيې بەنى» قۇرۇلۇش ئەسكەرلەر بەنىدىن بىرونېۋىك پىيادە ئەسكەرلەر بەنىگە تىپ ئۆزگەرتىپ، قورال ـ ياراغلار مەلۇم يېڭى تىپتىكى سۇدىمۇ، قۇرۇقلۇقتىمۇ يۈرەلەيدىغان پىيادە ئەسكەرلەر ئۇرۇش ماشىنىسىغا ئالماشتۇرۇلدى، بۇ يېڭى خىرىس ئىدى.

دىققەت تىپ ئۆزگەرتىشكە مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، پۈتۈن بەن بويىچە «پولاتتەك ئۈچ قائىدە» ئورنىتىلدى: مەشىق ۋاقتى بىر سېكۇنتمۇ كەم بولماسلىق، بەلگىلەنگەن ۋاقىتتىن سىرتقى ۋاقىتلاردىمۇ مەشىق قىلىش؛ بەلگىلەنگەن مەزمۇنلارنىڭ بىرىنىمۇ چۈشۈرۈپ قويماسلىق، ئەلا بولمىغۇچە بولدى قىلماسلىق؛ مەشىق سىجىللىقىنى ئازراقمۇ تۆۋەنلەتمەسلىك، ھەر ھەپتىدە ئىككى قېتىم سەككىز كىلومېتىر قوراللىق دالا يۈرۈشى قىلىش، ھەر ئايدا ئىككى قېتىم 20 كىلومېتىر دالا مەشىقى قىلىش.

يېڭى قورال ـ جابدۇقلارنىڭ سەپلەنگىنىگە 100 كۈنمۇ بولمىغاندا، «ۋاڭ جيې بەنى» تۇنجى قېتىم راست ئوق ئېتىپ ھەممىنى نىشانغا تولۇق تەگكۈزدى.

ۋاڭ جيې روھى ئوفىتسېر ـ ئەسكەرلەرنى باتۇرلۇق بىلەن يۇقىرى چوققىغا چىقىشقا رىغبەتلەندۈردى. «ۋاڭ جيې بەنى» باشلامچىلىق بىلەن پۈتۈن لۈيدە «ئەسكەر ئازايتىپ جەڭ قىلىش مەشىقى»نى قانات يايدۇرۇپ، جىتۇەنجۈندىكى تۇنجى «ئەسكەرنى يەتتىگە ئازايتىپ جەڭگە تەسىر كۆرسەتمەيدىغان، ئەسكەرنى بەشكە ئازايتىپ داۋاملىق جەڭ قىلالايدىغان، ئەسكەرنى ئىككىگە ئازايتىپ جەڭنى قەتئىي داۋاملاشتۇرالايدىغان» بىرونېۋىك پىيادە ئەسكەرلەر بەنىگە ئايلىنىپ، كەلگۈسى جەڭ مەيدانىغا يۈزلىنىش «سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى»نى قولغا كەلتۈردى.

بۈگۈنكى كۈندە، «ۋاڭ جيې بەنى»دىكى جەڭچىلەرنىڭ ھەممىسى پىيادىلەر ئۇرۇش ماشىنىسىدىكى بارلىق جەڭ ئورۇنلىرىدا خالىغانچە ئالمىشىپ مەشغۇلات قىلالايدىغان بولۇپ، جىتۇەنجۈن بەن، گۇرۇپپىلىرىنىڭ مەشىق ئۈلگىسىگە ئايلاندى، نەتىجىسى پۈتۈن لۈي بويىچە كېڭەيتىلدى.

ۋاڭ جيې روھى مەشىق قىزغىنلىقىنى قوزغىدى. لۈيدىكى ئوفىتسېر ـ ئەسكەرلەر بەس ـ بەستە «ۋاڭ جيې بەنى»گە توغرىلىنىپ، «ۋاڭ جيې بەنى» بىلەن رىقابەتلەشتى. بولۇپمۇ يېڭى تۈزۈلمە يۈرۈشتۈرۈلگەندىن بۇيان، بۇ لۈي جەڭ مەيدانىنى نىشانلاپ، مەشىق ئىدىيەسى ۋە ئۇسۇلى، ۋاسىتىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، قىيىن، تەلەپچان بولۇپ قىسىملارنى چېنىقتۇردى.

ۋاڭ جيې روھى جەڭگىۋارلىقنى تېز ئۆستۈردى. لۈي قوشۇنىنىڭ غەلىبە خەۋەرلىرى ئارقا ـ ئارقىدىن تارالدى، ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ تۈرلۈك ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىلىرىدە ئالتۇن، كۈمۈش مېدالغا ئېرىشتى.

ۋاقىت ئاققان سۇدەك ئۆتۈپ كېتىدۇ، روھ مەڭگۈ ساقلىنىدۇ. 50 نەچچە يىلدىن بۇيان، ۋاڭ جيې روھى ئەۋلادمۇئەۋلاد ئوفىتسېر ـ ئەسكەرلەر ئارىسىدا يىلتىز تارتىپ، پورەكلەپ مېۋە بەردى. ئۇلار ۋاڭ جيېنىڭ ۋارىسلىرىدىن بولۇشقا تىرىشىپ، ۋاڭ جيې روھى بىلەن قەلب، روھنى مۇجەسسەملەپ، سەر خىل ماھارەت، كۈچلۈك ئىقتىدار يېتىلدۈرۈپ، ھەربىي مەشىق ۋە ئۇرۇش تەييارلىقى قىلىپ، ۋاڭ جيې روھىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئۈزلۈكسىز پۈتمەكتە.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.