تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يەر تېرىشنى تېخىمۇ ئاسانلاشتۇرىمەن

«دېھقان كەشپىياتچى» جياۋ شىڭۋاڭ:

يەر تېرىشنى تېخىمۇ ئاسانلاشتۇرىمەن

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ مېڭمېڭ

12 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى، چاغانتوقاي ناھىيەسىنىڭ جاڭا جەر يېزىسى ئۆرجىيەك شەرقىي كەنتىدىكى ئىگىلىك تىكلەش ئاۋانگارتى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا بىرنەچچە كەنت ئاھالىسى بىر «چوڭ ئۈسكۈنە»نى چۆرىدەپ، قىزغىن پاراڭلىشىۋاتاتتى.

«بۇ 17 ـ ئەۋلاد ئىكەن؟ ئىلگىرى مەن تېرىغان 300 مو يەردىكى گازىر تاۋۇزىنىڭ ھەممىسىنى يىغىۋېلىشقا بىر ئاي كېتەتتى. بۇ ئىككى يىلدىن بۇيان جياۋ ئۇستام كەشىپ قىلغان بۇ ئۈسكۈنىگە تايىنىپ ئۈچ كۈندىلا يىغىۋالىدىغان بولدۇم».

«ھەر يىلى گازىر تاۋۇزى پىشقاندا، مۇشۇ ئۈسكۈنە بىلەن باشقا جايلاردىن يېرىم ئاي بۇرۇن يىغىۋېلىپ، ياخشى باھادا ساتالايمىز».

جياۋ ئۇستامنىڭ ئىسمى جياۋ شىڭۋاڭ بولۇپ، بۇ يىل 46 ياش، شۇ جايدا ھەممىگە تونۇشلۇق «دېھقان كەشپىياتچى». كەنت ئاھالىلىرى ئورىۋالغان «چوڭ ئۈسكۈنە»دەل ئۇ كەشىپ قىلغان 17 ـ ئەۋلاد تولۇق ئاپتوماتىك گازىر تاۋۇزى يىغىش ماشىنىسى ئىدى.

20 ـ ئەسىرنىڭ 90 ـ يىللىرىدا، جياۋ شىڭۋاڭ دۆلەت ئىچىدىكى باشقا ئۆلكە، شەھەرلەرگە بېرىپ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى رېمونت قىلىشنى ئۆگەنگەندىن كېيىن، كەنتكە قايتىپ كېلىپ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى رېمونتخانىسى ئاچتى. «يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى رېمونت قىلىش جەريانىدا، مەن كەنت ئاھالىلىرى سېتىۋالغان يېزا ئىگىلىك ماشىنا ـ ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ئىشلىتىلىش داۋامىدا ھەمىشە بۇ جاينىڭ شارائىتىغا ماس كەلمەيۋاتقانلىقىنى بايقىدىم. مەسىلەن، كەنتىمىزدە يەرلەر پارچە ـ پۇرات، تاغلار ئېگىز، تىك بولۇپ، سېتىۋالغان سېيالكىنى پەقەت تۈز يەردىلا ئىشلىتىشكە بولاتتى، ئىشلىتىش ئۈنۈمى يۇقىرى ئەمەس ئىدى» دېدى جياۋ شىڭۋاڭ.

شۇنىڭ بىلەن، تەتقىق قىلىشقا ئامراق ئۇ، كىتاب كۆرۈپ، ماتېرىيال ئىزدەپ، بىر تەرەپتىن ئۆگەنگەچ، بىر تەرەپتىن سېيالكىنى ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرۇشنى سىناق قىلدى. «ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرۇشنىڭ ئاچقۇچلۇق نۇقتىسى سېيالكىنى يانتۇلۇقتىمۇ تۈز ماڭالايدىغان قىلىش.» جياۋ شىڭۋاڭنىڭ ئېيتىشىچە، ئۆزىنىڭ ئون مو تاغلىق يېرى ئۇنىڭ «تەجرىبىخانىسى» بولۇپ قالغان. كۆپ قېتىملىق مەغلۇبىيەتنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، 2004 ـ يىلى ئۇ ئۆزگەرتكەن تۇنجى سېيالكا دۇنياغا كەلدى، بۇ ئۇنىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى كەشىپ قىلىش، ئىجاد قىلىش جەھەتتە بەلگىلىك نەتىجە يارىتىش ئىشەنچىنى چىڭىتتى.

گازىر تاۋۇزى تېرىش شۇ جايدىكى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم يول ئىدى، ئۈسكۈنىلەر قالاق بولغاچقا، ھەر يىلى كۈزلۈك ھوسۇل يىغىۋېلىشقا نۇرغۇن ئادەم كۈچى سەرپ قىلىناتتى، ۋاقىت، كۈچ ئىسراپ بولاتتى. 2007 ـ يىلى جياۋ شىڭۋاڭ ئاپتوماتىك گازىر تاۋۇزى يىغىۋېلىش ماشىنىسىنى تەتقىق قىلىپ ياساشقا باشلىدى، 200 نەچچە قېتىم تەجرىبە قىلىش ئارقىلىق، ئاخىر 2009 ـ يىلى تۇنجى ئاپتوماتىك گازىر تاۋۇزى يىغىۋېلىش ماشىنىسىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقتى. ئىلگىرى بىر كۈنلۈك خىزمەت مىقدارىنى تاماملاشقا 25تىن 30غىچە ئادەم كېتەتتى، ھازىر پەقەت مۇشۇ گازىر تاۋۇزى يىغىۋېلىش ماشىنىسىغا تايىنىپلا تاماملىغىلى بولىدۇ.

دەسلەپتە، كەنت ئاھالىلىرى جياۋ شىڭۋاڭنىڭ كەشپىياتىغا ئانچە ئىشەنمىدى. «لاۋجياۋ يا مۇتەخەسسىس بولمىسا، كەشىپ قىلغان ماشىنىسى كارغا كېلەمدۇ؟» كۆپچىلىككە ئوخشاش، كەنت ئاھالىسى جاڭ گاڭمۇ دەسلەپتە سىناپ ئىشلىتىشنى رەت قىلدى ھەم 600 مىڭ يۈەن خەجلەپ سىرتتىن بىر گازىر تاۋۇزى يىغىۋېلىش ماشىنىسى سېتىۋالدى.

ئېتىزلىقتا تاش، ياۋا ئوت ـ چۆپلەر كۆپ بولغاچقا، جاڭ گاڭنىڭ گازىر تاۋۇزى يىغىۋېلىش ماشىنىسى مەشغۇلات قىلغاندا دائىم تاش كىرىۋېلىپ، ماشىنا بۇزۇلۇپ قالاتتى. ئۇ ئامالسىزلىقتىن جياۋ شىڭۋاڭدىن ياردەم سورىدى. «لاۋجياۋ گەپ ـ سۆز قىلمايلا ئۆزىنىڭ گازىر تاۋۇزى يىغىۋېلىش ماشىنىسىنى ئېتىزلىقىمغا ھەيدەپ كېلىپ گازىر تاۋۇزى يىغىۋېلىشىمغا ياردەم بەردى. ئويلىمىغان يەردىن نەچچە كۈندىلا يىغىپ بولدۇق، سۈپىتى ياخشى ھەم سۈرئىتى تېز ئىكەن.» جاڭ گاڭ ئەسلىدىكى گازىر تاۋۇزى يىغىۋېلىش ماشىنىسىنى سېتىۋېتىپ، جياۋ شىڭۋاڭنىڭ گازىر تاۋۇزى يىغىۋېلىش ماشىنىسىنى سېتىۋالدى.

جياۋ شىڭۋاڭنىڭ گازىر تاۋۇزى يىغىۋېلىش ماشىنىسى ئەتراپتىكى ناھىيە، شەھەرلەردىكى دېھقانلارنى كېلىپ زاكاز قىلىپ سېتىۋېلىشقا تەدرىجىي جەلپ قىلدى، يەنە گەنسۇ، چىڭخەي قاتارلىق جايلارغا سېتىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ يەنە تولۇق ئاپتوماتىك قاپاق ئۇرۇقى يىغىش ماشىنىسى، ھاۋا سۈمۈرۈش شەكلىدىكى كۆممىقوناق تېرىش ماشىنىسى، زاراڭزا قۇرۇتۇش ماشىنىسى قاتارلىق ۋاقىت، كۈچ تېجەيدىغان يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەتقىق قىلىپ ياساپ، دۆلەت كەشپىيات پاتېنتىدىن جەمئىي 12نى ئىلتىماس قىلدى.

2013 ـ يىلى، جياۋ شىڭۋاڭ چاغانتوقاي ناھىيەلىك ئىگىلىك تىكلەش ئاۋانگارتى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى باشلامچى بولۇپ قۇردى؛ 2016 ـ يىلى، ئۇ يەنە چاغانتوقاي ناھىيەلىك يۈتېڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ماشىنا ـ ئۈسكۈنىلىرىنى ياساش چەكلىك شىركىتىنى قۇردى. بۈگۈنكى كۈندە، ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى يېزا ئىگىلىك ماشىنىسىدىن 67سى بار بولۇپ، 8000 دېھقان ئائىلىسىگە مۇلازىمەت قىلىدۇ، مەشغۇلات قىلىدىغان يەر كۆلىمى 54 مىڭ موغا يەتتى. ھەمكارلىق كوپىراتىپى ۋە شىركەت شۇ جايدىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچىدىن 257نى قوبۇل قىلدى، يىللىق ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 14 مىليون يۈەندىن ئاشتى.

17 قېتىم يېڭىلاشنى باشتىن كەچۈرۈپ، جياۋ شىڭۋاڭ كەشىپ قىلغان گازىر تاۋۇزى يىغىۋېلىش ماشىنىسى ئاپتوماتلىشىشتىن تولۇق ئاپتوماتلىشىشقا ئۆتۈپ، بۈگۈنكى كۈندە ئەقلىي ئىقتىدارلىشىش باسقۇچىغا كىردى. «ھەر يىلى ھوسۇل يىغىش پەسلىدە، مەن ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىن ماشىنا ئىجارە ئالىمەن، 1 ـ ئەۋلاد گازىر تاۋۇزى يىغىۋېلىش ماشىنىسى بىر كۈندە ئاران ئون مو يەردىكى گازىر تاۋۇزىنى يىغىۋالالايتتى، 17 ـ ئەۋلاد ماشىنا بىر كۈندە 100 موغا يېقىن يەردىكى گازىر تاۋۇزىنى يىغىۋالالايدۇ، ھەر مو يەرنىڭ تەننەرخى 100 يۈەن ئەتراپىدا ئازايدى» دېدى كەنت ئاھالىسى خې چىڭليې.

«بۇ يىل، بىز بەش يىل سەرپ قىلىپ كەشىپ قىلغان زاراڭزا قۇرۇتۇش ماشىنىسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، قۇرۇتۇش ماشىنىسى قۇرۇتقان زاراڭزىنىڭ ھەر موسىدىن ئاپتاپتا قۇرۇتقان زاراڭزىغا قارىغاندا 90 يۈەندىن 120 يۈەنگىچە كۆپ پۇل تاپتۇق. مېنىڭ كېيىنكى نىشانىم زاراڭزا يىغىش ماشىنىسىنى تەتقىق قىلىپ ياساش.» جياۋ شىڭۋاڭنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ كۈچ تېجەيدىغان، ئەمەلىي ئىشلىتىلىدىغان تېخىمۇ كۆپ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ، دېھقانلارنىڭ يەر تېرىشىنى تېخىمۇ ئاسانلاشتۇرىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.