تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يېزا ـ بازارلار ھەم ئۇنىڭدىن يۇقىرى رايونلارنى 5G تورى بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ

بەش يىل ئىچىدە 60 مىڭدىن ئارتۇق ئاساسىي پونكىت يېڭىدىن كۆپەيتىلىدۇ

يېزا ـ بازارلار ھەم ئۇنىڭدىن يۇقىرى رايونلارنى 5G تورى بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى فەن چۇڭيەن خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا بېسىپ تارقىتىلغان «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 5G خەۋەرلىشىش ئۇل ئەسلىھە مەخسۇس تۈر يىرىك پىلانى(2021 ـ يىلىدىن 2025 ـ يىلىغىچە)»دا كۆرسىتىلىشىچە، 2025 ـ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭ 5G ئاساسىي پونكىتىدىن 61 مىڭ 716نى يېڭىدىن كۆپەيتىشنى، بۇنىڭغا جەمئىي 22 مىليارد 900 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىشنى پىلانلىغان.

«يىرىك پىلان»دا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: 2025 ـ يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ھەرقايسى ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)لەرنىڭ مەركىزىي شەھەر رايونلىرى، دۆلەت دەرىجىلىك باغچە رايونىدىن 23نى 5G تورى بىلەن تولۇق قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ؛ ئېھتىياج بويىچە تەدرىجىي كېڭەيتىش شەكلىدە پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رايونلار، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك باغچە رايونىدىن 68ى، نۇقتىلىق يېزا ـ بازارلار، 3A دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىدىكى ساياھەتچىلەر توپلىنىش رايونلىرىدا 5G تورى بىلەن ئۆي سىرتىنى ئۇدا قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى يېزا ـ بازار ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى رايونلار ۋە نۇقتىلىق مەمۇرىي كەنت، نۇقتىلىق رايونلارنى 5G تورى بىلەن قاپلاش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.

«يىرىك پىلان»دا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، كەسپىي ئورۇنلار، مەكتەپ، دوختۇرخانا، ساياھەت مەنزىرە رايونى، مەيدان ـ ساراي قاتارلىق ئاممىۋى ئاپپاراتلار ئىمارەتلىرى، ھەمدە شەھەر مەمۇرىيىتى، يېشىللىق، ئايرودۇرۇم، تۆمۈريول، رېلىسلىق قاتناش ھەم ۋوگزال، كۆۋرۈك، تونېل، تاشيول يولۇچىلار بېكىتى، يەر ئاستى بوشلۇقى قاتارلىق ئاممىۋى ئۇل ئەسلىھەلەرنى خەۋەرلىشىش كارخانىلىرى ۋە تيېتا پاي چەكلىك شىركىتىگە ھەقسىز ئېچىۋېتىشكە تۈرتكە بولۇنىدۇ؛ ھەرقايسى ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)لەر ئاممىۋى ئىمارەتلەر، ئاممىۋى ئەسلىھەلەرنى خەۋەرلىشىش ئۇل ئەسلىھەلىرىگە ھەقسىز ئېچىۋېتىش مۇندەرىجىسىنى تۈزۈشى كېرەك؛ سودا بىناسى، مەكتەپ، يېڭىدىن سېلىنغان تۇرالغۇ، ھەم ئولتۇراق رايون قاتارلىق مۈلۈك ئىگىسى ئورۇنلىرى ياكى مۈلۈك باشقۇرۇش ئورۇنلىرى 5G ئاساسىي پونكىت، ئۆي ئىچى تەقسىملەش قاتارلىق خەۋەرلىشىش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىغا ئالدىن بوشلۇق قالدۇرۇشى ھەم قۇرۇلۇش قىلىشقا قولايلىق شارائىتنى يارىتىپ بېرىشى كېرەك قاتارلىقلار.

«يىرىك پىلان»دا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ئالاقىدار تارماقلار «قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» خىزمەت تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 5G ئاساسىي پونكىتىغا يەر ئىشلىتىشنى قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، خەۋەرلىشىش ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ئىلتىماس قىلىش، تەكشۈرۈپ تەسىتىقلاش رەسمىيىتى ۋە تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، يەر ئىشلىتىشنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ۋە ھوقۇق كىنىشكىسى بېجىرىش سۈرئىتىنى تېزلىتىشى كېرەك.

شىنجاڭ خەۋەرلىشىشنى باشقۇرۇش ئىدارىسى ئۇچۇر ـ خەۋەرلىشىش تەرەققىيات باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى لىڭ خۇافېڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: «يىرىك پىلان»نىڭ ئەھمىيىتى مۇھىم، زور بولۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئۇچۇر ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى تەرەققىياتىنىڭ بىر پۈتۈنلۈكى، ماكرولۇقى ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقىنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق؛ «كۆپ قائىدىنى يۇغۇرۇش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خەۋەرلىشىش كەسپى يىرىك پىلانى بىلەن ئاپتونوم رايوننىڭ دۆلەت زېمىن بوشلۇقى يىرىك پىلانى، خەلق ئىگىلىكى ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتى قاتارلىق يىرىك پىلانلارنى ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاشقا پايدىلىق؛ 5G تورى قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، 5G تورىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىش ۋە كۆلەملەشتۈرۈپ قوللىنىشنى ئالغا سىلجىتىپ، بايلىقتىن ئورتاق بەھرىلىنىشنى كۈچەيتىپ، تەكرار قۇرۇلۇشنى ئازايتىپ، يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇچۇر خەۋەرلىشىش تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتىغا پۇختا ئاساس سېلىشقا پايدىلىق؛ يېڭىچە ئاقىل شەھەر، ئاقىل باغچە رايونى، ئاقىل مەھەللە قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، شەھەرنى ئۇنىۋېرسال تۈزەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنچىكىلەشتۈرۈپ باشقۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا پايدىلىق؛ «رەقەملىك شىنجاڭ» تەرەققىيات مۇساپىسىنى ئالغا سىلجىتىپ، يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش، ئۇچۇرلاشتۇرۇش، شەھەر ـ بازارلاشتۇرۇش، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى كۈچلۈك تىرەككە ئىگە قىلىشقا پايدىلىق.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.