□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ۋاڭ يۇڭفېي، مېھرىگۈل ناسىر
يىراقتىن قارىغاندا، خوتەن ناھىيەسىدىكى 10 مىڭ مولۇق ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىك بازىسى تولىمۇ ھەيۋەتلىك كۆرۈنىدۇ.
بۇ يەردە، شىنجاڭ شېڭشى خۇاچياڭ يېزا ئىگىلىك پەن ـ تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىك تۈرى 1000 كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى، بىر پارنىكنىڭ يىللىق ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى تەخمىنەن 250 مىڭ يۈەن بولدى. «بۇ يىل 9 ـ ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، بازىغا سېلىنغان ئومۇمىي مەبلەغ 470 مىليون يۈەنگە يەتتى، بۇنى ھۆكۈمەت بىلەن شىركىتىمىز ئورتاق مەبلەغ سېلىپ تاماملىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە قەرز پۇل 10 مىليون يۈەن» دېدى 12 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى بۇ شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى خوۋ يەنخۇا.
مالىيە ۋە پۇل مۇئامىلە ھۆكۈمەتنىڭ ئىقتىسادنى تەڭشەش ۋە تىزگىنلىشىدىكى ئىككى خىل ۋاسىتە. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مالىيە تارماقلىرى ۋە پۇل مۇئامىلە تارماقلىرى ماسلىشىپ كۈچەپ، سىياسەتلەرنىڭ گىرەلىشىش ئېففېكتىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەشنى يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى قوللاش ئۈچۈن مەبلەغ مەدىتى بىلەن تەمىنلەپ ھاياتىي كۈچنى مەنبەدىن جانلاندۇردى.
قوللاش يۆنىلىشى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى
بۇ يىل 8 ـ ئايدا، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ 1 ـ، 2 ـ، 3 ـ كەسىپ يۇغۇرما تەرەققىيات تۈرىگە 470 مىليون يۈەن قەرز بېرىشنى تەستىقلىدى. بۇ تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ مەزمۇنى كۈن نۇرى پارنىكى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئەينەك پارنىك، كۆكتات تېرىش، 10 مىڭ مو شاللىق ۋە يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز ـ ئېرىق قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى ئۆزگەرتىش ياكى يېڭىدىن قۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
«بۇ تۈردە يېزىلارنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى تۈر مەبلىغى قاتارلىق مالىيە ياردەم پۇل مەبلىغىدىن 95 مىليون 720 مىڭ يۈەن بەھرىمەن بولۇندى، نۆۋەتتە تەخمىنەن 30 مىليون يۈەن ئەمەلىيلەشتى. تۈر قۇرۇلغاندىن كېيىن 1000دىن ئارتۇق دېھقاننىڭ كىرىمىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمىنى 42 مىڭ يۈەندىن ئاشۇرۇش مۆلچەرلەندى» دېدى 12 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى بۇ تۈرنىڭ دىرېكتورى جۇ خېڭجياڭ.
بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايون مالىيە ۋە پۇل مۇئامىلە جەھەتتە يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاجىز ھالقىلارنى نىشانلاپ، باغ ـ ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق قاتارلىق يېزا خاس كەسىپلىرى، ئاشلىق، پاختا، ئاساسىي قاتلام ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى تۈزەش، يېزا ئىگىلىكىگە ئىشلىتىلىدىغان سۇ باھاسى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتى، زامانىۋى يېزا ئىگىلىك پەن ـ تېخنىكىسى ۋە ماددىي جابدۇق تىرىكى، يېزا ـ كەنت قۇرۇلۇشى ۋە شەھەر ـ يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى قاتارلىقلارنى مەبلەغ جەھەتتىن قوللاش سالمىقىنى زورايتتى.
«شىركىتىمىزنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى ياخشى، بۇنى مالىيە ۋە پۇل مۇئامىلە تارماقلىرىنىڭ قوللىشىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسىنىڭ بىزگە بەرگەن قەرز پۇل سوممىسى 2019 ـ يىلىدىكى 180 مىليون يۈەندىن ئېشىپ بۇ يىل 400 مىليون يۈەنگە يەتتى. بۇنىڭدىن سىرت، بىز يەنە قەرز پۇل ئۆسۈم ياردىمى سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولدۇق» دېدى شىنجاڭ تىيانشان ئۇن (گۇرۇھى) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مالىيە باش نازارەتچىسى ۋاڭ چى.
مالىيە ۋە پۇل مۇئامىلىنىڭ قوللىشىدىن مەنپەئەتلىنىپ، يۇقىرى ئېقىندا، بۇ شىركەتنىڭ ئەلا سۈپەتلىك بۇغداينى سېتىۋېلىش مىقدارى يىلدىن ـ يىلغا ئېشىپ، بۇ يىل 160 مىڭ توننىغا يېتىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ۋە يېزا ئىگىلىك قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشكە تۈرتكە بولدى؛ تۆۋەن ئېقىندا، شۆخۇا ئۇنى، جۇۋاۋا ئۇنى قاتارلىق يېڭى مەھسۇلاتلارنى تەتقىق قىلىپ ئېچىپ، گەنسۇ، نىڭشيا، شەنشى، سەنشى قاتارلىق جايلارغا ساتتى.
قوللاش سالمىقى زورايتىلدى
«يېزا ئىگىلىك كېپىللىك شىركىتى بىزگە كېپىل بولۇپ، بىزنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىيىن بولۇش مەسىلىمىزنى ھەل قىلىپ بەردى. مەن تىجارەتنى ياخشى قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ دېھقان ئائىلىسىنى بىرلىكتە بېيىشقا يېتەكلەيمەن» دېدى 12 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى شىنخۇ بازىرى شىنخۇ كەنتىدىكى دېھقان جاڭ كەيگو.
جاڭ كەيگو 2009 ـ يىلىدىن باشلاپ بۇغداي ۋە كۆممىقوناق تېرىغان بولۇپ، تېرىقچىلىق كۆلىمىنى 80 مودىن 5300 موغا كۆپەيتتى. شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئىناۋەتلىك قەرز پۇل مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كېپىللىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ كېپىل بولۇشى بىلەن، بۇ يىل ئۇ 2 مىليون 900 مىڭ يۈەن بانكا قەرز پۇلىغا ئېرىشتى.
«بۇ يىل مەن يەنە 1 مىليون 300 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق تېرىلغۇ يەرنىڭ مۇنبەتلىكىنى قوغداش ياردەم تولۇقلىمىسىدىن بەھرىمەن بولدۇم. ھۆكۈمەتنىڭ قوللاش سالمىقى زور بولغاچقا، كۈنلىرىمىز بارغانسېرى ئۈمىدكە تولدى» دېدى جاڭ كەيگو ھاياجانلانغان ھالدا.
بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مالىيە ۋە پۇل مۇئامىلە تارماقلىرى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەشنى يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشقا قارىتا مەبلەغ جەھەتتىكى قوللاش سالمىقىنى سىجىل زورايتتى. 11 ـ ئاينىڭ ئاخىرىغا قەدەر، ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىشنى يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇش مەبلىغىدىن 38 مىليارد 822 مىليون يۈەن ئورۇنلاشتۇردى.
بۇ يىل، بۇ تۈردىكى مەبلەغنى تەقسىملەپ چۈشۈرۈش دائىرىسى ئەسلىدىكى 79 ناھىيە (شەھەر)دىن پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى يېزا نوپۇسى بار بارلىق ناھىيە (شەھەر، رايون)گە كېڭەيتىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئاپتونوم رايوندىكى 35 مۇستەھكەملەنگەن، دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن ناھىيە (ئەسلىدىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ناھىيە) ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرۇلغان مەبلەغ ئومۇمىي مەبلەغنىڭ %83.74ىنى ئىگىلىدى.
جۇڭگو خەلق بانكىسى ئۈرۈمچى مەركىزىي تارماق بانكىسى جايلاردىكى قانۇنىي ئىگە پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى يېزا ئىگىلىكىگە چېتىلىدىغان ساھەلەرگە قەرز بېرىش سالمىقىنى زورايتىشقا يېتەكلىدى. 9 ـ ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىكىگە مۇناسىۋەتلىك قەرز پۇل قالدۇق سوممىسى 950 مىليارد 550 مىليون يۈەندىن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.6 ئېشىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ تۈرلۈك قەرز پۇللىرىنىڭ ئوتتۇرىچە ئېشىش سۈرئىتىدىن 0.7 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى.
بۇنىڭغا قارىتا، بىڭتۇەن 6 ـ شى 106 ـ تۇەن 7 ـ ليەندىكى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەشغۇلاتچىسى گو خەيفاڭ ھەقىقىي تەسىراتقا ئىگە بولدى. 11 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئىناۋەتلىك قەرز پۇل مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كېپىللىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ كېپىل بولۇشى بىلەن، گوخەيفاڭ ئوڭۇشلۇق ھالدا بانكىدىن 1 مىليون 300 مىڭ يۈەن قەرز ئېلىپ، بۇ قەرز پۇلغا يېڭى پاختا تېرىش ماشىنىسى سېتىۋالدى.
قوللاش شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىلدى
«مەن 50 تۆگە باقتىم، ھەربىرىنى 30 مىڭ يۈەنگە ساتقىلى بولىدۇ؛ ھەر ئايدا تۆگە سۈتى سېتىشتىن قىلغان كىرىمىم 100 مىڭ يۈەندىن ئاشىدۇ. بۇنداق كۆپ كىرىم قىلىشنى ئىلگىرى ئويلاشقىمۇ پېتىنالمايتتىم» دېدى 12 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى جىمىسار ناھىيەسى بېيتىڭ بازىرى سەنچاڭساۋزى كەنتىدىكى دېھقان قاناغات بەدېل.
ئىلگىرىكى نامرات ئائىلىدىن ھازىرقى بېيىش ماھىرىغىچە، قاناغات بەدېلنىڭ ئۆزگىرىشىنى دېھقان ئائىلىسىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىكى ئاز سوممىلىق ئىناۋەتلىك قەرز پۇل سىياسىتىنىڭ قوللىشىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. بۇنىڭ پايدىسىنى كۆرگەن ئۇ، بۇ يىل يەنە 50 مىڭ يۈەن دېھقان ئائىلىسىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىكى ئاز سوممىلىق ئىناۋەتلىك قەرز پۇل ئىلتىماس قىلىپ، باقمىچىلىق كۆلىمىنى كېڭەيتىشكە ئىشلەتتى.
بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىز دۆلەتنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلغان نوپۇسقا ئاز سوممىلىق ئىناۋەتلىك قەرز بېرىش سىياسىتىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئاھالىلەر ۋە نامراتلىق گىرۋىكىدىكى ئاسانلا نامراتلىشىپ كېتىدىغان ئائىلىلەرنى داۋاملىق تۈردە تولۇق سوممىلىق ئۆسۈم ياردىمىلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلغان نوپۇسقا بېرىلىدىغان ئاز سوممىلىق ئىناۋەتلىك قەرز پۇل بىلەن قوللىدى. 7 ـ ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلغان نوپۇسقا بېرىلىدىغان ئاز سوممىلىق ئىناۋەتلىك قەرز پۇل قالدۇق سوممىسى 10 مىليارد 450 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 295 مىڭ ئاھالىگە نەپ يەتكۈزدى.
دېھقانلار سېتىۋالغان پۇل مۇئامىلە مەھسۇلاتلىرىغا ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىش ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مالىيە تارماقلىرى بىلەن پۇل مۇئامىلە تارماقلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەشنى يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى بىرلىكتە قوللىشىدىكى تىپىك ئەندىزە. بۇنىڭدىن سىرت، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مالىيە تارماقلىرى يەنە يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسى ياردەم تولۇقلىمىسى مەبلىغىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بۇ يىل 2 مىليارد 488 مىليون يۈەن يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسى ياردەم تولۇقلىمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈردى.
مالىيە ھەمكارلىقى بىلەن قوللاش شەكلىدە يېڭىلىق ياراتقاندىن باشقا، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى دېھقان ئائىلىسى، يېڭىچە يېزا ئىگىلىك تىجارەت سۇبيېكتلىرى، يېزا ئىگىلىكىگە چېتىلىدىغان كارخانىلارغا قارىتىلغان پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، ئۇرۇقلۇق ھوقۇقىنى رەنىگە قويۇپ قەرز ئېلىش، تىرىك چارۋىلارنى رەنىگە قويۇپ قەرز ئېلىش قاتارلىق مەھسۇلاتلار ھەمدە «پاختا باھا سۇغۇرتىسى + قەرەللىك مال»دىن ئىبارەت خەۋپ ـ خەتەرنى تەڭ ئۈستىگە ئېلىش ئەندىزىسى قاتارلىقلارنى يېڭىلىق يارىتىپ ئوتتۇرىغا چىقاردى.
بۇ يىل جۇڭگو يېزا ئىگىلىك بانكىسىنىڭ ئىلى شۆبە بانكىسى ئىلى يۈياڭ ئاشلىق، ياغ سېتىۋېلىش ـ سېتىش چەكلىك شىركىتىگە 9 مىليون 500 مىڭ يۈەن «شىنلياڭتۇڭ» قەرز پۇلى تارقاتتى، بۇ، مەزكۇر بانكا ئوتتۇرىغا چىقارغان بىر تۈرلۈك يېڭى قەرز پۇل مەھسۇلاتى بولۇپ، ئەلا سۈپەتلىك ئاشلىق يىغىپ ساقلاش كارخانىلىرى ئاشلىقنى رەنىگە قويۇپ قەرز ئالالايدۇ.
«<شىنلياڭتۇڭ> قەرز پۇلىنىڭ رەسمىيىتى ئاددىي بولۇپ، كارخانىلارنىڭ سېتىۋېلىش مەبلىغى قىس بولۇشتەك كۆز ئالدىدىكى جىددىي قىيىنچىلىقىنى ۋاقتىدا ھەل قىلدى» دېدى ئىلى يۈياڭ ئاشلىق، ياغ سېتىۋېلىش ـ سېتىش چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى چېن خەيتاۋ.