تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىزدا پاختىنى ماشىنىدا يىغىش نىسبىتى %80كە يەتتى

2020 ـ يىلىدىكىدىن بەش پىرسەنت پوئېنت ئېشىشى مۆلچەرلەندى

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ يىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى ـ يېزا نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پاختا ئىشلەپچىقىرىش ئەۋزەللىكى داۋاملىق مۇستەھكەملىنىپ، كېۋەز تېرىقچىلىقى ئەۋزەل ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىغا يەنىمۇ مەركەزلىشىپ، سورت قۇرۇلمىسى سىجىل ئەلالىشىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون (شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ـ قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دا پاختىنى ماشىنىدا يىغىش نىسبىتى %80كە يېتىپ، بۇلتۇرقىدىن بەش پىرسەنت پوئېنت ئېشىشى مۆلچەرلەنگەن.

2021 ـ يىلى ئاپتونوم رايون بېكىتكەن پاختا سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش يىلى بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يېزا ئىگىلىكى، يېزا تارماقلىرى پاختا ئىشلەپچىقىرىش ھالقىلىرىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، پاختا سۈپىتى، مەھسۇلات مىقدارىنى قوش ئۆستۈرۈشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتتى. بۇ جەرياندا، ئاپتونوم رايونىمىز جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ پاختىنى ماشىنىلاشتۇرۇپ يىغىش سەۋىيەسىنى نۇقتىلىق ئۆستۈرۈپ، پاختىنى ماشىنىدا يىغىش، تېرىش ئەندىزىسىنى كېڭەيتىشنى تېزلىتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ پاختا رايونىدا 10 مىڭ مولۇق مەركەزلىك تۇتاش كەتكەن، كېۋەز ئىشلەپچىقىرىش پۈتۈن جەريانلىق ماشىنىلاشقان ئىشلەپچىقىرىش بازىسى بەرپا قىلىپ، ئىلمىي باشقۇرۇش، ماشىنىلاشقان مەشغۇلات قىلىش، كۆلەملەشكەن ئىشلەپچىقىرىش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، كېۋەزنى مۇۋاپىق كۆلەمدە تېرىشقا يېتەكلەپ ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ پاختا ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ئۇششاق دېھقان ئائىلىلىرى تارقاق ئىگىلىك باشقۇرۇشتىن تۈجۈپىلىك بولغان، ماشىنىلاشقان ئىگىلىك باشقۇرۇشقا ئۆزگىرىشىگە ئۈلگە كۆرسىتىپ تۈرتكە بولدى.

بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىز يەنە يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى سېتىۋېلىش ياردەم تولۇقلىمىسى دائىرىسىنى پائال تەڭشەپ، ئەلالاشتۇرۇپ، ئاشلىق، پاختا ئىشلەپچىقىرىش، ئۇرۇق ئىشلەش، سورت يېتىشتۈرۈش قاتارلىق زامانىۋى يېزا ئىگىلىك ساھەسى جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان ماشىنا ـ سايمان، ئۈسكۈنىلەرنى ياردەم تولۇقلىمىسى دائىرىسىگە كىرگۈزدى. ئاپتونوم رايون مالىيە مەبلىغىدىن 14 مىليون 500 مىڭ يۈەننى ئۈچ قۇرلۇق تايلاپ پاختا يىغىش ماشىنىسىغا تەكرار ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىشكە ئىشلىتىپ، پاختا يىغىش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ئەۋلاد يېڭىلاش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى. 2021 ـ يىلى، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە مەركەزنىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى سېتىۋېلىش ياردەم تولۇقلىمىسى مەبلىغى 1 مىليارد 71 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ھازىرغىچە 1 مىليارد 17 مىليون يۈەن نەقلەشتى، نەقلىشىش نىسبىتى %95كە يەتتى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى %85 ناھىيە (شەھەر، رايون) يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى بىراك قىلىش ياردەم تولۇقلىمىسىنى يولغا قويدى، بىراك قىلىنغان 8872 ماشىنا ـ سايمانغا 28 مىليون 430 مىڭ يۈەن بىراك قىلىش ياردەم پۇلى مەبلىغى بەردى.

تېخىمۇ كۆپ ئادەتتىكى دېھقان ئائىلىلىرىنى يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش ئېلىپ كەلگەن قولايلىق شارائىتتىن بەھرىمەن قىلىش ئۈچۈن، ھەر دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىكى، يېزا تارماقلىرى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مۇلازىمىتى بىرلەشمە ھەمكارلىق كوپىراتىپى، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مۇلازىمىتى ئىتتىپاقى قاتارلىقلارنى قۇرۇشقا يېتەكلەپ، مۇلازىمەت ساھەسىنى كېڭەيتىپ، تۈرلۈك يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، مۇلازىمەت زەنجىرىنى ئىشلەپچىقىرىشتىن بۇرۇن، ئىشلەپچىقىرىشتىن كېيىنگە ئۇزارتىپ، مۇلازىمەت ساھەسىنى يەر ئوبوروت قىلىشنى كۆلەملەشتۈرۈپ باشقۇرۇش، تېخنىكا كېڭەيتىش بويىچە تەربىيەلەش، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ماركېتىڭى، رېمونت قىلىش، ئۇچۇر مۇلازىمىتى قاتارلىق جەھەتلەرگىچە كېڭەيتتى. بىر يىلدىن بۇيان، ھەرقايسى جايلار ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ھەمكارلىق ئۈلگە كۆرسىتىش كوپىراتىپىدىن 43نى ئىلتىماس قىلىپ، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ تىجارەت، مالىيە، ماشىنا ـ سايمان، ئۈسكۈنە جەھەتتىكى باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىنىڭ مەشغۇلاتنى ئۆلچەملەشتۈرۈش، ئىگىلىك باشقۇرۇشنى كەسىپلەشتۈرۈش، مۇلازىمەتنى ئىجتىمائىيلاشتۇرۇش يۆنىلىشىگە قاراپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈردى.

نۆۋەتتە، پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە(بىڭتۇەننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئومۇمىي سانى 1109غا، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئەزاسى 17 مىڭ 400 كىشىگە، ئىگە بولغان ماشىنا ـ سايمانلىرى 31 مىڭ يۈرۈشكە، مەشغۇلات مۇلازىمەت كۆلىمى 22 مىليون 500 مىڭ موغا يەتتى. ئەمەلىي كۈچى كۈچلۈك، تەسىر كۆرسىتىش، تۈرتكە بولۇش دائىرىسى كەڭ بولغان بىر تۈركۈم «پۈتۈن جەريانلىق ماشىنىلاشتۇرۇش + ئۇنىۋېرسال دېھقانچىلىق ئىشلىرى مۇلازىمىتى»دىن ئىبارەت يېڭىچە ئىگىلىك باشقۇرۇش مۇلازىمەت سۇبيېكتى بارلىققا كەلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.