تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا يېڭى نەتىجە ـ ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولايلى

− ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

□ شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى

ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش پارتىيەمىزنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىدىكى مۇھىم، زور ۋەزىپىسى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىشەنچ، ئىرادىنى چىڭىتىپ كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، مۇھىم مىزان بىلەن تەمىنلىدى. نىشان ئايدىڭلاشتى، بۇرغا چېلىندى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار قەتئىي تۈردە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، ئىقتىسادنىڭ تەكشى، مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي زىممىسىگە ئېلىپ، قەدەمنى پۇختا بېسىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق پارتىيەنىڭ غېمىنى يەپ، دۆلەت ئۈچۈن مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، خەلق ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلاپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا يېڭى نەتىجە ـ ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

كېلەر يىلى پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى ئېچىلىدۇ، كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە مەسئۇلىيەت مۇھىم، زور، بۇرچ شەرەپلىك. تاشقى مۇھىتنىڭ تېخىمۇ مۇرەككەپ، كەسكىن بولۇشقا ۋە ئېنىقسىزلىققا يۈزلىنىشى ئالدىدا، ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا يەنە دۇچ كېلىدىغان بەزى قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەر ئالدىدا، كېلەر يىلى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى نىشان ـ ۋەزىپىلىرىنىڭ قانداق ئەمەلىيلىشىشى ناھايىتى زور دەرىجىدە ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى مەسئۇلىيەتچانلىقى ۋە ئىقتىدارىنىڭ كۈچلۈك بولۇش ـ بولماسلىقىغا باغلىق، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ـ ئىزدىمىگەنلىكى، جاپاغا چىداپ ئەمەلىي ئىشلىگەن ـ ئىشلىمىگەنلىكى، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلىگەن ـ كۆزلىمىگەنلىكىگە باغلىق. ۋەزىيەت قانچە مۇرەككەپ، ۋەزىپە قانچە مۈشكۈل بولغانسېرى، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە شۇنچە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، قابىلىيەتنى شۇنچە ئۆستۈرۈپ، سالماق تاقابىل تۇرۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، قەدەمنى بىردەك ئېلىپ ئالغا ئىلگىرىلەش كېرەك. كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىش كېرەك، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى چوڭ ۋەزىيەتنى ئىگىلەش، يۆنىلىشنى باشقۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشى، پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتتىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار «قۇرۇلۇش ئەترىتى باشلىقى»لىق ۋەزىپىسىنى ياخشى ئۆتىشى، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، ماسلىشىپ ھەمكارلىشىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم ـ كوتسىز ئىزچىللاشتۇرۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. قابىلىيەت ـ ئىقتىدارنى كۈچەيتىش كېرەك، ئوبيېكتىپ ئەمەلىيەتكە ۋە ئاممىنىڭ ئېھتىياجىغا ھۆرمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سىستېمىلىق تەپەككۇر قىلىش، ئىلمىي پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىساد خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىشتىكى كەسپىي ئىقتىدارنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. ئەمەلىيەتچىل بولۇش ئىستىلىنى ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ھەقىقىي تۈردە تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، «ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل» بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىيەتنىڭ، خەلقنىڭ، تارىخنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان نەتىجىلەرنى تىرىشىپ يارىتىش كېرەك.

«كەڭ ھەم چوڭقۇر مەنزىلگە يېتىشكە تىرىشىش، شۇنداقلا ئىنچىكە ھەم نازۇك جايلارغا چوڭقۇرلاپ كىرىش» ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشنىڭ يولى. ئىش قىلغاندا، خىزمەت قىلغاندا چوڭ يۆنىلىش توغرا بولۇشى، مۇھىم نۇقتا ئايدىڭ بولۇشى، ئىستراتېگىيە مۇۋاپىق بولۇشى كېرەك، شۇنىڭ بىلەن بىللە، تەپسىلاتلارنى ياخشى ئىگىلەپ، كونترول قىلىپ، سىياسىي بىلەن ئىقتىسادنى، ماكرو بىلەن مىكرونى، ئىستراتېگىيە بىلەن تاكتىكىنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، پىلان تۈزگەندە چوڭ ۋەزىيەتنى بىرتۇتاش ئىگىلەش، مەشغۇلات قىلغاندا ئىنچىكە، دەل ۋە ئورۇنلۇق بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، «تەپسىلاتلاردىكى ئالۋاستى» تۈپەيلىدىن چوڭ ۋەزىيەتكە زىيان يېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر ھەم چوڭ ۋەزىيەتنى بىرتۇتاش ئىگىلەپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيە رەھبەرلىكىنى ئىقتىساد خىزمىتىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا، ھەرقايسى تەرەپلىرىگە سىڭدۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك توغرا تونۇپ، كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى، كۆزلىمە نىشانى ۋە ئاساسلىق ۋەزىپىسىنى پۇختا ئىگىلەپ، مۇقىم بولۇشنى باش ئورۇنغا قويۇش، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى نۇقتىلىق خىزمەتلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنى ئىگىلەپ، نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى كۈچەيتىپ، زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، ئۈنۈملۈك سېلىنما ۋە تۈر قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتۇپ، ئىچكى قۇرۇقلۇقنى ئېچىۋېتىش ۋە چېگرا بويىنى ئېچىۋېتىش ئېگىزلىكىنى بەرپا قىلىپ، رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتى ۋە شەھەر ـ يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەرەققىياتنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش ۋە بەرپا قىلىشنى كۈچەيتىپ، خەلق تۇرمۇشىنى سىجىل كاپالەتلەندۈرۈشى ۋە ياخشىلىشى؛ ھەم ئىنچىكە، دەل ۋە ئورۇنلۇق بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە تۈرلۈك نىشان ـ ۋەزىپىلەرنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، مىقدارلاشتۇرۇپ، تارماقلارغىچە تەقسىملەپ، ئىش ئورۇنلىرىغىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قاتتىق مەسئۇلىيەت، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ماھارەت، ئېسىل ئىستىل، ئىلمىي ئۇسۇل ئارقىلىق يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم ـ كوتسىز جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، ئۇنى يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

يېڭى مۇساپىدە، يولداش شى جىنپىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسى بولۇش سۈپىتى بىلەن يول باشلاپ رولچى بولسىلا، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكى بولسىلا، ئىشلىرىمىزنىڭ ھەممىسىدە چوقۇم غەلىبە قىلالايمىز. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، قەدەمنى پۇختا بېسىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا يېڭى نەتىجە ـ ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋالايلى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.