تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

مۇقىم بولۇشنى باش ئورۇنغا قويۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەپ، كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى تۇتايلى

− ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

□شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى

پۇختا قەدەم تاشلىغاندىلا يىراققا يۈرۈش قىلغىلى بولىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ 2021 - يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى خۇلاسىلەندى، ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت تەھلىل قىلىندى، 2022 - يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، «مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇش» «مۇقىم بولۇشنى باش ئورۇنغا قويۇش، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇش» تەكىتلەندى. كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش «مۇقىم» دېگەن سۆزدىن ئايرىلالمايدۇ.

كېلەر يىلى، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى داغدۇغىلىق ئېچىلىدۇ، بۇ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدىكى بىر چوڭ ئىش، تەكشى، مۇقىم، ساغلام بولغان ئىقتىسادىي مۇھىت، دۆلەت تىنچ - ئامان، خەلق خاتىرجەم بولغان جەمئىيەت مۇھىتى، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي مۇھىتنى ساقلاش ئىنتايىن مۇھىم. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، مۇقىم بولۇش ھەم ئاساسىي رىتىم، تېخىمۇ مۇھىمى چوڭ ۋەزىيەتتۇر. يېقىندا ئېچىلغان مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلەندى: «كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىدە مۇقىم بولۇشنى باش ئورۇنغا قويۇش، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش كېرەك.» بۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۇنيانىڭ تەرەققىيات چوڭ ۋەزىيىتىنى سالماقلىق بىلەن كۆزىتىپ تەكشۈرۈپ، ئەتراپلىق ئويلانغاندىن كېيىن ئوتتۇرىغا قويغان مۇھىم ھۆكۈمى. شىنجاڭغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، مۇقىم بولۇشنى باش ئورۇنغا قويۇش، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇش تەرەققىيات كۆزلىمىسىگە يېتەكچىلىك قىلىش، ئىشەنچنى ئۇرغۇتۇشقا پايدىلىق، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، ئىقتىسادتا سۈپەتنىڭ مۇقىم ئۆسۈشى ۋە مىقدارنىڭ مۇۋاپىق ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشقا پايدىلىق.

بۇ يىلدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايون بويىچە شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسى سىجىل چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، دىققەت يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇنۇپ، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىش بىرتۇتاش پىلانلىنىپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» خىزمىتى سىجىل ياخشى ئىشلىنىپ، ئىقتىسادتا مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىش ۋەزىيىتى بارلىققا كەلدى، ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشى كۆزلىمىدىن ياخشى بولۇپ، كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ سۈپىتى ئۆستۈرۈلۈپ، ئۈنۈمى ئاشۇرۇلۇپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى تېز ئالغا سىلجىتىلىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىلىپ، خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىلىپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرۇلۇشى پۇختا ئالغا سىلجىتىلىپ، «14 - بەش يىل»دا ياخشى باشلىنىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، پەقەت «مۇقىم» بولۇشتىن ئىبارەت بۇ ئالدىنقى شەرتكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغاندىلا، ئاندىن چىگىش، مۇرەككەپ دۆلەت ئىچى - سىرتى مۇھىتىدا ئىقتىسادتىكى يېڭى تەرەققىيات، يېڭى بۆسۈشنى ئۈزلۈكسىز ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

مۇقىم بولۇشنى باش ئورۇنغا قويۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەپ، كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇشتا، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇنىڭغا سىڭىشىشنى تېزلىتىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلقنى مەركەز قىلغان ھالدا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەپ، تىرىشىپ ئىقتىسادنىڭ مۇۋاپىق ئارىلىقتا يۈرۈشۈشىنى ساقلاپ، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشى، ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

مۇقىم بولۇشنى باش ئورۇنغا قويۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەپ، كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇشتا، دىققەتنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى، يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى سىجىل، پۇختا ياخشى ئىشلەپ، ئىقتىسادنىڭ تەكشى، مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

مۇقىم بولۇشنى باش ئورۇنغا قويۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەپ، كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇشتا، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى يۆنىلىش قىلغان ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇپ، ئۈنۈملۈك سېلىنما ۋە تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇپ، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش ئىستراتېگىيەسىنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇپ، ئادەمنى يادرو قىلغان يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇشنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش ۋە بەرپا قىلىشنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇپ، مالىيە - باج، پۇل مۇئامىلە تىرىكى ۋە بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا يېڭى قەدەم تاشلاشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

نىشان ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، بۇرغا چېلىندى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، قەدەمنى پۇختا بېسىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، مۇقىملىق ئارقىلىق ئىلگىرىلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىلگىرىلەش ئارقىلىق مۇقىملىقنى مۇستەھكەملەپ، بۇ ئىككىسىنىڭ ياخشى سۈپەتلىك ھەمتۈرتكە بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا يېڭى نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىگە، يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلايلى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.