تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ئەخلاقلىق ھەم ئىقتىدارلىق زور بىر تۈركۈم ئەدىبلەرنى، سەنئەتكارلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرەيلى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ 11 - قۇرۇلتىيى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ 10 - قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

□خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

ئادەم كەسىپلەر تەرەققىياتىنىڭ ئەڭ ئاچقۇچلۇق ئامىلى، دۆلىتىمىزنىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت ئىشلىرىدا گۈللىنىش، راۋاجلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، جەزمەن ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، ئىختىساسلىقلارنى بايقاش، ئىختىساسلىقلارنى قەدىرلەش، ئىختىساسلىقلارنى ئويۇشتۇرۇش كېرەك. جۇڭگو ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەملىكەتلىك 11 - قۇرۇلتىيى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مەملىكەتلىك 10 - قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «سوتسىيالىستىك ئەدەبىيات - سەنئەتنى گۈللەندۈرۈش، راۋاجلاندۇرۇش، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشتا پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە ۋەتەننى سۆيىدىغان، ئۆزىنى بېغىشلايدىغان ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرىنى كەڭ ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئۇيۇشتۇرۇپ، ئەخلاقلىق ھەم ئىقتىدارلىق زور بىر تۈركۈم ئەدىبلەرنى، سەنئەتكارلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ».

يېڭى دەۋردىكى يېڭى مۇساپە زامانىمىزدىكى جۇڭگو ئەدەبىيات - سەنئىتىنىڭ تارىخىي يۆنىلىشى، دەۋر دۆلىتىمىز ئەدەبىيات - سەنئىتىنىڭ گۈللىنىشى، راۋاجلىنىشىنى مىسلىسىز كەڭ سەھنە بىلەن تەمىنلىدى، ئۇلۇغ دەۋر ئۇلۇغ ئەدىبلەر، سەنئەتكارلارنى چاقىرماقتا. ئەدەبىيات - سەنئەت ساھەسى ئىدىيە جانلانغان جاي، شۇنداقلا ئىجادىيەت كۈچى تولۇپ تاشقان جاي، بۇ جايدا ياراملىق ئىختىساسلىقلار كۆپلەپ مەيدانغا كەلدى، تالانتلىقلار كەينى - كەينىدىن يېتىشىپ چىقتى. سوتسىيالىستىك ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ گۈللىنىشى، راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشتا كەڭ ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرى چوڭ ئىشلارنى قىلالايدۇ، شۇنداقلا جەزمەن چوڭ نەتىجىلەرنى يارىتالايدۇ. دەل باش شۇجى شى جىنپىڭ تەكىتلىگەندەك: «يېڭى دەۋر ئەدەبىيات - سەنئەت ئۇستازلىرىغا موھتاج، شۇنداقلا ئەدەبىيات - سەنئەت ئۇستازلىرىنى تامامەن يېتىشتۈرۈپ چىقالايدۇ! يېڭى دەۋر ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە موھتاج، شۇنداقلا ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى تامامەن يارىتالايدۇ! بىز بۇ ئىشەنچنى چىڭىتىشىمىز كېرەك!» كەڭ ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرى مەدەنىيەت ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتىپ، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، كۈچلۈك تارىخىي تەشەببۇسكارلىق روھى بىلەن سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىغا پائال ئاتلىنىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان بەش نۇقتىلىق ئۈمىد، تەلەپ بويىچە بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئۇلنى چىڭىتىپ روھنى تاۋلاش جەھەتتە يېڭى مەسئۇلىيەتچانلىقنى نامايان قىلىپ، توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىش جەھەتتە يېڭى نەتىجە يارىتىپ، گۈزەل ئەخلاق يېتىلدۈرۈپ ئۆزىنى تاكامۇللاشتۇرۇشتا يېڭى قىياپەتنى نامايان قىلسا، زامانىمىزدىكى جۇڭگو ئەدىبلىرى، سەنئەتكارلىرى جەزمەن بۇلاق سۈيىگە ئوخشاش ئېتىلىپ چىقىدۇ، جۇڭگو ئەدەبىيات - سەنئىتىنىڭ ئاسمىنى جەزمەن تېخىمۇ جۇلالىنىدۇ.

جۇڭگو ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت كەڭ ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرى بىلەن ئالاقە باغلايدىغان كۆۋرۈك، ۋاسىتە بولۇپ، ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش، يېتەكلەش، سوتسىيالىستىك ئەدەبىيات - سەنئەت ئىشلىرىنى گۈللەندۈرۈش، راۋاجلاندۇرۇش جەھەتتە مۇھىم ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالغان. قەيەردە ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرى بولسا، ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ خىزمىتى شۇ يەرگىچە ئىشلىنىشى كېرەك. «جۇڭگو ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتى سىستېمىسىنىڭ تەشكىلىي ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، خىزمەت سىستېمىسىدا يېڭىلىق يارىتىپ، يېڭى ئەدەبىيات - سەنئەت تەشكىلاتلىرى ۋە يېڭى ئەدەبىيات - سەنئەت توپىنى تەربىيەلەش، يېتەكلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك» «ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرى بىلەن سەمىمىي دوست بولۇپ، ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىپ، قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىپ بېرىپ، ھەقىقىي ئىش قىلىپ بېرىپ، ئۇلارغا <ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرى ئائىلىسى>نىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇرۇش كېرەك» «ئەدەبىيات - سەنئەت ساھەسىدىكى خەلق تەشكىلاتلىرىنىڭ كەسپىي ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئەدىبلەر، سەنئەتكارلارنىڭ كەسپىي سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، تېخىمۇ نوپۇزلۇق، ئاممىۋى ئىشەنچ كۈچىگە، تەسىر كۈچىگە ئىگە ئەدەبىيات - سەنئەت باھالاش سىستېمىسى بەرپا قىلىش كېرەك»... بۇ قېتىمقى مۇھىم سۆزىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ خىزمىتىگە قارىتا تىرىشىش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، ئېنىق تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، بايراقنى كۆتۈرۈش، خەلق رايىنى مۇجەسسەملەش، يېڭى كىشىلەرنى يېتىشتۈرۈش، مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش، ئوبرازنى نامايان قىلىش بۇرچ، ۋەزىپىسىنى ئاڭلىق زىممىگە ئېلىپ، دىققەتنى مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىش، يارىتىشتىن ئىبارەت بۇ مەركىزىي ھالقىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىتتىپاقلاشتۇرۇش - يېتەكلەش، ئالاقىلىشىش - ماسلاشتۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش - باشقۇرۇش، تەلەپچان بولۇش - ھوقۇق قوغداش فۇنكسىيەسىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، كەڭ ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرىنى پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ئىجادىيەتنى گۈللەندۈرۈپ، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، يېڭى دەۋرنى خاتىرىلەپ، يېڭى دەۋرنى يېزىپ، يېڭى دەۋرنى مەدھىيەلىگەندە، جەزمەن سوتسىيالىستىك ئەدەبىيات - سەنئەتنى گۈللەندۈرۈش، راۋاجلاندۇرۇش، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئۈچۈن، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشقىلى بولىدۇ.

پارتىيە ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمىتىگە ئەزەلدىن يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى، ئەدەبىيات - سەنئەت ئىشلىرى پارتىيە ۋە خەلقنىڭ مۇھىم ئىشى، ئەدەبىيات - سەنئەت سېپى پارتىيە ۋە خەلقنىڭ مۇھىم سېپى. پارتىيەنىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش ئەدەبىيات - سەنئەت ئىشلىرىنى گۈللەندۈرۈش، راۋاجلاندۇرۇشنىڭ تۈپ كاپالىتى. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى پارتىيەنىڭ نەزەرىيە ۋە لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەدەبىيات - سەنئەت قانۇنىيىتىگە ھۆرمەت قىلىپ ۋە ئەمەل قىلىپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، سىياسەتنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، تۈزۈلمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش ئارقىلىق ئۈزلۈكسىز تۈردە نادىر ئەسەرلەر مەيدانغا كېلىدىغان، ئىختىساسلىقلار مەيدانغا كېلىدىغان جانلىق ۋەزىيەت شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. ئەدەبىيات - سەنئەت ئورۇنلىرىنىڭ رەھبەرلىك بەنزىلىرىنى ياخشى تاللاپ، كۈچلۈك سەپلەپ، سىياسىيدا قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتكەن، ئەخلاقلىق ھەم ئىقتىدارلىق، ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمىتىنى پىششىق بىلىدىغان، ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرى بىلەن ئىچقويۇن - تاشقويۇن بولالايدىغان كادىرلارنى رەھبەرلىك ئورنىغا قويۇش كېرەك. ئەدەبىيات - سەنئەت ئىجادىيىتىگە يۆلەك بولۇش سالمىقىنى زورايتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسەرلىرى بىلەن تەمىنلەشنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىش كېرەك. ماركسىزملىق ئەدەبىيات - سەنئەت نەزەرىيەسى ۋە ئوبزورچىلىقى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، غەيرەتنى، جەڭگىۋارلىقنى ئاشۇرۇپ، ئىجادىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، نادىر ئەسەرلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش، ئېستېتىك ئاڭنى ئۆستۈرۈش، كەيپىياتقا يېتەكچىلىك قىلىش رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. تەربىيەلەش، يېتەكلەش بىلەن ھەر تەرەپلىمە تۈزەشكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، تۇرغۇزۇش بىلەن قالدۇرۇشنى تەڭ تۇتۇپ، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىپ، مۇھىتى ساپ بولغان ئەدەبىيات - سەنئەت ئېكولوگىيەسى بەرپا قىلىش كېرەك. ئىختىساسلىقلارنى تونۇپ، ئىختىساسلىقلارنى قەدىرلەپ، ئىختىساسلىقلارنى ھۆرمەتلەپ، ئىختىساسلىقلارنى ئىشلىتىپ، ياش ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرىنى توغرا يولدا چىڭ تۇرۇش، داغدام يولدا مېڭىشقا يېتەكلەپ، ئۇلارنى كۆپرەك يېڭىلىق يارىتىشقا، نادىر ئەسەرلەرنى يارىتىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئېغىر يۈكنى زىممىسىگە ئېلىشىغا، باش رولچى بولۇشىغا مەدەت بېرىش كېرەك.

«سۇمۇرغ ئۇچار ھامان بىر كۈن شوخ شامالغا جور بولۇپ، پەرۋاز قىلار ئاسماندا ھەيۋەت بىلەن قانات قېقىپ.» باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆزىدە ئۇلۇغ شائىر لى بەينىڭ ياش ۋاقتىدا قىلىچ ئېسىپ يىراققا سەپەر قىلغاندا يازغان شېئىرى ئارقىلىق، كەڭ ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرىنى ئىشەنچنى چىڭىتىش، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش، دەۋرنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماسلىق، خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماسلىققا ئىلھاملاندۇردى. جۇڭگودا تەسىرلىك ھېكايىلەر كەم ئەمەس، ئاچقۇچلۇقى ھېكايىنى ياخشى سۆزلەش ئىقتىدارى بولۇش كېرەك؛ جۇڭگودا تارىخىي داستاندەك ئەمەلىيەتلەر كەم ئەمەس، ئاچقۇچلۇقى تارىخىي داستاننى ئىجاد قىلىدىغان يۈكسەك ئىرادە بولۇش كېرەك. شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ئەدىبلىرى، سەنئەتكارلىرىدا مۇشۇنداق يۈكسەك ئىرادە بولۇپلا قالماي، يەنە مۇشۇنداق ئىقتىدار بار، جەزمەن بىزنىڭ بۇ ئۇلۇغ دەۋرىمىزگە يۈز كېلەلەيدىغان، بىزنىڭ بۇ ئۇلۇغ دۆلىتىمىزگە يۈز كېلەلەيدىغان، بىزنىڭ بۇ ئۇلۇغ مىللىتىمىزگە يۈز كېلەلەيدىغان مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلالايدۇ!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 17 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.