تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

جۇڭگو ئەدەبىيات ـ سەنئىتىنىڭ يېڭى كەيپىياتىنى نامايان قىلىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ يېڭى شان ـ شەرىپىنى يارىتايلى

جۇڭگو ئەدەبىيات ـ سەنئىتىنىڭ يېڭى كەيپىياتىنى نامايان قىلىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ يېڭى شان ـ شەرىپىنى يارىتايلى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو ئەدەبىيات ـ سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ 11 ـ قۇرۇلتىيى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ 10 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

□خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ تاغ ـ دەريالىرى ھەيۋەتلىك ۋە گۈزەل، خەلقى مەردانە، ئىستىقبالى پارلاق. جۇڭگو ئەدەبىيات ـ سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەملىكەتلىك 11 ـ قۇرۇلتىيى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مەملىكەتلىك 10 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات پۈتۈن ۋەزىيىتىدىن چىقىش قىلىپ، كەڭ ئەدەبىيات ـ سەنئەت خىزمەتچىلىرىگە بەش نۇقتىلىق ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى: بىرىنچى، مىللەتنىڭ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئىشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، يېڭى دەۋردىكى يېڭى مۇساپىنىڭ ھەيۋەتلىك مەنزىرىسىنى قىزغىن تەسۋىرلەش؛ ئىككىنچى، خەلقنىڭ مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىدىغان خەلق تارىخىي داستانىنى پۈتۈپ چىقىش؛ ئۈچىنچى، توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىشنى داۋاملاشتۇرۇپ، دەۋرگە يېتىشىپ ماڭىدىغان نادىر ئەسەرلىرى ئارقىلىق ئەدەبىيات ـ سەنئەتنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئېچىش؛ تۆتىنچى، چىن ھېسسىيات، پۈتۈن كۈچى بىلەن جۇڭگو ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، دۇنياغا ئىشەنچلىك، سۆيۈملۈك، ھۆرمەتكە سازاۋەر جۇڭگو ئوبرازىنى نامايان قىلىش؛ بەشىنچى، توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئەخلاق ۋە سەنئەتتە قوش كامالەتكە يېتىشكە ئىنتىلىش داۋامىدا كىشىلىك تۇرمۇش قىممىتىنى يارىتىش. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى كىشى قەلبىنى ئىلھاملاندۇرىدۇ، كىشىنى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ، بۇ، كەڭ ئەدەبىيات ـ سەنئەت خىزمەتچىلىرىنىڭ تارىخىي بۇرچنى تېخىمۇ ياخشى زىممىگە ئېلىپ، ئۇلنى چىڭىتىپ، روھنى تاۋلاش جەھەتتە يېڭى مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى نامايان قىلىپ، توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىش جەھەتتە يېڭى نەتىجە يارىتىپ، گۈزەل ئەخلاق يېتىلدۈرۈپ ئۆزىنى تاكامۇللاشتۇرۇشتا يېڭى قىياپەتنى نامايان قىلىپ، توختىماي ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، گۈزەل ئەخلاق ـ پەزىلەت ئارقىلىق بارلىق مەۋجۇداتنى قوينىغا ئېلىشتىن ئىبارەت مەدەنىيەت ئىجادىيىتى ئارقىلىق جۇڭگو ئەدەبىيات ـ سەنئىتىنىڭ يېڭى كەيپىياتىنى نامايان قىلىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ يېڭى شان ـ شەرىپىنى يارىتىپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى قۇدرەتلىك قىممەت يېتەكچى كۈچى، مەدەنىيەت ئۇيۇشۇش كۈچى، مەنىۋى تۈرتكىلىك كۈچ بىلەن تەمىنلىشىدە مۇھىم، زور يېتەكلەش رولىغا ئىگە بولۇپ، مۇقەررەر چوڭقۇر ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ.

مەدەنىيەت تەقدىرى دۆلەت تەقدىرى بىلەن باغلانغان، مەدەنىيەت تومۇرى دۆلەت تومۇرى بىلەن تۇتاشقان. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كەينىگە ياندۇرغىلى بولمايدىغان تارىخىي مۇساپىگە كىردى، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت دەۋر باش تېمىسىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، ئەدەبىيات ـ سەنئەت ئىجادىيىتىنى مىللەتنى گۈللەندۈرۈش تارىخىغا، خەلقنىڭ كۈرەش قىلىش مۇساپىسىگە پۈتكەندىلا دەۋر يۈكلىگەن ئېغىر ۋەزىپىنى تېخىمۇ ياخشى زىممىگە ئالغىلى بولىدۇ. خەلق ئەدەبىيات ـ سەنئەتنىڭ ئانىسى، خەلقنى مەنبە قىلىش، خەلقنى كۆزلەش، خەلققە مەنسۇپ بولۇش سوتسىيالىستىك ئەدەبىيات ـ سەنئەتنىڭ تۈپ مەيدانى، شۇنداقلا سوتسىيالىستىك ئەدەبىيات ـ سەنئەتنى گۈللەندۈرۈش، راۋاجلاندۇرۇشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، خەلقنى مەركەز قىلغان ئىجادىيەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەدەبىيات ـ سەنئەت گۈلزارلىقى گۈللىرىنى مەڭگۈ خەلق ئۈچۈن پورەكلىتىپ ئېچىلدۇرغاندىلا، بارلىق ئەدەبىيات ـ سەنئەت ئېلىپ تۈگىتەلمەيدىغان، ئىشلىتىپ تۈگىتەلمەيدىغان مول مەنبەگە ئىگە بولىدۇ، ئەدەبىيات ـ سەنئەت ئىجادىيىتى مىسلىسىز كۈچكە ۋە پۈتمەس ـ تۈگىمەس سېھرىي كۈچكە ئىگە بولىدۇ. بىر دەۋرنىڭ ئەدەبىيات ـ سەنئەت مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئۆلچەشتە ئەڭ ئاخىرقى ھېسابتا ئەسەرگە قاراش، ئەدىب ۋە سەنئەتكارلارنىڭ كىشىلىك ھايات قىممىتىنى ئۆلچەشتىمۇ ئەسەرگە قاراش كېرەك، مول ۋە چوڭقۇر جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۆزگىچە مەنىۋى بەلگىسى، ھازىرقى زامان جۇڭگو ئەدەبىيات ـ سەنئىتىنىڭ ئۇلى، شۇنداقلا ئەدەبىيات ـ سەنئەتتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ خەزىنىسى، پەقەت توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىشنى داۋاملاشتۇرۇپ، ۋارىسلىق قىلىش بىلەن يېڭىلىق يارىتىشنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئىگىلەپ، قەدىمكىلەردىن ئۆگىنىپ ئەمما قەدىمكىگە ئېسىلىۋالمىغاندىلا، قائىدىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ ئەمما قائىدىگە خىلاپلىق قىلمىغاندىلا، ئاندىن ئۇلۇغ مىللىتىمىزنىڭ، ئۇلۇغ دەۋرىمىزنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمايدىغان مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلغىلى بولىدۇ. خەلقئارا جەمئىيەت جۇڭگونىڭ تەرەققىيات يولى ۋە مۇۋەپپەقىيەت سىرىنى يېشىپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ تۇرمۇشىدىكى ئۆزگىرىش ۋە قەلب دۇنياسىنى چۈشىنىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، نەزەرىنى دۇنياغا قارىتىپ، ئىنسانىيەتكە قارىتىپ، ئەجدادلارنىڭ ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ھازىرقى ئۆزگىرىشلەرنى چۈشىنىپ، جۇڭگونىڭ ئېستېتىك مەقسىتى ۋە ۋەزىپىسىنى نامايان قىلىدىغان، زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ قىممەت قارىشىنى تارقىتىدىغان، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممەت ئىنتىلىشىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلغاندىلا، جانلىق، ئىستېرېئولۇق بولغان جۇڭگونى نامايان قىلىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن يېڭى سەھىپە پۈتكىلى بولىدۇ. ئەدەبىيات ـ سەنئەت كەيپىيات ئارقىلىق كىشىلەرنى تەربىيەلەش ۋەزىپە ـ مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالغان، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەيدىغان كىشى جەزمەن ئاۋۋال ئۆزىنى تەربىيەلىشى كېرەك؛ روھنى تاۋلاپ ئۇلنى چىڭىتىدىغان كىشى جەزمەن ئاۋۋال ئۆزىنى تاۋلىشى كېرەك، پەقەت ئۆزىنىڭ ئەخلاق ساپاسى، جەمئىيەت ئوبرازىنى ئەسەرنىڭ جەمئىيەت ئۈنۈمى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، سەنئەت غايىسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەخلاق ۋە سەنئەتتە قوش كامالەتكە يېتىشكە ئىنتىلگەندىلا، ئاندىن ئالىيجاناب ئەخلاق ـ پەزىلىتى ۋە ئىپادىلەش شەكلى بىلەن مەزمۇنى گۈزەل ئەسەرلىرى ئارقىلىق تارىخ ئۈچۈن توغرا كەيپىيات قالدۇرالايدۇ، دۇنيا خەلقى ئۈچۈن گۈزەل ئەخلاقنى ئەۋج ئالدۇرالايدۇ، ئۆزى ئۈچۈن پاك نام قالدۇرالايدۇ.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: «دەۋر دۆلىتىمىز ئەدەبىيات ـ سەنئىتىنىڭ گۈللىنىشى، راۋاجلىنىشىنى مىسلىسىز كەڭ سەھنە بىلەن تەمىنلىدى. سوتسىيالىستىك ئەدەبىيات ـ سەنئەتنىڭ گۈللىنىشى، راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشتا كەڭ ئەدەبىيات ـ سەنئەت خىزمەتچىلىرى قىلچە باش تارتماي مۇھىم ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئېلىپ، زور نەتىجىلەرنى يارىتىدۇ.» چوڭ تارىخ قارىشى، چوڭ دەۋر قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، تارىخىي مۇساپە ۋە دەۋر چوڭ يۈزلىنىشىنى ئىگىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مىڭ يىللىق غايەت زور ئۆزگىرىشلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، جۇڭگونىڭ 100 يىللىق جاھان توغرا يولىنى كۆرسىتىپ بېرىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىكنى يادرو قىلغان مىللەت روھى ۋە ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىشنى يادرو قىلغان دەۋر روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇشقۇن دەۋر ئاساسىي مېلودىيەسىنى ياڭرىتىشى، دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشى، جۇڭگونىڭ ئىلگىرىلىشى، خەلقنىڭ ساداسىدىن باش تېمىنى تاۋلاپ، تېمىسىنى تاللاپ چىقىپ، يېڭى دەۋرنىڭ روھىي قىياپىتىنى ھەر تەرەپلىمە، ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلىشى كېرەك. خەلقنى قەلبتە ئەڭ يۈكسەك ئورۇنغا قويۇپ، دەۋر ۋە خەلقنى كۈيلەپ، ئىدىيەسى چوڭقۇر، ساپ، سەمىمىي، جۇشقۇن، كۈچلۈك بولغان مۇنەۋۋەر ئەسەرلەر ئارقىلىق خەلقنىڭ ئېستېتىك قارىشى، قىممەت قارىشىنى ئوزۇقلاندۇرۇپ، خەلقنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى تېخىمۇ بېيىتىش كېرەك. تېخىمۇ مۇكەممەللىككە ئىنتىلىپ، دادىل يېڭىلىق يارىتىپ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈشنى ئەدەبىيات ـ سەنئەت ئەسەرلىرىنىڭ جان تومۇرى قىلىپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ ئىدىيەۋى قارىشى، ئادىمىيەت روھى، ئەخلاق ئۆلچىمىنى قېزىپ چىقىپ، يېڭى تېخنىكا، يېڭى ۋاسىتىلەردىن توغرا پايدىلىنىپ، ئەدەبىيات ـ سەنئەت ئىجادىيىتىنى تېخىمۇ ئىچكى خاس مەزمۇنغا ئىگە، تېخىمۇ يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە يېڭى مەنزىلنى نامايان قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. ئىشەنچ ۋە غايىگە ئىگە بولۇپ، مەۋقەنى جۇڭگو زېمىنىغا قويۇپ، جۇڭگو ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، دۇنياغا تونۇشلۇق بولغان تېخىمۇ كۆپ جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ئوبرازىنى يارىتىپ، مىللەت خاسلىقىغا ئىگە سەنئەت مەزمۇنى ۋە شەكلىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، مىللەتنىڭ خەلق ئەدەبىيات ـ سەنئەت ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۇسلۇب، ئېقىم، شەكىل، نۇسخىسىنى كېڭەيتىپ، دۇنيا ئەدەبىيات ـ سەنئەت ساھەسىدە جۇڭگو سالاپىتى، جۇڭگو خىسلىتىنى روشەن تۇرغۇزۇش كېرەك. ئىجادىيەتتە قان ـ تەرگە تايىنىش، ئورۇنداشتا ئەمەلىي كۈچكە تايىنىش، ئوبرازدا يارىتىشقا تايىنىش، ئۈنۈمدە سۈپەتكە تايىنىش، نام ـ ئاتاقتا ئەخلاق ۋە قابىلىيەتكە تايىنىش كېرەك، كەڭ ئەدەبىيات ـ سەنئەت خىزمەتچىلىرى ئۆزىنىڭ جەمئىيەتتىكى تەسىرىنى قەدىرلەپ، ئەسەرنىڭ جەمئىيەت ئۈنۈمىنى ئەستايىدىل، كەسكىن ئويلىشىشى، ئەخلاققا ئەھمىيەت بېرىپ، پەزىلەتكە ئەھمىيەت بېرىپ، مەسئۇلىيەتكە ئەھمىيەت بېرىپ، دۇرۇس ئادەم بولۇشى، پاك ئىش قىلىشى كېرەك، چىنلىق، ياخشىلىق، گۈزەللىكنى مەدھىيەلەپ، ساختىلىق، يامانلىق، رەزىللىكنى قامچىلىشى، كەسىپ ئىستىلى، سەنئەت ئەخلاقىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۆزىنى ھۆرمەتلەيدىغان، ئۆزىنى قەدىرلەيدىغان، ئۆزئارا ئۆگىنىدىغان، ئۆزئارا ئۆرنەك ئالىدىغان، مۇھىتى ساپ بولغان كەسىپ كەيپىياتىنى يارىتىشى كېرەك.

«تاغۇ دەريادا قېلىپتۇ يادىكار، سەيرگە چىقتۇق يىراقتىن ياد ئېتىپ.» يېڭى دەۋردىكى يېڭى مۇساپە زامانىمىزدىكى جۇڭگو ئەدەبىيات ـ سەنئىتىنىڭ تارىخىي يۆنىلىشى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، كەڭ ئەدەبىيات ـ سەنئەت خىزمەتچىلىرى مىللەتنىڭ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئىشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، خەلقنىڭ مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ، توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىشنى داۋاملاشتۇرۇپ، چىن ھېسسىيات، پۈتۈن كۈچى بىلەن جۇڭگو ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، توغرا يولنى ئەۋج ئالدۇرۇشتا چىڭ تۇرسىلا، چوقۇم سوتسىيالىستىك ئەدەبىيات ـ سەنئەتنىڭ گۈللىنىشى، راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشالايدۇ!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.