تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە، جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ئۆزلىرى مەسئۇل بولغان ساھەلەردە پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلىدى

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە، جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى جاڭ يەنفاڭ، خېي خۇڭۋېي، گو لىڭ، شيې خۇيبيەن خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ئۆزلىرى مەسئۇل بولغان ساھەلەردە پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلىدى.

ياڭ فاسېن ئۈرۈمچى شەھىرىدە پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلىدى. ئۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە ئومۇمىي يىغىندا قاراپ چىقىپ ماقۇللانغان «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي تەجرىبىلەر توغرىسىدىكى قارارى»نى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، ئومۇمىي يىغىننى ئېچىش، يېڭى تارىخىي قارار چىقىرىشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئىگىلەش، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى ئەسلىي مەقسىتى، بۇرچى ۋە مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى چوڭقۇر ئىگىلەش قاتارلىق جەھەتلەردىن ئومۇمىي يىغىن روھىنى سىستېمىلىق شەرھلىدى ۋە چوڭقۇر چۈشەندۈردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش قىزغىن دولقۇنىنى سىجىل قوزغىشى كېرەك. ھەقىقىي تۈردە ئومۇمىي يىغىننىڭ روھى ئارقىلىق ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، جەمئىيەت ئىدارە قىلىشنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىپ، شەھەرنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا سىجىل كاپالەتلىك قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دىنلار ئىناقلىقىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ مەركىزىي شەھەردە ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يۈسۈپجان مەمەت ئاپتونوم رايوننىڭ مەدەنىيەت ۋە ساياھەت، جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش سىستېمىسىدا پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلىدى. ئۇ دىققەتنى باش تېمىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنى ئېچىش، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي تەجرىبىلەرنى خۇلاسىلەشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتى قاتارلىق تەرەپلەرنى چوڭقۇر تونۇشنى نۇقتىلىق چۆرىدەپ، خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى سىستېمىلىق تەشۋىق قىلدى ۋە شەرھلەپ چۈشەندۈردى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنى پارتىيە ۋە خەلق بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى غەلىبىلىك ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىدىغان ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ ئىلگىرىلەۋاتقان مۇھىم، زور تارىخىي پەيتتە ئېچىلغان بىر قېتىملىق ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە مۇھىم يىغىن. ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، يېڭى دەۋردە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ياخشى پۈتۈپ، ئەلا نەتىجىلىرىمىز بىلەن پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەك.

ئېلزات ئەخمەتجان ئاممىۋى تەشكىلاتلاردىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارغا پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىدا پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي تەجرىبىلەر ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلەنگەن بولۇپ، بىر قېتىملىق ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە مۇھىم يىغىن. ھەرقايسى ئاممىۋى تەشكىلاتلار «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇشى، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ سىياسىيلىقى، ئىلغارلىقى، ئاممىۋىلىقىنى كۈچەيتىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ خاس ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنى تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە تولغان، تېخىمۇ مۇستەھكەم، كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى پارتىيەنىڭ ئەتراپىغا ئۇيۇشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ شىنجاڭدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىشى كېرەك. پارتىيەنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، غايە - ئېتىقادنى چىڭىتىپ، دىققەتنى ئاساسىي مەسئۇلىيەت، ئاساسىي كەسىپكە مەركەزلەشتۈرۈپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن قاتتىق ساقلىنىش كېرەك. ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش جاسارىتىنى ئۇرغۇتۇپ، يېڭى مەسئۇلىيەت، يېڭى نەتىجە ئارقىلىق يېڭى دەۋردىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ، ئاممىۋى تەشكىلات كادىرلىرىنىڭ يېڭى ئوبرازى، يېڭى ھاياتىي كۈچى، يېڭى كەيپىياتىنى نامايان قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ياخشى پۈتۈش ئۈچۈن ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ تۆھپىسىنى قوشۇش كېرەك.

قادېن كەبىن ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بەنگۇڭتىڭىدا پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بەنگۇڭتىڭىدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئۆمۈرلۈك ئۆگىنىش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئۆگىنىش ھالىتىنى ساقلاپ، مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، قەتئىي تەۋرەنمەي شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بەنگۇڭتىڭنىڭ ئىچكى - تاشقى ئالاقە، ھەمكارلىق مېخانىزمىنى راۋانلاشتۇرۇپ ۋە كۈچەيتىپ، «ئۈچكە مۇلازىمەت قىلىش، ئۈچكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش»تىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ياخشى ئىشلەش كېرەك. مۇھىم، زور مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، مەسىلىلەرنى تۇتۇش، كەمتۈكلۈكلەرنى تېپىشقا ماھىر بولۇپ، قول يازما مۇلازىمىتى ۋە ھۆججەت بېجىرىشنىڭ سۈپەت - ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، مۇلازىمەت كاپالىتى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. كۆزىتىشكە ئاساسەن تۈزىتىش خىزمىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئۆز ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ھەقىقىي تۈردە ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.