تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاساسنى پۇختىلاپ، كەسىپلەرنى كۈچەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى

خوتەن ۋىلايىتى:

ئاساسنى پۇختىلاپ، كەسىپلەرنى كۈچەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى پەرىزات ئابدۇل، رايىدە

جاپا - مۇشەققەتلىك تۇرمۇش بىلەن خوشلىشىپ، يەنە يېڭى مۇساپىنى باشلاش. بىر يىلدىن بۇيان، خوتەن ۋىلايىتىدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما كۆتۈرەڭگۈ كۈرەش ئىرادىسى بىلەن ئۇدا كۈرەش قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى پۇختا، يۇقىرى سۈپەتتە مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىپ، ئۈمىدكە تولغان يېڭى يۆگىمە رەسىمنى سىزىپ چىقتى.

ئاساسنى مۇستەھكەملەش نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجە - ئۈنۈمىنى ئىمكانىيەتلىك سىجىل قىلدى

بۇ بىرقانچە كۈندە، چىرا ناھىيەسى چىرا بازىرى ياربويى كەنتىنىڭ ئاھالىسى ئاينۇر ئوبۇلنىڭ قەلبى قىشنىڭ ئاپتىپىدەك ئېچىلىپ كەتتى. «ھېلىمۇ ياخشى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى سىياسىتى بولغاچقا، كېسەل كۆرسىتىش بېسىمىم يېنىكلىدى، ئائىلە يۈكۈم يېنىكلىدى» دېدى ئاينۇر 12 - ئاينىڭ 6 - كۈنى خۇشال ھالدا.

ئاينۇر ئىلگىرى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە ئىدى. نامراتلىقتىن قۇتۇلغاندىن كېيىن، ئۇ كېسەل سەۋەبىدىن دوختۇرخانىدا يېتىپ قىلىپ، جەمئىي 70 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل چىقىم قىلدى. كەنت كادىرلىرى ۋاقتىدا ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئاينۇر ئائىلىسى ئۈچۈن ياردەم تولۇقلىمىسى ئىلتىماس قىلىپ، قۇتقۇزۇش ياردەم پۇلى تارقاتتى.

بۇ بىر يىلدا، خوتەن ۋىلايىتى ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، چوڭ كېسەل سۇغۇرتىسى، داۋالاش ياردىمى ۋە تولۇقلىما داۋالاش سۇغۇرتىسىدىن ئىبارەت «تۆت مۇداپىئە لىنىيەسى»نى مۇستەھكەملەپ، ئاينۇرغا ئوخشاش نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئائىلىلەرنىڭ كېسەل سەۋەبىدىن قايتا نامراتلىشىپ كېتىشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئالدى.

خوتەن ۋىلايەتلىك يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى زو جىنزى مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: خوتەن ۋىلايىتى «خوتەن ۋىلايىتىنىڭ قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ھەرىكەت ھالىتىدە كۆزىتىپ ئۆلچەش ۋە ياردەم بېرىش - يۆلەش مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى»نى تۈزۈپ تارقىتىپ، «ئەمەلىي ۋاقىتتا كۆزىتىپ ئۆلچەش، ۋاقتىدا ئالدىن سىگنال بېرىش، قايتا نامراتلىشىپ كەتمەستىلا ئالدىنى ئېلىش» بويىچە كۆزىتىپ ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىش مېخانىزمىنى ئۈزلۈكسىز تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سۈپىتىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى بولۇشى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجە - ئۈنۈمىنىڭ تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. كىرىمى بىرقەدەر زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كەتكەن ئائىلىلەرگە قارىتا، كىرىمىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنىڭ كونكرېت سەۋەبىنى ئۇنىۋېرسال تەھلىل قىلغاندىن كېيىن، ئائىلىسىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى ۋە ئارزۇسىغا ئاساسەن، يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ئىش ئورنىغا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق قاراتمىلىق ياردەم بېرىش - يۆلەش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان نوپۇسنىڭ سەپتىن چۈشۈپ قالماسلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

گۈزەل، ياشاشقا باب كېلىدىغان، كەسىپلەر گۈللەنگەن، كىشىلەر ئىناق ئۆتىدىغان سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا - كەنتلەرنى قۇرۇشنى تېزلىتىش ئۈچۈن، خوتەن ۋىلايىتى بۇ يىل يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە ئۈلگە كۆرسىتىش گۇرۇپپىسى قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتتى، ھازىرغا قەدەر، پۈتۈن ۋىلايەت بويىچە يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە ئۈلگە كۆرسىتىش كەنت ئاھالىلەر گۇرۇپپىسىدىن 1500دىن كۆپرەكنى دەسلەپكى قەدەمدە قۇرۇپ چىقتى.

كەسىپلەرنى كۈچەيتىش خاس ئەۋزەللىكنى تېخىمۇ زورايتتى

خوتەن ناھىيەسىنىڭ تەۋەككۈل يېزىسى قاقشال كەنتىگە جايلاشقان شىنجاڭ ئەيلېكاڭ باقمىچىلىق دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا كەلگىنىمىزدە، قوتانلار پاكىز، رەتلىك بولۇپ، 100دىن ئارتۇق كۆپ تۆللەيدىغان قوي يەم يەۋاتاتتى. «بۇ يولنى ھەقىقەتەن توغرا تاللاپتىمىز!» ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى ئابدۇجېلىل ئەنەس مۇنداق دېدى: بىر يىلدىلا 50 مىڭ يۈەن كىرىم قىلىپ، ئون دېھقاننىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدۇم.

تەۋەككۈل يېزىسى «نۇقتا بىلەن دائىرىنى بىرلەشتۈرۈش، ئۈلگە كۆرسىتىپ يېتەكلەش، ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش» قاتارلىق ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، يېڭىچە يېزا ئىگىلىك باشقۇرۇش سۇبيېكتلىرىنىڭ ئۈلگە كۆرسىتىپ يېتەكلەش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، باقمىچىلىق چوڭ ئائىلىلىرىنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ۋە چارۋىچىلىقنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈردى.

خوتەن ۋىلايىتى ئەۋزەل بايلىققا بىرلەشتۈرۈپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش، ئەلالاشتۇرۇش، خاس كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، كۆلەملەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەسىپلەرنىڭ يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىشى، كىچىكلىكتىن زورىيىشى، تارقاقلىقتىن جەملىنىشى، توپلىشىپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، «كالا، ئىشەك، قوي، توشقان، كەپتەر، توخۇ، ئۆردەك، غاز»نى ئاساس قىلغان خوتەن يېزا ئىگىلىكى يېتەكچى كەسپىنى شەكىللەندۈرۈپ، دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنىڭ ئېشىشىغا سىجىل تۈرتكە بولدى، بۇلتۇر دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە كىشى بېشى ساپ كىرىمى 11 مىڭ يۈەندىن كۆپرەككە يەتتى.

زو جىنزى مۇنداق دېدى: خوتەن ۋىلايىتى كىچىك تۈر، كۆپ خىل زامانىۋى چارۋا، ئۆي قۇشلىرى كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى يېتەكچى قىلىپ، كۆپەيتىش، بېقىش، پىششىقلاش، ئەشيا ئوبوروتى، سېتىش بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنى بەرپا قىلىپ، چارۋا، ئۆي قۇشلىرى مەھسۇلاتلىرىنى دەسلەپكى پىششىقلاش، ئىنچىكە پىششىقلاشتىن يېمەكلىك تۈرى، ئىقتىدار ئارقىلىق كۈتۈنۈش تۈرى، بىيولوگىيەلىك ياسالمىلار تۈرىدىن ئىبارەت ئۈچ قاتلاملىق ئىنچىكە پىششىقلاشقا قاراپ ئىلگىرىلەشنى ئىشقا ئاشۇردى، كەسىپ زەنجىرىنى ئۈزلۈكسىز ئۇزارتىپ، سېتىش زەنجىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قىممەت زەنجىرىنى ئۆستۈرۈپ، كاپالەت زەنجىرىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، شۇ جاينىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان خاس كەسىپ يولىنى ئاچتى.

ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش گۈزەل يېڭى تۇرمۇشنى ئورتاق ياراتتى

ھەر ئاينىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنى نۇرىمانگۈل ئابدۇقادىر مائاشنىڭ ھېساباتقا كىرگەنلىك ئۇچۇرىنى تاپشۇرۇۋالىدۇ، «خىزمەت قىلغان بىر يىلدا مەن 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل ئامانەت قويدۇم.» بىر يىل ئىلگىرى نۇرىمانگۈل مۇقىم مائاش ئالىدىغانلىقىنى، بالىلارغا سوۋغات ئېلىپ بېرەلەيدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى ... لوپ ناھىيەسى خوتەن كوئېنلۇن جۈنيۈەن يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىگە كېلىپ خىزمەت قىلغاندىن بۇيان، نۇرىمانگۈل ئىلگىرى ئويلاپ باقمىغان ئىشلار بىر - بىرلەپ رېئاللىققا ئايلاندى.

«مەن شياڭگۇ، خوۋتوۋگۇ قاتارلىق ئالتە خىل موگۇ تېرىش، ئۈزۈش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىۋالدىم، بۈگۈنكى كۈندە مەھسۇلاتلارنى تەكشۈرۈش، ئىشلەپچىقىرىشنى ئىستاتىستىكا قىلىش، ئامباردىن چىقىرىش، ئامبارغا كىرگۈزۈش قاتارلىق خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولۇۋاتىمەن. بىلىدىغانلىرىم كۆپەيگەنسېرى، ياخشى ئىشلەيدىغان بولدۇم، مائاشىممۇ ئۆستى» دېدى نۇرىمانگۈل.

لوپ ناھىيەلىك يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى لى شۆباۋ مۇنداق دېدى: «2021 - يىلى، لوپ ناھىيەسى باغچە رايونىدىكى كارخانىلار، تەۋەلىك رايوندىكى زاۋۇتلارنىڭ يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئەۋزەللىكىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىش ئورنى ئېچىش خىزمىتىنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، شەھەر - بازارلاردا 3254 كىشىنى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى، 108 مىڭ ئادەم قېتىم يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى، ھەممە ئادەمنىڭ قىلىدىغان ئىشى بولۇش، ھەر ئايدا كىرىمى بولۇشنى ئىشقا ئاشۇردى».

خوتەن ۋىلايىتى كەسىپنى چىڭ تۇتۇش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى چىڭ تۇتۇش ئارقىلىق كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا قىستاپ، زىچ مەنپەئەت باغلىنىشلىق مېخانىزمنى تاكامۇللاشتۇردى، مۇكەممەللەشتۈردى. زو جىنزى مۇنداق دېدى: خوتەن ۋىلايىتى ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، «ناھىيەلەردە باشلامچى كارخانا بولۇش، يېزىلاردا كۆلەملەشكەن كارخانا بولۇش، كەنتلەردە كەنت قۇرغان زاۋۇت بولۇش، ئائىلىلەردە كىچىك ھۈنەرخانا بولۇش»تەك كەسىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلدى. 2020 - يىلىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر، پۈتۈن ۋىلايەت بويىچە ئاياغ تىكىش، توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك، ئېلېكتىرونلۇق قۇراشتۇرۇش قاتارلىق ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كارخانا 500دىن ئاشتى، بۇ يىلدىن بۇيان يەنە 90دىن ئارتۇق كارخانا يېڭىدىن كۆپىيىپ، 40 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى.

خوتەن ۋىلايىتى توقۇمىچىلىق، لىفىت، ئەشيا ئوبوروتى، ھاۋا تەڭشىگۈچ، ئوت ئۆچۈرۈش ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى.

خوتەن شەھىرى جىيا يېزىسى كوچا كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئومسەن ئاقىل دەل ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش بويىچە تەربىيەلەشتىن نەپكە ئېرىشكۈچى. بۇلتۇر ئۇ خوتەن شەھەرلىك ئالىي تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپىدە كەپشەرلەش ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەشكە قاتنىشىپ، ئالاقىدار سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىگە ئېرىشكەندىن كېيىن، كەنتتە كەپشەرلەش دۇكىنى ئاچتى. «كەپشەرلەش دۇكىنىمنىڭ ھەر ئايلىق ساپ كىرىمى 15 مىڭ يۈەن» دېدى ئومسەن.

خوتەن ۋىلايىتىنى ئايلانغاندا، ئەمگەك ئارقىلىق گۈزەل تۇرمۇش ياراتقان مىساللارنى ھەممىلا جايدا ئۇچراتقىلى بولىدۇ. زامانىۋى ئىلىم - پەن بىلىملىرىنى ئۆگەنگەن، ئىشقا ئورۇنلىشىش ماھارىتىنى ئىگىلىگەن ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسى كۈچەيدى، تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.