تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

ۋەتەننى قەلبكە پۈكۈش خالىس ئۆزىنى بېغىشلاش

​− شىئەنگە كۆچۈش روھى توغرىسىدا بايان

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى ۋېن جىڭخۇا، شۈ زۇخۇا

بۇ، يېڭى جۇڭگونىڭ ئالىي مائارىپ تارىخىدىكى بىر قېتىملىق ئۇلۇغ ئىش، ۋەتەنپەرۋەر زىيالىيلارنىڭ غەربىي شىمالنى گۈللەندۈرۈشتىكى بىر قېتىملىق ئۇزۇن سەپىرى.

65 يىل ئىلگىرى، قاتناش داشۆسىدىكى نەچچە مىڭلىغان ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچى، ئىشچى - خىزمەتچىلەر پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، ئاۋات شاڭخەي بىلەن خوشلىشىپ، قەدىمىي پايتەخت شىئەنگە كېلىپ، بۇغداي ئېتىزلىرى ئارىسىدا غەربىي قىسىمدا يىلتىز تارتىشنىڭ مۇقەددىمىسىنى باشلىدى. شىئەنگە كۆچكەنلەرنىڭ ۋەتەننى سۆيۈش كۈرىشى ئۇلۇغ شىئەنگە كۆچۈش روھىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈردى.

2020 - يىلى 4 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ شەنشىدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: «شىئەنگە كۆچۈش روھى»نىڭ يادروسى ۋەتەنپەرۋەرلىك، جەۋھىرى پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنۇپ پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش، پارتىيە ۋە دۆلەت، مىللەت ۋە خەلق بىلەن ھەمنەپەس، تەقدىرداش بولۇش، بۇ، چوڭقۇر رېئال ئەھمىيەتكە ۋە تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە.

شىئەنگە كۆچۈش روھى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ مەنىۋى شەجەرىسىدىكى زىيالىيلار توپىنىڭ ۋەتەننى سۆيۈپ كۈرەش قىلىشىدىكى دەۋر كوردىناتى. بۇ مەنىۋى كۈچ ئەۋلادمۇئەۋلاد زىيالىيلارنى ۋەتەن، خەلققە سادىق بولۇپ، مەسئۇلىيەت، بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىپ، يېڭى دەۋر جاۋاب قەغىزىنى يېزىشقا ئىلھاملاندۇرماقتا.

قەلبكە چوڭ ۋەزىيەتنى پۈكۈش: «پارتىيە بىزنى نەگە بېرىڭلار دېسە، بىز يۈك - تاقىمىزنى يۈدۈپ شۇ يەرگە بارىمىز!»

يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، دۆلەتنىڭ نامرات، ئاجىز قىياپىتىنى ئۆزگەرتىش زۆرۈر ئىدى. ھالبۇكى، سانائەتنىڭ جايلىشىشى مۇۋاپىق بولماسلىق، غەربىي قىسىم ئالىي مائارىپىنىڭ كۈچى ئاجىز بولۇش دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىياتىنى توسۇپ تۇرغان ئىككى «چوڭ تاغ» ئىدى.

ئۇ چاغدا شاڭخەيدە قۇرۇلغىنىغا 60 يىلغا يېقىن ۋاقىت بولغان قاتناش داشۆسى چيەن شۆسېن، ۋۇ ۋېنجۈن، خۇاڭ شۈخۇا قاتارلىق بىر تۈركۈم كۆزگە كۆرۈنگەن ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ چىققانىدى.

1955 - يىلى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى قاتناش داشۆسىنى شاڭخەيدىن شەنشى شىئەنگە كۆچۈرۈش قارارىنى چىقاردى.

خەۋەر يېتىپ كېلىش بىلەنلا، ھاياجانلىق كەيپىيات قاتناش داشۆسىدىكى ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا مەۋج ئۇردى، «پارتىيە بىزنى نەگە بېرىڭلار دېسە، بىز يۈك - تاقىمىزنى يۈدۈپ شۇ يەرگە بارىمىز!» دۆلەتنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىپ يول ئېچىشتەك يۈكسەك بۇرچ شىئەنگە كۆچمەكچى بولغان پېشقەدەم بىر ئەۋلاد كىشىلەرنى چوڭقۇر جەلپ قىلدى ۋە زوقلاندۇردى. 1956 - يىلى ئۇلار قىلچە ئىككىلەنمەي شىئەنگە قاتنايدىغان تۇنجى پويىزغا چىقتى.

«ئاشتۇق ئېگىز تاغلاردىن، كېسىپ ئۆتتۇق تۈزلەڭلىكلەردىن، ھالقىپ ئۆتتۇق دولقۇنلۇق خۇاڭخې، چاڭجياڭدىن.» يولغا چىققان ئاشۇ كۈندىكى مەنزىرە ئەينى چاغدا شىئەنگە كۆچكەن، ھازىر 87 ياشقا كىرگەن پېشقەدەم پىروفېسسور پەن جىنىڭ ھېلىمۇ ئېنىق ئېسىدە ئىدى، قاتناش داشۆسىدىكىلەرنىڭ قەلبى ئارزۇ ۋە ئۈمىدكە تولغان بولۇپ، ۋاگوندا شوخ ناخشا ساداسى ياڭرىغانىدى.

دۆلىتىمىز ئېلېكتىر مېخانىكا سانائىتىنىڭ ئاساسچىسى جۇڭ جاۋلىن باشلامچىلىق بىلەن شىئەنگە كۆچكەندە 60 ياشقا كىرىپ قالغانىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ناۋادا شەخسىي تۇرمۇش شارائىتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بەلكىم شاڭخەيدە قالغان بولسام بەزى جەھەتلەردە ياخشى بولاتتى. لېكىن دۆلەت نۇقتىسىدىن ئويلاشقاندا، شىئەنگە كۆچۈش زۆرۈر ئىدى. ئەينى چاغدا مەكتەپ ئىشلىرى كومىتېتى يىغىن ئېچىپ ئاۋازغا قويغاندا، مەن قول كۆتۈرۈپ قوللىغان، زىيالىيلار ھەرگىز باشقىلارنىڭ ئىشەنچىسىدىن قالسا بولمايدۇ، غەربىي شىمال خەلقىنىڭ ئىشەنچىسىدىن قالسا بولمايدۇ!»

جۇڭ جاۋلىن پالەچ بولۇپ يېتىپ قالغان خوتۇنىنى شاڭخەيگە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ، ئۆزى يالغۇز شىئەنگە كەلدى، ئۇنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن، شىئەن قاتناش داشۆسىنىڭ ئېلېكتىر مېخانىكا فاكۇلتېتى مەملىكەت بويىچە تۇنجى ئاساسى پۇختا، شارائىتى بىرقەدەر ياخشى، كۆلىمى بىرقەدەر چوڭ، ئۈسكۈنىلىرى بىرقەدەر مۇكەممەل بولغان ئېلېكتىر مېخانىكا فاكۇلتېتىغا ئايلاندى؛

دۆلىتىمىز ئىسسىقلىق ئېنېرگىيە قۇرۇلۇشىنىڭ پېشۋاسى پىروفېسسور چېن داشيې شاڭخەيدىكى ئۆي - مۈلكىنى بىر تەرەپ قىلىۋېتىپ، ئائىلىسى بويىچە شىئەنگە كۆچكەنىدى، ھاياتىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدە ئۇ بىر ئۆمۈر يىغقان پۇلىنى مۇنەۋۋەر ئاسپىرانتلارنى مۇكاپاتلايدىغان ئوقۇش مۇكاپاتى تەسىس قىلىش ئۈچۈن مەكتەپكە ئىئانە قىلدى...

«گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن گۈزەل چاڭئەننى، كۈرەش قىلدى 100 مىڭلاپ ئەزىمەت. ھەممە جايدا ياڭراپ تۇرسا يۇرت شېۋىسى، جياڭنەننى ئەسلەشكە بولسۇن نەھاجەت!» 1957 - يىلى مەكتەپ ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «جياڭنەننى ئەسلەش» ناملىق بۇ شېئىردا شىئەنگە كۆچكەنلەرنىڭ ياشلىق باھارىنى بېغىشلاش، قان - تەر ئاققۇزۇشتەك ئۇلۇغۋار ئىرادىسى ئىپادىلەنگەن.

بۈگۈنكى كۈندە شىئەن قاتناش داشۆسىدىكى ھەربىر يۈرۈش مەكتەپ بىناسى، ھەربىر تۈپ گۈل - گىياھ قاينام - تاشقىنلىققا تولغان ئاشۇ يىللارنى بايان قىلماقتا −

تەرەپ - تەرەپتىن كەلگەن نەچچە مىڭ ئىشچى بىر يىل ئىچىدىلا 100 نەچچە مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان مەكتەپ قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسىنى تاماملىدى؛ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 200دىن ئارتۇق ۋاگون ماددىي ئەشيا شىئەنگە توشۇلدى، چوڭى ئەسۋاب - ئۈسكۈنىلەردىن تارتىپ كىچىكى ئوقۇتۇش قوراللىرىغىچە ھېچقايسىسى زىيانغا ئۇچرىمىدى؛ جەنۇبتىن يۆتكەپ كېلىنگەن چىنار، كېدىر قارىغىيى قاتارلىق تۈرلۈك كۆچەتلەر سېرىق تۇپراققا يېشىل تون كىيدۈردى...

بىر داشۆنىڭ زىممىسىدىكى بۇرچ ۋەتەننىڭ تەقدىرى بىلەن زىچ باغلانغان. 60 يىل ئۆتۈپ كەتتى، ئىلغار مائارىپ ئىدىيەسى ۋە مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلار ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي قىسمىدا يىلتىز تارتىپ كۆكلىدى.

جاپالىق ئىگىلىك تىكلەش: «ئىلىم - پەنگە يۈرۈش قىلىپ، چوڭ غەربىي شىمالنى گۈللەندۈرەيلى!»

قاتناش داشۆسىنىڭ شىئەنگە كۆچۈش مۇزېيىدا، بىر ھال رەڭلىك پويىز بېلىتى ئاشۇ قايناق ھېسسىياتقا تولغان ئەسلىمىنى بايان قىلىپ تۇراتتى. ئۇ 1956 - يىلى قاتناش داشۆسىدىكىلەرنىڭ شىئەنگە كۆچۈش مەخسۇس پويىزىغا ئولتۇرغانلىقىنىڭ ئىسپاتى بولۇپ، ئۇنىڭغا ئىلىم - پەنگە يۈرۈش قىلىپ، چوڭ غەربىي شىمالنى گۈللەندۈرەيلى! دېگەن بىر جۈملە سۆز بېسىلغانىدى.

مەكتەپ كۆچۈرۈلگەن دەسلەپكى مەزگىلدە، بۇغداي ئېتىزلىرى ئارىسىغا جايلاشقان بۇ داشۆ جەنۇبىي جۇڭگودىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان كۆرۈنۈشتە ئىدى: يوللىرى ئېگىز - پەس، چىراغلىرى غۇۋا بولۇپ، ھاۋا ئوچۇق كۈنلىرى يولدىن توپا ئۆرلەپ تۇرسا، يامغۇرلۇق كۈنلەردە پاتقاق كوچىغا ئايلىناتتى، ماۋجۇ بامبۇكىدىن ياسالغان چوڭ لاپاس زال قىشتا سوغۇق، يازدا ئىسسىق بولۇپ، ئۆگزىسىدىن يورۇق چۈشۈپ تۇراتتى...

جاپا - مۇشەققەت، قىيىنچىلىقلار شىئەنگە كۆچۈپ بوز يەر ئاچقۇچىلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەپ، يېڭىلىق يارىتىشتەك غايە - ئېتىقادىنى توسۇپ قالالمىدى. 1956 - يىلى 9 - ئايغا قەدەر 815 ئوقۇتقۇچى، ئىشچى - خىزمەتچى، 3900دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قاتناش داشۆسىدىكى 6000دىن ئارتۇق كىشى قەدىمىي پايتەخت شىئەنگە جەم بولدى، يېڭى مەكتەپ رايونىمۇ بۇغداي ئېتىزلىرى ئارىسىدا قەد كۆتۈردى.

1956 - يىلىدىن 1959 - يىلىغىچە قاتناش داشۆسى شىئەنگە كۆچكەن مەزگىلدە، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 17 يېڭى كەسىپ تەسىس قىلىندى؛ شىئەن مەكتەپ رايونىدىكى تەجرىبىخانىنىڭ كۆلىمى شاڭخەيدىكى كونا مەكتەپ رايونىدىكىنىڭ ئۈچ ھەسسىسىگە تەڭ بولۇپ، بەزى پىراكتىكا زاۋۇتلىرىنىڭ شارائىتى ۋە مۇھىتى ئەينى ۋاقىتتا ئالدىنقى قاتاردا تۇراتتى. مۇشۇ ئاساستا، قاتناش داشۆسىنىڭ شىئەندىكى پەن تەتقىقات ئىشلىرى تېز سۈرئەتتە قانات يايدۇرۇلدى −

قاتناش داشۆسى ئاساسىدا جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ شەنشى شۆبە ئاكادېمىيەسى قۇرۇلدى، شىئەن ئاپتوماتلاشتۇرۇش تەتقىقات ئورنى قاتارلىق بىر تۈركۈم تەتقىقات ئورۇنلىرى ئارقا - ئارقىدىن تەشكىللەپ قۇرۇلدى؛ زور بىر تۈركۈم پەن تەتقىقات نەتىجىلىرى بارلىققا كېلىپ، دۆلەت ئىچى پەن تەتقىقات تارىخىدا نۇرغۇن 1 - لىكنى قولغا كەلتۈردى...

64 يىل ئىلگىرى، 18 ياشلىق تاۋ ۋېنچۈەن دەسلەپ شىئەنگە كېلىپ ئوقۇشقا كىرىشكە تىزىمغا ئالدۇرغاندا، قاتناش داشۆسى يولىنىڭ ئىككى قاسنىقىدا يېڭىدىن تىكىلگەن چىنار كۆچەتلىرى ئاران بىلەكچىلىك توملۇقتا ئىدى، بۈگۈنكى كۈندە كۆككە تاقاشقۇدەك چوڭ دەرەخكە ئايلاندى. چىنار دەرىخى بىلەن بىللە بۇ يەردە يىلتىز تارتقان تاۋ ۋېنچۈەنمۇ شىئەن قاتناش داشۆسى قۇرۇلۇش ئىسسىقلىق فىزىكىسى كەسپىنىڭ پىروفېسسورى بولدى. 80 ياشلىق بۇ ئاكادېمىكنىڭ دەرس مۇنبىرىدە چىڭ تۇرغىنىغا 50 يىلدىن ئاشتى، ئۇ يېتەكلىگەن ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىن جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، چاڭجياڭ ئالىمى قاتارلىق دۆلەتنىڭ كۆپلىگەن تايانچلىرى يېتىشىپ چىقتى.

«بىز بۇ ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ جىسمىغا شىئەنگە كۆچۈش روھى ئۈن - تىنسىز سىڭىپ كەتكەن − ئۇ چاغدا، نۇرغۇن پېشقەدەم ئۇستازلارنىڭ مۇشۇنداق قىلغانلىقىنى كۆرۈپ، بىزمۇ شۇنداق قىلغان.» تاۋ ۋېنچۈەن مۇنداق دېدى: مەن پەقەت شىئەنگە كۆچۈرۈلگەن چوڭ دەرەختىكى بىر تال كىچىك يوپۇرماق.

ئېنېرگىيە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ئالىمى چېن شۆجۈن، مېتال ماتېرىيال ئالىمى جوۋ خۇيجيۇدىن كومپيۇتېر ئالىمى جېڭ شوۋچىغىچە، يەنە قۇرۇلۇش ئىسسىقلىق فىزىكىسى ۋە ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىش ئالىمى گو ليېجىنغىچە... ئەۋلادمۇئەۋلاد قاتناش داشۆسى كىشىلىرى ئەۋلادتىن - ئەۋلادقا داۋاملاشتۇرۇپ، ئىلىم - پەن ئارقىلىق ۋەتەن قۇرۇلۇشىغا مۇلازىمەت قىلىپ، غەربىي قىسىمدا يىلتىز تارتقان، شۇ جاينى گۈللەندۈرگەن زور بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلارنى يېتىشتۈرۈپ، شىئەنگە كۆچۈش روھىنى سېرىق توپىلىق تۇپراققا چاچتى.

قان تومۇرنى داۋاملاشتۇرۇش: شىئەنگە كۆچۈرۈلگەن چوڭ دەرەخنىڭ يىلتىزى چوڭقۇر، يوپۇرماقلىرى بۈك - باراقسان

65 يىلدىن بۇيان ئەسلىي مەقسەت ئۆزگەرمىدى. شىئەن قاتناش داشۆسى دۆلەت قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىياتىغا چوڭقۇر سىڭىشىپ، بۈگۈنكى كۈندە، غەربىي رايوندىكى مۇھىم ئىختىساسلىقلار مەركىزى ۋە پەن - مائارىپ ئېگىزلىكىگە ئايلاندى.

شىئەننىڭ غەربىدە، شىئەن قاتناش داشۆسى قۇرغان جۇڭگو غەربىي قىسىم پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش پورتىغا زور بىر تۈركۈم دۇنيا بويىچە ئەڭ ئالىي ئىلمىي ئاپپاراتلار توپلىنىپ، بىرقانچە خەلقئارا بىرلەشمە تەجرىبىخانىنى قۇرۇپ چىقتى...

2020 - يىلى 4 - ئايدا، شەنشىدە تەكشۈرۈشتە بولۇۋاتقان باش شۇجى شى جىنپىڭ شىئەن قاتناش داشۆسىگە كېلىپ، كەڭ ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنى «شىئەنگە كۆچۈش روھى»نى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى يېڭى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ۋەتەن ئەڭ ئېھتىياجلىق جايلارغا بېرىپ تۆھپە قوشۇپ، نەتىجە يارىتىپ، يېڭى مۇساپىدە بىز بۇ ئەۋلاد كىشىلەرگە تەۋە تارىخىي تۆھپە - نەتىجە يارىتىشقا رىغبەتلەندۈردى.

پېشقەدەم بىر ئەۋلاد قاتناش داشۆسى كىشىلىرى ۋەتەننى سۆيۈش، كۈرەش قىلىش ئەمەلىيىتى ئارقىلىق تاۋلاپ چىققان شىئەنگە كۆچۈش روھى ئەۋلادمۇئەۋلاد قاتناش داشۆسى كىشىلىرىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ياشلىق ئارزۇسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشىدىكى كوردىناتقا ئايلاندى.

جۇڭگو غەربىي قىسىم پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش پورتىدىكى بىر تەجرىبىخانىدا، شىئەن قاتناش داشۆسى ئالەم قاتنىشى - ئاۋىياتسىيە شۆيۈەنىنىڭ 28 ياشلىق دوكتورى سۇڭ سىياڭ ئۆز كوللېكتىپىدىكى ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىللە تەجرىبە ئىشلەۋاتاتتى. بۇ يىل ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئۇ مەكتەپتە قېلىپ يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى كونتروللاش تېخنىكىسى تەتقىقات خىزمىتى بىلەن داۋاملىق شۇغۇللىنىشنى تاللىدى.

«شىئەنگە كۆچكەن ئەجدادلارنىڭ جاپالىق مۇھىتتا پەن تەتقىقات سۇپىسى بەرپا قىلغانلىقىغا سېلىشتۇرغاندا، بىز بۈگۈنكىدەك ياخشى بولغان پەن تەتقىقات مۇھىتى ۋە دەۋر پۇرسىتىنى تېخىمۇ قەدىرلەپ، دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور ئېھتىياجىغا يۈزلىنىپ تەتقىقات ئېلىپ بېرىشىمىز كېرەك» دېدى سۇڭ سىياڭ.

داۋاملىق ۋارىسلىق قىلىپ، بۇرچىنى ئادا قىلىش. شىئەنگە كۆچكەن 65 يىلدىن بۇيان، شىئەن قاتناش داشۆسى دۆلەت ئۈچۈن جەمئىي 300 مىڭغا يېقىن ئىختىساسلىق كىشىنى يېتىشتۈردى، بۇنىڭ ئىچىدە يېرىمىدىن كۆپرەكى ئوتتۇرا، غەربىي قىسىمدا خىزمەت قىلدى؛ تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن 51 نەپەر جۇڭگو ئىككى ئاكادېمىيە ئاكادېمىكى ئىچىدە، يېرىمغا يېقىن كىشى غەربىي قىسىمدا يىلتىز تارتتى.

«شىئەنگە كۆچۈش روھى ئاللىقاچان قاتناش داشۆسى كىشىلىرىنىڭ قەلبىگە سىڭگەن، ھەرىكىتىدە ئۆزلەشكەن مەنىۋى ئىزناغا ئايلىنىپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد قاتناش داشۆسى كىشىلىرىنى دۆلەت بۇرچىنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىسىگە ئېلىپ، كەڭ جۇڭگو زېمىنىدا يىلتىز تارتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك داشۆنى ياخشى باشقۇرۇپ، پارتىيە ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەپ، دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ، غەربىي قىسىمنىڭ تەرەققىياتى، دۆلەت قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇشقا ئىلھاملاندۇرۇپ كەلمەكتە» دېدى شىئەن قاتناش داشۆسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لۇ جيەنجۈن.

كۈز كېتىپ قىش كىرىشى بىلەن، شىئەن قاتناش داشۆسى ئىچىدىكى چىنار دەرەخلىرى ئالتۇن رەڭگە كىرىپ، كېيىنكى باھار ئۈچۈن قۇۋۋەت توپلايدۇ. شىئەنگە كۆچۈرۈپ كېلىنگەن بۇ چىنار دەرەخلىرى قاينام - تاشقىنلىق كۈرەش يىللىرىغا گۇۋاھ بولۇپ، كەلگۈسى ئۈچۈن جۇشقۇن ھاياتىي كۈچ ھازىرلىماقتا.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 24 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合曼

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.