تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

قارلىق ئېگىزلىكتىكى مەدھىيە ناخشىسى

​«ئىلگىرىكى شىزاڭ روھى» توغرىسىدا بايان

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى ليۇ شو، ۋاڭ چى، جاڭ جىڭپىن، ۋاڭ زېخاۋ

لاسا ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقى خاتىرە مۇنارى ئالدىغا ھەر كۈنى ئېكسكۇرسىيەچىلەر كېلىپ تەزىيە بىلدۈرىدۇ. بۇ يەردە شىزاڭغا يۈرۈش قىلىش ۋە شىزاڭنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن ھاياتىنى بېغىشلىغان قەھرىمان ئوغۇل - قىزلار مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كەتكەن.

ۋاقىت ئاققان سۇدەك ئۆتۈپ كەتتى، بۇ قەھرىمان ئوغۇل - قىزلار ۋە ئەۋلادمۇئەۋلاد كېيىنكى ئىزباسارلار ئورتاق مۇجەسسەملىگەن «جاپاغا ئالاھىدە چىدىيالايدىغان، كۈرەش قىلىشقا ئالاھىدە ماھىر، ئالاھىدە چىداملىق، ئىتتىپاقلىشىشقا ئالاھىدە ماھىر، ئۆزىنى ئالاھىدە بېغىشلىيالايدىغان» «ئىلگىرىكى شىزاڭ روھى» ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى «قىسقىغىنا نەچچە ئون يىلدا مىڭ يىلدىن ھالقىش»تەك ئاجايىپ مۆجىزىنى يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى قارلىق ئېگىزلىكنىڭ يېپيېڭى سەھىپىسىنى پۈتتى.

روھ ئېگىزلىكتە تاۋلاندى

لاسا ۋوگزالىدا يولۇچىلار پويىزلىرى توختىماي كىرىپ - چىقىپ تۇرىدۇ، كېلىپ - كېتىۋاتقان يولۇچىلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدۇ. لاسا گۇڭگا ئايرودۇرۇمىنىڭ ئەسلىھەلىرى ئىلغار بولغان يېڭى ئاۋىياتسىيە بىناسى جاي - جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالىدۇ.

تىنچ ئازاد قىلىنىشتىن ئىلگىرى، شۇنچە چوڭ شىزاڭدا بىرمۇ تاشيول يوق ئىدى، چىڭخەي شىنىڭ ياكى سىچۇەن يائەندىن لاساغا بېرىپ - كېلىشكە يېرىم يىلدىن بىر يىلغىچە ۋاقىت كېتەتتى.

شىزاڭغا بارىدىغان يول سىچۇەن يولىدا مېڭىشتىنمۇ تەس ئىدى. ئەينى يىلى شىزاڭغا بارغان ئايال ئەسكەر لى جۈنچېن ئەسلەپ مۇنداق دېگەنىدى: «ھەربىر ئادەمنىڭ يۈدۈۋالغان يۈكىنىڭ ئېغىرلىقى 50 جىڭدىن كەم ئەمەس ئىدى، چوڭ قارلىق تاغدىن ھالقىپ ئۆتكەندە ھەممەيلەننىڭ كالپۇكلىرى كۆكىرىپ، چىرايى تاتىرىپ كەتتى، ناھايىتى تەسلىكتە ئاغزىنى ئېچىپ نەپەسلىنەتتى، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ تۈكۈرگەن تۈكۈرۈكىمۇ ھال رەڭدە ئىدى...»

ناچار تەبىئىي شارائىت بىلەن كۈرەش قىلىش، كۈچ سىنىشىش جەريانىدا روھ تاۋلاندى.

شىزاڭنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 4000 مېتىردىن ئاشىدۇ، ھاۋادىكى ئوكسىگېن مىقدارى تۈزلەڭلىك رايونىنىڭ %60ىگىلا توغرا كېلىدۇ. كۈچلۈك ئېگىزلىك رېئاكسىيەسى جەڭچىلەردە دائىم يۈزى ئىششىش، بۇرنى قاناش، بېشى قېيىش قاتارلىق ئالامەتلەرنى پەيدا قىلاتتى، نۇرغۇن جەڭچىلەر شىزاڭغا بېرىش يولىدا قۇربان بولغان ئىدى.

ئېگىزلىكتە خىزمەت قىلغاندا ئەڭ كەمچىل بولىدىغىنى ئوكسىگېن، ئەڭ قىممەتلىكى روھ. ئۇزاقتىن بۇيان، تۈركۈم - تۈركۈم كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرى ئالدىنقىلارنىڭ ئىزىنى كېيىنكىلەر بېسىپ، «ئىلگىرىكى شىزاڭ روھى»نى جارى قىلدۇرۇپ، ئىرادىسىدىن يانماي جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلدى.

2021 - يىلى 6 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، لاسا - لىنجى تۆمۈريولىدا قاتناش باشلىنىپ تىجارەتكە كىرىشتى. ئالتە يىلدىن ئارتۇق قۇرۇلۇش قىلىش جەريانىدا، ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن قۇرۇلۇشچىلار قىيىنچىلىقتىن قورقماي، جاپالىق كۈرەش قىلىپ، ئېگىزلىك تۆمۈريولىنىڭ نۇرغۇن قىيىن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ، ئاخىر شىزاڭدىكى تۇنجى ئېلېكتىرلەشكەن تۆمۈريولنى ياساپ چىقتى، «دۇنيانىڭ ئۆگزىسى» «گۈللىنىش ناملىق پويىز» دەۋرىگە كىردى.

تېلېۋىزوردىن شىزاڭدىكى ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى كۆرۈپ، ئەينى يىلى شىزاڭنى ئازاد قىلىش مۇساپىسىنى ئەسلىگىنىدە، سىچۇەن چېڭدۇدا ئولتۇرۇشلۇق 18 - جۈننىڭ 88 ياشلىق پېشقەدەم جەڭچىسى شۆ جىڭجيې قاتتىق ھاياجانلاندى.

ئەينى يىلى شۆ جىڭجيې ئادەتتىكى جەڭچى سۈپىتىدە شىزاڭنى تىنچ ئازاد قىلىش جاپالىق سەپىرىگە ئاتلانغان. «ناچۈدىن ئۆتكەندە دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 4550 مېتىر، سىرتنىڭ تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن ℃40-℃30 بولۇپ، سۇ يۈزى پۈتۈنلەي مۇز تۇتۇپ كەتكەنىدى. بەزى جەڭچىلەر لاساغا بارغاندىن كېيىن بولالماي قالدى، ئوپېراتسىيە قىلىنىپ پۇتى كېسىۋېتىلدى».

«ئۇ چاغدا يول يوق، ئوكسىگېن كەمچىل، يېمەك - ئىچمەك، كىيىم - كېچەك كاپالەتكە ئىگە ئەمەس ئىدى، بىراق جەڭچىلەر قىيىنچىلىقلارنى ھەر ئامال بىلەن يېڭىپ لاساغا كىرىپ، شىزاڭنى ئازاد قىلدى. <ئىلگىرىكى شىزاڭ روھى> دەل 70 نەچچە يىل بۇرۇنقى شىزاڭ تىنچ ئازاد بولغان ئاشۇ قاينام - تاشقىنلىق تارىخىي دەۋردىن باشلانغان» دېدى ئۇ.

سىچۇەن سىفەن داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى ۋاڭ چۈەن مۇنداق بىلدۈردى: «ئىلگىرىكى شىزاڭ روھى» ئەۋلادمۇئەۋلاد شىزاڭنى گۈللەندۈرگەن كادىرلار، ئاممىنىڭ گېنىغا ئورناپ كەتكەن، ئۇ، شىزاڭ تىنچ ئازاد قىلىنغان 70 يىلدىن بۇيانقى قاينام - تاشقىنلىق تارىخنىڭ جانلىق گۇۋاھچىسى.

روھ ئېگىزلىكتە يىلتىز تارتتى

«بىپايان چۆللۈكتە يارىتىمىز ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش، تىرىشىشتىن يىللارغا ئىز قالدۇرۇپ؛ كەڭ قۇملۇقتا چوڭقۇر يىلتىز تارتقاچقا، تىك تۇرىمىز يېشىل ئارچا، قارىغايغا يۈزلىنىپ.» «كۇڭ فەنسېن خاتىرىسى»نى ۋاراقلىساق، كۇڭ فەنسېننىڭ 1993 - يىلى 6 - ئايدا يازغان بۇ شېئىرىدا كوممۇنىستلارنىڭ ئىنتايىن ناچار مۇھىتتا جاپا - مۇشەققەتتىن قورقمايدىغان، تەۋرەنمەس، ئۈمىدۋار روھى ئىپادىلەنگەن.

شىزاڭ ئالىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 4500 مېتىردىن ئارتۇق بولۇپ، «دۇنيا ئۆگزىسىنىڭ ئۆگزىسى» دەپ ئاتالغان. 20 نەچچە يىل ئىلگىرى 50 ياشلىق كۇڭ فەنسېن خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولغان. ھايات ۋاقتىدا كۇڭ فەنسېن ئىككى قېتىم شىزاڭغا ياردەمگە بارغان، كېيىن يەنە شىزاڭدا قېلىپ خىزمەت قىلغان.

«بۇنىڭ ئۈچۈن زور قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشكە توغرا كېلىدۇ. ئۇ چاغدا ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ يېشى چوڭىيىپ قالغان، خوتۇنىنىڭ سالامەتلىكى ياخشى ئەمەس، ئۈچ بالىسى تېخى كىچىك ئىدى.» يولداش كۇڭ فەنسېن خاتىرە سارىيىنىڭ ساراي باشلىقى گاۋ شەن مۇنداق دېدى: «كۇڭ فەنسېن قاتارلىق كادىرلارنىڭ جىسمىدا ئىپادىلەنگىنى دەل جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ خالىس ئۆزىنى بېغىشلاشتەك مەنىۋى مەنزىلىدۇر».

شىزاڭ تىنچ ئازاد قىلىنغاندىن بۇيان، تۈركۈم - تۈركۈملىگەن شىزاڭغا ياردەم بەرگۈچى كادىرلار «ئىلگىرىكى شىزاڭ روھى»نى جارى قىلدۇرۇپ، شەخسىي مەنپەئىتىنى قۇربان قىلىپ، كوللېكتىپنى ئويلاپ، ئادەتتىكى كىشىلەر تەسەۋۋۇر قىلالمايدىغان قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئادەتتىكى كىشىلەر بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان جاپا - مۇشەققەتكە بەرداشلىق بېرىپ، شىزاڭنى گۈللەندۈرۈش، چېگرا رايوننى مۇستەھكەملەش چوڭ بايرىقىنى كۆتۈردى.

1951 - يىلىدىن 1978 - يىلىغىچە، مەركەز پۈتۈن مەملىكەتتىن 30 مىڭدىن ئارتۇق كادىرنى شىزاڭدا خىزمەت قىلىشقا يۆتكەپ ئەۋەتتى؛ 1994 - يىلىدىن 2020 - يىلىغىچە، 9000دىن ئارتۇق مۇنەۋۋەر كادىر شىزاڭغا ياردەمگە باردى.

دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 5000 مېتىردىن ئاشىدىغان شۇاڭخۇ ناھىيەسى مەملىكەت بويىچە دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ ئېگىز ناھىيە. جۇڭگو نېفىت گۇرۇھىنىڭ كادىرى لياڭ نەنيۈنىڭ بۇ يەردە شىزاڭغا ياردەم بېرىش ئۈچ يىللىق مۇددىتى توشتى، گەرچە قان بېسىمى، قاندىكى ماي مىقدارى، سۈيدۈك كىسلاتاسى يۇقىرىراق بولسىمۇ، لېكىن قايتا - قايتا ئويلانغاندىن كېيىن، ئۇ يەنىلا قېلىپ شىزاڭغا ياردەم بېرىش ئىشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشنى قارار قىلدى.

لياڭ نەنيۈ مۇنداق دېدى: «<ئىلگىرىكى شىزاڭ روھى>نى ئۆگىنىشتە، ئالدى بىلەن سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىش، تەشكىلنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا بويسۇنۇش، پارتىيەۋىلىككە ئەھمىيەت بېرىش، مەنزىلگە ئەھمىيەت بېرىش، پارتىيە ۋە خەلق ئېھتىياجلىق جايلارغا بېرىش كېرەك».

روھقا ئېگىزلىكتە ۋارىسلىق قىلىندى

ئوكسىگېن كەمچىل بولسىمۇ روھ كەمچىل بولماسلىق، جاپالىق بولسىمۇ جاپا تارتىشتىن قورقماسلىق، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىز جايدىكىلەرنىڭ مەنزىلى ئۇنىڭدىنمۇ ئېگىز − «ئىلگىرىكى شىزاڭ روھى»نى ياراتقۇچىلاردىن تارتىپ ئەۋلادمۇئەۋلاد ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگۈچى، ۋارىسلىق قىلغۇچىلارغىچە، «ئىلگىرىكى شىزاڭ روھى» داۋاملىشىش جەريانىدا زامان، ماكان ھالقىغان كۈچىنى ئۇرغۇتتى.

«بۇ جايدىكى ھاۋانىڭ ئوكسگېن تەركىبى تۆۋەن، يېڭى كەلگەن ۋاقتىمدا مېڭەم دائىم قاپاقتەكلا بولۇپ قالاتتى، بۇ يەردە مەيلى خىزمەت قىلىش ياكى تۇرمۇش كەچۈرۈش بولسۇن ھەممىسى بىر خىل سىناق.» 2019 - يىلى 7 - ئايدا شىئەندىن ئەمدىلا ئالىغا كېلىپ خىزمەت قىلغان چاغدىكى ئەھۋاللار شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئالى شۆبە مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باش تەپتىشى خې جۈننىڭ ھېلىمۇ ئېنىق ئېسىدە.

ئالى ۋىلايىتىنىڭ دائىرىسى كەڭ بولۇپ، ناھىيە، يېزىلارغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن دائىم ئاپتوموبىل بىلەن نەچچە يۈز كىلومېتىر يول يۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. شىزاڭغا كەلگىنىگە ئىككى يىلدىن ئاشقاندىن كېيىن، خې جۈننىڭ كالپۇكىنىڭ رەڭگى قېنىق سۆسۈن رەڭگە ئۆزگەردى، ئاپتاپتا كۆيۈپ قارىداپ كەتكەن يۈزىدە «ئېگىزلىك قىزىلى» پەيدا بولدى. ئۇ شىزاڭغا ياردەمگە كەلگەندىن بۇيان ئىشلىگەن خىزمەتلىرىنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى: شىزاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى گەرچە جاپالىق بولسىمۇ، لېكىن ئەڭ شەرەپلىك، ئەڭ پۇشايمان قىلمايدىغان تاللاش.

ناچار ئېگىزلىك مۇھىتى شىزاڭدىكى يەرلىك كادىرلار ئۈچۈنمۇ ئوخشاشلا كەسكىن خىرىس.

ناچۈ شەھىرى ئەندو ناھىيەلىك سىياسىي كېڭەش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى چيۇجيا ئەندودا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان، داشۆنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن ئەندودىن ئايرىلىپ باقمىغان. تېرىسى قارامتۇل كەلگەن چيۇجيا ئاقساپ ماڭىدۇ. يەللىك بوغۇم ئاغرىقى ئېغىر بولغاچقا، پۇتىنىڭ شەكلى ئۆزگىرىپ كېتىپ، بىرنەچچە نومۇر چوڭ ئاياغ كىيىشكە مەجبۇر بولغان.

«ئەندونىڭ شارائىتى ناچار بولسىمۇ، پارتىيە ۋە دۆلەت تەربىيەلىگەن كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئاممىغا تىرىشچانلىق، ئەستايىدىللىق بىلەن مۇلازىمەت قىلسام، ئاندىن تەشكىلنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلىيالايمەن» دېدى چيۇجيا.

شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىسادىي تەپتىش نازارىتىنىڭ ئەسلىدىكى كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرى ئاۋاڭ جوگا ھايات ۋاقتىدا موجۇگۇڭكا ناھىيەسىنىڭ زاشۆ يېزىسى قاتارلىق جايلاردا كەنتتە تۇرغان، ئەسلىدە كەنتتە تۇرغانلار بىر يىلدا بىر قېتىم ئالمىشاتتى، لېكىن ئۇ ئاساسىي قاتلامدا بىراقلا تۆت يىلدىن ئارتۇق ئىشلىدى، ئاخىرىدا كەنتتە تۇرۇش بىرىنچى سېپىدە قۇربان بولدى ...

دەل خالىس ئۆزىنى بېغىشلاش، ئۇلۇغ قۇربان بېرىشلەر بولغاچقىلا، بۈگۈنكىدەك ئالەمشۇمۇل زور ئۆزگىرىشلەر بولدى.

شىزاڭنىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 1951 - يىلىدىكى 129 مىليون يۈەندىن كۆپىيىپ 2020 - يىلىدىكى 190 مىليارد 274 مىليون يۈەنگە يەتتى؛ 2020 - يىلى يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 14 مىڭ 598 يۈەن بولۇپ، 2019 - يىلىدىكىدىن %12.7 ئاشتى؛ شەھەر - بازار ئاھالىلىرىنىڭ كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمى 41 مىڭ 156 يۈەن بولۇپ، 2019 - يىلىدىكىدىن %10 ئاشتى... «ئىلگىرىكى شىزاڭ روھى»نىڭ چاقىرىقى، ئىلھامى بىلەن شىزاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشنىڭ تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى مۇجەسسەملىدى.

شىزاڭنىڭ تەرەققىياتى يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرماقتا. كەلگۈسىگە يۈزلەنگەندە، «ئىلگىرىكى شىزاڭ روھى» جەزمەن ئېگىزلىك ئوغۇل - قىزلىرىنى ئىتتىپاق، باي، مەدەنىي، ئىناق، گۈزەل بولغان سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان يېڭى شىزاڭنى ياخشى قۇرۇشقا يېتەكلەيدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 22 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.