تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

يول تېشى بولۇشقا رازى بولۇش مىللەتلەر ئىتتىپاق ئۆتۈش

​− «ئىككى يول» روھى توغرىسىدا بايان

□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى يې خاۋمىڭ، ليۇ خۇڭمىڭ

بۇ، دۇنيا يول قۇرۇلۇشى تارىخىدىكى ئۆچمەس مۆجىزە، بۇ، جۇڭگودىكى ئارمىيە - خەلقنىڭ قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن ئارزۇغا ئىنتىلىش مۇساپىسى، بۇ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ باشقىلارنىڭ ئالدىدا مېڭىشقا جۈرئەت قىلىدىغان، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان تارىخىي باتۇرانە ھەرىكىتى − 100 مىڭدىن ئارتۇق يول ياسىغۇچى ئارمىيە - خەلق تىك قىيالارنى يېرىپ، چوڭقۇر ھاڭلارنى تىندۇرۇپ، قاتمۇقات تەبىئىي توسۇقلارنى بويسۇندۇرۇپ، سىچۇەن - شىزاڭ، چىڭخەي - شىزاڭ يولىنى ياساپ تۇتاشتۇرۇپ، غەربىي جەنۇب چېگرا رايوننىڭ قاتناش غول تومۇرىنى راۋانلاشتۇردى.

2014 - يىلى 8 - ئايدا، سىچۇەن - شىزاڭ، چىڭخەي - شىزاڭ يولى پۈتۈپ قاتناش باشلانغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى پەيتىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم تەستىقىي يوليورۇق بەردى: 60 يىلدىن بۇيان، يول ياساش ۋە ئاسراش جەريانىدا، جاپادىنمۇ، ئۆلۈمدىنمۇ قورقمايدىغان، قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىدىغان، يول تېشى بولۇشقا رازى بولىدىغان، ئارمىيە - خەلق بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئۆتىدىغان، مىللەتلەر ئىتتىپاق بولغان «ئىككى يول» روھى شەكىللەندۈرۈلدى ۋە جارى قىلدۇرۇلدى.

يېڭى ۋەزىيەتتە، بىز «ئىككى يول» روھىنى داۋاملىق ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىككى يولنى ياخشى ئاسراش، راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئارقىلىق، سىچۇەن - شىزاڭ، چىڭخەي - شىزاڭ يولىنى باشتىن - ئاخىر مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى يولى، شىزاڭنىڭ مەدەنىي تەرەققىيات يولى، شىزاڭدىكى ھەرمىللەت قېرىنداشلارنىڭ ئورتاق بېيىش يولىغا ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.

ئىنتايىن مۈشكۈل شارائىتتا يول ياساش ئۇلۇغ مۇساپىسى

لاسانىڭ غەربىي شەھەر ئەتراپىدىكى دەريا بويىدا، سىچۇەن - شىزاڭ، چىڭخەي - شىزاڭ يولى خاتىرە مۇنارى ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. ئابىدىنىڭ ئارقا تەرىپىنىڭ ئۈستى قىسمىغا: «دۆلىتىمىز قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىللەردە، ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۇلۇغ ئىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، غەربىي جەنۇب چېگرا رايوننى قۇرۇش ئۈچۈن، مەركەز شىزاڭنى ئازاد قىلىپ، سىچۇەن - شىزاڭ، چىڭخەي - شىزاڭ يولى ياساش توغرىسىدا بۇيرۇق بەردى» دەپ يېزىلغان.

يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئامېرىكا، ھىندىستان شىزاڭغا يىرتقۇچلارچە خىرىس قىلدى، شىزاڭنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكى بۆلگۈنچى كۈچلەر جاھانگىرلىكنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا قۇتراپ، غەربىي جەنۇب ۋەزىيىتى بىرمەھەل چىگىش، مۇرەككەپ بولدى.

شىزاڭنىڭ ئازاد قىلىنىشى قاش بىلەن كىرپىك ئارىلىقىدىكى ئىش ئىدى. بىراق شۇ مەزگىلدىكى شىزاڭنىڭ قاتنىشى «ھەممە يەر تاشلىق، يوللار ئۈزۈك بولۇپ، تىل بىلەن تەسۋىرلىگۈسىز مۈشكۈل ۋە خەتەرلىك» ھالەتتە ئىدى.

1950 - يىلى 1 - ئايدا، يولداش ماۋ زېدۇڭ شۇ يىلى 5 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ شىزاڭغا يۈرۈش قىلىشنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۈچ ئايدىن كېيىن، شىكاڭ - شىزاڭ يولى(1955 - يىلى نامى سىچۇەن - شىزاڭ يولى دەپ ئۆزگەرتىلدى) قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاندى. ئارقىدىن يولداش ماۋ زېدۇڭ شىزاڭغا يۈرۈش قىلىش بويىچە مەشىق قىلىش بۇيرۇقى چۈشۈردى ھەم شىزاڭغا كىرىدىغان قىسىمغا «بىر تەرەپتىن شىزاڭغا كىرىش، بىر تەرەپتىن يول ياساش»نى چاقىرىق قىلدى.

تاغقا يولۇققاندا يول ئېچىپ، دەرياغا يولۇققاندا كۆۋرۈك سېلىندى. 100 نەچچە مىڭ كىشىلىك يول ياسىغۇچى چوڭ قوشۇن ئېگىزلىكتە ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك، تەبىئىي توسۇقلار ئايرىپ تۇرۇش، ماددىي ئەشيا كەمچىل بولۇش قاتارلىق ناچار شارائىتنى يېڭىپ، ئاددىي ئىش قوراللىرىغا تايىنىپ، «ئېگىز تاغلارنى باش ئەگدۈرۈش، دەريا - ئېقىنلارنى يول بەرگۈزۈش»تەك قەھرىمانە جاسارىتى بىلەن مۇساپىنى باشلىدى.

تاغلار يېرىلىپ تۇتاشتى يوللار، غايەت زور دولقۇن قالدى ئارقىدا. سازلىق ۋە توڭ توپىدىن ئۆتتۇق ھالقىپ، قالدۇرۇپ ئىز ئىپتىدائىي ئورماندا. تۆت يىل جەريانىدا، يول ياسىغۇچى چوڭ قوشۇن 30 مىليون كۇب مېتىردىن ئارتۇق تاش - توپا قېزىپ ۋە تىندۇرۇپ، 400دىن ئارتۇق كۆۋرۈك سالدى، تەبىئەت بىلەن ئېلىشىش، ھاياتلىق بەدىلىگە قولغا كەلتۈرۈلگەن بۇ يول ياساش مۇساپىسى ئەڭ ئاخىرىدا غەلىبە بىلەن ئاخىرلاشتى.

1954 - يىلى 12 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، بۇ، شىزاڭ خەلقى ئۈچۈن ئىنتايىن خۇشاللىنارلىق كۈن بولدى. بۇ كۈنى، لاساغا تۇتاشقان ئىككى يولدا تەڭلا قاتناش باشلاندى؛ بۇ كۈنى، ماددىي ئەشيالار لىققىدە قاچىلانغان ئاپتوموبىللار ئۇياقتىن - بۇياققا ئۆتۈشتى؛ بۇ كۈنى، شىزاڭدا مىڭ يىللاردىن بۇيانقى ئاسما يولدا مېڭىش، ئارقان بىلەن سىيرىلىش، ئادەم يۈدۈش، ئات - ئۇلاغلارغا ئارتىپ مېڭىشتەك توشۇش شەكلى ئاخىرلىشىپ، ئۇزاق مەزگىللەردىن بۇيانقى بېكىنمە ھالەت ئۆزگەرتىلدى.

ھەيۋەتلىك ئېگىزلىككە ئىككى يول تۇتاشتۇرۇلدى؛ زاڭزۇ ۋە خەنزۇ قېرىنداشلار ناخشا ئېيتىپ ئۇسسۇل ئوينىدى. 4360 كىلومېتىرغا سوزۇلغان سىچۇەن - شىزاڭ، چىڭخەي - شىزاڭ يولى خۇددى ئاپئاق ئىككى تال خاداغا ئوخشاش قارلىق ئېگىزلىكنى ۋەتەن چوڭ ئائىلىسى بىلەن زىچ باغلىدى.

زاماندىن ھالقىغان ھاياتلىق سوۋغىسى

شىزاڭ ھەربىي رايونى ئارمىيە تارىخى مۇزېيىدا بىر گۈرجەك كۆرگەزمىگە قويۇلغان بولۇپ، گۈرجەكنىڭ بېشى داتلىشىپ، سېپىمۇ يېرىلىپ كەتكەنىدى. بىراق قارىماققا ئادەتتىكىدەك كۆرۈنىدىغان بۇ گۈرجەك ئىككى يولنى ياساشتەك ئۇلۇغ بۇرچنى زىممىسىگە ئالغانىدى.

1950 - يىلى 3 - ئايدا خۇەيخەي جېڭىنى باشتىن كەچۈرگەن 18 - جۈن تەنتەنىلىك قەسەمنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، گۈرجەك، پولات سۈمبە، جوتۇلارنى ئېلىپ، غايەت چوڭ تاشلارنى قومۇرۇپ يول ئېچىش، مۇزلۇق دەريالارنى كېچىپ كۆۋرۈك سېلىش، 14 چوڭ تاغنى يېرىپ ئۆتۈش، سەككىز چوڭ ئۈزۈلمە بەلباغنى كېسىپ ئۆتۈش، نۇرغۇن خەتەرلىك ساھىل، شىددەتلىك ئېقىنلاردىن ۋە سانسىزلىغان سازلىق، مۇزلۇقلاردىن ھالقىپ ئۆتۈش ئارقىلىق، تۆت يىلدىن كېيىن، سىچۇەن - شىزاڭ يولى ياسىلىپ تۇتاشتۇرۇلدى.

1954 - يىلى 5 - ئايدا، ئەينى چاغدىكى شىزاڭ تىرانسپورت باش ئەترىتىنىڭ جېڭۋېيسى مۇ شېڭجۇڭ 1200دىن ئارتۇق كىشىنى باشلاپ، شۆشۈيخې دەرياسى ئەيجىلى جىلغىسىدىن باشلاپ، 30 كۈندە 30 كىلومېتىر كېلىدىغان تاڭگۇلا تاغ ئېغىزى يول بۆلىكىنى ياساپ تۇتاشتۇردى، ئون كۈندە شىمالىي شىزاڭ يول بۆلىكىنىڭ قۇرۇلۇشىنى 200 كىلومېتىر ئالغا سىلجىتتى، شۇ يىلى 12 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، چىڭخەي - شىزاڭ يولى لاساغىچە ياسىلىپ بولدى.

جاپا - مۇشەققەت ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا كەلتۈردى، قۇربان بېرىش شانلىق نەتىجىلەرنى تاۋلاپ چىقتى. 4360 كىلومېتىر كېلىدىغان قاتناش لىنىيەسىدە تەرەققىياتنىڭ گۈللىنىش كۈيى ياڭرىدى، شۇنداقلا ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ تەسىرلىك زەپەر مارشى ساقلىنىپ قالدى:

چۆئېرشەن تېغى قۇرۇلۇش ئورنىدا، ئەمدىلا 25 ياشقا كىرگەن جاڭ فۇلىن پارتلىتىش جەريانىدا بەختكە قارشى قورام تاش ئاستىدا قالدى. قۇربان بولۇشتىن ئىلگىرى، ئۇ تېببىي خادىملارنىڭ ئوكۇل ئۇرۇپ جىددىي قۇتقۇزۇشىغا قەتئىي يول قويماي، مەن بولالمىدىم، ۋەتەن ئۈچۈن بىر تال دورىنى تېجەپ قېلىڭلار، دېدى.

كۆكشىل دېڭىز يۈزىدىن بەك ئېگىز، ھاۋا بېسىمى تۆۋەن، ھاۋاسى ئىنتايىن نەم، تىنجىق بولۇپ، قۇرۇلۇش ئەسكەرلىرى 2 - تۇەنىنىڭ جەڭچىسى چياۋ جېنۋۇ ئۇخلاۋاتقاندا كېسىلى تۇيۇقسىز قوزغىلىپ، قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي قۇربان بولۇپ، چىڭخەي - شىزاڭ تاشيولىدا مەڭگۈ قالدى.

...

3000 ئەزىمەت باتۇرلۇق، قەھرىمانلىق بىلەن ھاياتىنى تەقدىم قىلدى، بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ نەتىجىسى تارىخقا مەڭگۈلۈك ئويۇلدى. «ئىككى يول» روھى دەۋر بىلەن يۇغۇرۇلۇپ، قۇياشتەك نۇر چاچىدۇ.

1967 - يىلى 8 - ئايدا، مەلۇم ئاپتوموبىل تۇەنىنىڭ مۇئاۋىن جياۋداۋيۈەنى لى شيەنۋېن قاتارلىق ئون ئوفىتسېر - ئەسكەر ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقاندا، تۇيۇقسىز پەۋقۇلئاددە زور تاغ گۈمۈرۈلۈش ھادىسىسىگە ئۇچراپ، قەھرىمانلارچە قۇربان بولدى.

2003 - يىلى 8 - ئايدا، چىڭخەي - شىزاڭ ئېگىزلىكىدىكى كۆپ يىللىق توڭ تۇپراق رايونىدا تاشيول ياساش قىيىن مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، چاڭئەن داشۆ تاشيول شۆيۈەنىنىڭ دوكتور يېتەكچىسى خۇ چاڭشۇن 11 - قېتىم شىزاڭغا كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا، قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچراپ، چىڭخەي - شىزاڭ تاشيولىدا مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كەتتى.

...

ئەڭ ئۇلۇغ ئىستەك ئۈچۈن قىلغاچقا مەردلەر جان پىدا، يېڭى بىر دۇنيانى ياراتتى مىسلىسىز جۈرئەت بىلەن. سانسىزلىغان قەھرىمانلار گۆش ۋە قېنى بىلەن قارلىق رايون ئېگىزلىكىنىڭ قاتناش لىنىيەسىگە تىرەك بولدى. ئىلگىرىكى بېكىنمە ھالەتتىكى ئېگىزلىك چۆللۈكى شۇنىڭدىن ئېتىبارەن يېڭى قىياپەتكە كىردى.

ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشنىڭ دەۋر مەدھىيە ناخشىسى

«بىزگە ياردەم قىلىپ تاشيول ياساپ بەرگەن كىم؟ بىزگە ياردەم قىلىپ كۆۋرۈك سېلىپ بەرگەن كىم؟ ئۇ بولسىمۇ قېرىندىشىمىز ئازادلىق ئارمىيە، نىجاتلىق يۇلتۇزىمىز كوممۇنىستىك پارتىيە. ئارمىيە - خەلق ئەسلىدىن بىر ئائىلە كىشىلىرى، قېرىنداشلىرىمىزغا ياردەملىشىپ ئۇلارنىڭ كىيىم - كېچەكلىرىنى يۇيۇپ بېرىمىز...» 20 - ئەسىرنىڭ 60 - يىللىرىدىكى «كىر يۇيۇش ناخشىسى»دا زاڭزۇ - خەنزۇ قېرىنداشلارنىڭ چوڭقۇر قېرىنداشلىق مېھرى ئىپادىلەنگەن.

ئازادلىق ئارمىيە شىزاڭغا كىرىشتىن بۇرۇن، يولداش ماۋ زېدۇڭ «شىزاڭغا يۈرۈش قىلغاندا يەرلىكنىڭ نەرسىسىنى ئالماسلىق» يوليورۇقىنى چۈشۈرگەنىدى. شىزاڭغا كىرگەندىن كېيىن، ئازادلىق ئارمىيە ئاشلىق كەمچىل ئەھۋالدا بازار باھاسىدىن يۇقىرى باھادا ئىبادەتخانا ۋە ئاقسۆڭەكلەرنىڭ قولىدىن ئاشلىق سېتىۋالغان، ئەمما پۇقرالاردىن ئاشلىق سېتىۋېلىشنى قاتتىق چەكلەپ، شۇ ئارقىلىق يەرلىكتىكى ئاممىنىڭ ئوزۇقلۇق ئاشلىق ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلغان.

قارىماققا ئادەمگەرچىلىككە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان بۇ بۇيرۇقنىڭ ئارقىسىدا نامايان بولغىنى كوممۇنىستلارنىڭ خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جان - دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش تۈپ مەقسىتىنى ئەمەلدە كۆرسىتىشىدۇر.

چىن قەلب ئارقىلىق چىن قەلبكە ئېرىشكىلى بولىدۇ. يول ياساش جەريانىدا سىچۇەن، چىڭخەي، شىزاڭ قاتارلىق ئۆلكە، ئاپتونوم رايوندىكى ئامما پائال قاتناشتى. سىچۇەننىڭ گەنزى ئوبلاستىدىن كەلتۈرۈلگەن 6000 قوتاز تۇنجى تۈركۈمدىكى ياردەم بېرىش ماددىي ئەشياسى بولۇپ قالدى، 17 مىڭ زاڭزۇ قېرىنداش سىچۇەن - شىزاڭ تاشيولى قۇرۇلۇشىدا ياشلىق باھارى ۋە ئىسسىق قېنىنى سەرپ قىلدى.

«يول قەيەرگىچە ياسالسا، بىز شۇ يەرگىچە بېرىپ ياردەم بېرىمىز!» زاڭزۇ، خەنزۇ بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ زىچ ئىتتىپاقلاشقانلىقى توغرىسىدىكى ھېكايىلەر باشتىن - ئاخىر تىللاردا داستان بولۇپ كەلمەكتە.

چۆئېرشەن تېغىدا 23 يىل چىڭ تۇرۇپ ئىشلىگەن يول ئاسرىغۇچىلار بەنىنىڭ ئىشچىسى مو شاڭۋېي، لى شىڭيۈ ئەر - خوتۇن زاڭزۇ پوچتالىيون چىمېيدوجىغا تايىنىپ، تىرانسپورت تەمىناتىنى ياخشى ئىشلىدى، قاقاسلىقتىكى «ھاياتلىق چەكلەنگەن رايون» ئۇلارنىڭ چوڭقۇر دوستلۇقىغا گۇۋاھ بولدى.

«جاھاندىكى بىرىنچى يول ئاسرىغۇچىلار بەنى»نىڭ ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، زاشىسىرېن ھەر كۈنى دېگۈدەك دېڭىز يۈزىدىن 5000 مېتىردىن ئېگىز بولغان تاشيولدا مۇز تازىلايدۇ. جاندىن ئۆتىدىغان قەھرىتان سوغۇقتا يولدىن ئۆتكەن شوپۇرلار بۇ يەرنى «جاھاندىكى بىرىنچى ئىللىق جاي» دېيىشىدۇ.

...

جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرگەندە، ئاددىي كىشىلەرمۇ ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايدۇ؛ ئۇدا كۈرەش قىلغاندا، يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا يەنە شانلىق نەتىجە ياراتقىلى بولىدۇ.

60 نەچچە يىلدىن بۇيان، زاڭزۇ، خەنزۇ خەلقى «ئىككى يول» روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، شىزاڭغا كىرىش - چىقىش يولىنى ئېچىش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلدى: شىنجاڭ - شىزاڭ، يۈننەن - شىزاڭ تاشيولى قاتناش ئالاقىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتتى، چىڭخەي - شىزاڭ تۆمۈريولى شىزاڭدا تۆمۈريول بولماسلىق تارىخىغا خاتىمە بەردى، لاسا گۇڭگا خەلقئارا ئايروپورتى شىزاڭغا كىرىش ھاۋا تىرانسپورتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى...

سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، شىزاڭنىڭ قاتناش باشلانغان يول مۇساپىسى 2000 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى 22 مىڭ 500 كىلومېتىردىن كۆپىيىپ، 2020 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا 118 مىڭ 800 كىلومېتىرغا يەتكەن، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى بارلىق ناھىيە (رايون) ۋە 476 يېزا - بازار، 2050 ئىشتاتلىق كەنتكە يولۇچىلار ئاپتوموبىلى قاتنىغان؛ لاسا غەربىي ۋوگزالىنىڭ تۆمۈريول يۈك تىرانسپورت مىقدارى 2006 - يىلىدىكى ئەۋەتىش مىقدارى 20 مىڭ توننا، تاپشۇرۇۋېلىش مىقدارى 290 مىڭ توننا بولۇشتىن كۆپىيىپ، 2020 - يىلى ئەۋەتىش مىقدارى 490 مىڭ توننىغا، تاپشۇرۇۋېلىش مىقدارى 6 مىليون 140 مىڭ توننىغا يەتكەن؛ پۇقراۋى ئاۋىياتسىيەنىڭ يولۇچى توشۇش مىقدارى 2000 - يىلىدىكى 530 مىڭ ئادەم قېتىمدىن كۆپىيىپ، 2020 - يىلى 5 مىليون 150 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشقان.

ئىلگىرىكى سىچۇەن - شىزاڭ، چىڭخەي - شىزاڭ تاشيوللىرىنى زاڭزۇ خەلقى «بەختنىڭ ئالتۇن كۆۋرۈكى» «خەيرلىك ھەسەن - ھۈسەن» دەپ ئاتىغانىدى، بۈگۈنكى كۈندە نۇرغۇن «ئالتۇن كۆۋرۈك» «ھەسەن - ھۈسەن»لەر خۇددى گېساڭ گۈللىرىدەك يىلتىز تارتىپ، پورەكلەپ ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، «ئىككى يول» روھىنىڭ ئىلھاملاندۇرۇشىدا، شىزاڭ خەلقىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشى يېڭى پەللىگە ئۆرلىدى، قارلىق ئېگىزلىكنىڭ سوتسىيالىزم قۇرۇلۇشى يېڭى مۇساپىگە قەدەم قويدى!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 18 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.