تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە مەركەز 10 - يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى شىنجاڭغا كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، يېتەكچىلىك قىلدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋېي يۇڭگۇي خەۋەر قىلىدۇ: 11 - ئاينىڭ 30 - كۈنىدىن 12 - ئاينىڭ 13 - كۈنىگىچە، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە مەركەز 10 - يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونىمىزغا كېلىپ، خوتەن ۋىلايىتى، قەشقەر ۋىلايىتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، تۇرپان شەھىرى، قومۇل شەھىرىگە بېرىپ، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، كېڭەيتىش توغرىسىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، يېتەكچىلىك قىلدى.

خوتەن ۋىلايىتىدە، يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسىدىكىلەر ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ كېرىيە ناھىيەسىدىكى قۇربان تۇلۇم خاتىرە سارىيى، خوتەن ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى، خوتەن ناھىيەسىنىڭ خانئېرىق بازىرى داۋشياڭ كەنتى، بىڭتۇەن 14 - شىسى 47 - تۇەنىدىكى شاخەي پېشقەدەم ئەسكەرلەر خاتىرە سارىيى، قاراقاش ناھىيەسىدىكى دۆلەت زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپلەر باغچىسى، گۇما ناھىيەسىنىڭ چودا يېزىسى ئاياغ چودا كەنتىگە بېرىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئورۇنلارنىڭ دوكلاتىنى ئاڭلاش، سىن كۆرۈش، پارتىيە تارىخى كۆرگەزمىسىنى كۆرۈش ۋە «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلار، ئامما بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، كۆپ تەرەپتىن ئەھۋال ئىگىلەپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، يېتەكچىلىك قىلىش خىزمىتىنى چوڭقۇر، ئىنچىكە قانات يايدۇردى.

قۇربان تۇلۇم خاتىرە سارىيىدا، قۇربان تاغىنىڭ ئەۋرىسى رۇقىيەم مەتسەيدى يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسىغا خاتىرە سارىيىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ئوينىغان رولىنى تەپسىلىي تونۇشتۇردى؛ ئاياغ چودا كەنتىدىكى يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش مەركىزىدە، يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى كەنتتىكى پارتىيە ئەزالىرى بىلەن يۈزتۇرا پىكىر ئالماشتۇردى، سىرداشتى؛ بىڭتۇەن 14 - شىسى 47 - تۇەنىدە، يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ خوتەنگە كىرگەنلىك خاتىرە مۇنارىغا گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلدى؛ گۇما ناھىيەسىدىكى يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش مەركىزىدىكى غەيرەت مامۇتنىڭ قەھرىمانلىق ئىش ئىزلىرى كۆرگەزمىخانىسىدا، يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى «خەلق قەھرىمانى» غەيرەت مامۇت توغرىسىدىكى ھېكايىلەرنى ئەستايىدىل، كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىدى ھەم غەيرەت مامۇتنىڭ يەسىرەسى ۋە قىزىنى يوقلىدى ھەم ئۇلاردىن ھال سورىدى، قەھرىماننىڭ ھايات ۋاقتىدىكى تەسىرلىك ئىش ئىزلىرىغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى، ئۇنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى.

قەشقەر ۋىلايىتىدە، يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسىدىكىلەر قاغىلىق ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقى، يەكەن ناھىيەسى گېبى كەسىپلەر باغچىسى، كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ توققۇزاق بازىرى ئاياغمەنگەن كەنتى، كوناشەھەر ناھىيەسى توققۇزاق بازارلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپ، قەشقەر نانچىلىق كەسىپلەر باغچىسى، قەشقەر قەدىمىي شەھىرى، قەشقەر داشۆ شىنچۈەن مەكتەپ رايونى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، كۆپ نۇقتىدىن، ھەر تەرەپلىمە ئەھۋال ئىگىلەپ، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىگە تۈرلەر بويىچە يېتەكچىلىك قىلدى.

قاغىلىق ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىدا، يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسىدىكىلەر ئىنقىلابىي قۇربانلارغا گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلدى، تەزىم قىلىپ ھۆرمەت بىلدۈردى، پارتىيەگە كىرىش قەسىمىنى تەكرارلىدى ھەم ئىنقىلابىي قۇربانلار خاتىرە مۇنارىغا ئېھتىرام بىلدۈردى؛ يەكەن ناھىيەسى گېبى كەسىپلەر باغچىسىدا، يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى كەسىپلەر باغچىسىنىڭ خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش، دېھقانلارنىڭ ئۆز جايىدا، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ھەل قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى؛ قەشقەر 2 - ئوتتۇرا مەكتىپى(يېڭىشەھەر مەكتەپ رايونى)دا، يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى «دەۋر نەمۇنىچىسى» لاچىن بايەكەنىڭ پەرزەنتلىرىدىن ھال سورىدى، ئۇلارنى ماھارەتنى ياخشى ئۆگىنىپ، ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىپ، يېڭى دەۋرنىڭ ئىز باسارلىرىدىن بولۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

2014 - يىلى 4 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاياغمەنگەن كەنتىگە بېرىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى يوقلاپ، ئابدۇقېيۇم روزىنىڭ ئۆيىدە يۇرتداشلار بىلەن پاراڭلىشىپ مۇڭداشقانىدى. ئاياغمەنگەن كەنتىدە، يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسىدىكىلەر ئابدۇقېيۇم روزىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئۇنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى.

«پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقىدا بىز ئەمىن ئۆيدە ئولتۇردۇق، داۋالىنىشىمىز كاپالەتكە ئىگە بولدى، بالىلىرىمىز مەكتەپتە قۇۋۋەتلىك تاماقلارنى يەيدۇ. ئائىلىمىزدىكىلەرنىڭ كۈنى بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ، مەن ھازىرقى تۇرمۇشىمىزدىن ئىنتايىن رازى. پارتىيەگە رەھمەت، باش شۇجى شى جىنپىڭغا رەھمەت! مەن يۇرتداشلار بىلەن بىرلىكتە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى مەڭگۈ ئەستە چىڭ ساقلاپ، بەختلىك تۇرمۇشنى قەدىرلەپ، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمەن» دېدى ئابدۇقېيۇم روزى ھاياجانلانغان ھالدا.

قىزىلسۇ ئوبلاستىدا، يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسىدىكىلەر ئۇلۇغچات ناھىيەسى، ئاقتۇ ناھىيەسى، ئاتۇش شەھىرىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇر بولۇشى، پۇختا بولۇشىغا تۈرتكە بولدى.

ئۇلۇغچات ناھىيەسىنىڭ جىغىن يېزىسىدا، يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى «خەلق نەمۇنىچىسى» بۇرماقان مولدۇنى يوقلىدى، ھال سورىدى، ئۇنىڭ 50 يىلنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزۈپ، چېگرانى قوغدىغانلىقى توغرىسىدىكى قەھرىمانلىق ھېكايىلىرىنى ئەستايىدىل، كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىدى؛ ئۇلۇغچات ناھىيەسىنىڭ جىغىن يېزىسى سىمخانا كەنتىدىكى چېگرا مۇداپىئە مەلۇم قىسمىدا، يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى شۇ جايدىكى چېگرا قوغدىغۇچىلارنى يوقلىدى، ھال سورىدى ھەم شۇ جايدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار بىلەن بىرلىكتە تەشكىلىي تۇرمۇش ئۆتكۈزۈپ، پارتىيەگە كىرىش قەسىمىنى تەكرارلىدى؛ ئاتۇش شەھىرىنىڭ سۈنتاغ يېزىسى ئازغان كەنتىدە، يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى بىلەن سۆھبەتلىشىپ، بۇ كەنتنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى ئارقىلىق يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولغانلىق ئەھۋالىنى چوڭقۇر ئىگىلىدى.

ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ چارلۇڭ بازىرىدىكى كوئېنلۇن جيايۈەندە، يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى كۆچۈرۈلگەن ئائىلە سارە قۇربان ئائىلىسىدىكىلەرنى يوقلىدى. سارە قۇربان بۇ ناھىيەنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش ئوبيېكتى بولۇپ، كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن بىر ئاشخانا ئاچقان، يەنە ئەتراپتىكى كۆچۈرۈلگەن دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەرگەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «پارتىيەنىڭ سىياسىتى ياخشى، بىزنى تاغدىن ئېلىپ چىقتى، ئەمدى نامراتلىشىپ كەتمەيمىز. مەن پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلايمەن، ئىككى قولۇمغا تايىنىپ ياخشى كۈن كەچۈرۈپ، كۆپچىلىكنى بىرلىكتە بېيىتىشقا يېتەكلەيمەن».

بورتالا ئوبلاستىدا، يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسىدىكىلەر ئارشاڭ ناھىيەسىنىڭ دالىمتى يېزىسى بۆگدۆر كەنتى، بورتالا شەھەرلىك 1 - يەسلى، بورتالا شەھىرى چىندېل كوچا باشقارمىسى دۇڭفاڭخۇڭ مەھەللىسى، بورتالا ئوبلاستلىق ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش مەركىزى . مەدەنىيەت - سەنئەت مەركىزى قاتارلىق جايلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، يېتەكچىلىك قىلدى.

بۆگدۆر كەنتىنىڭ مەدەنىيەت چوڭ ھويلىسىدا، يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسىدىكىلەر ھەر مىللەت كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىرلىكتە ئارشاڭ ناھىيەسىنىڭ ئۇلانمۇچىر لېكسىيە ئەترىتىنىڭ پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى توغرىسىدىكى لېكسىيەسىنى كۆردى؛ بورتالا كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىدە، يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسىدىكىلەر بۇ مەكتەپنىڭ ماركسىزم شۆيۈەنى، مەكتەپ تارىخى سارىيى، «تۆت تارىخ سارىيى»، ئاپتوموبىل ئەمەلىي مەشىق مەركىزىگە كېلىپ، ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار بىلەن سەمىمىي پاراڭلىشىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى، «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتى، ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرس ئوقۇتۇشى ۋە ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي سورىدى. يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسىدىكىلەر يەنە بىڭتۇەن 5 - شىسى شۇاڭخې شەھىرىگە بېرىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، يېتەكچىلىك قىلدى.

سانجى ئوبلاستىدا، يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسىدىكىلەر جىمىسار ناھىيەسى بېيتىڭ قەدىمىي شەھىرى دۆلەت ئارخېئولوگىيە يادىكارلىق ئورنى باغچىسى، سانجى شەھىرى يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكى ئەمەلىيەت مەركىزى، سانجى ئوبلاستى نانچىلىق كەسپى، مەدەنىيەت - ساياھەت كىچىك بازىرى، شىنجاڭ ئالاھىدە تىرانسفورموتور ئېلېكتىر سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتى قاتارلىق جايلاردا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، يېتەكچىلىك قىلدى.

فۇكاڭ شەھىرى، سانجى شەھىرىدە، يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى 8 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىسى نامىنى ئاتاش مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى سانىخان ھېيتەم، سۇ يۈچىننى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى؛ جىمىسار ناھىيەسى بېيتىڭ قەدىمىي شەھىرى دۆلەت ئارخېئولوگىيە يادىكارلىق ئورنى باغچىسىدا، يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى يادىكارلىق ئورنىنى قوغداش، باشقۇرۇش، كۆرگەزمە قىلىش - پايدىلىنىش، تېما تەتقىقاتى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى؛ فۇكاڭ شەھىرى چىڭگۇەن بازىرى شەنپو مەركىزىي كەنتىدە، يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەھۋالىنى چوڭقۇر ئىگىلىدى؛ سانجى شەھىرى يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكى ئەمەلىيەت مەركىزىدە، يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى «تىيانشان يۆگىمە رەسىمى. دەۋر سانجى يۈرۈشلۈك گۈزەل سەنئەت فوتو سۈرەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى»، سانجى ئوبلاستىنىڭ پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېمىسىدىكى لېكسىيە پائالىيىتى قاتارلىقلارنى كۆردى.

تۇرپان شەھىرىدە، يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسىدىكىلەر ئىدىقۇت رايونىنىڭ يار بازىرى يېڭىشەھەر غەربىي قۇۋۇق كەنتى، كوناشەھەر يولى كوچا باشقارمىسى شىنچۇن مەھەللىسى، ئۈزۈمچىلىك بازىرى باغرى مەھەللىسى، تۇرپان مۇزېيى، پىچان ناھىيەسىنىڭ تۇيۇق يېزىسى تۇيۇق كەنتى، تۇرپان لوۋلەن ھاراقچىلىق پاي چەكلىك شىركىتى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، يېتەكچىلىك قىلدى.

يېڭىشەھەر غەربىي قۇۋۇق كەنتىدە، يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى كەنت ئاھالىسى ئامىنىخان قادىر ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن سەمىمىي پاراڭلىشىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. بۇ كەنتنىڭ قىزىل ئانار يېڭىچە دېھقان - ئىشچىلار ئائىلىسى بولغان دېھقان - ئىشچىلار كىتاب ئوقۇش ئۆيىدە كەنت ئاھالىلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرى 100 يىللىق پارتىيە تارىخى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇپ ۋە ئۆگىنىپ، قىزىل كىتابلارنى ئوقۇۋاتاتتى. يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسىدىكىلەر كەنت ئاھالىلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرى بىلەن كىتاب ئوقۇش ئۆيىدە يۈزتۇرا پىكىر ئالماشتۇردى. كەنت ئاھالىلىرى مۇنداق بىلدۈردى: پارتىيە ئاممىنى يېتەكلەپ بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈردى، پارتىيەنىڭ شەپقىتىنى مەڭگۈ ئەستە چىڭ ساقلايمىز.

قومۇل شەھىرىدە، يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسىدىكىلەر ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى ياڭ جۇڭشيەن خاتىرە سارىيى، مەدەنىيەت يەرمەنكىسى باغچىسى، جيەنكۇن چارۋىچىلىق چەكلىك شىركىتى، خۇايۈەن يېزىسى خۇاجاڭزا كەنتى ۋە قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونىدىكى جۇڭگو ئىشچى - دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسى غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسىنىڭ شىنجاڭغا كىرىش خاتىرە باغچىسى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، يېتەكچىلىك قىلدى، قومۇل شەھىرىنىڭ قىزىل بايلىقتىن تولۇق پايدىلىنىپ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، «مەڭگۈ پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش − تارىخقا نەزەر سېلىش، يۇرتنى ساياھەت قىلىش، ۋەتەننى سۆيۈش» پائالىيىتى، «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. باركۆلدە يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسىدىكىلەر ئۈچ ئەۋلاد خالىس تەشۋىقاتچى، قازاق مىللىتىدىن بولغان چارۋىچى بېيسقان ۋالشا ئائىلىسىنى يوقلىدى، بېيسقان ۋالشانىڭ نەۋرە قىزى چىنارنىڭ تور سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ شىنجاڭنىڭ مەززىلىك تائاملىرى، گۈزەل مەنزىرىلىرىنى تەشۋىق قىلغانلىقى، يۇرتىنىڭ كۈنسايىن يېڭىلىنىۋاتقان ئۆزگىرىشلىرىنى تەشۋىق قىلغانلىقى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىتتىپاق ۋە ئىناق تۇرمۇشىنى تەشۋىق قىلغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى ۋە ئىلھاملاندۇردى.

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش داۋامىدا، يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى ۋېي داپېڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چىقارغان مۇھىم، زور تەدبىر. ھازىر پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈشنى تۈپ تەلەپ قىلىپ، توغرا يۆنىلىشنى ئىگىلەپ، تەشۋىقاتنى كەڭ دائىرىدە چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىغا پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىنىڭ شانلىق مۇساپىسى، شانلىق مۇۋەپپەقىيىتى، تارىخىي ئەھمىيىتى، تارىخىي تەجرىبىسىنى ئەتراپلىق سۆزلەپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى كاللىغا، قەلبكە سىڭدۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى سىجىل ياخشى قانات يايدۇرۇپ، ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان «ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، ئەندىشە قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان» مەسىلىلەرنى توغرا تېپىپ، ئەمەلىي ئىش قىلىش ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئاممىنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشتەك قويۇق كەيپىياتنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى ئارقىلىق كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ھەقىقىي تۈردە «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىش، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش، «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي، كەسكىن ھىمايە قىلىش، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، خەلق چاكىرىلىق ئېڭى، خەلقچىللىق ھېسسىياتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتى، بۇرچىنى ياخشى ئادا قىلىپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشقا يېتەكلەش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى، ئىشخانا مۇدىرى تيەن ۋېن بىللە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.