ئاپتور: چۆ . خۇرە
12-ئاينىڭ 13-كۈنى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى خېجىڭ ناھىيەسى كىرغۇت يېزىسىدىكى يېزا تاشيوللىرىغا بوشلۇقتىن نەزەر سالسىڭىز، يېپيېڭى تاشيوللارنىڭ قاتمۇقات تاغلار ئارىسىدا گاھ كۆرۈنۈپ گاھ يوقاپ ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ ياتقانلىقىنى كۆرىسىز.
بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭ قاتناش-تىرانسپورت تارماقلىرى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى پائال ئالغا سىلجىتتى، يېزا تاشيوللىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىلدى، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى، يېزا-كەنت ساياھىتى، خاس كەسىپلەر قاتارلىقلار بىلەن بولغان يۇغۇرما تەرەققىيات تېزلىتىلدى، «يېزا تاشيولى +» تەرەققىيات ئەندىزىسىدە ئەمەلىي ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى تېخىمۇ يېتەرلىك بولدى.
(ئاپتورنىڭ خىزمەت ئورنى: بايىنغولىن گېزىتى)
«ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى