تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

20 يىل تۈزەش ئارقىلىق تارىم دەرياسى «تومۇرىنىڭ سوقۇشى» ئاجىز بولۇشتىن تەدرىجىي كۈچەيدى

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ دۇڭلەي خەۋەر قىلىدۇ: «20 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىش ئارقىلىق، تارىم دەرياسى ئېقىن رايونىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى تۈزەشتە باسقۇچ خاراكتېرلىك نەتىجە - ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى.» 12 - ئاينىڭ 13 - كۈنى تارىم دەرياسى ئېقىن رايونىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى جاڭ چياڭ ئوبرازلىق ئوخشىتىپ مۇنداق دېدى: «تارىم دەرياسى <تومۇرىنىڭ سوقۇشى> ئاجىز بولۇشتىن تەدرىجىي كۈچىيىۋاتىدۇ». جاڭ چياڭ تۇرۇشلۇق كورلا شەھەر رايونىغا تەخمىنەن 400 كىلومېتىر كېلىدىغان تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىنىدا، ئىلگىرى قۇرۇپ تېگى كۆرۈنۈپ قالغان تىتىما كۆلىدە بۈگۈنكى كۈندە سۇ دولقۇنى پارقىراپ جىمىرلاپ تۇراتتى، كۆل يۈزىنىڭ كۆلىمى نەچچە يۈز كىۋادرات كىلومېتىرغا يەتكەنىدى.

ئېقىن رايونىنىڭ كۆلىمى 1 مىليون 27 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىرغا، پۈتۈن ئېقىن رايونىدىكى ئومۇمىي نوپۇس 12 مىليون 950 مىڭ كىشىگە يېتىدىغان تارىم دەرياسى جەنۇبىي شىنجاڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ داۋاملاشما تەرەققىياتىدىكى ئېكولوگىيە جان تومۇرى. ئىنسانلار پائالىيىتى ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ تەسىرىدە، 20 - ئەسىرنىڭ 70 - يىللىرىدىن باشلاپ، تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىنىنىڭ تەخمىنەن 400 كىلومېتىر دەريا بۆلىكىدە ئېقىن ئۈزۈلۈپ قېلىپ، تۆۋەن ئېقىندىكى تىتىما كۆلى قۇرۇپ كەتكەن، تەكلىماكان قۇملۇقى بىلەن قۇمتاغ قۇملۇقىنىڭ قوشۇلۇپ كېتىش يۈزلىنىشىنى توسۇپ تۇرۇۋاتقان توغراقلىق ئېكولوگىيە كارىدورى قۇرۇپ كېتىش گىردابىغا بېرىپ قالغانىدى. شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 2 - شىسىنىڭ 34 - تۇەنى، 35 - تۇەنىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش مۇھىتى ئىنتايىن يامانلىشىپ، پۈتۈنلەي كۆچۈپ كېتىشكە يېقىنلىشىپ قالغانىدى. تارىم دەرياسىنى تۈزەش چوقۇم يولغا قويمىسا بولمايدىغان دەرىجىگە بېرىپ قالدى.

1997 - يىلى، دۆلىتىمىزنىڭ تۇنجى يەرلىك ئېقىن رايونى سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش نىزامى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تارىم دەرياسى ئېقىن رايونى سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش نىزامى» ئېلان قىلىندى؛ 2001 - يىلى، گوۋۇيۈەن «تارىم دەرياسى ئېقىن رايونىنى يېقىنقى مەزگىلدە ئۇنىۋېرسال تۈزەش يىرىك پىلانى»نى تەستىقلاپ يولغا قويدى، 10 مىليارد 740 مىليون يۈەن تارىم دەرياسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئىشلىتىلدى؛ 2011 - يىلى، تارىم دەرياسىنىڭ سۇ بايلىقىنى بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە باشقۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى؛ 2016 - يىلى، ئاپتونوم رايون تارىم دەرياسى ئېقىن رايونىنىڭ سۇ مىقدارىنى تەقسىملەش لايىھەسىنى «ئۈچ قىزىل چەك» سۇ ئىشلىتىش ئومۇمىي مىقدارىنى تىزگىنلەش كۆرسەتكۈچى بىلەن ئۇدۇللاشتۇردى؛ 2017 - يىلى، تارىم دەرياسى ئېقىن رايونىدا دەريا، كۆل باشلىقى تۈزۈمى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلدى.

2000 - يىلىدىن 2021 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، تارىم دەرياسىدا تۆۋەن ئېقىنغا جەمئىي 8 مىليارد 793 مىليون كۇب مېتىر ئېكولوگىيەلىك سۇ قويۇپ بېرىلدى. 2016 - يىلىدىن باشلاپ، تۆۋەنكى ئېقىننىڭ ئېكولوگىيەلىك سۈيىگە كاپالەتلىك قىلىشنى ئالدىنقى شەرت قىلىپ، ئاپتونوم رايون تارىم دەرياسىنىڭ پۈتۈن ئېقىن رايونىدا توغراقلىق ئورمىنى مۇھاپىزەت رايونىغا 7 مىليارد 897 مىليون كۇب مېتىر ئېكولوگىيەلىك سۇ تولۇقلاشنى تەشكىللەپ يولغا قويدى، تەسىر كۆرسىتىدىغان كۆلەم 6 مىليون 220مىڭ مو بولدى. يېقىنقى ئالتە يىلدا كۆنچى دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا - تۆۋەن ئېقىنىغا جەمئىي 2 مىليارد 403 مىليون كۇب مېتىر ئېكولوگىيەلىك سۇ يەتكۈزۈلدى.

بۇ يىل تارىم دەرياسىنى تۈزەشنىڭ 20 - يىلى. جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئېكولوگىيە ۋە جۇغراپىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ تەكشۈرۈپ ئۆلچىگەن سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئېكولوگىيەلىك سۇنى يەتكۈزۈش ئېقىن رايونى ئېكولوگىيەسىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە چېكىنىش ئەھۋالىنى ئۈنۈملۈك پەسەيتكەن، تۆۋەن ئېقىندا ئۆسۈملۈك يېپىنچىلىرى ئەسلىگە كەلگەن ۋە ياخشىلانغان كۆلەم 2285 كىۋادرات كىلومېتىرغا يەتكەن، ئۆسۈملۈك تۈرلىرى 17 خىلدىن كۆپىيىپ 46 تۈرگە يەتكەن. 2 - شى 34 - تۇەننىڭ ئورمان مۇھاپىزەتچىسى شاڭ شىنلىڭ مۇنداق دېدى: «تۇەن - مەيداننىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىمۇ مۇقىملاشتى، ھېچكىم كۆچۈپ كېتىشنى ئويلىمايدىغان بولدى».

تارىم دەرياسى تۆۋەن ئېقىنى ئېكولوگىيە كارىدورىنىڭ قايتا گۈللەنگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئەسلىدە چاقىلىق ناھىيەسىدە ئاشپەزلىك قىلىدىغان ۋاڭ دۇڭفاڭ دۆلەت يولى 218 - لىنىيەسى بويىدا بېلىق تائاملىرى ئاشخانىسى ئاچتى، ھەم ئۇياق - بۇياققا توختىماي ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان ئاپتوموبىل خادىملىرىنى ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىدى. «خېرىدارلار تارىم دەرياسى بېلىقىنى يەپ، يۇرتۇمنىڭ گۈزەللىكىنى ماختايدۇ، بۇنىڭدىن ئىپتىخارلىنىمەن!» دېدى ۋاڭ دۇڭفاڭ.

تارىم دەرياسىنى تۈزەش تېخى ئاخىرلاشمىدى، يېڭى باسقۇچ يېتىپ كەلدى. جاڭ چياڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «تارىم دەرياسى ئېقىن رايونىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەشنىڭ 2 - قارارلىق قۇرۇلۇشىنى گوۋۇيۈەن تەستىقلىدى. يول تېخى ئۇزاق، بىز تېخىمۇ تىرىشىشىمىز كېرەك!»

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.