خې جۇڭيوۋ شىنجاڭ تېببىي داشۆسىدە پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلىدى
مىللەتنى گۈللەندۈرۈش زور ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالىدىغان دەۋر يېڭى كىشىلىرىنى يېتىشتۈرۈش كېرەك
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لياڭ لىخۇا خەۋەر قىلىدۇ: 12 - ئاينىڭ 12 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى خې جۇڭيوۋ شىنجاڭ تېببىي داشۆسىدە پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلىدى.
خې جۇڭيوۋ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىدا ماقۇللانغان «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي تەجرىبىلەر توغرىسىدىكى قارارى»دا «ئوندا چىڭ تۇرۇش» ئارقىلىق پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى قىممەتلىك تارىخىي تەجرىبىلەر يەكۈنلەندى. پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي تەجرىبىلەرنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرگە كىرگەنلىكىدەك تارىخىي مۇۋەپپەقىيەت ۋە تارىخىي ئۆزگىرىشنى چوڭقۇر تونۇپ، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىنىڭ تارىخىي ئەھمىيىتى ۋە تارىخىي تەجرىبىلىرىنى چوڭقۇر تونۇپ، تارىخنى ئەينەك قىلىپ، كەلگۈسىنى يارىتىش مۇھىم تەلىپىنى چوڭقۇر تونۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرەش مۇساپىسىدىن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوبۇل قىلىپ، تېخىمۇ مەردانە قىياپەتتە يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىش، يېڭى دەۋردە تۆھپە قوشۇش كېرەك.
خې جۇڭيوۋ مۇنداق تەكىتلىدى: «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، روھىي ماھىيەتنى تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، يادرولۇق مۇھىم مەزمۇننى ئىگىلەپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، قەلبلەرگە سىڭىشىشى، ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ياخشى پۈتۈش كېرەك.
خې جۇڭيوۋ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: پارتىيەنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىك ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلەش كېرەك. ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشنى تۈپ ۋەزىپە قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى كۈچلۈك ئىختىساسلىقلار، بازا تىرىكى بىلەن تەمىنلەش كېرەك. سوتسىيالىستىك مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش، دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش بۇرچىنى باشتىن - ئاخىر ئەستە چىڭ ساقلاپ، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش زور ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالىدىغان دەۋر يېڭى كىشىلىرىنى تىرىشىپ يېتىشتۈرۈش كېرەك. «تۆت مۇلازىمەت»نى مەكتەپ قۇرۇش، مەكتەپ باشقۇرۇشنىڭ تۈپ كۆرسەتكۈچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردە ئەتراپلىق يېتىشتۈرىدىغان مائارىپ سىستېمىسىنى سىجىل مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ تۈپ پىرىنسىپى ۋە ئەمەلىيەت تەلىپىنى توغرا ئىگىلەپ، يۇقىرى ساپالىق ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي كۈچەيتىش كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى مەكتەپ باشقۇرۇش، مەكتەپ ئىدارە قىلىش، ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەڭ ئالاقىلىشىشى، ئومۇميۈزلۈك ئالماشتۇرۇشى، چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، توغرا دۇنيا قارىشى، كىشىلىك ھايات قارىشى، قىممەت قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، شەخسىي غايە - ئىنتىلىشىنى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىغا سىڭدۈرۈپ، پارتىيە ئۈچۈن، ۋەتەن ئۈچۈن، خەلق ئۈچۈن كۆپرەك تۆھپە قوشۇش كېرەك.
لېكسىيە سۆزلەشتىن بۇرۇن، خې جۇڭيوۋ شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قار لەيلىسى تېغى مەكتەپ رايونىدا «ئۈچكە كىرىش، ئىككى بىلەن ئالاقىلىشىش، بىر بىلەن دوستلىشىش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى ھەم مەكتەپنىڭ يىرىك پىلانى، قۇرۇلۇشى، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش، تۇرمۇش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.