تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىز بازارلاشقان تىجارەت - سودا مۇھىتىنى كۈچەپ بەرپا قىلدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىن خەۋەر قىلىدۇ: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى تارماقلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ «قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بازارلاشقان تىجارەت - سودا مۇھىتىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتتى.

مەمۇرىي تەستىق تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش جەھەتتە، «ئاپتونوم رايوننىڭ <ئىجازەتنامە بىلەن كىنىشكىنى ئايرىش> ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇش توغرىسىدىكى خىزمەت لايىھەسى» تۈزۈلۈپ ئېلان قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئاپتونوم رايوننىڭ مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىنى توردا تەكشۈرۈپ تەستىقلاشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سۇپىسى سىستېمىسىنىڭ ئىشلىتىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىنى پۈتۈن دەۋرىيلىك باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ بىر گەۋدىلەشكەن توردىكى مەمۇرىيەت ئىشلىرى مۇلازىمەت سۇپىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاشنى باشقۇرۇش سىستېمىسى قاتارلىق سۇپا سىستېمىسى بىلەن تۇتاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى. 1 - ئايدىن 11 - ئايغىچە، قوبۇل قىلىنغان ئىلتىماس قىلغان تۈر 26 مىڭ 822، تەكشۈرۈپ تەستىقلانغان، تەكشۈرۈپ بېكىتىلگەن ھەم تەستىقلانغان ۋە ئەنگە ئېلىنغان 22 مىڭ 949 تۈر بېجىرىلگەن بولۇپ، بېجىرىلىش نىسبىتى %86، مەبلەغ سېلىش ئومۇمىي سوممىسى تەخمىنەن 3 تىرىليون 850 مىليارد 400 مىليون يۈەن بولغان.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى «ئاپتونوم رايوننىڭ كارخانىلارغا چېتىلىدىغان تىجارەت ئىجازىتى ئىشلىرى ئىسلاھاتى تىزىملىكى (2021 - يىللىق)»نى تۈزۈپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون دائىرىسىدە كارخانىلارنىڭ تىجارەت ئىجازىتىگە چېتىلىدىغان 14 تۈرلۈك ئىشقا قارىتا ئىجازەت تۈزۈمى ئىسلاھاتى ئېلىپ باردى؛ ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى «ئاپتونوم رايوننىڭ تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى سىستېمىسىدا ئىسپات ئىشلىرىنى خەۋەرلەندۈرۈش ۋە كارخانىلارغا چېتىلىدىغان تىجارەت ئىجازىتى ئىشلىرى بويىچە خەۋەرلەندۈرۈش - ۋەدە بېرىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش مۇندەرىجىسى (1 - تۈركۈم) ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشىنى ئېلان قىلىش توغرىسىدا»نى ئېلان قىلدى؛ ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى بوغالتىرلىق ساھەسىدىكى «ئىجازەتنامە بىلەن كىنىشكىنى ئايرىش» ئىسلاھاتىغا تۈرتكە بولۇپ، بوغالتىرلىق ساھەسىنىڭ ئىجازەت مۇلازىمىتىنى ئەلالاشتۇردى.

بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش جەھەتتە، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئاپتونوم رايوننىڭ جەمئىيەت ئىناۋەت ئۇچۇرلىرىنى باشقۇرۇش بويىچە نىزام چىقىرىش مۇساپىسىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، بىڭتۇەن تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى بىلەن بىرلىكتە «كارخانىلارنىڭ ئېنېرگىيە تېجەش ئىناۋىتىنى باھالاشنى ۋاقىتلىق باشقۇرۇش چارىسى»نى بېسىپ تارقاتتى. ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى «2021 - يىللىق ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ساھەسىدىكى تارماقلارنىڭ <ئىككىنى ئىختىيارىي تاللاش، بىرنى ئاشكارىلاش>قا بىرلەشتۈرۈپ ئارىلاپ تەكشۈرۈش خىزمەت پىلانى»نى بېسىپ تارقاتتى، 16 تارماق بىرلىشىپ ئارىلاپ تەكشۈرۈش ئىشلىرىدىن 44نى يولغا قويدى؛ دىققەتنى داۋالاش، دورا، ساغلاملىق يېمەكلىكلىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى، ئۆي - زېمىن كەسپى، تەربىيەلەش - يېتىشتۈرۈش، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى، توردا بىۋاسىتە تارقىتىش، پۇل مۇئامىلە سېلىنمىسى، ساياھەت قاتارلىق خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك نۇقتىلىق ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ساختا، قانۇنغا خىلاپ ئېلانلارغا قاتتىق زەربە بەردى.

بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش جەھەتتە، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دۆلەتنىڭ ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىش بويىچە تۆت ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسىنىڭ ئۈچ يىللىق قۇرۇلۇش لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقىپ ئېلان قىلدى ھەم يولغا قويۇشقا باشلىدى. ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا نازارىتى «تىيانشان ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىش ھەرىكىتى»نى يولغا قويۇپ، سەككىز پەن - تېخنىكا كارخانىسى يېتىشتۈرۈش ئورنى، 25 ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىش بوشلۇقى، 25 شىڭچۇاڭ دۇنياسى مۇكاپاتى ئۈچۈن 11 مىليون يۈەن تولۇقلىما بەردى، ۋاسىتىلەرنىڭ كەسىپلىشىش، ماركىلىشىش، خەلقئارالىشىش، زەنجىرلىشىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا پائال يېتەكچىلىك قىلىپ، «يېتىشتۈرۈش + سېلىنما»دىن ئىبارەت سودىلاشقان تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، ۋاسىتىنىڭ مۇلازىمەت سەۋىيەسى ۋە سۈپىتىنى ئۆستۈردى؛ «ئاپتونوم رايوننىڭ <تىيانشان ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىش ھەرىكىتى>نى يولغا قويۇش لايىھەسى (2021 - يىلىدىن 2025 - يىلىغىچە)»نى تۈزۈپ ئېلان قىلدى؛ يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلار تەرەققىياتى مەخسۇس مەبلىغى تەسىس قىلىشقا تۈرتكە بولدى؛ ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىش مۇسابىقىسىنى يولغا قويۇشقا تۈرتكە بولۇش يىغىنى ئېچىپ، دەسلەپكى ئىگىلىك تىكلەش گۇرۇپپىسى كارخانىسىدىن 11نى ۋە ئۆسۈپ يېتىلىش گۇرۇپپىسى كارخانىسىدىن 28نى تاللاپ چىقىپ، مەملىكەتلىك مۇسابىقىگە قاتنىشىشقا تەۋسىيە قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.