□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ليۇ شياڭ، لۇ فېڭباۋ، ۋاڭ يايۈن، ليۇ يى
يېزا - كەنت قۇرۇلۇشى يېزىلارنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم تىرىكى، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئاساسى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ئاممىۋى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى سىجىل ياخشىلاپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى ھەرقايسى يېزا - كەنتلەردە ئولتۇراقلىشىشقا، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا ماس كېلىدىغان رەڭگارەڭ يۆگىمە رەسىملەر يېيىلدى.
يول تورى راۋانلاشتۇرۇلۇپ، كىرىمنى ئاشۇرۇش يوللىرى كېڭەيتىلدى
12 - ئاينىڭ 12 - كۈنى سەھەردە، قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونى ئاستانە بازىرى ئورداكارىز كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ياقۇپ يۇنۇس ئۈچ چاقلىق توكسىكلىتنى ھەيدەپ، بىرنەچچە چوڭ تۇڭلۇق يېمەكلىك يېغىنى قاچىلاپ، تۈپتۈز ئاسفالت يولنى بويلاپ بىر كىلومېتىر يىراقلىقتىكى بازارغا ئاپىرىپ ساتتى.
ياقۇپ 2011 - يىلى كەنتتە ئاشلىق - ياغ دۇكىنى ئېچىپ، ياغ تارتىش، ئۇن سېتىشقا تايىنىپ پۇل تاپتى. بىرقانچە يىل ئىلگىرى، كەنتتىكى يوللارنىڭ كۆپىنچىسى توپىلىق يول بولۇپ، ئوڭغۇل - دوڭغۇل ئىدى، توپا - چاڭ توزۇپ تۇراتتى. ياغ تارتىدىغان خام ماتېرىيال توشۇيدىغان يۈك ئاپتوموبىللىرى كەنتكە كىرىشنى خالىمايتتى، ياقۇپ نۇرغۇن چىرايلىق سۆزلەرنى قىلغاندىن كېيىن، يۈك ئاپتوموبىل شوپۇرلىرى ئانچە خالاپ كەتمىگەن ھالدا ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ كەنتكە كىرەتتى.
يول راۋان بولمىغاچقا، سېتىش يوللىرى ئېچىلمىدى، «يول ناچار بولغاچقا، ئىشىك ئالدىغا كېلىپ ياغ سېتىۋالىدىغانلار كۆپ ئەمەس، ئېلىپ چىقىپ سېتىشمۇ قولايسىز، سودا تازا ياخشى ئەمەس» دېدى ياقۇپ.
بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك قاتناش - تىرانسپورت مەسئۇل تارماقلىرى يېزا تاشيول قۇرۇلۇشىغا يۇقىرى نۇقتىدىن تۈرتكە بولدى، 10 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىز 8317.5 كىلومېتىر كېلىدىغان يېزا تاشيول قۇرۇلۇشى مۇساپىسىنى تاماملاپ، پۈتۈن يىللىق قۇرۇلۇش ۋەزىپىسىنى نورمىدىن ئاشۇرۇپ تاماملىدى. ئورداكارىز كەنتىنىڭ يوللىرىمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۆزگەردى، ياقۇپنىڭ ئۆيى ئالدىدىكى توپىلىق يول يوقىدى، بىر كەڭ ئاسفالت يول يىراققا سوزۇلدى. «تاشيول ئىشىك ئالدىمىزغىچە ياسالدى، مال كىرگۈزۈش قولايلاشتى، سېتىش راۋانلاشتى، ھازىر مېنىڭ بىر يىللىق ياغ تارتىش مىقدارىم ئىلگىرىكىدىن بىر ھەسسە كۆپەيدى» دېدى ئۇ.
قاتتىقلاشتۇرۇلغان يوللار، تور سىملىرى يېزا - كەنتلەرنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشتى. بۇ يىل، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى قىسمەن يېزىلاردىكى چەت - يىراق رايونلارنىڭ سىمسىز خەۋەرلىشىش تورى بىلەن قاپلىنىشى يېتەرلىك بولماسلىق ئەھۋالىغا قارىتا، سىمسىز خەۋەرلىشىش تورى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشتى.
مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى چۆرېن يېزىسى جېڭگېلدى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى سانىيە قابدۇللا كەنتتە ئېلېكتىرونلۇق سودا بىلەن شۇغۇللىنىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشىغا ياردەم بەردى. «كەنتتە ئىلگىرى تور سىگنالى تۇراقسىز بولۇپ، تۇرۇپ كۈچىيىپ، تۇرۇپ ئاجىزلاپ قالاتتى، توردىكى بەزى زاكازلارنى قوبۇل قىلالماي، ۋاقتىدا جاۋاب قايتۇرالمىغاچقا، تور دۇكىنىنىڭ سودىسىغا بىر قەدەر چوڭ تەسىر كۆرسەتكەنىدى.» ئۇ مۇنداق دېدى: «يېڭى ئاساسىي پونكىت قۇرۇلغاندىن كېيىن، سىگنال تولۇق بولۇپ، كەنتتىكى ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ تەرەققىياتىغا زور ياردىمى بولدى».
شارائىت ياخشىلىنىپ، تۇرمۇش سۈپىتى ئۆستۈرۈلدى
«كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش» يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، قاراقاش ناھىيەسى كۇيا بازىرى كۇيا كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى روشەنگۈل نۇرمەمەت قىشتىن ئۆتۈشتىن ئەنسىرىمەيدىغان بولدى.
«ئىلگىرى ئىسسىنىشتا كۆمۈر قالاشقا تايىناتتۇق، قىش كىرگەندە ئۆينىڭ ھەممە يېرى ئادەم قېقىلىپ كەتكۈدەك ئىس - تۈتەككە تولۇپ كېتەتتى.» روشەنگۈل مۇنداق دېدى: ھازىر كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىلدى، ھەم ئىسسىق، ھەم پاكىز بولدى.
جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش 1 - قارارلىق قۇرۇلۇشى 2019 - يىلىدىن 2021 - يىلىغىچە يولغا قويۇلدى. 1 - قارارلىق قۇرۇلۇش ئاساسلىقى قەشقەر ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىغا مەركەزلەشكەن بولۇپ، 892 مىڭ ئائىلىلىك يېزا ئاھالىسى(بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)نى نەپكە ئېرىشتۈردى. ھازىرغىچە، 1 - قارارلىق ئۆزگەرتىش ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى.
كەڭ دېھقان ئاممىسىنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنىڭ ئۆسۈشىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاشتا، كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ تۇتۇشقا، ئەمەلىي ئىشلاردىن باشلاپ قول سېلىشقا توغرا كېلىدۇ.
«ئىلگىرى كەچ كىرگەندە، سىرتقا چىقىپ ھاجەتخانىغا كىرىش بىر باش قېتىنچىلىقى ئىدى، قاپقاراڭغۇ بولۇپلا قالماي، سېسىق پۇراق ئەتراپنى بىر ئالاتتى.» ئاقچى ناھىيەسى ساپارباي يېزىسى قارا بۇلۇڭ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى دۈسەن تۇردا ئەسلەپ مۇنداق دېدى: ئەينى چاغدا شەھەرلىكلەرگە ئوخشاش ئۆيىمىزدە سۇلۇق ھاجەتخانا بولۇشنى ئەڭ ئارزۇ قىلاتتۇق.
بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىز يېزىلاردىكى ھاجەتخانىلارنى ئۆزگەرتىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتتى. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار سۇ ئىشلىتىشكە ماس كەلسە سۇ ئىشلىتىش، سۇ ئىشلىتىشكە ماس كەلمىسە سۇ ئىشلەتمەسلىك پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، كەنت يىرىك پىلانى ۋە تازىلىق تەلىپىگە ئۇيغۇن بولۇش بىلەن بىللە، ھاجەتخانىلارنى ھويلىغا كىرگۈزۈپ، ئائىلىلەرگە كىرگۈزۈپ، ھاجەتخانىسى بولمىغان ئۆيلەرنى يېڭىدىن سېلىپ، قۇرۇلمىسى بىر قەدەر ناچار ھاجەتخانىلارنى چېقىپ يېڭىدىن سېلىپ، بىرقەدەر ئەمەلىي ئىشلىتىلىدىغان، دېھقانلار ئېتىراپ قىلىدىغان بىر تۈركۈم يېزا ھاجەتخانىلىرىنى ئارقا - ئارقىدىن سالدى.
«ھازىر سۇلۇق ھاجەتخانا قىلىپ ئۆزگەرتىلدى، ئىچىگە يورۇتۇش چىرىغى ئورنىتىلدى. ھەر قېتىم ھاجەتخانىغا كىرىپ بولغاندىن كېيىن، سۇ ئېقىتىش كەيگۇەنىنى يېنىك بېسىپ قويساقلا، ھەممىسى چىرىتىش كۆلچىكىگە ئېقىپ كىرىپ كېتىدۇ، ھېچقانداق پاشا ۋە غەيرىي پۇراق پەيدا بولمايدۇ» دېدى دۈسەن كۈلۈپ تۇرۇپ.
مۇھىت تۈزىلىپ، يېزا - كەنتلەرنىڭ قىياپىتى گۈزەللەشتۈرۈلدى
يېقىندا، كۇچا شەھىرى دۆڭقۇتان بازىرى دۆڭقۇتان كەنتىنىڭ كەنت بېشىدىكى بىر پارچە تاشلاندۇق يەرنىڭ قىياپىتى ئۆزگەردى − پىيادىلەر يولى ئەگرى - بۈگرى بولۇپ، كۆكەرتىش، بەدەن چېنىقتۇرۇش، ئارام ئېلىش رايونى ئايرىۋېتىلدى، ئانچە يىراق بولمىغان جايدا كىشىلەر ئارام ئالىدىغان شىپاڭ بار بولۇپ، بىر يېزا - كەنت كىچىك باغچىسى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندى.
«ماكانىمىز خۇددى باغچىغا ئوخشاش قۇرۇلۇپ، كەنتلەر پاكىزلاشتى، يورۇقلاشتى، گۈزەللەشتى، كەنتتىكى تۇرمۇشمۇ بارغانسېرى مول، رەڭدار بولدى» دېدى كەنت ئاھالىسى ئېزىز سايىم خۇشال ھالدا.
كەنت قىياپىتى گۈزەللەشتۈرۈلۈپ، يەرلىك پۇراق ساقلاپ قېلىندى. بۇ يىل، شىنجاڭ ئاپتونوم رايون بويىچە يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەشتە باھالاپ چىقىلغان 107 «گۈزەل يېزا - كەنت»كە بىردەك 5 مىليون يۈەنگە يېقىن مەبلەغ ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئاممىۋى مۇلازىمەت، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارغا ئىشلەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يۇندىنى تۈزەشنى سىجىل كۈچەيتىپ، يۇندىنى قالايمىقان چىقارماسلىق، كەنت قىياپىتىنىڭ رەتلىك، پاكىز بولۇشىغا تەسىر يەتكۈزمەسلىكنى ئاساسىي چىقىش نۇقتىسى قىلىپ، رايونلارغا ئايرىپ، تۈرلەرگە ئايرىپ، نۇقتىلارغا ئايرىپ، يېزىلاردىكى تۇرمۇش يۇندىسىنى تۈزەشنى تەدرىجىي ئالغا سىلجىتتى؛ ئەخلەتلەرنى تۈزەشنى پائال قانات يايدۇرۇپ، «ئاپتونوم رايوننىڭ يېزىلاردىكى تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى يىغىش، يۆتكەپ توشۇش ۋە بىر تەرەپ قىلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشى ئۆلچىمى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ناھىيە، شەھەر، تەۋەلىك رايون، بازار، كەنت ئەخلەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ئەندىزىسىنى كېڭەيتتى.
ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىۋاتقان يېزا - كەنت ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى كەنت قىياپىتىنى يېڭى تۈسكە كىرگۈزۈپلا قالماي، يەنە دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا يېڭى يول ئېچىپ بەردى.
بۇ يىل، خوتەن شەھىرىنىڭ گۇجانباغ يېزىسى تۆۋەن تىگىنلا كەنتى ئولتۇراقلىشىشقا، ساياھەتكە ماس كېلىشنى چىقىش نۇقتىسى قىلىپ، تۈزەش سالمىقىنى زورايتىپ، ھويلا - ئارانلارنى تۈزەش خىزمىتىنى تاماملاپ، قاتتىقلاشتۇرۇش، گۈزەللەشتۈرۈش، كۆكەرتىش، يورۇتۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى تەرتىپلىك قانات يايدۇردى.
كەنت ئاھالىسى زورىگۈل سايىت ئىزچىل كەنتتە يايما ئېچىپ ئۇششاق يېمەكلىك سودىسى قىلاتتى، كىرىمى مۇقىم ئەمەس ئىدى. ھويلا - ئاراننى ئۆزگەرتكەندىن كېيىن، ئۇ ئۆز ئۆيىنى كىچىك ئاشخانا قىلىپ ئۆزگەرتىپ، لەڭمەننى دۇكاننىڭ خاس تامىقى قىلدى، بۇنىڭ بىلەن سودىسى بارغانسېرى قىزىپ كەتتى.
«كەنتىمىز بارغانسېرى گۈزەل قىلىپ قۇرۇلۇۋاتىدۇ، ساياھەتچىلەر تەبىئىي ھالدا كېلىشنى خالايدىغان بولدى.» زورىگۈل مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى كۈندە، كۆپ قىسىم كەنت ئاھالىلىرى ئۆيىنى ئاشخانا، تاللا بازىرى، پۇقراۋى قونالغۇ قاتارلىقلارغا ئۆزگەرتىپ، «ساياھەت تامىقى» يەيدىغان بولدى.
كەلگۈسىدە، ئاپتونوم رايونىمىز ئاممىۋى مۇلازىمەت سېلىنمىسىنى داۋاملىق زورايتىپ، يېزا - كەنت يولى، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، خەۋەرلىشىش قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتلىرىنى سىجىل ياخشىلاپ، گۈزەل يېزا - كەنتلەر ئارقىلىق كىشىلەردە گۈزەل يۇرت ئەسلىمىسىنى قالدۇرىدۇ.