تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىزدا دورا خورىما ماتېرىياللىرىنى مەركەزلىك سېتىۋېلىشنى دائىملاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ مىن خەۋەر قىلىدۇ: بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىز دورا خورىما ماتېرىياللىرىنى مەركەزلىك مىقدارلاشتۇرۇپ سېتىۋېلىشنى دائىملاشتۇرۇپ، تۈزۈملەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتتى. ھازىرغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئەمەلىيلىشىپ ئىشلىتىلگەن مەركەزلىك سېتىۋېلىنغان دورا 323 خىلغا يەتتى، داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان تۆت تۈرلۈك يۇقىرى قىممەتتىكى خورىما ماتېرىيالنىڭ باھاسى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا %97 تۆۋەنلەپ، ئاممىنىڭ داۋالىنىش، دورا ئىشلىتىش يۈكى يەنىمۇ يېنىكلىتىلدى.

بۇ يىل 5 - ئايدىن باشلاپ، 4 -، 5 - تۈركۈمدىكى دۆلەت دورىلارنى مەركەزلىك سېتىۋېلىشقا تەشكىللىگەن 106 خىل دورا ئارقا - ئارقىدىن ئاپتونوم رايونىمىزدا ئەمەلىيلەشتى. 4 - تۈركۈمدىكى 45 خىل دورىنىڭ باھاسى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %65 تۆۋەنلىدى، باھاسى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا %96 تۆۋەنلىدى، بۇلار يۇقىرى قان بېسىمى، دىيابېت كېسىلى، ھەزىم قىلىش يولى كېسەللىكلىرى، روھىي كېسەللىكلەر، يامان سۈپەتلىك ئۆسمە قاتارلىق داۋالاش ساھەلىرىگە چېتىلىدۇ؛ 5 - تۈركۈمدىكى 61 خىل دورىنىڭ ئىچىدە ھەم يۇقىرى قان بېسىمى، دىيابېت كېسىلى، تاجسىمان يۈرەك كېسىلى، ھەزىم قىلىش يولى كېسەللىكلىرى قاتارلىق دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەر، سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىلىدىغان دورىلارمۇ، ھەم ئۆپكە راكى، ئاشقازان ئاستى بېزى راكى قاتارلىق ئېغىر، چوڭ كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىلىدىغان دورىلارمۇ، يەنە سايىلەندۈرۈش دورىسى، ئوزۇقلۇق دورىسى قاتارلىق كىلىنىكىلىق قوشۇمچە دورىلارمۇ بار بولۇپ، باھاسى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %56 تۆۋەنلىدى، ئەڭ يۇقىرى تۆۋەنلەش نىسبىتى %97 بولدى.

دۆلەتنىڭ «دورىنى كوللېكتىپ سېتىۋېلىش»نىڭ ئەمەلىيلىشىپ خەلققە نەپ يەتكۈزۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونىمىز يەنە «ئۆزى تاللىغان ھەرىكەت»نى پائال قانات يايدۇرۇپ، ئاپتونوم رايون، بىڭتۇەن بىرلىشىپ مەركەزلىك سېتىۋېلىشنى قوزغاتتى، 6 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، 50 خىل دورا «يېڭىدىن تىزىملىككە كىرگۈزۈلدى»، باھانىڭ ئوتتۇرىچە تۆۋەنلەش نىسبىتى %40.55 بولۇپ، ئەڭ يۇقىرى تۆۋەنلەش نىسبىتى %93 بولدى، پۈتۈشكەن سېتىۋېلىش مىقدارى بويىچە ھېسابلىغاندا، سېتىۋېلىش مۇددىتى ئىچىدە 100 مىليون يۈەنگە يېقىن خىراجەت تېجەپ قېلىنىدۇ. ئاپتونوم رايونىمىز يەنە ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ بىرلىشىپ مەركەزلىك سېتىۋېلىشىغا پائال قاتناشتى، 9 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، چۇڭچىڭ قاتارلىق ئون ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر) ۋە بىڭتۇەندىن تەشكىللەنگەن دائىم ئىشلىتىلىدىغان دورىلارنى بىرلىشىپ مەركەزلىك سېتىۋېلىش، كەمچىل دورىلارنى بىرلىشىپ مەركەزلىك سېتىۋېلىش ئەمەلىيلەشتى، بۇ 35 خىل دائىم ئىشلىتىلىدىغان دورا، 21 خىل كەمچىل دورىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان يۇقىرى قىممەتتىكى خورىما ماتېرىياللار جەھەتتە، بۇ يىل 1 - ئايدىن باشلاپ، تاجسىمان تومۇر تىرىكى، تاجسىمان تومۇرنى كېڭەيتىش شارچىسى، تاجسىمان تومۇرنى راۋانلاشتۇرغۇچ سىم ئارقا - ئارقىدىن ئاپتونوم رايونىمىزدا ئەمەلىيلەشتى. تاجسىمان تومۇر تىرىكىنىڭ ئوتتۇرىچە باھاسى 13 مىڭ يۈەندىن 700 يۈەن ئەتراپىغا تۆۋەنلەپ، ئوتتۇرىچە تۆۋەنلەش نىسبىتى %93 بولدى؛ تاجسىمان تومۇرنى كېڭەيتىش شارچىسىنىڭ ئوتتۇرىچە باھاسى 3400 يۈەندىن 319 يۈەنگە تۆۋەنلەپ، ئوتتۇرىچە تۆۋەنلەش نىسبىتى %90 بولدى؛ تاجسىمان تومۇرنى راۋانلاشتۇرغۇچ سىمنىڭ ئوتتۇرىچە باھاسى 1510.16 يۈەندىن 590.58 يۈەنگە تۆۋەنلەپ، ئوتتۇرىچە تۆۋەنلەش نىسبىتى %60.89 بولدى. ئاپتونوم رايونىمىز يەنە شەنشى ئۆلكىسى تەشكىللىگەن ئۆلكىلەر ئارا بىرلىشىپ سۈنئىي كىرىستالنى مىقدارلاشتۇرۇپ سېتىۋېلىشقا قاتناشتى، 56 خىل مەھسۇلاتنىڭ باھاسى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %53 تۆۋەنلىدى.

ئاپتونوم رايونلۇق داۋالاش كاپالىتى ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز دۆلەت تەشكىللىگەن داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان يۇقىرى قىممەتتىكى خورىما ماتېرىياللار بويىچە 2 - تۈركۈمدىكى سۈنئىي بوغۇم ۋە 6 - تۈركۈمدىكى دورىلار (ئىنسۇلىن مەخسۇس تۈرى)نى مەركەزلىك سېتىۋېلىشقا پائال قاتنىشىپتۇ، كېلەر يىلى ئەمەلىيلىشىدىكەن. كېيىنكى قەدەمدە، ئاپتونوم رايونىمىز يەنە ئۆلكە، شەھەرلەر بىلەن بىرلىشىپ، ئۈچ تۈركۈم دورا (تەييار جۇڭيى دورىسىدىن بىر تۈركۈم)نى مەركەزلىك سېتىۋېلىش، داۋالاشقا ئىشلىتىلىدىغان يەتتە تۈرلۈك خورىما ماتېرىيالنى مەركەزلىك سېتىۋېلىشنى قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى داۋالاش ئىسلاھاتىنىڭ پايدىسىدىن ھەقىقىي بەھرىلەندۈرىدىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىزدا 1500دىن ئارتۇق تېببىي دورا ئاپپاراتى مىقدارلاشتۇرۇپ سېتىۋېلىشقا پائال قاتناشقان بولۇپ، مۆلچەرلىنىشىچە، 3 مىليارد 214 مىليون يۈەن داۋالىنىش خىراجىتى چىقىمىنى تېجەپ قالغىلى بولىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.