تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ئىشەنچنى چىڭىتىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئۆزىمىزنىڭ ئىشىنى ياخشى قىلايلى

− مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

□خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

ئىشەنچنى چىڭىتىپ، قىيىنچىلىققا باش ئەگمەي، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆزىمىزنىڭ ئىشىنى ياخشى قىلىش بىزنىڭ تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسلارنى يېڭىشىمىزدىكى ئاچقۇچ.

«بىز ھەم قىيىنچىلىققا توغرا قارىشىمىز، ھەم ئىشەنچنى چىڭىتىشىمىز كېرەك. دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئېلاستىكلىقى كۈچلۈك، ئۇزاققىچە ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىشتەك ئاساسىي تەرىپى ئۆزگەرمەيدۇ»، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا مۇنداق كۆرسىتىلدى: «نەتىجىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىللە، جەزمەن دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى دۇچ كەلگەن ئېھتىياجنىڭ تارىيىشى، تەمىنلەشنىڭ زەربىسى، كۆزلىمىنىڭ ئاجىزلىشىشىدىن ئىبارەت ئۈچ قات بېسىمنى كۆرۈپ يېتىش كېرەك. ئەسىر يۇقۇمىنىڭ زەربىسىدە، 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز ئۆزگىرىپ، تاشقى مۇھىت تېخىمۇ مۇرەككەپ، كەسكىن بولۇشقا ۋە ئېنىقسىزلىققا يۈزلەندى»، يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: «خەلقئارا ۋەزىيەتتە مەيلى قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بىز ئۆزىمىزنىڭ ئىشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ياخشى قىلىپ، ئىقتىسادىي بازىسنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىمىزنى كۈچەيتىپ، كۆپ تەرەپچىللىكتە چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك خەلقئارا ئىقتىساد - سودا قائىدىسىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن توغرىلىنىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىش ئارقىلىق چوڭقۇر قاتلاملىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك».

ئەمەلىيەت بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى، ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارغا قانچە دۇچ كەلگەنسېرى، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا شۇنچە ئومۇميۈزلۈك، دىيالېكتىك، ئۇزاق مۇددەتلىك نەزەردە قارىشىمىز، شۇنچە ئىشەنچنى ئاشۇرۇشىمىز، ئىشەنچنى چىڭىتىشىمىز كېرەك. شۇنى كۆرۈپ يېتىش كېرەككى، دۆلىتىمىز ئۇدا كۆپ يىل مۇقىم ھالدا دۇنيا بويىچە 2 - چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە، 2 - چوڭ ئىستېمال بازىرى، ياسىمىچىلىقتىكى 1 - چوڭ دۆلەت، مال سودىسىدىكى 1 - چوڭ دۆلەت، تاشقى پېرېۋوت زاپىسىدىكى 1 - چوڭ دۆلەت ئورنىدا تۇردى، 2020 - يىلى چەت ئەل مەبلىغى كىرگەن 1 - چوڭ دۆلەتكە ئايلاندى؛ دۆلىتىمىز يەر شارى بويىچە ئەڭ مۇكەممەل، كۆلىمى ئەڭ چوڭ سانائەت سىستېمىسىغا، قۇدرەتلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا، مۇكەممەل يۈرۈشلەشتۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە، 100 مىليوندىن ئارتۇق بازار سۇبيېكتىغا ۋە 170 مىليوندىن ئارتۇق ئالىي مائارىپنى قوبۇل قىلغان ياكى تۈرلۈك كەسپىي ماھارەتنى ئىگىلىگەن ئىختىساسلىقلارغا ئىگە، يەنە 400 مىليوندىن ئارتۇق ئوتتۇراھال كىرىملىك كىشىلەر توپىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇستىن شەكىللەنگەن ئادەتتىن تاشقىرى زور كۆلەملىك ئىچكى ئېھتىياج بازىرى بار، يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش، ئۇچۇرلاشتۇرۇش، شەھەر - بازارلاشتۇرۇش، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ تېز تەرەققىيات باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان بولۇپ، سېلىنما ئېھتىياج يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور؛ بىز ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ، مۇتلەق نامراتلىق مەسىلىسىنى تارىخىي خاراكتېرلىك ھەل قىلىپ، كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىدىغان ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ قەدەم تاشلىدۇق. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، گەرچە خەلقئارا، دۆلەت ئىچى ۋەزىيىتىدە چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىش بولغان بولسىمۇ، لېكىن دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىش، ئۇزاققىچە ياخشىلىنىش ئاساسىي تەرىپى ئۆزگەرمىدى، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ يوشۇرۇن كۈچى تولۇق، ئېلاستىكلىقى زور، ھاياتىي كۈچى كۈچلۈك، ئەسلىگە كېلىش بوشلۇقى چوڭ، سىياسەت قورالى كۆپ بولۇشتەك ئاساسىي ئالاھىدىلىكى ئۆزگەرمىدى، دۆلىتىمىز تەرەققىياتى ئىگە بولغان كۆپ تەرەپلىك ئەۋزەللىك ۋە شارائىت ئۆزگەرمىدى. پۇرسەت ۋە ۋەزىيەت بىز تەرەپتە، بۇ بىزنىڭ ئىرادىمىز ۋە جاسارىتىمىزنىڭ ئاساسى، شۇنداقلا غەيرىتىمىز ۋە ئىشەنچىمىزنىڭ ئاساسى. يېڭى مۇساپىدە، بىزنىڭ خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشقا كۈچلۈك غەيرىتىمىز، قەتئىي ئىرادىمىز، مۇستەھكەم دۆلەت كۈچىمىز بار، تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر، سىناقلار ئۈستىدىن غالپ كېلىشكە تولۇق ئاساسىمىز، ئىقتىدارىمىز، ئەقىل - پاراسىتىمىز بار.

نەتىجىلەر تەستە قولغا كەلدى، تەجرىبىلەر تولىمۇ قىممەتلىك. خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش ئەمەلىيىتىدە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە بولغان قانۇنىيەتلىك تونۇشنى يەنىمۇ توپلاپ، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا بۇنى مۇپەسسەل يىغىنچاقلىدى: جەزمەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئېغىر، زور خىرىسلارغا سالماق تاقابىل تۇرۇپ، بىردەك قەدەم ئېلىپ ئالغا ئىلگىرىلەش كېرەك؛ جەزمەن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇش كېرەك، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇش پارتىيەنىڭ ئاساسىي لۇشيەنىنىڭ تەلىپى، پۈتۈن پارتىيە پۈتۈن زېھنى بىلەن ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئىجرا قىلىپ، ئىقتىسادتا سۈپەتنىڭ مۇقىم ئۆسۈشى ۋە مىقدارنىڭ مۇۋاپىق ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك؛ جەزمەن مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، سىياسەتنى تەڭشەش ۋە ئىسلاھاتقا تۈرتكە بولۇشتا ۋاقىت، ئۆلچەم، ئۈنۈمنى ياخشى ئىگىلەپ، ئاۋۋال تۇرغۇزۇپ ئاندىن قالدۇرۇش، پۇختا، قەدەم - باسقۇچلۇق جەڭ قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك؛ جەزمەن بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سىستېما قارىشىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك. بۇ «تۆت جەزمەن» يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ جۇڭگو ئىقتىسادىدىن ئىبارەت غايەت زور پاراخوتنى باشلاپ دولقۇن يېرىپ ئالغا ئىلگىرىلىگەن يۈكسەك ئەقىل - پاراسىتىنى تولۇق نامايان قىلىپ بەردى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارغا سالماق تاقابىل تۇرۇشتىكى پىشقان ئىقتىدارىنى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈپ بەردى، بۇ، بىزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىزدىكى مۇھىم تونۇش نەزەرىيەسى ۋە مېتودولوگىيە بولۇپ، بىزنىڭ جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىمىزنى تېخىمۇ چىڭىتتى، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىمىزنى تېخىمۇ كۈچەيتتى.

كەسكىن ۋەزىيەتتە قەھرىماننىڭ خىسلىتى نامايان بولىدۇ. تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر، يوشۇرۇن خەۋپلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، تۈگىتىپ، تاشقى مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشى ئېلىپ كەلگەن زەربە ۋە خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇشتا ئاچقۇچ ئۆزىمىزنىڭ ئىشىنى ياخشى قىلىشتا. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلارنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، ئۆزگىرىشنى دەل جايىدا تونۇپ، ئۆزگىرىشكە ئىلمىي ماسلىشىپ، ئۆزگىرىشكە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىنتىلىپ، كىرىزىس ئىچىدە پۇرسەت يېتىلدۈرۈپ، ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل، تېخىمۇ بىخەتەر بولغان تەرەققىياتنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. كەلگۈسىگە يۈزلەنگەندە، پارتىيەنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ روشەن ئەۋزەللىكى بار، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇيان جۇغلانغان مول ماددىي تېخنىكا ئاساسى بار، ئادەتتىن تاشقىرى زور كۆلەملىك بازار ئەۋزەللىكى ۋە ئىچكى ئېھتىياج يوشۇرۇن كۈچى بار، غايەت زور ئادەم كۈچى كاپىتالى ۋە ئىختىساسلىقلار بايلىقى بار، بىز ئىشەنچنى چىڭىتىپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇپ، ئۆزىمىزنىڭ ئىشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ياخشى قىلساقلا، زور خەۋپ - خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش داۋامىدا چوقۇم زور پۇرسەتنى يارىتىپ، باشتىن - ئاخىر يېڭىلمەس ئورۇندا تۇرالايمىز.

جۇڭگو ئىقتىسادى بىر چوڭ دېڭىز، سان - ساناقسىز بوران - چاپقۇن، قارا يامغۇرنى باشتىن كەچۈرگەن دېڭىز يەنىلا بۇ يەردە! بېسىپ ئۆتكەن كۈرەش مۇساپىمىزنى ئەسلىسەك، بىز ئىزچىل قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش داۋامىدا تەرەققىي قىلىپ ئىلگىرىلىدۇق، خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش داۋامىدا ئۆزىمىزدىن ھالقىپ ئۆتتۇق. جۇڭگو قىيىنچىلىققا باش ئەگمەيدىغان، داۋان ئېشىپ ئۆتكەللەردىن ئاشالايدىغان ئىقتىدارغا ئىگە، جۇڭگونىڭ ئالغا ئىلگىرىلەشتىكى قەتئىي قەدىمىنى ھېچنېمە توسۇپ قالالمايدۇ. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىپ، قەتئىي ئىرادە بىلەن ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە تۈرلۈك توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيلى!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 12 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.