تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

«14 ـ بەش يىل»دا ياخشى باشلىنىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى

− مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

□خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

«<14 ـ بەش يىل>دا ياخشى باشلىنىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى»، 12 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنىدىن 10 ـ كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلگەن مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا بىر يىلدىن بۇيان دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرگە يۈكسەك باھا بېرىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ يىغىندا مۇھىم سۆز قىلىپ، 2021 ـ يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى چوڭقۇر خۇلاسىلەپ، ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، 2022 ـ يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىگە قارىتا مۇھىم، زور ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، بىزنىڭ كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشىمىز ئۈچۈن ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى.

بۇ يىل پارتىيە ۋە دۆلەت تارىخىدىكى ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بىر يىل، شۇنداقلا جەزمەن تارىخ سەھىپىسىگە پۈتۈلىدىغان بىر يىل. بىز جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىمىزنى، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلىشنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلىغانلىقىمىزنى رەسمىي جاكارلىدۇق. بىز پارتىيە 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 ـ ئومۇمىي يىغىنىنى ئېچىپ، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي تەجرىبىلەرنى خۇلاسىلەپ، 100 يىللىق پارتىيە تارىخىدىكى 3 ـ تارىخىي قارار − «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي تەجرىبىلەر توغرىسىدىكى قارارى»نى ماقۇللىدۇق، بۇ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلىشى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشىدىكى سىياسىي خىتابنامە، تارىخنى ئەينەك قىلىپ، كەلگۈسىنى يارىتىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ھەرىكەت كۆرسەتمىسى. بىر يىلدىن بۇيان، دۇنيادا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان زور ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى ۋە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ يەر شارى مىقياسىدا يامرىشىنىڭ گىرەلەشمە تەسىرىدە، تاشقى مۇھىت تېخىمۇ مۇرەككەپلىشىپ ۋە كەسكىنلىشىپ كەتتى، دۆلەت ئىچىدە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەر ئىنتايىن مۈشكۈل ۋە جاپالىق بولدى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ۋەزىيەتنى بىرتۇتاش پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى ۋە ئەسىر يۇقۇمىغا سالماق تاقابىل تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ماكرو سىياسەتنى دەۋرىيلىك ھالقىپ تەڭشەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىياتىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەپ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىسلاھات ـ تەرەققىياتتىكى مۈشكۈل ۋەزىپىلەرنى جاسارەت بىلەن ئورۇنداپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا يېڭى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى.

«14 ـ بەش يىل»دا ياخشى باشلىنىشنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلغانلىقىنىڭ بىر مۇھىم تەرىپى يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشتا يېڭى قەدەم تاشلىنىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا يېڭى نەتىجە ـ ئۈنۈمنىڭ قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكىدە گەۋدىلەندى. دۆلىتىمىز ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشتە يەر شارى بويىچە ئالدىنقى ئورۇننى ساقلىدى، تەرەققىيات ئېلاستىكلىقى كۈچلۈك، يوشۇرۇن كۈچى زور، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ يېتەرلىك بولۇش ئالاھىدىلىكى سىجىل نامايان بولدى؛ دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پەن ـ تېخنىكا كۈچى تېز زورايدى، مۇھىم، زور يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى كەينى ـ كەينىدىن مەيدانغا كەلدى، پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى سىجىل ئۆستى، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا يېڭى بۆسۈش ئىشقا ئاشۇرۇلدى؛ كەسىپ زەنجىرىنىڭ ئېلاستىكلىقى كۈچەيدى، تاشقى سودىنىڭ مىقدارى ئېشىپ، سۈپىتى ئۆستى، قۇرۇلما داۋاملىق ئەلالاشتى، يېڭى كەسىپ، يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزە ۋەكىللىكىدىكى يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى ئۆسۈپ يېتىلىپ زورايدى؛ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش چوڭقۇرلاپ ئالغا سىلجىتىلدى، تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياجنى ماسلاشتۇرۇش ۋە مۇھىم ئامىللارنىڭ يۈرۈشۈشىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان توسۇق نۇقتىلار كۈچەپ راۋانلاشتۇرۇلدى، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ھەمكارلىق، رىقابەت يېڭى ئەۋزەللىكى بەرپا قىلىندى؛ خەلق تۇرمۇشى كاپالىتى كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك بولدى، ئىشقا ئورۇنلىشىش كۆلىمى سىجىل كېڭىيىپ، ئاھالىنىڭ كىرىمى ئاساسەن ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى بىلەن ماس قەدەمدە ئاشتى، پۈتۈن يىللىق ئاشلىق ھوسۇلىدا ئۇدا يەتتە يىل 1 تىرىليون 300 مىليارد جىڭدىن يۇقىرى بولۇش ساقلىنىپ، «ئۇدا 18 يىل مول ھوسۇل ئېلىش» ئىشقا ئاشۇرۇلدى؛ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى سىجىل ئالغا سىلجىتىلدى، كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاش ئالغا سىلجىتىلدى، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىش قەدىمى مۇقىم، ساغلام بولۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشتا يېڭى نەتىجە ـ ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى.

جاپا ـ مۇشەققەتكە دۇچ كەلگەندە، باتۇرلۇق ـ قەيسەرلىك نامايان بولىدۇ، ئەجىرنىڭ تېگى ئالتۇن. بۇ نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىنىڭ نەتىجىسى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىنىڭ نەتىجىسى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بىر نىيەتتە كۈچ چىقىرىپ، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى. ئەمەلىيەت شۇنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدىكى، پارتىيەنىڭ يولداش شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسىلىق، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى تىكلىشى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىك ئورنىنى تىكلىشى يېڭى دەۋردە پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش تارىخىي مۇساپىسىنى ئالغا سىلجىتىشتا ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە. باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسى بولۇش سۈپىتى بىلەن يول باشلاپ رولچى بولسىلا، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكى بولسىلا، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلسىلا، بىز چوقۇم تۈرلۈك جاپا ـ مۇشەققەت، خەۋپ ـ خەتەر، توسالغۇلار ئۈستىدىن غالىب كېلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە يېڭى دەۋر شان ـ شەرىپىنى يارىتالايمىز، يېڭى تارىخىي ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋوجۇدقا چىقىرالايمىز.

كېلەر يىلى پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى ئېچىلىدۇ، بۇ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدىكى بىر چوڭ ئىش. ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش»، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەپ، خەلق تۇرمۇشىنى سىجىل ياخشىلاپ، ماكرولۇق ئىقتىسادنىڭ ئومۇمىي گەۋدىسىنى كۈچەپ مۇقىملاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ مۇۋاپىق ئارىلىقتا يۈرۈشۈشىنى ساقلاپ، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلىغاندىلا، بىز چوقۇم تەكشى، مۇقىم، ساغلام بولغان ئىقتىسادىي مۇھىت، دۆلەت تىنچ ـ ئامان، خەلق خاتىرجەم بولغان جەمئىيەت مۇھىتى، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي مۇھىتنى ساقلاپ، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى ئەلا نەتىجىلىرىمىز بىلەن كۈتۈۋالالايمىز. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىمىزنى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارىمىزنى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىمىزنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتايلى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 ـ ئاينىڭ 11 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.