تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يۆتكىلىپ يېڭى بىر ماكانغا بېرىش كۆچۈپ بەختلىك ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈش

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

11 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، مەمەت ئېلى ئۆزى ئاچقان كاۋاپخانىدا مېھمانلارنى كۈتۈش بىلەن ئالدىراش ئىدى. 2018 - يىلى، مەمەت قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ چوپان يېزىسىدىن ئاقتاش بازىرىغا كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن، بۇ كاۋاپخانىنى ئېچىپ، ھەر ئايدا 8000 يۈەندىن ئارتۇق پۇل تاپالايدىغان بولدى.

«ھازىر، ئائىلىمىزدىكى تۆت جاندىن ئۈچىمىزنىڭ خىزمىتى بار، تۇرمۇشىمىز بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ. كېلەر يىلى مەن يەنە بىر دۇكاننى ئىجارىگە ئېلىپ، كاۋاپخانامنىڭ كۆلىمىنى كېڭەيتىشنى ئويلاۋاتىمەن» دېدى مەمەت.

2019 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا، شىنجاڭ «13 - بەش يىل»لىق نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك تاماملىدى، 169 مىڭ 400 كىشى يېڭى تۇرالغۇلارغا خۇشال - خۇرام كۆچۈپ كىردى. كۆچۈرۈلگەن ئاممىنىڭ «مۇقىم تۇرالايدىغان، ئىشقا ئورۇنلىشالايدىغان، تەدرىجىي بېيىيالايدىغان» بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، شىنجاڭ مەۋقەنى ئورۇنلاشتۇرۇش رايونىنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، پۈتۈن گەۋدە بويىچە پىلانلاپ، تۈرگە ئايرىپ تەدبىر يۈرگۈزۈپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، داۋاملاشما يۆلەش خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش ئارقىلىق نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەشنىڭ داۋاملاشما خىزمەتلىرىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش نەتىجىلىرىنى سىجىل مۇستەھكەملىدى.

يۇمشاق ۋە قاتتىق دېتال يېتىشىپ مېڭىش ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى تېخىمۇ كۈچىيىش

«10 مىڭ مو يەردىن 10 مىڭ مولۇق ھوسۇل ئېلىندى، قارلىق تاغ، قۇملۇقلاردا قىش پەسلىدىكى چاڭ - توزانلار تازىلاندى. ئىلگىرىكى چۆل - جەزىرە مۇنبەت ئېتىزغا ئايلاندى، 10 مىڭ مو مۇنبەت ئېتىز خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزدى.» بۇ، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ چىڭگىل ناھىيەسىدىكى نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇش رايونى − ئاقدالا بازىرىنىڭ ھەقىقىي كارتىنىسى.

«13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، ئاقدالا بازىرى پۈتۈن ناھىيەدىكى ئالتە يېزا (بازار)دىن كۆچۈپ كەلگەن 3000دىن ئارتۇق نامرات نوپۇسنى ئورۇنلاشتۇردى. ئورۇنلاشتۇرۇش ئۆيلىرىگە سۇ، توك، پار يەتكۈزۈلدى، بازاردا يەنە دوختۇرخانا، يەسلى، پائالىيەت مەركىزى قاتارلىقلار قۇرۇلدى.

12 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، كەنت ئاھالىسى باقىت تاخاننىڭ ئۆيىگە كىرگىنىمىزدە، دېرىزىلىرى يورۇق، پاكىز بولۇپ، سۇ، توك، پار ئەسلىھەلىرى تولۇق سەپلەنگەنىدى.

«يېڭى كەلگەندە، گاز ئوچاق ئىشلىتىشنى بىلمەيتتىم؛ بالا يۇيۇنماقچى بولغاندا، سۇ ئىسسىتقۇچنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى تەڭشىيەلمەيتتىم... گەرچە ھەممىسى كىچىك ئىشلار بولسىمۇ، لېكىن بازاردىكى كادىرلار قاچان چاقىرساق شۇ چاغدا كېلىپ، بىزگە ياردەملىشىپ مەسىلىنى ھەل قىلىپ بېرىپ، بىزگە ھەقىقىي ئىللىقلىقنى ھېس قىلدۇردى» دېدى باقىت بوۋاي.

ئاقدالا بازارلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ليۇ شيەنجۈ مۇنداق دېدى: كۆچۈرۈلگەن ئامما كۆچۈپ كىرگەن تۇنجى كۈندىن باشلاپ، يېزا - بازار كادىرلىرى ئۆيمۇئۆي كىرىپ، بىر تەرەپتىن يۈز تۇرا، يېقىندىن سىردىشىش، مۇڭدىشىش، سىياسەت توغرىسىدا سۆھبەتلىشىش شەكلى ئارقىلىق، كۆچۈرۈلگەن ئاممىنىڭ ئىدىيەۋى يۈكنى تاشلىۋېتىپ، يېڭى تۇرمۇش مۇھىتىغا تېزدىن ماسلىشىشىغا ياردەم بەردى، يەنە بىر تەرەپتىن كۆچۈرۈلگەن ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقى، ئىلتىماس - تەلىپى تىزىملىك دەپتىرىنى تۇرغۇزۇپ، بىر كۈن ئىچىدە ھۆكۈم قىلىش، ئۈچ كۈن ئىچىدە قايتما ئىنكاس قىلىش، بەش كۈن ئىچىدە قايتا زىيارەت قىلىشتەك «5 + 3 + 1» خىزمەت مېخانىزمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈردى.

بۈگۈنكى كۈندە، «كۆلەم لايىقىدا بولۇش، فۇنكسىيە مۇۋاپىق بولۇش، ئىقتىساد بىخەتەر بولۇش، مۇھىت رەتلىك، پاكىز بولۇش، ئولتۇراقلىشىشقا، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا باب كېلىش» پىرىنسىپى بويىچە، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا باشقا جايغا كۆچۈرۈپ نامراتلارنى يۆلەش ئۇل ئەسلىھەلىرى ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىدىكى كەمتۈكلۈكلەر سىجىل تولۇقلاندى، كۆچۈرۈلگەن ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ئەمەلىيلەشتى، تۇرمۇشى ئۈمىدكە تولدى، ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىلىرى ئۇلارنىڭ يېپيېڭى، كۆڭۈلدىكىدەك ماكانىغا ئايلاندى.

ئىشىك ئالدىدىلا قىلىدىغان ئىش بار بولۇش ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمنى ئاشۇرۇش يوللىرى كۆپ بولۇش

«ئائىلىمىزدە 75 قوي باقتۇق، 25 مو يەرگە توشقانزەدىكى تېرىدۇق، خوتۇنۇم يېزىدىكى مەكتەپتە خىزمەت قىلىدۇ، ئائىلىمىزنىڭ بىر يىللىق كىرىمىنى قوشقاندا 60 مىڭ يۈەندىن ئاشىدۇ.» كۆچۈرۈلگەندىن كېيىنكى تۇرمۇش تىلغا ئېلىنغاندا، كېرىيە ناھىيەسىنىڭ دەريا بويى يېزىسى نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىدىكى ئاھالە مەتيۈسۈپ مەتسىدىق خۇشاللىقىدىن ئاغزىنى يۇمالماي قالاتتى.

2019 - يىلى 9 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، مەتيۈسۈپ ئائىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 114 ئائىلىلىك يۇرتداش ئەۋلادمۇئەۋلاد ياشاپ كەلگەن قۇملۇقنىڭ ئىچكىرىسىدىن كۆچۈپ چىقىپ، ئەسلىھەلىرى تولۇق بولغان نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىغا كۆچۈپ كىردى. 2020 - يىلى 11 - ئايدا دەريا بويى يېزىسىنىڭ دەريا بويى كەنتى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى.

كۆچۈرۈلگەن ئاممىنى مۇقىم تۇرالايدىغان، بېيىيالايدىغان قىلىش ئۈچۈن، دەريا بويى يېزىسى چارۋا باقمىچىلىقى، توشقانزەدىكى تېرىقچىلىقى ۋە ساياھەتچىلىكتىن ئىبارەت ئۈچ دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ كۆچۈش بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ماس قەدەمدە بولۇش، خاتىرجەم ياشاش بىلەن خۇشال - خۇرام ئىشلەشنى بىللە ئېلىپ بېرىش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇردى.

2020 - يىلى ئاپتونوم رايوننىڭ نامراتلارنى يۆلەش ئىناۋەتلىك قەرز پۇل مەبلىغىنىڭ قوللىشىدا، دەريا بويى يېزىسى نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىدا 420 مو توشقانزەدىكى تەجرىبە ئېتىزى ئېچىلىپ، «ھەمكارلىق كوپىراتىپى + تېرىقچىلىق چوڭ ئائىلىسى + نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئائىلە» كەسىپ بىرلەشمە گەۋدىسى ئەندىزىسى ئارقىلىق، 100 نەچچە ئائىلىلىك كەنت ئاھالىسىنىڭ كەسىپ تەرەققىياتىغا قاتنىشىشىغا تۈرتكە بولۇندى.

بۈگۈنكى كۈندە، كەنتتە تېرىلغان توشقانزەدىكىدىن ھوسۇل ئېلىندى، چارۋا باقمىچىلىقى ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا قوتاندا بېقىلىۋاتقان قوي 20 مىڭغا يەتتى، بۇ يىل دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدىلا ساياھەتكە كەلگەنلەرنىڭ سانى 300دىن ئاشتى...

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرى كۆچۈرۈلگەن ئاممىنى قاراتمىلىق ھالدا تۈر، دەرىجىگە ئايرىپ ئومۇميۈزلۈك تەربىيەلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خاس دېھقانچىلىق - چارۋىچىلىقنى، ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، داۋاملاشما كەسىپلەر ئارقىلىق ياردەم بېرىش - يۆلەش، يېزا - كەنت ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، جەمئىي 90 مىڭدىن ئارتۇق كۆچۈرۈلگەن ئاممىنىڭ يېڭى ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىدا كەسىپ ئارقىلىق كىرىمىنى ئاشۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارقىلىق كىرىمىنى ئاشۇرۇش، ئۆز ئالدىغا كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا يار - يۆلەك بولدى.

ئاممىنىڭ ئىشەنچى تېخىمۇ ئېشىش ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى تېخىمۇ كۈچىيىش

باشقا جايغا كۆچۈرۈش ئىلگىرىكى نامرات ئاممىغا نۇرغۇن ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كەلدى، كۆچۈرۈلگەن ئامما مىسلىسىز ئۆزگىرىشنى باشتىن كەچۈرۈپ، كىشىلىك ھاياتتىكى كۆركەم بۇرۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.

11 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، ئاقتاش بازىرىدا ئولتۇرۇشلۇق تۇرسۇنمامۇت ئىمىن ئەتىگەندىلا ئۆزىنىڭ كۆكتات پارنىكىغا كىرىپ، قىپقىزىل شوخلىلارغا قاراپ خۇشال بولدى.

2019 - يىلى، تۇرسۇنمامۇت ئائىلىسىدىكىلەر ئاقتاش بازىرىغا كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇ ئىزچىل كۆكتات پارنىكىدا ئىشلىدى. بۇ يىل 7 - ئايدا، ئۇ تېخنىكا ئۆگىنىپ بولغاندىن كېيىن ھەربىرىنىڭ يىللىق باھاسى 5000 يۈەن بولغان يەتتە پارنىكنى ھۆددىگە ئالدى، بۇنىڭ ئىچىدە تۆت پارنىكقا شوخلا، ئۈچ پارنىكقا تاۋۇز، قوغۇن ۋە پەسىلسىز كۆكتات تېرىدى.

«پارنىكتا تېرىقچىلىق قىلغاندىن كېيىن، كىرىمىم 50 مىڭ يۈەندىن ئاشتى. ھازىر شوخلىنى 2 - قېتىم ئۈزۈش ۋاقتى كەلدى، ئىككى كۈندىن كېيىن ئۈزۈپ ساتقىلى بولىدۇ. بۇ يىل ئۈنۈم ياخشى بولدى، بۇ ماڭا زور ئىشەنچ بېغىشلىدى، كېلەر يىلى يەنە ئۈچ پارنىكنى ھۆددىگە ئېلىشنى پىلانلاۋاتىمەن.» تۇرسۇنمامۇت مۇنداق دېدى: كۆچكەندىن كېيىن، كەنت قەرەللىك ھالدا تۈرلۈك كۇرسلارنى ئاچتى، پارنىك تېرىقچىلىقى تېخنىكىسىنى ئۆگەنگەندىن كېيىن، تەرەققىياتقا بولغان ئىشەنچىم تېخىمۇ ئاشتى.

2018 - يىلىدىن باشلاپ، قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ كۆكيار يېزىسى، ئۇششاقباش بازىرى، چوپان يېزىسى قاتارلىق تاغلىق رايون يېزا - بازارلىرىدىكى 14 مىڭ دېھقان - چارۋىچى ئارقا - ئارقىدىن ئاقتاش بازىرىغا كۆچۈپ كەلدى. ئاممىنىڭ خاتىرجەم ياشىشى، ھەم خۇشال - خۇرام ئىشلىشى ئۈچۈن ئاقتاش بازىرى، يېزا - كەنت سېخى، كوچا بويىدىكى دۇكان، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرى قۇرۇپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە يەنىمۇ كۈچ قوشتى.

«كەسىپلەر باغچە رايونى، چارۋا باقمىچىلىقى باغچە رايونى، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىك بازىسى، كوچا بويىدىكى دۇكانلارنىڭ تۈرتكىسى ئارقىلىق، كۆچۈرۈلگەن ئائىلىلەردىكى 5800دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئىشىك ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ھەل قىلدۇق.» ئاقتاش بازارلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى چى فۇباۋ مۇنداق دېدى: گۈزەل تۇرمۇش يارىتىشتا، يەنە ئاممىنىڭ ئۆزىنىڭ ئىككى قولىغا تايىنىشىغا توغرا كېلىدۇ، بازارلىق پارتىيە كومىتېتى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئاساسىدا، تەرەققىيات يۆنىلىشىنى توغرا تېپىپ، ئىمكانقەدەر تاشقى شارائىت يارىتىپ، ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى قوزغاتتى.

ئادەمگە قاراپ تەدبىر قوللىنىپ، تۈرگە ئايرىپ ياردەم بېرىپ - يۆلەپ، تۈرلۈك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سۇپىسى قۇرغاندىلا، ئاندىن كۆچۈرۈلگەن ئاممىنى ھەقىقىي تۈردە مۇقىم تۇرالايدىغان، بېيىيالايدىغان قىلغىلى بولىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كۆچۈرۈلگەندىن كېيىنكى ئامما يېقىن ئەتراپتا، ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەش، كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق يوللار ئارقىلىق، كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىشنىڭ ياخشى يولىنى تاپتى.

(مۇخبىرلار جاڭ تىڭ، پەرىزات ئابدۇل، رايىدە)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.