تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​«بۈگۈن، بىزنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىمىز ئالەم ئۇچقۇچىلىرى»

گۇما ناھىيەسى چودا يېزىلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلىرى «تيەنگۇڭ دەرسخانىسى»نىڭ دەرسىنى ئاڭلىدى

​«بۈگۈن، بىزنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىمىز ئالەم ئۇچقۇچىلىرى»

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ۋېي يۇڭگۇي، جەزىرە نېسىپبېك خەۋەر قىلىدۇ: «بۈگۈن، بىزنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىمىز جۇڭگو ئالەم بوشلۇقى پونكىتىنىڭ ئالەم ئۇچقۇچىلىرى.» 12 - ئاينىڭ 9 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، گۇما ناھىيەسى چودا يېزىلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ مۇدىرى پەرىدەم مەتسىيىت دەرسخانىغا كىرىپ بالىلارغا شۇنداق دېدى.

شۇ كۈنى سائەت 15تىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە، «تيەنگۇڭ دەرسخانىسى»دىكى تۇنجى سائەتلىك دەرس رەسمىي باشلاندى. «ئالەم بوشلۇقى ئوقۇتقۇچىسى» جەي جىگاڭ، ۋاڭ ياپىڭ، يې گۇاڭفۇ جۇڭگو ئالەم بوشلۇقى پونكىتىدا كەڭ ياشلار، ئۆسمۈرلەرگە بىر مەيدان قالتىس ئالەم بوشلۇقى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش دەرسى ئۆتتى، بۇ، جۇڭگو ئالەم بوشلۇقى پونكىتىنىڭ تۇنجى قېتىملىق ئالەم بوشلۇقىدا دەرس ئۆتۈش پائالىيىتى ھېسابلىنىدۇ. مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى پۈتۈن جەرياننى بىۋاسىتە تارقاتتى.

سائەت 00: 14تە، گۇما ناھىيەسى چودا يېزىلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 4 - يىللىقىدىكى 30 ئوقۇغۇچى قىپقىزىل گالىستۇك تاقاپ، بالدۇرلا سىنىپتا ئولتۇرۇپ، «تيەنگۇڭ دەرسخانىسى»دا دەرس باشلىنىشىنى كۈتتى. سائەت 14تىن 25 مىنۇت ئۆتكەندە، «تيەنگۇڭ دەرسخانىسى»دا دەرس باشلىنىشتىن ئىلگىرى، مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ ئاخبارات رىياسەتچىسى بۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن ئۇلىنىش قىلدى. 4 - يىللىق 3 - سىنىپ ئوقۇغۇچىسى ئىلمىنۇر ئۆمەرئابلا رىياسەتچى بىلەن ئۇلىنىش قىلغاندا، ئۈچ ئالەم ئۇچقۇچىسىغا بەخت تىلىدى.

بۇ يىل 8 - ئايدا، ئىلمىنۇر ئوتتۇرا، غەربىي قىسىمدىكى مەكتەپلەردە قانات يايدۇرۇلغان رەسىم سىزىش ۋە خەت - چەك توپلاش پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، رەسىم ئارقىلىق ئالەم ئۇچقۇچىلىرىغا بولغان تىلىكى ھەمدە ئالەم بوشلۇقىدىكى خىزمەت، تۇرمۇشقا بولغان قىزىقىشىنى ئىپادىلىدى. ئىلمىنۇر ئۆز ئەسىرىنىڭ تاللىنىپ قالىدىغانلىقىنى ھەم 9 - ئايدا خەينەن ۋېنچاڭغا بېرىپ «ياشلىق باھار بىلەن يۇلتۇزلۇق ئاسماننىڭ سۆزلىشىشى» ئوتتۇرا، غەربىي قىسىم ياشلار، ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئادەملىك ئالەم قاتنىشى بىلەن يۈزمۇيۈز ئۇچرىشىش باش تېمىسىدىكى پائالىيەتكە قاتنىشىپ، تيەنجوۋ 3 - نومۇرلۇق يۈك توشۇغۇچى ئالەم كېمىسىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىگە نەق مەيداندا گۇۋاھ بولىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقمىغانىدى. 10 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، ئۇ تەكلىپكە بىنائەن جيۇچۈەن سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزىگە بېرىپ، تاراتقۇدا شېنجوۋ 13 - نومۇرلۇق ئۇچۇش گۇرۇپپىسىدىكى ئالەم ئۇچقۇچىلىرى بىلەن يۈز كۆرۈشۈش يىغىنىدا ۋاڭ ياپىڭ بىلەن نەق مەيداندا سۆزلەشتى.

«مەن ۋەتىنىمىزنىڭ قۇدرەت تاپقانلىقىدىن پەخىرلىنىمەن.» ئىلمىنۇر مۇنداق دېدى: «قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، مەن ساۋاقداشلىرىمغا ئۆزۈم كۆرگەن نۇرغۇن قىزىقارلىق ئىشلارنى سۆزلەپ بەردىم. ساۋاقداشلىرىم ئاۋىياتسىيە - ئالەم قاتنىشى بىلىملىرىگە ئىنتايىن قىزىقتى».

تەخمىنەن 60 مىنۇتلۇق دەرس ئۆتۈش جەريانىدا، شېنجوۋ 13 - نومۇرلۇق ئۇچۇش گۇرۇپپىسىدىكى ئالەم ئۇچقۇچىلىرى جەي جىگاڭ، ۋاڭ ياپىڭ، يې گۇاڭفۇ جانلىق تونۇشتۇرۇش ئارقىلىق ئالەم بوشلۇقى پونكىتىدىكى خىزمەت، تۇرمۇش مەنزىرىسىنى نامايان قىلىپ بەردى، مىكرو ئېغىرلىق كۈچى مۇھىتىدىكى ھۈجەيرە ئىلمى تەجرىبىسى، ئادەم بەدىنى ھەرىكىتى، سۇيۇقلۇق يۈزىنىڭ كېرىلىش كۈچى قاتارلىق سىرلىق ھادىسىلەرنى كۆرسىتىپ بەردى ھەم تەجرىبىنىڭ ئارقىسىدىكى ئىلمىي قائىدىلەرنى چۈشەندۈردى. ئالەم بوشلۇقىدىكى ئاجايىپ ھادىسىلەر بالىلارنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتتى.

دەرس ئۆتۈش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، بالىلار ئالەم قاتنىشى ئېلان تاختا گېزىتى ئالدىغا يىغىلىپ، ئۇزاققىچە تارقىلىشنى خالىمىدى. ئىلمىنۇرنىڭ ساۋاقدىشى ئالىمجان مەمتىمىن مۇنداق دېدى: «مېنىڭمۇ چوڭ بولغاندا ئالەم ئۇچقۇچىسى بولغۇم بار. مەن ياخشى ئۆگىنىپ، كۈنسېرى يۇقىرى ئۆرلەيمەن».

«كېيىنكى قەدەمدە، بىز مەكتەپ مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىدا ئالەم قاتنىشى بىلىملىرىنىڭ مەزمۇنىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئالەم قاتنىشى ئارزۇسى ۋە ئىلىم - پەنگە بولغان تەلپۈنۈشنى بالىلارنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزىمىز» دېدى گۇما ناھىيەسى چودا يېزىلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپ پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى شياۋ سۇڭجۈن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.