تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

جەنۇبىي شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىنىڭ توك بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارى زور دەرىجىدە ئاشتى

ئاساسىي تورنىڭ قەشقەر، قىزىلسۇ، خوتەندىن ئىبارەت ئۈچ جاينى توك بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارى 400 مىڭ كىلوۋاتتىن 600 مىڭ كىلوۋاتقىچە ئاشتى

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن چياڭۋېي خەۋەر قىلىدۇ: «بۇ يىل جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا ئاپتونوم رايوننىڭ بىر تۈركۈم نۇقتىلىق ئېلېكتىر ئېنېرگىيە قۇرۇلۇشلىرى ئارقا ـ ئارقىدىن پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، بۇنىڭ بىلەن شىنجاڭ ئاساسىي تورىنىڭ قەشقەر ۋىلايىتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى، خوتەن ۋىلايىتىنى توك بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارى 400 مىڭ كىلوۋاتتىن 600 مىڭ كىلوۋاتقىچە ئاشتى، قەشقەردىن خوتەنگىچە بولغان كەسمە يۈزىنىڭ توك يەتكۈزۈش سىغىمى 650 مىڭ كىلوۋاتتىن ئېشىپ 1 مىليون 200 مىڭ كىلوۋاتقا يېتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىنىڭ توك بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارى ۋە توك بىلەن تەمىنلەش ئىشەنچلىكلىكى زور دەرىجىدە ئاشتى.» دېدى 12 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى قۇرۇلۇش بۆلۈمى تۈر باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى مۇ فېڭلېي مۇخبىرغا.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز جەنۇبىي شىنجاڭ 750 كىلوۋولتلۇق ئېلېكتىر تورىغا مەبلەغ سېلىپ قۇرۇلۇش قىلىش سالمىقىنى سىجىل زورايتتى. 2015 ـ يىلى كۇچا ـ ئاقسۇ ـ مارالبېشى ـ قەشقەر 750 كىلوۋولتلۇق توك يەتكۈزۈش ـ بېسىم ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، شىنجاڭ 750 كىلوۋولتلۇق ئاساسىي تورى تۇنجى قېتىم جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىغىچە ئۇزارتىلدى. 2019 ـ يىلى مارالبېشى ـ يەكەن، قەشقەر ـ يەكەن، يەكەن ـ خوتەن 750 كىلوۋولتلۇق توك يەتكۈزۈش ـ بېسىم ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى ئارقا ـ ئارقىدىن پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، جەنۇبىي شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىنى ئۇزارتىش، تولۇقلاپ كۈچەيتىش قۇرۇلۇشى ئوڭۇشلۇق تاماملاندى، شىنجاڭ 750 كىلوۋولتلۇق ئاساسىي تورى خوتەن ۋىلايىتىگىچە ئۇزارتىلدى.

بۇ يىل كۇچا ـ ئاقسۇ ـ مارالبېشىⅡقايتما، تۇرپان ـ بايىنغولىن ـ كۇچاⅡقايتما، يەكەن ـ خوتەن Ⅱ قايتما 750 كىلوۋولتلۇق توك يەتكۈزۈش ـ بېسىم ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى، 750 كىلوۋولتلۇق قەشقەر، خوتەن ئاساسىي تىرانسفورموتورنىڭ سىغىمىنى ئاشۇرۇش قۇرۇلۇشى ئارقا ـ ئارقىدىن پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭ ئېلېكتىر تورى يەنە بىر قېتىم تولۇقلاپ كۈچەيتىلىپ، شۇ جاينىڭ توك ئىشلىتىش بىخەتەرلىكى يەنىمۇ كاپالەتلەندۈرۈلدى.

بۇ يىل 10 ـ ئايدا، يەكەن ـ خوتەنⅡ قايتما 750 كىلوۋولتلۇق توك يەتكۈزۈش ـ بېسىم ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى، 750 كىلوۋولتلۇق خوتەن ئاساسىي تىرانسفورموتورنىڭ سىغىمىنى ئاشۇرۇش قۇرۇلۇشى ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، قەشقەردىن خوتەنگىچە بولغان كەسمە يۈزىنىڭ توك يەتكۈزۈش سىغىمى جەمئىي %85 ئېشىپ، خوتەن ۋىلايىتى ئېلېكتىر تورىنىڭ توك بىلەن تەمىنلەش، كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارى ناھايىتى زور دەرىجىدە ئۆستى.

شىنجاڭ شىنخۇا شېڭشۇ يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسىدىن توك چىقىرىش چەكلىك شىركىتى قاراقاش ناھىيەسىگە جايلاشقان بولۇپ، 2016 ـ يىلى 6 ـ ئايدا پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن، يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 180 مىڭ كىلوۋات.

«بۇ يىل شىركىتىمىز ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن بۇيانقى توك تارقىتىش ئەھۋالى ئەڭ ياخشى بولغان بىر يىل بولدى. بولۇپمۇ 10 ـ ئاي، 11 ـ ئايدا، شىركەت تولۇق توك تارقاتتى، بىر قىسىم توك مىقدارى شۇ جايدا ئىشلىتىلدى، شۇ جايدا ئىشلىتىپ بولۇنمىغان توك مىقدارى 750 كىلوۋولتلۇق ئېلېكتىر تورى ئارقىلىق ئاساسىي ئېلېكتىر تورىغا يەتكۈزۈلۈپ ئىشلىتىلدى.» بۇ شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى جاڭ ۋەنۋېن مۇنداق دېدى: بۇ يىل 11 ـ ئايدا، شىركەتنىڭ توك چىقىرىش مىقدارى 17 مىليون 540 مىڭ 400 كىلوۋات سائەت بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.83 ئاشتى.

«جەنۇبىي شىنجاڭ 750 كىلوۋولتلۇق توك يەتكۈزۈش ـ بېسىم ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى شۇ جاينىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە بايلىقى ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ ياز پەسلىدىكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيە ئوشۇقچىلىقى ۋە قىش پەسلىدىكى توك كەمچىل بولۇش ئەھۋالىنى ئۈنۈملۈك پەسەيتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ پاكىز ئېنېرگىيە ئىشلىتىش، سىرتقا يەتكۈزۈش ھەمدە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېڭىچە ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسى ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇشىنى كۈچلۈك تور رامكىسى تىرىكى بىلەن تەمىنلەيدۇ. كېلەر يىلى شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىنىڭ نۇقتىلىق خىزمىتى يەنىلا جەنۇبىي شىنجاڭ 750 كىلوۋولتلۇق ئېلېكتىر تورىنى داۋاملىق تولۇقلاپ كۈچەيتىش» دېدى مۇ فېڭلېي.

ئىگىلىنىشىچە، كېلەر يىلى، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى بايىنغولىن ئوبلاستى ـ تىكەنلىك ـ چاقىلىق، كۇچا ـ ئارال ـ مارالبېشىⅡ قايتما، مارالبېشى ـ قەشقەر Ⅱ قايتما قاتارلىق 750 كىلوۋولتلۇق توك يەتكۈزۈش ـ بېسىم ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەتلىرىنى يولغا قويۇشنى پىلانلىغان. «14 ـ بەش يىل» مەزگىلىدە، جەنۇبىي شىنجاڭ ئېلېكتىر تورى تەكلىماكاننى ئايلىنىدىغان 750 كىلوۋولتلۇق تور رامكىسىنى پۈتكۈزۈشنى پىلانلىغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.