تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى سايلاش خىزمىتىنى يۇقىرى سۈپەتلىك ياخشى ئىشلەيلى

□ خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

پارتىيە 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 ـ ئومۇمىي يىغىنى پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنى 2022 ـ يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا بېيجىڭدا ئېچىشنى قارار قىلدى. يېقىندا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئۇقتۇرۇش بېسىپ تارقىتىپ، ۋەكىللەرنى سايلاش خىزمىتى توغرىسىدا ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. 20 ـ قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنى سايلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ بىر تۈرلۈك مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپىسى.

پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى پارتىيەمىز سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ يۈرۈش قىلىش يېڭى مۇساپىسىگە كىرگەن مۇھىم پەيتتە ئېچىلىدىغان بىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇھىم قۇرۇلتاي، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدىكى بىر چوڭ ئىش. 20 ـ قۇرۇلتاينى ياخشى ئېچىش پۈتۈن پارتىيەنىڭ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق كۈرەش قىلىشتا مۇھىم، زور ھەم چوڭقۇر، ئۇزاق ئەھمىيەتكە ئىگە. بارلىق پارتىيە ئەزالىرى نامزاتلىققا كۆرسىتىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى دەرىجىمۇدەرىجە تاللاش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈلىدىغان 2300 نەپەر 20 ـ قۇرۇلتاي ۋەكىلى 95 مىليوندىن ئارتۇق پارتىيە ئەزاسى، 4 مىليون 800 مىڭدىن ئارتۇق ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى زىممىسىگە ئېلىپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئىرادىسىنى مۇجەسسەملەپ، خەلقنىڭ ئۈمىدىنى زىممىسىگە ئېلىپ، مۇقەددەس ۋەزىپە ـ مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىدۇ. قۇرۇلتاي مەزگىلىدە، ۋەكىللەر مەركىزىي كومىتېتنىڭ دوكلاتىنى ئاڭلاپ ئۆتىدۇ ۋە تەكشۈرىدۇ، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ دوكلاتىنى تەكشۈرىدۇ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، ئاممىنىڭ پىكىر ۋە تەلەپلىرىنى ئىنكاس قىلىدۇ، پارتىيەنىڭ مۇھىم، زور مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ ھەم قارار قىلىدۇ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت ۋە مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنى سايلاپ چىقىدۇ. ساپاسى ياخشى، قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق، تارقىلىشى كەڭ بولغان، پارتىيە ئەزالىرى ھىمايە قىلىدىغان ۋەكىللەرنى سايلاپ چىقىش 20 ـ قۇرۇلتاينى ئوڭۇشلۇق ئېچىش، قۇرۇلتاينىڭ تۈرلۈك ۋەزىپىلىرىنى تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتىكى مۇھىم ئاساس بولۇپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك يادروسىلىق رولىنىڭ تولۇق جارى قىلدۇرۇلۇشىغا مۇناسىۋەتلىك، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ گۈللەپ ياشنىشى ۋە روناق تېپىشىغا، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك. ۋەكىللەرنى سايلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى كۈچەيتىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇشنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يېڭى ئىمتىھانغا بېرىش يولىنى ياخشى مېڭىشتىكى كۈچلۈك سەپەرۋەرلىك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى 20 ـ قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنى سايلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، ھەقىقىي تۈردە سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تارىخىي بۇرچ تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، ۋەزىپە ـ مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، ۋەكىللەرنى سايلاش خىزمىتى ۋەزىپىسىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تاماملىشى كېرەك.

پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرى ئىچىدىكى مۇنەۋۋەرلەردىن بولۇشى، كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىلغارلىقىغا ئىگە بولۇشى كېرەك، شۇڭا جەزمەن ۋەكىللىك سالاھىيىتى شەرتىنى چىڭىتىپ، نامزاتلارنىڭ سىياسىي ئۆتكىلى ۋە پاكلىق ئۆتكىلىنى چىڭ ئىگىلەش كېرەك. سىياسىي ئۆلچەمنى باش ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، نامزاتلارنىڭ غايە ـ ئېتىقادى، سىياسىي پەزىلىتى ۋە ئەخلاق جەھەتتىن تەربىيەلىنىشىنى تەكشۈرۈشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتكەن ـ كۈچەيتمىگەنلىكى، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتقان ـ چىڭىتمىغانلىقى، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرغان ـ ئاشۇرمىغانلىقى، بىرقەدەر كۈچلۈك سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان ـ بولمىغانلىقى، مۇھىم، زور مەسىلىلەردە كاللىسىنى سەگەك تۇتقان ـ تۇتمىغانلىقى، ئاچقۇچلۇق پەيتتە سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلىگەن ـ بېرەلمىگەنلىكى، ئاڭلىق ھالدا ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىغان ـ ساقلىمىغانلىقىنى نۇقتىلىق ئىگىلەپ، سىياسىي ساپانى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، سىياسىيدا لاياقەتسىز بولغانلىرىنى بىر چاتاق بىلەن ئىنكار قىلىپ، ئومۇمەن سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە رىئايە قىلمىغان، «يەتتە بولۇش» ھەمدە «يۇمىلاق تاۋۇز»، «ياخشىچاق»، «ئىككى يۈزلىمىچى» قاتارلىق مەسىلىلەر ساقلانغانلارنىڭ ھەممىسىنى قەتئىي توسۇپ ئىشىك سىرتىدا قالدۇرۇش كېرەك. نامزاتلارنىڭ پاكلىق تۆۋەن چېكىنى مەھكەم ئىگىلەپ، «تۆت جەزمەن» تەلىپى ۋە پاكلىق پىكرىگە «قوش ئىمزا قويۇش» بەلگىلىمىسىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۆزىتىش ـ تەكشۈرۈش، ئەرزىيەت، ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش، مەخسۇس تۈر بويىچە نازارەت قىلىش ـ تەپتىش قىلىش قاتارلىق نەتىجىلەردىن پايدىلىنىشقا دىققەت قىلىپ، پاكلىق مەسىلىسى كۆرۈلسە «قىلچە يول قويماسلىق»، «چاتىقى بارلارنى نامزاتلىققا كۆرسىتىش»، «چاتىقى بارلارنى سايلاش»تىن قەتئىي ساقلىنىش كېرەك. ئىدىيە، سىياسىي، ئىقتىدار، ئىستىل، نەتىجە، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىپادە ئەھۋاللىرىنى دەل، پۇختا تەكشۈرۈپ باھالاش ئارقىلىق، ئۆتكەلنى قاتلاممۇقاتلام ئىگىلەپ، ياخشىلىرى ئىچىدىن ئەلالىرىنى تاللاپ، ۋەكىللەرنىڭ سۈپىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى كەڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە بولۇشى كېرەك، شۇڭا جەزمەن ۋەكىللەرنىڭ قۇرۇلمىسىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇش كېرەك. ئىشلەپچىقىرىش ۋە خىزمەتنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى ۋەكىللەرنىڭ نىسبىتىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئىشچىلار، دېھقانلار ۋە كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىدىن بولغان پارتىيە ئەزالىرى ئىچىدىكى ئىلغار، نەمۇنىچى شەخسلەرنى، بولۇپمۇ دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىش، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش قاتارلىق جىددىي، قىيىن، خەتەرلىك، ئېغىر ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئالغان ۋە جاپالىق مۇھىتتا ئىشلەۋاتقان ئىپادىسى گەۋدىلىك بولغان مۇنەۋۋەر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرىنى نامزاتلىققا كۆرسىتىشكە ئەھمىيەت بېرىش، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىدە بارلىققا كەلگەن ئىشلەپچىقىرىش ۋە خىزمەتنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى ئىلغار تىپلار، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش قاتارلىق تەقدىرلەش پائالىيەتلىرىدە تەقدىرلەنگەن ياكى شەرەپ نامى بېرىلگەن ئىلغار، نەمۇنىچى پارتىيە ئەزالىرىنى نامزاتلىققا كۆرسىتىشكە دىققەت قىلىش كېرەك. كەسىپ، ساھە ۋە رايونلار بويىچە تارقىلىشىنى ھەر تەرەپلىمە ئويلىشىپ، ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى قاتلام ـ دەرىجە، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ھەممىسىدە ۋەكىللەر بولۇشنى ئىمكانقەدەر ئىشقا ئاشۇرۇش، ئايال پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئاز سانلىق مىللەت پارتىيە ئەزالىرى ۋەكىللىرى بەلگىلىك نىسبەتنى ئىگىلەش كېرەك. نامزاتلارنىڭ سالاھىيەت ئۆتكىلىنى قاتتىق ئىگىلەپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتە چىڭ تۇرۇپ، سالاھىيىتىنى دەل جايىدا بېكىتىپ، ئۇنىڭ دوپپىسنى بۇنىڭغا كىيگۈزۈش، ساختىپەزلىك قىلىش، «ئورنىغا دەسسىتىش» قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ، بۇ خىلدىكى كىشىلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە خىزمەتنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى ۋەكىللەر سانىنى ئىگىلىۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، سايلاپ چىققان 20 ـ قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئوتتۇرىغا قويغان قۇرۇلما نىسبىتى تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىشىگە، ھەر ساھە، ھەر كەسىپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئارزۇسىغا ۋەكىللىك قىلالايدىغان ۋە ئۇنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدىغان بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

20 ـ قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنى سايلاش خىزمىتىدە ۋەزىپە ئېغىر، مەسئۇلىيەت مۇھىم، زور، بۇرچ شەرەپلىك. پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشنى ۋەكىللەرنى سايلاش خىزمىتىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، ئۆگىنىش ـ تەشۋىق قىلىش، تەشكىللەش ـ سەپەرۋەر قىلىش، نامزاتلىققا كۆرسىتىش، يىغىندا سايلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ۋەكىللەرنى سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش جەريانىنى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش جەريانىغا ئايلاندۇرۇش، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەريانىغا ئايلاندۇرۇش، غايە ـ ئېتىقاد تەربىيەسى ۋە پارتىيەۋىلىك، پارتىيە ئىستىلى، پارتىيە ئىنتىزامى، پارتىيە تارىخى تەربىيەسى جەريانىغا ئايلاندۇرۇش، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتى ۋە دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمى تەربىيەسى جەريانىغا ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرىنى ئاڭلىق ھالدا «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشقا يېتەكلەپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقىنى قوزغىتىپ، پارتىيەنىڭ ئىجادچانلىقى، ئۇيۇشۇشچانلىقى، جەڭگىۋارلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردە كۈرەش قىلىش، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 ـ ئاينىڭ 6 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.