تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

كېچىلىك ئىقتىسادنى يورۇتۇپ، يېڭى ھاياتىي كۈچنى قويۇپ بېرىش

11-ئاينىڭ 26-كۈنى، ساياھەتچىلەر كۆكتوقاي ناھىيەسىنىڭ كۆكتوقاي بازىرى تاراتى كەنتىدە ئۆتكۈزۈلگەن گۈلخان كېچىلىكىدە ئۇسسۇل ئوينىماقتا. 

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خەن لياڭ فوتوسى

11-ئاينىڭ 29-كۈنى كەچتە، ساياھەتچىلەر شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار مەنزىرە رايونىدا ئۆزىنى ئۆزى سۈرەتكە تارتماقتا. يېقىندا، بۇ مەنزىرە رايونى ناخشا-ئۇسسۇل ئويۇنى، بىر يۈەنلىك مەززىلىك تائام قاتارلىق يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەرنى يولغا قويۇپ، شەھەر ئاھالىلىرى ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ كېچىلىك تۇرمۇشىنى بېيىتتى.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى تاڭ يۇڭ فوتوسى

12-ئاينىڭ 1-كۈنى كەچتە، چۆچەك شەھىرى خۇەنچېڭ كوچىسىدىكى بىر ئاشخانىدا ئارتىسلار خېرىدارلارغا نومۇر ئورۇنلاپ بەرمەكتە. 

ۋېن بو فوتوسى

11-ئاينىڭ 27-كۈنى كەچتە، قۇبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەسى قۇبۇقسار بازىرىدىكى كونا بېيجىڭ مەززىلىك تائاملار كوچىسىدا ئاھالىلەر بىرلىكتە ئۇسسۇل ئوينىماقتا.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى رۇي فوتوسى

 11-ئاينىڭ 28-كۈنى كەچتە، شەھەر ئاھالىلىرى خۇيجيا شىدەي سانجى مال سېتىۋېلىش مەركىزىدە كارتىڭ ماشىنىسىنى ھەيدەش خۇشاللىقىنى ھېس قىلدى. 

خې لۇڭ فوتوسى 

11-ئاينىڭ 28-كۈنى كەچتە، يەكەن ناھىيەسىنىڭ كەچلىك بازىرىدا بىر يايمىچى كۆڭۈل قويۇپ ئۆزگىچە تۇخۇم پىشۇرماقتا. 

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى

 11-ئاينىڭ 27-كۈنى، كەنت ئاھالىلىرى قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ جاڭگىلىئەسكى يېزىسى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىدىن تاۋارلارنى تاللاپ سېتىۋالماقتا. بۇ بازاردا تۈرلۈك قۇرۇق مېۋە، كۆكتات، كىيىم-كېچەك ۋە كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى تولۇق.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى

    شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رايىدە) تۈن پەردىسى يېيىلغاندا، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىنىڭ ھەممىلا يېرىدە چىراغلار چاقناپ، قاينام-تاشقىنلىققا تولىدۇ. 

    شىنجاڭدا، كەچ كىرگەنسېرى ھەممە يەر قىزىپ كېتىدۇ.

   شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار مەنزىرە رايونىدا، ساياھەتچىلەر يان تېلېفونى بىلەن، چوقۇم كۆرۈشكە تېگىشلىك بۇ جاينى سۈرەتكە تارتتى، بىناكارلىق ئۇسلۇبىدىن ھۇزۇرلاندى، مىللىي ئۆرپ-ئادەتلەرنى ھېس قىلدى. مەززىلىك تائاملار كوچىسى ۋە ئەپەندى خوتەن كاۋاپخانىسى شادلىق باغچىسىدا، تۈرلۈك ئۆزگىچە تائام، ئۆزگىچە كاۋاپ قاتارلىق مەززىلىك تائاملاردىن ئىسسىق ھور كۆتۈرۈلۈپ، خۇش ھىدى ئەتراپقا تارقىلىپ تۇراتتى، ساياھەتچىلەر كۆپ بولۇپ، ناھايىتى ئاۋات ئىدى. 

   قاراقاش ناھىيەسىدىكى مەززىلىك تائاملار مەيدانىدا، ھەر خىل ئېسىل تائاملارنىڭ مەززىلىك ھىدى ئەتراپنى بىر ئالغانىدى. كىشىلەر بىر كۈنلۈك ئالدىراشچىلىقنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، كەچلىك بازاردا بىر تەرەپتىن مەززىلىك تائاملارغا ئېغىز تەگكەچ، بىر تەرەپتىن ناخشا-ئۇسسۇل نومۇرلىرىنى كۆرۈپ، ئىختىيارسىز ھاياجانغا چۆمدى، يەنە بىر گۈزەل كۈن بولغانىدى. 

   خۇيجيا شىدەي سانجى مال سېتىۋېلىش مەركىزىدە چىراغلار يوپيورۇق بولۇپ، ئادەملەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتتى، ھەممە ياقتىن قاينام-تاشقىنلىق كەيپىياتى ئۇرغۇپ تۇراتتى. شوخ ئۇسسۇل، تەسىرلىك مېلودىيە نۇرغۇن مال سېتىۋالغۇچىنى قەدىمىنى توختىتىپ كۆرۈشكە جەلپ قىلدى، كۆپچىلىك رىتىمغا ئەگىشىپ ئۇسسۇل ئويناپ، مەدەنىيەت پائالىيىتى ئېلىپ كەلگەن خۇشاللىقتىن بەھرىمەن بولدى. 

   قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ جاڭگىلىئەسكى يېزىسىدىكى بازاردا مېلىنى داڭلاۋاتقان، خېرىدار چاقىرىۋاتقان، باھا تالىشىۋاتقان ئاۋازلار ئاڭلىنىپ تۇراتتى. كەنت ئاھالىلىرى چوڭ-كىچىك خالتىلارغا قاچىلانغان «غەنىيمەت»لىرىنى كۆتۈرۈۋالغان، بەزىلەر ئۆزى يالغۇز، بەزىلەر بىر ئائىلە كىشىلىرى بىللە بازار ئايلىنىۋاتقان بولۇپ، ھەممەيلەننىڭ چېھرىدە تەبەسسۇم جىلۋىلىنىپ تۇراتتى. 

   تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالى قىش پەسلىگە كىرگەن بولسىمۇ، كىشىلەرنىڭ قىزغىنلىقىنى توسۇپ قالالمىدى، كېچىلىك ئىقتىسادنىڭ  سوقۇۋاتقان «تومۇر»ىنىمۇ «مۇزلىتىپ» قويالمىدى.

   چۆچەك شەھىرىدىكى 1308 دۇكان كېچىدە تىجارەت قىلىشنى باشلىدى؛ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى 37 كەچلىك بازار، 20 كونا مال بازىرى ئومۇميۈزلۈك تىجارەت باشلىدى، تىجارەت ۋاقتى ھەر كۈنى كەچ سائەت 24كىچە ئۇزارتىلدى؛ ئاقسۇ شەھىرىدىكى بىر ئۆزگىچە مىللىي ئۆرپ-ئادەت كوچىسى، ئىككى سودا مەيدانى، بەش كېچىلىك ئىقتىساد ئۈلگە كوچىسى، سەككىز چوڭ تاللا بازىرى، سەككىز كەچلىك بازار، 12 كونا مال بازىرى، 1300دىن ئارتۇق دۇكانمۇ ئومۇميۈزلۈك كېچىلىك تىجارەت ئەندىزىسىنى يولغا قويدى... 

   قىش كېچىلىرىدىكى قاينام-تاشقىنلىق، ئاۋاتلىق ئىچىدىكى ھاياتىي كۈچكە تولغان رەڭدار تۈس، ئۇزاق يىللارنى باشتىن كەچۈرگەن ۋە ئىنتايىن ئاۋات بولغان «كېچىلىك تۇرمۇش» كېچىلىك ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قوزغاتتى. 

   بۇ ۋاقىتتىكى تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالى تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە ئىگە ئىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.