تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئۆگىنىپ ئىگىلەش، پۇختا ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىشلەش جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچىنى مۇجەسسەملەش

− ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكى ھەرقايسى جايلارغا بېرىپ، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلىدى

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

ئۇدا بىرقانچە كۈندىن بۇيان، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ دوكلات بېرىش يىغىنى ئاقسۇ ۋىلايىتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدا ئۆتكۈزۈلدى، ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى شۇ جايدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارغا ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى چوڭقۇر، ئەتراپلىق سۆزلەپ، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئامما بىلەن سۆھبەتلىشىپ، پىكىر ئالماشتۇرۇپ، كۆپچىلىكنى ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يەنىمۇ بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئەمەلىي نەتىجە - ئۈنۈمىگە ئايلاندۇرۇشقا يېتەكلىدى.

12 - ئاينىڭ 1 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ دوكلات بېرىش يىغىنى ئاقسۇ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى، ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، نازىر پەرھات جالال ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارغا لېكسىيە دوكلاتى بەردى. ئۇ جانلىق ماتېرىياللاردىن پايدىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى سىستېمىلىق شەرھلىدى ۋە چوڭقۇر چۈشەندۈردى. «لېكسىيەنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىغاندىن كېيىن، مەن ئىنتايىن روھلاندىم، قەلبىم كۈچكە تولدى.» ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى پاتەم ئەيسا مۇنداق دېدى: خىزمەت ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاسمىنى تېخىمۇ كۆك، يېرى تېخىمۇ يېشىل، سۈيى تېخىمۇ سۈزۈك گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن كۈچ قوشىمىز.

شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، پەرھات جالال كۆكيار خاتىرە سارىيىغا كېلىپ، كۆكيار كۆكەرتىش قۇرۇلۇشىنىڭ قۇرغۇچىلىرى، پارتىيەلىك كادىرلار، مەھەللە ئاھالىلىرى، ئاساسىي قاتلام لېكسىيە سۆزلەش تايانچلىرى قاتارلىقلار بىلەن ھەمتۈرتكىلىك پىكىر ئالماشتۇردى، كۆپچىلىكنى ئومۇمىي يىغىن روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرەش مۇساپىسىدىن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوبۇل قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن كۆپرەك تۆھپە قوشۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

12 - ئاينىڭ 1 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ دوكلات بېرىش يىغىنى ئاتۇش شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى، ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ مالىيە - ئىقتىساد داشۆسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى خې پىڭ قىزىلسۇ ئوبلاستىدىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارغا لېكسىيە دوكلاتى بەردى. ئۇ پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي تەجرىبىلەرنى خۇلاسىلەشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇش، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى، بۇرچى ۋە مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى چوڭقۇر تونۇش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرىنىڭ تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە تارىخىي ئۆزگىرىشلىرىنى چوڭقۇر تونۇش قاتارلىق جەھەتلەرنى نۇقتىلىق چۆرىدەپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى سىستېمىلىق شەرھلىدى.

لېكسىيەنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىغاندىن كېيىن، قىزىلسۇ ئوبلاستلىق يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى ما تيەنرېن مۇنداق بىلدۈردى: باشقا جايغا كۆچۈرگەندىن كېيىن داۋاملىق ياردەم بېرىش - يۆلەش، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئاھالىلەرنى ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەقىقىي تۈردە ئۆگىنىش نەتىجىسىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرىمىز.

شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، خې پىڭ ئاتۇش شەھىرى خۇڭيۈنفا قەغەزچىلىك چەكلىك شىركىتىگە كېلىپ، كارخانا ئىشچى - خىزمەتچىلىرى بىلەن يۈزتۇرا سۆھبەتلەشتى، پىكىر ئالماشتۇردى. چوڭقۇر مەزمۇنلۇق، چۈشىنىشلىك، جانلىق لېكسىيە كۆپچىلىكنى ھەسسىلەپ ئىلھاملاندۇردى. «چۈشەنچىمىز تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى، ئىشەنچىمىز تېخىمۇ تولۇپ تاشتى!» بۇ شىركەت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ياۋ يىڭشەن مۇنداق دېدى: ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى يېتەكلەپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەۋقەنى كارخانىنىڭ ئەمەلىيىتىگە قويۇپ، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق كارخانىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىمەن.

12 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ دوكلات بېرىش يىغىنى بورتالا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى، ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ سىفەن داشۆسى پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى سۈن شيۇلىڭ مول تارىخىي پاكىت، جانلىق مىسال، تەپسىلىي ۋە ئېنىق سانلىق مەلۇماتلارغا بىرلەشتۈرۈپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئومۇميۈزلۈك شەرھلەپ، بورتالا ئوبلاستىدىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئومۇمىي يىغىن روھىدىن تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە قىلدى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: تارىخنى ئەينەك قىلىپ، كەلگۈسىنى يارىتىپ، باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىمىز.

«دوكلاتنىڭ لوگىكىسى ئېنىق، توغرا، جانلىق بولۇپ، بىزنىڭ ئومۇمىي يىغىن روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىشىمىز ئۈچۈن ئۆتۈلگەن بىر قېتىملىق ناھايىتى ياخشى كونسۇلتاتسىيە دەرسى بولدى.» بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى (مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)نىڭ ئالىي لېكتورى ياڭ خۇا مۇنداق دېدى: ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىپ ئىگىلەپ، ئۆزلەشتۈرۈپ ئۆگىنىپ، بورتالا ئوبلاستىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ لېكسىيە سۆزلەپ، دەرس ئۆتۈپ، كادىرلار، ئاممىنى ئۆتمۈشتىكى ئازاب - ئوقۇبەت ۋە شانلىق نەتىجىلەرنى ئۇنتۇپ قالماي، ھازىرقى بۇرچ ۋە مەسئۇلىيەتكە مۇناسىپ ئىش قىلىپ، كەلگۈسى ئۇلۇغ ئارزۇغا يۈز كېلىپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشقا يېتەكلەيمەن.

12 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، سۈن شيۇلىڭ ئارشاڭ ناھىيەسىنىڭ بۆگدۆر بازىرى سەنشيا يولى مەھەللىسىگە كېلىپ، شۇ جايدىكى ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى، ئامما ۋە پۇقرا تەشۋىقاتچىلارغا ئومۇمىي يىغىن روھىدىن يۈزتۇرا لېكسىيە سۆزلىدى، كۆپچىلىك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە تەپسىلىي جاۋاب بەردى.

(مۇخبىر جاڭ يەنفاڭ، قاتناشقان مۇخبىر ۋاڭ نا، ئىختىيارىي مۇخبىرلار پەن تىڭ، ۋاڭ شىيىڭ، جەي رۇزېڭ، جاڭ خۇڭ)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.