تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، ۋەزىپە - مەسئۇلىيەت، بۇرچنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىش كېرەك

لى يىفېي بىڭتۇەندە پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلىدى

يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، ۋەزىپە - مەسئۇلىيەت، بۇرچنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىش كېرەك

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مېھرىگۈل غوپۇر خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى لى يىفېي شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىدە پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلىدى.

لى يىفېي مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنى مۇھىم، زور تارىخىي پەيتتە ئېچىلغان بىر قېتىملىق ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە مۇھىم يىغىن. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئومۇمىي يىغىندا بەرگەن مۇھىم دوكلاتى، مۇھىم ئىزاھاتى، مۇھىم سۆزى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ ئاتلىنىشى ئۈچۈن ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى. پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي تەجرىبىلەرنى خۇلاسىلەشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى چوڭقۇر تونۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرگە كىرگەنلىكىدەك تارىخىي مۇۋەپپەقىيەت ۋە تارىخىي ئۆزگىرىشنى چوڭقۇر تونۇپ، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى تارىخىي تەجرىبىلەرنى چوڭقۇر تونۇپ، تارىخنى ئەينەك قىلىپ، كەلگۈسىنى يارىتىش مۇھىم تەلىپىنى چوڭقۇر تونۇپ، روھىي ماھىيىتىنى تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنىنى ئىگىلەپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، قەلبلەرگە سىڭىشىشى، ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

لى يىفېي مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، تۈرلۈك ئىشلاردا باشتىن - ئاخىر باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسەتكەن يۆنىلىشنى بويلاپ قەتئىي ئالغا ئىلگىرىلەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، لېكسىيە سۆزلەش، تەربىيەلەش، ئومۇملاشتۇرۇش، تەتقىق قىلىش - مۇھاكىمە قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى چوڭقۇر، ياخشى قانات يايدۇرۇپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، بىڭتۇەندە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش قويۇق كەيپىياتىنى يارىتىپ، ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش قىزغىن دولقۇنىنى قوزغاپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنىڭ بىڭتۇەندە قەلبكە چوڭقۇر سىڭىشى، ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

لى يىفېي مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى پۇرسەت بىلىپ، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ھەقىقىي تۈردە ئۆگىنىش نەتىجىلىرىنى يېڭى دەۋردىكى بىڭتۇەننىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەت ۋە خىزمەت نەتىجە - ئۈنۈمىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. قەتئىي تەۋرەنمەي مۇقىملىقنى قوغداش، چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئىسلاھاتنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىڭتۇەننىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچىنى زورايتىپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى تىرىشىپ ئورۇنداپ، كېلەر يىللىق خىزمەتلەرنى ئىلمىي پىلانلاپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، بىڭتۇەننىڭ «ئۈچ چوڭ فۇنكسىيە»سىنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىپ، «تۆت چوڭ رولى»نى جارى قىلدۇرۇپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.