تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئومۇمىي يىغىن روھىنىڭ ھەممە ئائىلىگە يەتكۈزۈلۈشى، قەلبلەرگە چوڭقۇر سىڭىشىشىگە تۈرتكە بولۇش

− ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكى ھەرقايسى جايلارغا بېرىپ، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلىدى

□ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ دوكلات بېرىش يىغىنى قەشقەر ۋىلايىتى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، ئالتاي ۋىلايىتىدە ئۆتكۈزۈلدى، ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى لېكسىيە دوكلاتى بېرىپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك شەرھلەپ چۈشەندۈردى ھەم ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئامما بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ ھەمتۈرتكە بولۇپ، كۆپچىلىك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە نەق مەيداندا تەپسىلىي جاۋاب بېرىپ، شەرھلەپ چۈشەندۈرۈپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنىڭ ھەممە ئائىلىگە يەتكۈزۈلۈشى، قەلبلەرگە چوڭقۇر سىڭىشىشىگە تۈرتكە بولدى.

«ئومۇمىي يىغىننىڭ ئەڭ مۇھىم نەتىجىسى شۇكى، <جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي تەجرىبىلەر توغرىسىدىكى قارارى> قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى.» 11 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ دوكلات بېرىش يىغىنى قەشقەر شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى، ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ مالىيە - ئىقتىساد داشۆسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى خې پىڭ قەشقەر ۋىلايىتىدىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارغا لېكسىيە دوكلاتى بېرىپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى سىستېمىلىق شەرھلەپ چۈشەندۈردى. لېكسىيەنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىغاندىن كېيىن، قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى نىڭپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: ۋىلايەت بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش نىشاننى مەھكەم ئىگىلەپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كېڭەيتىپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ قەشقەردە ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولىمىز.

شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، خې پىڭ قەشقەر شەھىرىنىڭ پاختەكلى يېزىسىغا جايلاشقان 100 يىللىق قەشقەر سارىيىغا كىرىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئامما بىلەن يۈزتۇرا پىكىر ئالماشتۇردى، ئاممىغا يېقىن لېكسىيە كۆپچىلىكنى ھەسسىلەپ روھلاندۇردى. «بۇ، ئىنتايىن جانلىق بولغان ئومۇمىي يىغىن روھى كونسۇلتاتسىيە دەرسى بولدى.» پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى غوپۇر قادىر ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: كوممۇنىستىك پارتىيە بولمىسا، يېڭى جۇڭگو بولمايتتى، پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلاندى، كۆپچىلىك شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىدۇكى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭنىڭ ئەتىسى چوقۇم تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ!

12 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ دوكلات بېرىش يىغىنى ئالتاي شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى، ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن نازىر غەيرەت لېكسىيە دوكلاتى بەردى. دوكلاتنىڭ ئىچكى خاس مەزمۇنى مول، مۇھىم نۇقتىسى گەۋدىلىك، تەسىرلىك، جانلىق بولۇپ، يىغىنغا قاتناشقان كادىرلار ۋە ئاممىنى كۆپ نەپكە ئېرىشتۈردى. دوكلات بېرىش يىغىنى سىنلىق يىغىن شەكلىدە ئالتاي ۋىلايىتىدىكى ھەرقايسى ناھىيە (شەھەر، مەنزىرە رايونى)لەر، يېزا (بازار، مەيدان، كوچا باشقارمىسى)لارغىچە ئېچىلدى.

«پارتىيەنىڭ ئىلگىرىكى ئىككى تارىخىي قارارى توغرىسىدىكى ئاساسىي بايان ۋە يەكۈننىڭ ھازىرغا قەدەر يەنىلا تەتبىقلىنىۋاتقانلىقىنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟» «نېمە ئۈچۈن شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشتىكى يېڭى ھالقىشىنى ئىشقا ئاشۇرالىدى دەيمىز؟» ... شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، غەيرەت ئالتاي شەھىرىنىڭ قىزىل تاش بازىرى ساياتېرەك كەنتىدىكى «قۇرجا» مەدەنىيەت ھويلىسى، ئالتاي شەھىرى جياڭجۈن تېغى قار تېيىلىش مەيدانى ۋە چاشيۇ يولى كوچىسىغا بېرىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئامما بىلەن چۆرىدىشىپ ئولتۇرۇپ، كۆپچىلىك ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەرگە جاۋاب بەردى، نەق مەيدان كەيپىياتى قىزغىن بولدى.

«لېكسىيەنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھى توغرىسىدا تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇشقا ۋە چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇم.» ئالتاي شەھىرى قىزىل تاش بازىرى دومبىرا لېكسىيە سۆزلەش شۆبە ئەترىتىنىڭ ئەزاسى سېرغازى توختىباي مۇنداق بىلدۈردى: ئاڭلىغان، ئۆگەنگەنلىرىمنى دومبىرا ئارقىلىق لېكسىيە سۆزلەشكە سىڭدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ساداسىنى ئاممىنىڭ قەلبىگە ۋاقتىدا يەتكۈزىمەن.

12 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ دوكلات بېرىش يىغىنى كورلا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى(مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)نىڭ مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى (مۇئاۋىن شۆيۈەن مۇدىرى) دۇەن لياڭ بايىنغولىن ئوبلاستىدىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارغا لېكسىيە دوكلاتى بەردى. دۇەن لياڭ پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي تەجرىبىلەرنى خۇلاسىلەشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇش، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى، بۇرچى ۋە مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى چوڭقۇر تونۇش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرىنىڭ تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە تارىخىي ئۆزگىرىشلىرىنى چوڭقۇر تونۇش قاتارلىق جەھەتلەرنى چۆرىدەپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنى سىستېمىلىق تەشۋىق قىلدى ۋە شەرھلەپ چۈشەندۈردى.

شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۇەن لياڭ كورلا شەھىرىدىكى يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش مەركىزىگە بېرىپ، مەھەللە خىزمەتچىلىرى، لېكسىيە سۆزلەش تايانچلىرى، ئامما ۋەكىللىرى بىلەن يۈزتۇرا ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇردى. «لېكسىيەنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، غەيرىتىمىز ھەسسىلەپ ئاشتى.» كورلا شەھىرى يىپەك يولى كوچا باشقارمىسى شاڭشۈيچېڭ مەھەللىسىنىڭ خىزمەتچىسى مەرۇپ ئىمىن مۇنداق بىلدۈردى: خەلقنى مەركەز قىلىش تەرەققىيات ئىدىيەسىدە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئىشنى كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ، چىن قەلبىمىز، چىن ھېسسىياتىمىز بىلەن ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىمىز.

(مۇخبىر جاڭ يەنفاڭ، قاتناشقان مۇخبىرلار ۋاڭ نا، بايىنغولىن ئوبلاستى مۇخبىرلار پونكىتىدىن ياڭ شياۋدۇڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرلار ۋاڭ ۋېنبو، چېن چاۋ، خۇ جۈنشيۇ، جاۋ شۇاڭ)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.