تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە مەركەز 10 ـ يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونىمىز بىلەن خىزمەت سۆھبىتى ئۆتكۈزدى

ۋېي داپېڭ سۆز قىلدى چېن چۈەنگو دوكلات قىلدى

ئەركىن تۇنىياز، لى يىفېي، خې جۇڭيوۋ قاتناشتى

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 11 ـ ئاينىڭ 30 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە مەركەز 10 ـ يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونىمىز بىلەن خىزمەت سۆھبىتى ئۆتكۈزدى. مەركەز 10 ـ يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى ۋېي داپېڭ مەركەز پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنى ۋە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە مەركەز يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ھەم سۆز قىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى چېن چۈەنگو شىنجاڭنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى.

مەركەز 10 ـ يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى شېن چۈەنباۋ ۋە مەركەز يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسىدىكى باشقا يولداشلار، ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن ئەركىن تۇنىياز، لى يىفېي، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ، قادېن كەبىن، تيەن ۋېن قاتارلىقلار قاتناشتى.

ۋېي داپېڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: شىنجاڭ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى ھەرتەرەپلىمە، كۆپ قاتلام، كۆپ شەكىلدە پۇختا قانات يايدۇرۇپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. پارتىيە 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 ـ ئومۇمىي يىغىنى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا توغرا بولغان پارتىيە تارىخى قارىشىنى تۇرغۇزۇشىنى، پارتىيە تارىخىنى چوڭقۇر ئۆگىنىشىنى تۈپ يېتەكچىلىك بىلەن تەمىنلىدى، تارىخنى ئۆگىنىپ داۋلىنى بىلىش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئىشەنچنى ئاشۇرۇش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەخلاقنى ئۇلۇغلاش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنى تېخىمۇ ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى. شىنجاڭنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كېڭەيتىپ، پارتىيە 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي تەجرىبىلەرنى چوڭقۇر تونۇشنى مەركىزىي مەزمۇن قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى ئىجادىي خاراكتېرلىك ئىدىيە، ئۆزگىرىش خاراكتېرلىك ئەمەلىيەت، بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەش، بەلگە خاراكتېرلىك نەتىجىلەرنى سىستېمىلىق چۈشىنىشنى مۇھىمنىڭ مۇھىمى قىلىپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ خاراكتېرلىك ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈشنى تۈپ تەلەپ قىلىپ، پۇختا، ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئۆگىنىش، تەتقىق قىلىش ـ مۇھاكىمە قىلىش، تەشۋىق قىلىش ـ لېكسىيە سۆزلەشنى ياخشى تۇتۇپ، «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، كادىرلار، ئاممىنى تارىخ ئىشەنچىنى چىڭىتىشقا، دەۋر مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىشقا، ئىشلاردا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا كۈچەپ يېتەكلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. مەركەز يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى پارتىيە 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 ـ ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 3 ـ قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئەمەلىيەتكە چوڭقۇر چۆكۈپ، يېتەكچىلىك خىزمىتىنى يۇقىرى ئۆلچەمدە، يۇقىرى سۈپەتتە ياخشى ئىشلەپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىغا زىچ تايىنىپ، شىنجاڭدا پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ تولۇق قاپلىشى، ئىزچىل داۋاملىشىشىغا دەل جايىدا، كونكرېت، ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولۇپ، پارتىيە ۋە خەلق رازى بولىدىغان ئۈنۈمنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرىدۇ.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تارىخنى ئۆگىنىپ داۋلىنى بىلىش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئىشەنچنى ئاشۇرۇش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەخلاقنى ئۇلۇغلاش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، ئىدىيەنى ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىش قىلىش، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، يۈكسەك سىياسىي ئاڭلىقلىق، ئىدىيە ئاڭلىقلىقى، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقى بىلەن، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇر بولۇشى، پۇختا بولۇشىغا ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولدى. پارتىيە 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 ـ ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھازىرقى نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشتىكى مۇھىمنىڭ مۇھىمى، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشتىكى كۈچلۈك يېتەكچى قىلىپ، ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، لېكسىيە سۆزلەش، تەربىيەلەش، ئومۇملاشتۇرۇش، تەتقىق قىلىش ـ مۇھاكىمە قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى كەڭ، چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنىڭ ھەممە ئائىلىگە يەتكۈزۈلۈشى، قەلبلەرگە چوڭقۇر سىڭىشىشىگە تۈرتكە بولدى. شىنجاڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 ـ ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە مەركەز مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنى، 3 ـ قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، مەركەز يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كېڭەيتىپ، ھەقىقىي تۈردە ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشتىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ۋە ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن ياخشى پۈتۈپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋالىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.