تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر شەرھلەش ئورتاق تونۇش ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەش

​− ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكى ھەرقايسى جايلارغا بېرىپ پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلىدى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ دوكلات بېرىش يىغىنى ئىلى، خوتەن، تارباغاتاي، تۇرپان، قاراماي قاتارلىق ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردە ئۆتكۈزۈلدى، ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى شۇ جايلاردىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارغا ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى چوڭقۇر چۈشەندۈردى، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئامما بىلەن ھەمتۈرتكە بولۇپ پىكىر ئالماشتۇرۇپ، چۈشىنەلمىگەن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە ئومۇمىي يىغىن روھى ئارقىلىق ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈردى، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملىدى، ئىشەنچنى چىڭىتتى، جەڭگىۋارلىقىنى كۈچەيتتى.

11 - ئاينىڭ 30 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ دوكلات بېرىش يىغىنى غۇلجا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مالىيە - ئىقتىساد خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى گاۋ جيەنلۇڭ لېكسىيە دوكلاتى بەردى.

شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن ئىلى سىفەن داشۆسىنىڭ ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن بولغان سۆھبەتلىشىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش داۋامىدا، ئىلى سىفەن داشۆسى ماركسىزم شۆيۈەنى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ يۇڭخۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: ئومۇمىي يىغىن روھىنى سىجىل چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارغا يۈزلىنىپ كەڭ كۆلەمدە لېكسىيە سۆزلەيمىز.

11 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ دوكلات بېرىش يىغىنى خوتەن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى، ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ داشۆ پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى ۋاڭ جەنرېن لېكسىيە سۆزلىدى.

خوتەن ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ كادىرى ئايگۈل مەمتىمىن مۇنداق دېدى: «مەن ئومۇمىي يىغىن روھىنىڭ ماھىيىتىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ ھەم ئۇنى <زاغرا تىل>غا ئايلاندۇرۇپ، ھەممە ئائىلىگە تەشۋىق قىلىمەن».

11 - ئاينىڭ 29 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىلىك شەخس، چۆچەك شەھىرى يېڭىشەھەر مەھەللە كوچا باشقارمىسى قارا دۆڭ مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى سالىقجان ئىمىننىڭ ئۆيىدە ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئاكادېمىيە باشلىقى دىڭ شوۋچىڭ مەھەللىدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئامما بىلەن بىرلىكتە ئۆزگىرىشلەرنى سۆزلەپ، كەلگۈسى توغرىسىدا پاراڭلاشتى.

سالىقجان ئىمىن ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: كۆپچىلىك بىلەن بىرلىكتە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ پۇختا ئىشلەيمەن.

11 - ئاينىڭ 30 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ دوكلات بېرىش يىغىنى تۇرپان شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى، ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەكتەپ مۇدىرى قەيسەر ئابدۇكېرىم ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى چوڭقۇر شەرھلىدى.

11 - ئاينىڭ 30 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ دوكلات بېرىش يىغىنى قاراماي شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى، ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ سىفەن داشۆسى پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى سۈن شيۇلىڭ پۈتۈن شەھەردىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارغا ئومۇمىي يىغىن روھى توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلىدى.

شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىنكى سۆھبەتلىشىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش داۋامىدا، جۇڭگو نېفىت داشۆسى(بېيجىڭ) قاراماي مەكتەپ رايونىنىڭ ئوقۇغۇچىسى فۇ يۆ مۇنداق بىلدۈردى: ياشلىق باھارىمىزنى پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىغا سىڭدۈرۈپ، تىرىشىپ ئۆگىنىپ، دەۋرگە يۈز كېلىشىمىز، ياشلىق باھارىمىزغا يۈز كېلىشىمىز كېرەك.

(مۇخبىر جاڭ يەنفاڭ، قاتناشقان مۇخبىرلار ۋاڭ نا، جەزىرە نېسىپبېك، ئىختىيارىي مۇخبىرلار لى شىنئەن، نيۇ بىن، دۇڭ رۇيچياڭ، جاڭ پېيچى، ۋېن بو، گو شۆمېي)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.