تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​كېچىلىك ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، شەھەرنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

چېن چۈەنگو ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازاردا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى​

كېچىلىك ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، شەھەرنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

11 - ئاينىڭ 29 - كۈنى كەچتە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازارغا كېلىپ كېچىلىك ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. سۈرەتتە: چېن چۈەنگو مەززىلىك تائاملارغا ئېغىز تېگىۋاتقان ساياھەتچىلەر ئارىسىغا كېلىپ، ئۇلاردىن قىزغىن ئەھۋال سوراپ، كۆپچىلىكنىڭ ئىستېمال تەسىراتىنى ئىگىلىمەكتە. □ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 11 - ئاينىڭ 29 - كۈنى كەچتە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازارغا كېلىپ كېچىلىك ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەز مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنى ۋە 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، كېچىلىك ئىقتىسادنى گۈللەندۈرۈش، تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تېزلىتىپ، تەرەققىياتنىڭ يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

تۈن قاراڭغۇسىدىكى شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازاردا رەڭگارەڭ چىراغلار چاقناپ تۇرغان بولۇپ، كىشىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتتى، يېقىنقى مەزگىلدە 24 سائەت ئېچىۋېتىپ تىجارەت قىلىش باشلانغاندىن بۇيان، بۇ جاي ھەر مىللەت ئامما ۋە ساياھەتچىلەر كېچىدە دەم ئالىدىغان ياخشى جايغا ئايلاندى، ھەر كۈنى مەنزىرە رايونىغا كىرىدىغانلار 30 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېقىنلاشتى. مەززىلىك تائاملار كوچىسى ۋە ئەپەندى خوتەن كاۋاپخانىسى شادلىق باغچىسىدا، تۈرلۈك ئۆزگىچە تائام، ئۆزگىچە كاۋاپ قاتارلىق مەززىلىك تائاملاردىن ئىسسىق ھور ئۆرلەپ، خۇش ھىدى ئەتراپقا تارقىلىپ تۇراتتى، ساياھەتچىلەر كۆپ بولۇپ، ناھايىتى ئاۋاتلىشىپ كەتكەنىدى. چېن چۈەنگو يايما ئورۇنلىرىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ھەر مىللەت سودىگەرلەر بىلەن سەمىمىي پاراڭلىشىپ، تىجارەت ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى، تىجارەتچىلەرنى خاسلىق يارىتىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، سۈپەت ئارقىلىق كىشىلەرنى جەلپ قىلىپ، مۇلازىمەت ئارقىلىق ئالقىشقا ئېرىشىپ، شەھەرنى تېخىمۇ ئاۋاتلاشتۇرۇش، ئۆزىنىڭ ھەميېنىنى تومپايتىشقا ئىلھاملاندۇردى.

چېن چۈەنگو مەززىلىك تائاملارغا ئېغىز تېگىۋاتقان ساياھەتچىلەر ئارىسىغا كېلىپ، ئۇلاردىن قىزغىن ئەھۋال سوراپ، كۆپچىلىكنىڭ ئىستېمال تەسىراتىنى ئىگىلىدى. ساياھەتچىلەر كەچلىك بازاردىكى مەززىلىك تائاملارنىڭ تۈرىنىڭ موللۇقى، باھاسىنىڭ ئەرزانلىقى، خاسلىققا ئىگە ئىكەنلىكىنى بەس - بەستە تەرىپلەشتى. چېن چۈەنگو كۆپچىلىكنىڭ خۇشال ئويناپ، كۆڭۈللۈك غىزالىنىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

چوڭ بازار پىيادىلەر كوچىسىدا، سىرتتىكى بېزەك ئاپتوموبىللار چىراغ نۇرىدا كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇراتتى، ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇملىرى، ساياھەت تاۋارلىرى، ئۆزگىچە ئىچىملىكلەر، توردا ئالقىشلانغان، جەزمەن بارىدىغان جايلار نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلىپ، ئۇلاردا ئۇنتۇلغۇسىز تەسىراتلارنى قالدۇردى، چېن چۈەنگو كوچا بويلاپ مېڭىپ، كېچىلىك ئىقتىساد ئىستېمال مۇھىتى، يانداش ئەسلىھەلەر قاتارلىق ئەھۋاللارنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، كېچىلىك ئىقتىسادنىڭ ئىستىراھەت، مۇھىت تازىلىقى، خەۋەرلىشىش قاتارلىق يانداش ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، كېچىلىك ئاممىۋى قاتناش مۇلازىمىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، كېچىلىك ئىستېمال ياخشى مۇھىتى بەرپا قىلىش كېرەك دەپ تەكىتلىدى.

چېن چۈەنگو تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كېچىلىك ئىقتىساد شەھەرنىڭ ھاياتىي كۈچىنىڭ نامايەندىسى، ئىستېمال ئېھتىياجىنى كېڭەيتىشنىڭ مۇھىم ۋاسىتىسى، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىشنىڭ ئۈنۈملۈك تەدبىرى. كېچىلىك ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ كېچىلىك ئىقتىسادنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشۇش كېرەك. ئىچكى خاس مەزمۇننى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، ھەرقايسىسىنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئورۇنلاشتۇرۇش، ئورۇن بەلگىلەشنى ئەلالاشتۇرۇپ، مەدەنىيەت - ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، كەسىپ ھالىتى شەكلىنى بېيىتىپ، ئىقتىدارى مۇكەممەل، شەكلى كۆپ خىل، مەدەنىيەت كۆپ مەنبەلىك بولغان كېچىلىك ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، كېچىلىك ئىقتىسادنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. كۆپ مەنبەلىك ئېھتىياجنى كۆزلەپ، ھەم ئۆزگىچە كوچا رايونى، سودا چەمبىرىكى بەرپا قىلىپ، ھەم خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت چەمبىرىكى بەرپا قىلىپ، سودىگەرلەرنى كېچىدە كۆپ خىل شەكىلدىكى، قېتىم سانى كۆپ بولغان ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، كېچىلىك تاۋار تۈرلىرىنى كۆپەيتىپ، مەھەللىدىكىلەرنىڭ يېقىن يەردە قولايلىق ئىستېمال قىلىشىغا شارائىت يارىتىپ، خاسلاشقان، قولايلاشقان، سۈپەتلىك بولغان مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك. خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، خەلققە پايدا يەتكۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك ئاماللار بىلەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كېڭەيتىپ، كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چىن ھېسسىيات بىلەن تىجارەتچىلەرنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، ئىستېمال تەسىراتىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى كېچىلىك ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئېلىپ كەلگەن ئەمەلىي نەپتىن بەھرىلەندۈرۈش كېرەك. قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، «قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشىك ئالدىغا بېرىپ مۇلازىمەت قىلىپ، تىجارەت - سودا مۇھىتى ۋە ئىگىلىك تىكلەش مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، سىياسەت، مەبلەغ، ئېلېكتىر كۈچى قاتارلىق جەھەتلەردە تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرىنى كېچىلىك ئىقتىسادنى گۈللەندۈرۈشكە ئالاقىدار تەدبىرلەر بىلەن قوللاش كېرەك. ياخشى مۇھىت يارىتىپ، يېمەكلىك، سەھىيە، ئوت مۇداپىئەسى قاتارلىقلارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا مۇلازىمەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، سودىگەرلەر ۋە ئىستېمالچىلارغا يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەشۋىق قىلىپ ۋە ئۇلارنى يېتەكلەپ، ئىستېمالچىلارنى دۇكانغا خاتىرجەم كىرىش، بىخەتەر ئىستېمال قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ياڭ فاسېن قاتارلىقلار بىللە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.