تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ساداقەتمەنلىك روھى بىلەن ھاياتلىق مەردانە ناخشىسىنى پۈتۈش

ما جيەنجۈن:

ساداقەتمەنلىك روھى بىلەن ھاياتلىق مەردانە ناخشىسىنى پۈتۈش

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گو لىڭ

1994 - يىلى 3 - ئاينىڭ 19 - كۈنى كەچتە، ما شياۋخۇڭ ئادەتتىكىگە ئوخشاش ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىگەن ئېرى ئۈچۈن چىراغنى ياندۇرۇپ قويدى، ئەمما يېتىپ كەلگىنى ما جيەنجۈننىڭ قۇربان بولغانلىق خەۋىرى بولدى. «ئادەتتە ۋەزىپە ئورۇنداشقا شۇنچە كۆپ چىققان بولسىمۇ، ھامان بىخەتەر قايتىپ كېلەتتىغۇ؟» ما شياۋخۇڭ بۇنى ئەسلىسە، تا ھازىرغىچە قوبۇل قىلالمايدۇ.

ما جيەنجۈن ھايات ۋاقتىدا ماناس ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى بازار ساقچىخانىسىنىڭ مۇئاۋىن ساقچىخانا باشلىقى بولۇپ، قۇربان بولۇشتىن ئىلگىرى، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ۋەزىپىسىنى ئەمدىلا تاماملىغانىدى. ئۇ ساقچىخانا دەرۋازىسى ئالدىغا چىققاندا ساقچىغا مەلۇم قىلىش ئاپپاراتىنىڭ سايرىغان ئاۋازىنى ئاڭلىدى، ئاپپاراتتىن سىگنالنىڭ يېقىن ئەتراپتىكى دۇكاندىن كەلگەنلىكى كۆرۈندى، ئۇ دەرھال خەلق ساقچىسى ۋاڭ گونىڭنى ئېلىپ نەق مەيدانغا بېرىپ، ئىككى ئوغرىنى دۇكان ئىچىگە قاپسىۋالدى.

ما جيەنجۈن قاپقاراڭغۇ دۇكانغا ئېتىلىپ كىرگەندە، قارا نىيەت قاراڭغۇدا پىچاقنى شىلتىپ قالايمىقان تىقتى، ئۇ يارىلاندى. ئىككى قارا نىيەت ئىشىكتىن ئېتىلىپ چىقىپ كەتتى، ما جيەنجۈن ئاغرىققا بەرداشلىق بېرىپ، 120 مېتىردىن كۆپرەك جايغىچە قوغلاپ بېرىپ، قارا نىيەت بىلەن ئېلىشىۋاتقاندا، يەنە پىچاق تېگىپ بوينى تىلىنىپ كەتتى، بۇ چاغدا ئىككى قارا نىيەت يەنە قېچىپ كەتتى، ئۇ يەنە قوغلاپ چىقىپ قارا نىيەت بىلەن جان تىكىپ ئېلىشتى. يارىلانغان ۋاڭ گونىڭ كېلىپ ئۇنى يۆلىگەندە، ما جيەنجۈن مۇنداق دېدى: «مەن بىلەن كارىڭ بولمىسۇن، قارا نىيەتنى تېز تۇت».

يارىسى ئېغىر بولغانلىقتىن، ما جيەنجۈن دېلو يۈزبەرگەن نەق مەيداندا قۇربان بولدى، شۇ يىلى ئۇ ئاران 35 ياشتا ئىدى.

چىن قەلبىدىن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش

ما جيەنجۈن 1977 - يىلى 5 - ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1987 - يىلى 11 - ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ماناس ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى جىنايى ئىشلار ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، گۇاڭدۇڭدى ساقچىخانىسىنىڭ مۇئاۋىن ساقچىخانا باشلىقى، بازار ساقچىخانىسىنىڭ مۇئاۋىن ساقچىخانا باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن، شەرەپ بىلەن بىر قېتىم 3 - دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتكەن، ئىككى قېتىم تەقدىرلەنگەن. قۇربان بولغاندىن كېيىن، مەملىكەت بويىچە جامائەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسىدىكى 1 - دەرىجىلىك قەھرىمان نەمۇنىچى دەپ تولۇقلاپ نام بېرىلگەن.

ما شياۋخۇڭنىڭ نەزەرىدە، ما جيەنجۈن ناھايىتى ئالدىراش بولۇپ، 15 - 10 كۈنگىچە ئۆيگە قايتماسلىق ئادەتتىكى ئىش ئىدى. «بىر قېتىم ئۆيگە كىرىشتىن بۇرۇن، ئۇ ئىشىك ئالدىدىكى قول ھارۋىسىغا يۆلىنىپ تۇرۇپ كىيىمىدىكى لايلارنى چۈشۈرگەچ، قول ھارۋىسىدا يېتىپلا ئۇخلاپ قالدى.» بۇ كۆرۈنۈشنى ئەسلىگىنىدە ما شياۋخۇڭ كۆزىگە لىققىدە ياش ئالدى.

ما شياۋخۇڭنىڭ ئېسىدە قېلىشىچە، باھار بايرىمىنىڭ ھارپا كېچىسىدە، بىر چارۋىچىنىڭ ئېتى ئوغرىلانغان، ما جيەنجۈن ئاچ قورساق ھالدا، موتوسىكلىتقا مىنىپ ئوغرىنى قوغلىغان، ئۇ شىخەنزىدىن ساۋەندىكى بىر كەنتكىچە قوغلاپ بېرىپ، باھار بايرىمىنىڭ 1 - كۈنى سەھەر سائەت 6دە ئوغرىنى تۇتقان.

«ئەينى چاغدا، ئۇنىڭ يۈزى توڭلاپ كۆكىرىپ كەتكەنىدى، جاۋغىيى، قاش - كىرپىكلىرىنى قىروۋ باغلاپ كەتكەنىدى» دېدى ما شياۋخۇڭ.

ئۆزى يالغۇز جىنايەت شايكىسىنىڭ ئىچكى قىسمىغا يوشۇرۇنچە كىرىش

ئەينى چاغدا ماناس ناھىيەسى بازار رايونىنىڭ جەمئىيەت ئەھۋالى مۇرەككەپ بولۇپ، دېلو يۈزبېرىش نىسبىتى پۈتۈن ناھىيەنىڭ %53ىنى ئىگىلەيتتى، ناھىيەلىك جامائەت خەپسىزلىكى ئىدارىسى پارتىيە كومىتېتى ما جيەنجۈننى بازار ساقچىخانىسىنىڭ مۇئاۋىن ساقچىخانا باشلىقلىقىغا تەيىنلىگەن، ئۇ ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن قىسقىغىنا يەتتە ئايدا جەمئىيەت ئامانلىقى كۆرۈنەرلىك ياخشىلانغان. يەرلىكتە: «جىنايەتچى ئۇنسۇرلار ما جيەنجۈننىڭ ئىسمىنى ئاڭلىسىلا بېشى قاتىدۇ» دەيدىغان بىر جۈملە سۆز تارقالغان.

يالغاندىن ئاپتوموبىل توسقان بولۇپ، ئاپتوموبىل ئوغرىلىرىنى توسۇش؛ يالغاندىن سېتىقچى قىياپىتىگە كىرىپ، جىنايەت گۇماندارلىرىنى كۆزىتىپ، نېفىت ئوغرىلاش دېلوسىنى پاش قىلىش؛ تەجرىبىسىگە ئاساسەن يوشۇرۇن جايدا گۇمانلىق كىشىلەرنى كۆزىتىپ، ئوغرىلىق دېلوسىنى پاش قىلىش...

ما جيەنجۈن پاش قىلغان دېلولار ناھايىتى كۆپ، لېكىن ئۆزى يالغۇز جىنايەت شايكىسىغا يوشۇرۇنچە كىرىش كەچۈرمىشى سەپداشلىرى تەرىپىدىن قالتىس ئىش دەپ قارالغان.

1983 - يىلى، ما جيەنجۈن بىر قاماپ تۇرۇلغۇچىنى زور ئوغرىلىق شايكىسى بىلەن مۇناسىۋىتى بار دەپ گۇمان قىلغان، ئەمما جىنايەت پاكىتلىرىنى تېخى ئىگىلىمىگەچكە، ئۆزى يالغۇز جىنايەت شايكىسىنىڭ ئىچكى قىسمىغا يوشۇرۇنچە كىرىشنى قارار قىلغان.

بىر كۈنى كەچتە، ئۇ گۈللۈك كۆڭلەك، كەڭ پۇشقاقلىق ئىشتان كىيىپ، «تۇتۇلغان» جىنايەت گۇماندارى قىياپىتى بىلەن ھېلىقى قاماپ تۇرۇلغۇچىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن يېقىنلىشىپ، قارشى تەرەپنى ئۆزى بىلەن بىللە پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ قېچىپ كېتىشكە «كۈشكۈرتكەن». ئۇ ئىككىسى كېچىلەپ قېچىپ بىرنەچچە يەرگە بېرىپ، باشقا تۆت شېرىكى بىلەن ئۇچراشقان، بىللە شىخەنزىگە قېچىپ كېتىش يولىدا، باشقا بىرنەچچە جىنايەت گۇماندارى ما جيەنجۈندىن خاتىرجەم بولالماي، ئۇنى قىيىن - قىستاققا ئالغان.

ما جيەنجۈن ئاغرىققا چىداپ، سالاھىيىتىنى باشتىن - ئاخىر ئاشكارىلىماي، ئاخىر قارشى تەرەپنىڭ ئىشەنچىگە ئېرىشكەن. كېيىن، ئۇلار بىر تۈپ چوڭ دەرەخ ئاستىدىن كۆمۈپ قويغان زاڭ مالنى كولاپ چىققان. نۇرغۇن جىنايەت پاكىتىنى ئىگىلىگەن ما جيەنجۈن جىنايەت گۇماندارلىرىنى مۇقىملاشتۇرغاندىن كېيىن، خىزمەتداشلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ دەرھال تۇتۇشقا تەشكىللەپ، بۇ جىنايەت شايكىسىنى قانۇن تورىغا چۈشۈرگەن.

ئامما بۇ قەھرىماننى ئېسىدە ساقلايدۇ

ما جيەنجۈن ماناس ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى بازار ساقچىخانىسىدا خىزمەت قىلغان مەزگىلدە، ۋېلىسىپىت يىتىش ئاممىنىڭ ئىنكاسى بىرقەدەر كۆپ بولغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى ئىدى. شۇڭا، زىمىستان قىشتا، ما جيەنجۈن خادىملارنى باشلاپ يوشۇرۇن كۆزىتىپ، بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، ئوغرى ئۇنسۇرلارنى قولغا چۈشۈرگەن ھەمدە كۆپ قىسىم ۋېلىسىپىتنى قايتۇرۇپ كەلگەن.

ئۇ ھايات ۋاقتىدا ناھايىتى كۆپ «قەلبلەرنى ئىللىتىدىغان ئىشلار»نى قىلغان: دۇ جياشياڭ ئەر - خوتۇننىڭ پەرزەنتى بولمىغاچقا، ما جيەنجۈن خۇددى ئۆز تۇغقىنىغا مۇئامىلە قىلغاندەك، كۆپ يىل ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ، ئۇلارغا ئۇن، گۈرۈچ ئېلىپ بەرگەن، سۇ توشۇپ، ئوتۇن يېرىپ بەرگەن، بېشىنى يۇيۇپ، چېچىنى ياساپ قويغان، ئۆيىنى تازىلىغان، ھەتتا ئۇلارنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلغان...

ئۇزاق يىل نورمىدىن ئارتۇق خىزمەت قىلغانلىقتىن، ما جيەنجۈن ھاردۇق يېتىپ ئاغرىقچان بولۇپ قالغان، دوختۇر ئۇنى دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىشقا كۆپ قېتىم نەسىھەت قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ھەمىشە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن خىزمەتكە كىرىشىپ كەتكەن.

ما جيەنجۈن قۇربان بولغان كۈنى ھەپتە ئاخىرى بولۇپ، ئۇ يەنىلا ئالدىراشچىلىقتىن ئائىلىسىگە يېتىشىپ بولالمىغانىدى. يەرلىكتىكى ئامما بۇ قەھرىماننى ئېسىدە ساقلاپ كەلمەكتە، ھەر يىلى چىڭمىڭ مەزگىلىدە، ئۇنىڭ قەبرىسىنىڭ ئالدى دائىم گۈللەرگە توشۇپ كېتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.