تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

شەۋكەت ئىمىن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئورگىنىدا پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلىدى

يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لياڭ لىخۇا خەۋەر قىلىدۇ: 11 - ئاينىڭ 29 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شەۋكەت ئىمىن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئورگىنىدا پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلىدى.

شەۋكەت ئىمىن پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي تەجرىبىلەرنى خۇلاسىلەشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇش، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى، بۇرچى ۋە مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى چوڭقۇر تونۇش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرىنىڭ تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە تارىخىي ئۆزگىرىشلىرىنى، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىنىڭ تارىخىي ئەھمىيىتى ۋە تارىخىي تەجرىبىلىرىنى، تارىخنى ئەينەك قىلىپ، كەلگۈسىنى يارىتىشنىڭ مۇھىم تەلىپى قاتارلىق جەھەتلەردىن خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىدىن سىستېمىلىق لېكسىيە سۆزلىدى ۋە ئۇنى شەرھلىدى.

شەۋكەت ئىمىن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي تەجرىبىلەر توغرىسىدىكى قارارى»دا «ئوننى ئايدىڭلاشتۇرۇش» ئارقىلىق شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يادرولۇق مەزمۇنى يەنىمۇ يىغىنچاقلاندى. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ ماركسىزمى، 21 - ئەسىر ماركسىزمى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ۋە جۇڭگو روھىنىڭ دەۋر جەۋھىرى بولۇپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشتىكى يېڭى ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردى. تارىخنى ئەينەك قىلىپ، كەلگۈسىنى يارىتىش مۇھىم تەلىپىنى مەھكەم ئىگىلەپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قانداق پارتىيە، نېمە ئىش قىلىدۇ دېگەندىن ئىبارەت بۇ تۈپ مەسىلىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك.

شەۋكەت ئىمىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «قارار» بىر ماركسىزملىق پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت. پارتىيەنىڭ يولداش شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسىلىق، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى تىكلىگەنلىكى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىك ئورنىنى تىكلىگەنلىكى يېڭى دەۋردىكى مۇھىم، زور نەزەرىيە، ئەمەلىيەت نەتىجىسى ۋە مۇھىم، زور سىياسىي نەتىجە بولۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈردى، بۇ، يېڭى دەۋردە پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشتا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش تارىخىي مۇساپىسىنى ئالغا سىلجىتىشتا ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە. پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرەش مۇساپىسىدىن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوبۇل قىلىپ، تارىخىي ئىشەنچنى چىڭىتىپ، غايە - ئېتىقادنى ئاڭلىق چىڭ ساقلاپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىش كېرەك.

شەۋكەت ئىمىن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئۆگىنىپ ئىگىلەپ، پۇختا ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنى يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ۋە خىزمەت نەتىجە - ئۈنۈمىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، لېكسىيە سۆزلەش، تەربىيەلەش، ئومۇملاشتۇرۇش، تەتقىق قىلىش - مۇھاكىمە قىلىش پائالىيەتلىرىنى كەڭ، چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش قىزغىن دولقۇنىنى قوزغاش كېرەك. پارتىيەنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرۇپ، مەركەزنى چۆرىدەش، چوڭ ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىش، ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشقا خەلق قۇرۇلتىيى كۈچىنى قوشۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.