تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرەش مۇساپىسىدىن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوبۇل قىلىش

− ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكى ھەرقايسى جايلارغا بېرىپ پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلىدى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى جاڭ يەنفاڭ، ۋاڭ نا، ئىختىيارىي مۇخبىر جاڭ يوۋشېڭ

11 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار، ئورۇنلار، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، قومۇل شەھىرىدە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئاممىغا پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلەپ، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئامما بىلەن ئۆزئارا ھەمتۈرتكە بولۇپ پىكىر ئالماشتۇرۇپ، كۆپچىلىكنى پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرەش مۇساپىسىدىن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوبۇل قىلىپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە يېڭى كەيپىيات، يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىشقا رىغبەتلەندۈردى.

11 - ئاينىڭ 29 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ دوكلات بېرىش يىغىنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ 2 - يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلدى، ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ داشۆ پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى ۋاڭ جەنرېن ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار، ئورۇنلاردىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارغا لېكسىيە دوكلاتى بەردى. ئۇ پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي تەجرىبىلەرنى خۇلاسىلەشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇش، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى، بۇرچى ۋە مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى چوڭقۇر تونۇش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرىنىڭ تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە تارىخىي ئۆزگىرىشلىرىنى چوڭقۇر تونۇش قاتارلىق جەھەتلەرنى چۆرىدەپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنى سىستېمىلىق شەرھلىدى ۋە چوڭقۇر چۈشەندۈردى.

«چوڭقۇر مەزمۇنلۇق، چۈشىنىشلىك لېكسىيە ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلاردىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىي ماھىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك چۈشىنىشى، دەل جايىدا ئىگىلىشىدە ناھايىتى كۈچلۈك يېتەكچىلىككە ئىگە.» ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ياۋ شياۋجۈن مۇنداق دېدى: «بىز چوڭقۇر ئۆگىنىپ، كەڭ تەشۋىق قىلىپ، ئەتراپلىق ئىگىلەپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە ئۆگىنىش نەتىجىلىرىنى تەرەققىياتنى پىلانلاشنىڭ توغرا پىكىر يولىغا، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنىڭ كونكرېت تەدبىرىگە، مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئەمەلىي نەتىجە - ئۈنۈمىگە ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك».

11 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ دوكلات بېرىش يىغىنى سانجى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت - ئەسەرلەر تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى جيا پېڭ لېكسىيە دوكلاتى بەردى، دوكلات بېرىش يىغىنى سىنلىق يىغىن شەكلىدە سانجى ئوبلاستىدىكى ھەرقايسى ناھىيە، شەھەر (باغچە رايونى)، يېزا - بازار(كوچا باشقارمىسى)لارغىچە ئېچىلدى.

دوكلات بېرىش يىغىنىدا، جيا پېڭ پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى ئەسلىي مەقسىتى، بۇرچى ۋە مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلىرى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرىنىڭ تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە تارىخىي ئۆزگىرىشلىرى، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىنىڭ تارىخىي ئەھمىيىتى ۋە تارىخىي تەجرىبىلىرىنى چوڭقۇر تونۇش ھەمدە پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرەش مۇساپىسىدىن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوبۇل قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىن ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى سىستېمىلىق شەرھلىدى، يىغىنغا قاتناشقان پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار بۇنىڭدىن چوڭقۇر ئىلھام ئالدى. دوكلات بېرىش يىغىنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، جيا پېڭ شىنجاڭ شىنخۇي قىزىل ئەسلىمە مۇزېيى، سانجى نانچىلىق كەسپىي مەدەنىيەت - ساياھەت كىچىك بازىرى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ياخشى ئۆگىنىش، ياخشى تەشۋىق قىلىش، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئامما بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى.

«لېكسىيە دوكلاتى بىزنىڭ ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى چۈشىنىشىمىز ئۈچۈن يېڭى كۆرۈش بۇلۇڭى ئېچىپ بەردى، يېڭى پىكىر يولى بىلەن تەمىنلىدى.» سانجى ئوبلاستلىق ئىتتىپاق كومىتېتىدىكى غەربىي رايون پىلانى پىدائىيسى لى جياخۇي چوڭقۇر ھاياجان بىلەن مۇنداق دېدى: ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى سىياسىي قىزغىنلىقنى ئامما ئۈچۈن ياخشى ئىش قىلىپ بېرىش، ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش، قىيىن ئىشلارنى ھەل قىلىپ بېرىشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، تىرىشىپ ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىمەن.

11 - ئاينىڭ 29 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ دوكلات بېرىش يىغىنى قومۇل شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى، ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەكتەپ مۇدىرى قەيسەر ئابدۇكېرىم لېكسىيە دوكلاتى بەردى. ئۇ دوكلاتىدا ئومۇمىي يىغىننى ئېچىش، قارار چىقىرىشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى چۈشەندۈردى، ئومۇمىي يىغىندا قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇھىم، زور نەتىجىلەر، چىقىرىلغان مۇھىم، زور ئورۇنلاشتۇرمىلارنى شەرھلىدى، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە تارىخىي تەجرىبىلىرى، بولۇپمۇ يېڭى دەۋردە پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر، يۈزبەرگەن تارىخىي ئۆزگىرىشلەر ۋە توپلانغان يېڭى تەجرىبىلەرنى بايان قىلدى، يىغىنغا قاتناشقان پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئامما بۇنىڭدىن كۆپ نەپكە ئېرىشتى.

لېكسىيەنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىغاندىن كېيىن، قومۇل شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى چېڭخۇي مۇنداق بىلدۈردى: پۈتۈن شەھەر بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، لېكسىيە سۆزلەش، مۇھاكىمە قىلىش قاتارلىق تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى كەڭ، چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ھەقىقىي تۈردە ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ قومۇلدا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.