تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئالاھىدە تېرىقچىلىق ئارقىلىق يەردىن «ئالتۇن ئۈندۈردى»

لۈزۇڭ كەنتى:

ئالاھىدە تېرىقچىلىق ئارقىلىق يەردىن «ئالتۇن ئۈندۈردى»

□ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ رۈيلىن

11 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، تۇرپان شەھىرى ئېدىقۇت رايونى يار بازىرى لۈزۇڭ كەنتىدىكى بىر ئەسلىھەلىك پارنىكتا، 20 نەچچە خىل گۈل - گىياھ باراقسان ئۆسكەنىدى. روزى رەھمىتۇل خۇش پۇراققا تولغان بۇ پارنىك ئىچىدە، گۈل - گىياھلارنى پۇتاش بىلەن ئالدىراش ئىدى.

«گۈل - گىياھ ئۆستۈرگەن بۇ بىرنەچچە يىلدا، مېنىڭ ھەر يىللىق كىرىمىم 50 مىڭ يۈەندىن ئاشتى. تېخىمۇ كۆپ ئىستېمالچىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، بۇ يىل مەن يەنە بىر چوڭ پارنىكنى ھۆددىگە ئېلىپ، يېڭى سورتلارنى كۆپەيتتىم، ھازىردىن قارىغاندا بازىرى يەنىلا ناھايىتى ياخشى» دېدى روزى.

تېرىقچىلىق لۈزۇڭ كەنتىدە ئۇزاق تارىخقا ئىگە. ئۈزۈم ئۆستۈرۈشتىن باش پىياز تېرىشقىچە، لۈزۇڭ كەنتىنىڭ تەرەققىياتى ھەمىشە يەر بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ كەلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كەنتنىڭ تېرىقچىلىقىنى تېخىمۇ رىقابەت كۈچىگە ئىگە قىلىش، يەردىن پايدا ئېلىش ئۈچۈن، لۈزۇڭ كەنتى تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، كەنت ئاھالىلىرىنى خاس تېرىقچىلىق كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇشقا يېتەكلىدى.

يەر بىلەن بىر ئۆمۈر ھەپىلەشكەن كەنت ئاھالىلىرى نەزەرىنى تۆت پەسىلدە تېرىقچىلىق قىلغىلى بولىدىغان پارنىكقا بۇرىدى. ھازىر، كەنتتىكى 987 پارنىك بارغانسېرى قايناپ كەتتى، خاڭگا، شوخلا، لازا، بەسەي، جاڭدۇ قاتارلىق تۈرلۈك كۆكتاتلار لۈزۇڭ كەنتىدىكى كۆكتات پارنىكىدىن تۇرپان، ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلاردىكى ئاممىنىڭ تاماق ئۈستىلىگە چىقتى.

«بىر پارنىكتا بىر پەسىلدە كۆكتاتتىن ھېچبولمىغاندا 10 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا كىرىم بولىدۇ، بىر يىلدا ئىككى ياكى ئۈچ پەسىل كۆكتات تېرىسا، خېلىلا كۆپ كىرىم بولىدۇ.» تېرىقچىلىق ئائىلىسى خالىق نىيازنىڭ ئۈچ كۆكتات پارنىكى بار، يەنە تۆت مو يەردە كۆكتات ئېتىزى بار بولۇپ، كۆكتات تېرىش خالىق ئائىلىسىنىڭ ئاساسلىق كىرىم مەنبەسى بولۇپ قالدى.

يېڭى سورتلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن بىللە، كەنتتە ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئۈزۈم ۋە پىياز ئۆستۈرۈشكىمۇ سەل قاراشقا بولمايدۇ. كەنت قەرەلسىز ھالدا تېرىقچىلىق ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەش ئېلىپ بېرىپ، پۈتۈن كەنتتىكى 3000 مو ئۈزۈملۈكنىڭ شاخ - يوپۇرماقلىرىنى پۇتاش - شالاڭلىتىش، ئوغۇتلاش، سۇغىرىش، كۆمۈش - ئېچىش قاتارلىقلارغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ.

«2019 - يىلى، كەنتىمىز باش پىياز مايسىسى يېتىشتۈرۈش بازىسى قۇرۇپ، تېرىشتىن باشلاپ كۈچەپ، باش پىيازنىڭ سۈپىتىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈردى. ھازىر، كەنتىمىزنىڭ باش پىياز مايسىسى لۈزۇڭ كەنتىنى تەمىنلەپلا قالماي، يەنە پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقىتىلىدۇ» دېدى لۈزۇڭ كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ئىكرام ئەركىن.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، لۈزۇڭ كەنتى يېڭى تىپتىكى يېزا ئىگىلىك تىجارەت سۇبيېكتلىرىنى يېتىشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، دېھقانلار بىلەن بىرلىشىش، دېھقانلارنى يېتەكلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، كارخانا باشلامچى بولغان، پارنىك ۋە دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئەگەشكەن، كىچىك دېھقان ئائىلىلىرى قاتناشقان يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش بىرلەشمە گەۋدىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىلمىي تېرىقچىلىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك تېرىقچىلىق، خاس تېرىقچىلىق جەھەتتە باش قاتۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا ياردەم بېرىدىغان بىر يولنى تېپىپ چىقتى. كېيىنكى قەدەمدە، لۈزۇڭ كەنتى ئىقتىسادنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى يەنىمۇ قېزىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قوزغىتىپ، كەسىپلەر گۈللەنگەن، تۇرمۇش باياشات بولغان يېڭى دەۋردىكى گۈزەل يېزا - كەنت بەرپا قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.