تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش يېزا ئىستېمال بازىرىنى ھاياتىي كۈچكە تولدۇردى

11 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، پارتىيەلىك پىدائىيلار ئاۋات ناھىيەسىدىكى ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىشلىرى ئاممىۋى مۇلازىمەت مەركىزىدە دېھقانلارغا ياردەملىشىپ بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال ساتتى. بۇ ناھىيە «تور + تور سىرتى» سېتىش ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، شۇ جايدىكى خۇڭفۇشى ئالمىسى، قەغەز ياڭاق، شياڭگۇ قاتارلىق خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىپ چىقىرىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا ياردەم بەردى. □باۋ لياڭيەن فوتوسى

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سارىنا

«شىنجاڭ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، يېزا ئىستېمال بازىرىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى چوڭقۇر قازدى، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنىڭ تۈرتكىسىدە شىنجاڭ يېزا ئىستېمال بازىرىنىڭ جۇشقۇن ھاياتىي كۈچى ۋە چەكسىز يوشۇرۇن كۈچى ئۇرغۇماقتا» دېدى شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ مۇئاۋىن تەتقىقاتچىسى جاڭ ئەيلىڭ.

«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى پىكرى»دە: يېزا ئىستېمالىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ شىنجاڭنىڭ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش جەريانىدا يېزا ئىستېمال بازىرىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى يەنىمۇ جانلاندۇرۇشىغا ئېنىق يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى.

جاڭ ئەيلىڭنىڭ قارىشىچە، يېزا بازىرى غايەت زور ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچى ۋە بازارنى ئېچىش، كېڭەيتىش بوشلۇقىغا ئىگە ئىكەن، ئىستېمال ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدىغان «ئۈچ ئاتلىق ھارۋا»نىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان ئاساسىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ھېسابلىنىدىكەن.

ئىستېمال ئېھتىياجىدىن قارىغاندا، شىنجاڭدىكى ئەڭ زور يوشۇرۇن كۈچ يەنىلا يېزىلاردا. ئاپتونوم رايوننىڭ 2020 - يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئىستاتىستىكا ئاخباراتىدا كۆرسىتىلىشىچە، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمى 14 مىڭ 56 يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %7.1 ئاشقان، باھا ئامىلىنى چىقىرىۋەتكەندە، ئەمەلىي ئېشىش نىسبىتى %5.0 بولغان، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى شەھەر - بازار ئاھالىلىرىنىڭكىدىن تېز بولغان؛ يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە ئىستېمال چىقىمى 10 مىڭ 778 يۈەن بولۇپ، %4.5 ئاشقان.

«مۇشۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، بۇ، شىنجاڭ يېزا بازىرىنىڭ غايەت زور ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ» دېدى جاڭ ئەيلىڭ.

شىنجاڭنىڭ يېزا ئىستېمال بازىرىنى قانداق ئېچىش ۋە كېڭەيتىش كېرەك، قايسى جەھەتلەردە يېزىلارنىڭ ئىستېمال سەۋىيەسىنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ؟ جاڭ ئەيلىڭ مۇنداق قارىدى: ئىككى نۇقتا بىرقەدەر گەۋدىلىك، بىرى، يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودىسىنىڭ تەرەققىياتى، يەنە بىرى، يېزا ساياھىتىنىڭ تەرەققىياتى.

«يېزىلاردا توردا پارچە سېتىشتا بىرقەدەر تېز ئېشىش كۆرۈلۈپ، يېزىلارنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش رولى كۈنسېرى گەۋدىلەندى. يېزا ئىگىلىك چوڭ رايونى بولغان شىنجاڭدا، نۇرغۇن ناھىيە، شەھەر يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى يادرو قىلغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئاممىۋى مۇلازىمەت مەركىزى قۇردى، يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودىسىنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى ناھايىتى تېز بولۇۋاتىدۇ.» جاڭ ئەيلىڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ يىل «قوش 11» مەزگىلىدە، شىنجاڭ يېزىلىرىدا توردا پارچە سېتىش سوممىسى 1 مىليارد 355 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %36.2 ئېشىپ، شىنجاڭنىڭ توردا پارچە سېتىش ئومۇمىي سوممىسىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %41.5 بولدى.

شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ يېزىلارغا بېرىپ ئىستېمال قىلىشى كۈنسېرى كۆپىيىپ، شەھەر - يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىستېمالدا ھەمتۈرتكە بولۇش ئۈنۈمى بارغانسېرى گەۋدىلىنىۋاتىدۇ. «يۇقۇمنىڭ تەسىرىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، يېزا - كەنت ساياھەتچىلىكىنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىغا پايدىلىق بىر قاتار تەدبىرلەرنى تۈزدى ھەم تەشكىللەپ يولغا قويدى، يېزا - كەنت ساياھىتىنىڭ ھاياتىي كۈچى تەدرىجىي ئەسلىگە كەلدى ھەم نۇرغۇن ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىش ئورنى يارىتىلىپ، شۇ جايلارنىڭ يەرلىك خاس مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشىغا تۈرتكە بولۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشۇش رولى تېخىمۇ گەۋدىلەندى» دېدى جاڭ ئەيلىڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.