تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

يەر ئوبوروت قىلىنىپ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار»نى جانلاندۇردى

ئاپتونوم رايون «لايىھە» تۈزۈپ، يېزا يېرىنى باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ئوبوروت قىلىش خىزمىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يېتەكلىدى ۋە قېلىپلاشتۇردى

يەر ئوبوروت قىلىنىپ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار»نى جانلاندۇردى

11 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، چوڭ تىپتىكى پاختا يىغىش ماشىنىسى لوپنۇر ناھىيەسى شىڭپىڭ بازىرى تۇڭچىكە كەنتىدىكى كېۋەزلىكتە پاختا يىغماقتا. لوپنۇر ناھىيەسى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئەلا سۈپەتلىك تاۋار پاختا بازىسى بولۇپ، بۇ يىلقى كېۋەز تېرىش كۆلىمى 1 مىليون 20 مىڭ موغا يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە 990 مىڭ مو يەردە ماشىنا بىلەن كېۋەز تېرىش - پاختا يىغىش ئەندىزىسى قوللىنىلدى. □لى فېي فوتوسى

□ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋېي يۇڭگۇي

يېزا يېرىنى باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ئوبوروت قىلىش دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار يېزا يېرىنى باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ئوبوروت قىلىش خىزمىتىدە، ئاز بولمىغان نەتىجە ۋە تەجرىبىلەرنى قولغا كەلتۈردى، بۇنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشتىكى رولى كۆرۈنەرلىك بولدى.

بۇ يىل، ئاپتونوم رايون «يېزا يېرىنى باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ئوبوروت قىلىشقا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يېتەكلەش ۋە ئۇنى قېلىپلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش لايىھەسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «لايىھە» دېيىلىدۇ)نى تۈزۈپ يولغا قويدى. «لايىھە» ھازىرقى يېزا يېرىنى باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ئوبوروت قىلىشقا چېتىلىدىغان يەرلەرنىڭ تەۋەلىك ھوقۇقىنى بېكىتىش، تەرتىپلىك ئوبوروت قىلىش، سودىنى ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىشلار توغرىسىدا قېلىپلاشقان، تۈزۈملەشكەن ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى، بۇ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار»نى يەنىمۇ جانلاندۇرۇش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇھىم تۇتقا، بولۇپمۇ كەڭ دېھقانلار ۋە يېزا ئىگىلىك ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى، يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشتىكى باشلامچى كارخانىلار قاتارلىق يېزا ئىگىلىك ساھەسىدىكى تىجارەت سۇبيېكتلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، جەزمەن ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنى ئەستايىدىل ئىگىلەش، ئۆلچەم بويىچە مەشغۇلات قىلىشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

يەرنى «جانلاندۇرۇپ»، سىياسەتتىن بالدۇر خەۋەردار بولۇش

11 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭى شەھەر رايونى) ئەننىڭچۈ بازىرى خېشى كەنتىنىڭ 5 - كەنت ئاھالىلىرى گۇرۇپپىسىنىڭ يىغىن زالىدا، 59 ياشلىق كەنت ئاھالىسى ساتتار تۇرسۇن 3360 يۈەن يەر ئوبوروت قىلىش پۇلىنى ئالدى.

«4.2 مو يېرىمنى تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا ئوبوروت قىلىپ بەردىم، ھەر مو يەرنىڭ يىللىق ئىجارە پۇلى 800 يۈەن. ھازىر يەر تېرىمايدىغان بولدۇم، مېنىڭمۇ قوي باقىدىغانغا ۋاقتىم چىقىدىغان بولدى، خوتۇنۇممۇ سىرتقا چىقىپ ئىشلىيەلەيدىغان بولدى. ئائىلىمىزنىڭ ئۈچ ئۈلۈش كىرىمى بار بولدى» دېدى ساتتار خۇشال ھالدا.

خېشى كەنتى 5 - كەنت ئاھالىلىرى گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى ھەبىبۇللا قاھار مۇنداق دېدى: 5 - كەنت ئاھالىلىرى گۇرۇپپىسىدا جەمئىي 201 ئائىلە، 1853 مو يەر بار بولۇپ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر كۆلىمى ئاز، كىچىك پارچە يەر كۆپ، يەردىن ئېلىنىدىغان ھوسۇل نىسبىتى تۆۋەن ئىدى. كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قوشۇلۇشىدىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، ئالاقىدار سودا تەرتىپى ۋە بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن يەر باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا ئوبوروت قىلىپ بەردۇق. ھەمكارلىق كوپىراتىپى پارچە يەرنى بىرلەشتۈرۈپ ۋە كۆلەملەشتۈرۈپ، قېلىپلاشتۇرۇپ تېرىش ئارقىلىق، يەردىن ئېلىنىدىغان ھوسۇل ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، دېھقانلار بىلەن ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ قوش پايدا ئېلىشىنى ئىشقا ئاشۇردى.

«لايىھە»دىكى تەلەپ بويىچە، يەر باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ئوبوروت قىلىشتا ئالدى بىلەن يېزا يېرىنىڭ ھۆددە مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش، بۇنىڭدا، يېزىلاردىكى ھۆددە يەرنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى بېكىتىش، تىزىملاش، كىنىشكا بېرىش خىزمىتى تۇنجى قەدەم. نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىز دۆلەت چۈشۈرگەن يېزا يېرىنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى بېكىتىش، تىزىملاش، كىنىشكا بېرىش ۋەزىپىسىنى تولۇق ئورۇندىدى. كەڭ دېھقانلار يېزا يېرىنى ھۆددىگە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقى كىنىشكىسىغا ئېرىشىپ، ھوقۇق - مەنپەئىتى كاپالەتكە ئىگە بولۇپ، يېرىنى ئوبوروت قىلغاندىن كېيىن تېخىمۇ خاتىرجەم بولدى.

يەر باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ئوبوروت قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، «لايىھە»دە، يېزا يېرىنى باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ئوبوروت قىلىشنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىش، تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك، دەپ بەلگىلەندى. ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى - يېزا نازارىتى قاتارلىق تارماقلار ھەرقايسى جايلارنىڭ ئوبوروت قىلىشنى ئەنگە ئېلىشنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش، سودىنى ئىسپاتتىن ئۆتكۈزۈش، ھوقۇق كىنىشكىسى تارقىتىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، يەر باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ئوبوروت قىلىش ۋە كۆلەملىك تىجارەت قىلىش سانلىق مەلۇماتلىرىنى ھەرىكەت ھالىتىدە ئىگىلەيدۇ. 2022 - يىلى، ھەرقايسى جايلار ئاپتونوم رايون بىرتۇتاش بېسىپ تارقاتقان يېزا يېرىنى ھۆددىگە ئېلىش (ئوبوروت قىلىش) توختام ئۈلگىسى نۇسخىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىشلىتىدۇ؛ ھەربىر ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)تە ئاز دېگەندە بىردىن ئىككىگىچە ناھىيە (شەھەر، رايون) سودىنى ئىسپاتتىن ئۆتكۈزۈش كىنىشكىسى، يېزا يېرىنى باشقۇرۇش ھوقۇقى كىنىشكىسىنى تارقىتىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىدۇ. ئالاقىدار كىنىشكىلارنىڭ نۇسخىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى، يېزا نازارىتى بىرتۇتاش بېكىتىدۇ، ھەرقايسى جايلار ئۆزى باسىدۇ.

يېزا يېرىنى ھۆددىگە ئېلىپ باشقۇرۇش ۋە باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ئوبوروت قىلىشتا ماجىرا كۆرۈلسە قانداق قىلىش كېرەك؟ «لايىھە»دە مۇنداق بەلگىلەندى: ھەرقايسى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېزا يېرىنى ھۆددىگە ئېلىپ باشقۇرۇش ماجىرالىرىنى مۇرەسسە قىلىپ كېسىم چىقىرىش قانۇنى» بويىچە ناھىيە دەرىجىلىك يېزا يېرىنى ھۆددە ئېلىش كېسىم ھەيئىتى قۇرىدۇ، كىسىمچىنى كېسىم ھەيئىتى ئۆز ئالدىغا تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىدۇ، ئىش ئورنى سالاھىيىتىنى ھەرقايسى ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)لىك يېزا ئىگىلىكى، يېزا ئىدارىلىرى باھالاپ بېكىتىپ، ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى، يېزا نازارىتىنىڭ ئەنگە ئېلىشىغا يوللايدۇ. يېزا يېرىنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى سوت مەھكىمىسى، قانۇن يۈرگۈزۈش مەمۇرىي ئورگىنى قاتارلىق تارماقلار بىلەن ئالاقىلىشىش، ماسلىشىش مېخانىزمى ئورنىتىپ، خەلققە قولايلىق يۇقىرى ئۈنۈملۈك مۇرەسسە - كېسىم سىستېمىسى قۇرىدۇ. بۇ يىل، ھەرقايسى ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)لەر ناھىيە دەرىجىلىك كېسىم سوتى، يېزا (بازار)لىق مۇرەسسە ئاپپاراتى ۋە كەنت دەرىجىلىك مۇرەسسە گۇرۇپپىسى قۇرۇش پىلانى تۈزۈپ چىقىدۇ.

تەرتىپلىك ئوبوروت قىلىش، يېڭى مېخانىزم شەكىللەندۈرۈش

11 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، تېكەس ناھىيەسى قارادالا بازىرى قاراغاشتى كەنتىدىكى كۆممىقوناق سالا ئېتىزلىقىدا، كۆممىقوناق ئورۇش ماشىنىسى ئۇياق - بۇياققا ئۆتۈپ تۇراتتى، رەت - رەت كۆممىقوناقلار كومبايىننىڭ قورسىقىغا كىرىپ، كۆممىقوناق باشلىرى ماشىنىدا دان ئايرىغاندىن كېيىن، كومبايىننىڭ ئاشلىق ساندۇقىغا كىرەتتى، كۆممىقوناق غولى يانجىلىپ ئېتىزلىققا چېچىلاتتى...

قاراغاشتى كەنتىدە جەمئىي 5790 مودىن ئارتۇق يەرگە كۆممىقوناق تېرىلغان، يەر شارائىتى ئېگىز، يەر تارقاق بولغانلىقتىن، ھەربىر دېھقان ئائىلىسى ھۆددىگە ئالغان ئېتىزلىق ئاز بولسا ئىككى - ئۈچ پارچە، كۆپ بولسا بەش - ئالتە پارچە بولۇپ، تېرىش، يىغىۋېلىشقا ۋاقىت كېتەتتى ھەم ئۈنۈمى تۆۋەن ئىدى. بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، كەنت «ئىككى كومىتېتى» كەنت ئاھالىلىرىنى يەرنىڭ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ئوبوروت قىلىشقا پائال سەپەرۋەر قىلىپ، يەرلەرنى تېرىقچىلىق چوڭ ئائىلىلىرىنىڭ قولىغا مەركەزلەشتۈردى. كۆلەملىك تېرىغاندا، تەننەرخنى تېجەپ ئۈنۈمنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ، ھەر مو يەرنىڭ ھوسۇل يىغىش خىراجىتىنىڭ ئۆزىنىلا %60تىن يۇقىرى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.

«ياخشى ئىشنى ياخشى قىلىش، دېھقانلارنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىش كېرەك.» جۇڭگو رادىيو - تېلېۋىزىيە شىنجاڭ تور پاي چەكلىك شىركىتى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق شۆبە شىركىتىنىڭ قاراغاشتى كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزاسى جاۋ چيەن مۇنداق دېدى: ئۈنۈمنى سېلىشتۇرۇش، ھېساباتنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق، ھەممە ئائىلە يەرنى باشقۇرۇش ھوقۇقىنى خۇشال ھالدا ئوبوروت قىلدى.

«يەرنى باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ئوبوروت قىلىش شۇ جايدىكى يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ تەرەققىيات ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىشى شەرت، دېھقانلارنىڭ ئارزۇسىغا تولۇق ھۆرمەت قىلىشى شەرت، دېھقانلارنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا پايدىلىق بولۇشى شەرت، ئوبوروت قىلغۇچى تەرەپ يېرىنى ئوبوروت قىلغان دېھقاننى ئالدى بىلەن ئىشلىتىشى، دېھقانلارنى يەر باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ئوبوروت قىلىشقا پائال قاتناشقۇچى ۋە ئۇنىڭدىن ھەقىقىي مەنپەئەتلەنگۈچىگە ئايلاندۇرۇشى كېرەك.» «لايىھە»دە يەر باشقۇرۇش ھوقۇقىنى تەرتىپلىك ئوبوروت قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش توغرىسىدا پىرىنسىپاللىق بەلگىلىمە چىقىرىلدى.

«لايىھە»دە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: شارائىتى يار بېرىدىغان جايلارنىڭ يۆلەش سىياسىتى تۈزۈپ، رىغبەتلەندۈرۈش، مۇكاپاتلاش، ياردەم پۇل بېرىش مېخانىزمى ئورنىتىپ، يېزا ئىگىلىكىگە چېتىلىدىغان مالىيە مەبلىغىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەت ئىلھام بېرىدىغان، مالىيە قوللايدىغان، كارخانىلار قاتنىشىدىغان، جەمئىيەت قاتنىشىدىغان، دېھقانلار ئىختىيار قىلىدىغان، قانۇن بويىچە ھەقلىق بولغان يەرنى باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ئوبوروت قىلىش يېڭى مېخانىزمى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، رايون، ۋىلايەت، ناھىيەدىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجىلىك مالىيە بىرلىشىپ سېلىنما سالىدىغان مېخانىزمنى تەدرىجىي شەكىللەندۈرۈشىگە ئىلھام بېرىشى كېرەك. كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىكى تەشكىلاتلىرى تەشۋىق قىلىش، سەپەرۋەر قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئوبوروت قىلىش، مۇكاپاتلاش، ياردەم پۇل ئۇچۇرلىرىنى دەلىللەش ۋە مۇكاپات، ياردەم پۇل مەبلىغىنى ئىشلىتىشنى نازارەت قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشكە ياردەملىشىشى كېرەك.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، «لايىھە»دە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ناھىيە دەرىجىلىك يېزا مۈلۈك ھوقۇقى ئوبوروت سودا بازىرى، يېزا دەرىجىلىك مۇلازىمەت پونكىتى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، كەنت دەرىجىلىك ئۇچۇر خادىملىرى قوشۇنى تەشكىللەپ قۇرۇپ، رايون، ۋىلايەت، ناھىيە، يېزا، كەنتتىن ئىبارەت بەش دەرىجىلىك سودا مۇلازىمەت سىستېمىسىنى تەدرىجىي مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. باشقۇرۇش تۈزۈمى ۋە سودا قائىدىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، تۈرلۈك يېزا مۈلۈك ھوقۇقى ئامىللىرىنى بازارغا كىرىپ ئاشكارا سودا قىلىشقا يېتەكلەش كېرەك. 2022 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى بارلىق ناھىيە (شەھەر، رايون)لەر يېزا يېرىنى باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ئوبوروت قىلىش ئوتتۇرىچە باھا ئۇچۇرىنى ئېلان قىلىش تۈزۈمى ئورنىتىپ ھەم ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەربىر ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)لەر بىردىن ئىككىگىچە ناھىيە (شەھەر، رايون)نى تاللاپ يېزا مۈلۈك ھوقۇقى ئوبوروت سودا بازىرى قۇرۇشى كېرەك.

يەرنى پاي قىلىپ قوشۇش ئارقىلىق كىرىمنى ئاشۇرۇشقا ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇش

ساۋەن شەھىرى داچۈەن يېزىسى شاۋفاڭجۇاڭزى كەنتىدىكى شۇاڭچۈەن يېزا ئىگىلىك كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ قۇرۇلغىنىغا سەككىز يىل بولدى، ھەمكارلىق كوپىراتىپى كېۋەز تېرىشنى ئاساس قىلىدۇ، دېھقان كوپىراتىپ ئەزالىرى يەر باشقۇرۇش ھوقۇقىنى پاي قىلىپ قوشۇش ھەم پايدا تەقسىملەشنى تىجارەت ئەندىزىسى قىلغان.

تەننەرخنى تېجەپ ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈشتەك كۆلەملەشكەن تېرىقچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى ھەر يىلى ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشتۈردى. بۇ ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كېڭەش باشلىقى خې خۇڭتاۋ مۇنداق دېدى: «سەككىز يىل ۋاقىتتا، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كوپىراتىپ ئەزالىرى ئەڭ دەسلەپكى 67 ئائىلىدىن كۆپىيىپ ھازىرقى 887 ئائىلىگە يەتتى، يېرى ئىلگىرىكى 2800 نەچچە مودىن كۆپىيىپ ھازىرقى 48 مىڭ 600 مودىن ئاشتى. ھەر يىلى ھەربىر ئائىلىلىك كوپىراتىپ ئەزاسىغا تەقسىم قىلىپ بېرىلىدىغان پايدا ئۆزلىرى يەر تېرىغاندىكىدىن خېلىلا كۆپ بولدى».

يەر باشقۇرۇش ھوقۇقىنى پاي قىلىپ قوشۇش يەر باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ئوبوروت قىلىش يۆنىلىشىنىڭ بىرى. «لايىھە»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: يەرنى مەركەز قىلغان بىرلىشىش ۋە ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىش كېرەك. يەر پاي ھەمكارلىق تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا، دېھقانلار قانۇن بويىچە ھۆددىگە ئالغان يېرىنىڭ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى بىۋاسىتە شىركەت ۋە دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا مەبلەغ قىلىپ سالسا (پاي قىلىپ قوشسا) بولىدۇ، يەنە مەبلەغ چىقىرىپ دېھقانلار يەر پاي كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرسا ياكى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئارقىلىق يەر باشقۇرۇش ھوقۇقىنى مەبلەغ قىلىپ سېلىپ (پاي قىلىپ قوشۇپ) شىركەت قۇرسا بولىدۇ.

«لايىھە»دە مۇنداق تەلەپ قىلىندى: دېھقانلارنىڭ ئارزۇسىغا تولۇق ھۆرمەت قىلىش ئالدىنقى شەرتىدە، شىمالىي شىنجاڭ رايونىنىڭ يەر پاي ھەمكارلىقىدىكى تەجرىبە، ئۇسۇللىرىنى تولۇق ئۆرنەك قىلىپ، يەر پاي ھەمكارلىق ئاساسىنى ھازىرلىغان ناھىيە (شەھەر، رايون)لەر ئىچىدىن شارائىت ھازىرلىغان بىر تۈركۈم يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرگەن باشلامچى كارخانىلارنى تاللاپ يەر باشقۇرۇش ھوقۇقىنى پاي قىلىپ قوشۇشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، يەر پاي كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى تەشكىلىي ئاپپاراتى قۇرۇش ۋە مالىيە تۈزۈمى جەھەتتە مۇھىم ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىشى كېرەك.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، «لايىھە»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: يېڭىچە يېزا ئىگىلىك تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ ئوبوروت قىلىنغان يەرنى قوبۇل قىلىشىغا مەدەت بېرىش كېرەك. يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرگەن باشلامچى كارخانىلارنىڭ دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى، ئائىلە دېھقانچىلىق مەيدانلىرى، دېھقانلار بىلەن مۇقىم بولغان پايدىنى بىرلەشتۈرۈش مېخانىزمى ۋە ھەمكارلىق مېخانىزمى ئورنىتىشىغا ئىلھام بېرىش كېرەك. دۆلەتنىڭ يېڭىچە يېزا ئىگىلىك تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ قۇرۇلۇشقا يەر ئىشلىتىشىنى قوللاش توغرىسىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ناھىيە ئىچىدىكى يىللىق قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىدىغان يەر كۆرسەتكۈچى، شەھەر - يېزىلارنىڭ قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىدىغان يەرلەرنى كۆپەيتىش - ئازايتىشنى باغلاشتىكى ئېشىنچا يەر ئىشلىتىش كۆرسەتكۈچىنى ئۇنىڭغا مايىللاشتۇرۇشى كېرەك. يېڭىچە يېزا ئىگىلىك تىجارەت سۇبيېكتلىرى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا بىۋاسىتە ئىشلىتىدىغان ياكى مۇلازىمەت قىلىدىغان ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىھەلىرى، قوشۇمچە ئەسلىھەلىرى ۋە يانداش ئەسلىھەلىرىگە ئىشلىتىلىدىغان يەرلەرنى ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىگە يەر ئىشلىتىش بەلگىلىمىسى بويىچە باشقۇرۇشى كېرەك. يۇقىرى ساپالىق دېھقانلارنى تەربىيەلەش تۈرىگە تايىنىپ، تۈرلۈك يېڭىچە يېزا ئىگىلىك تىجارەت سۇبيېكتلىرى باشلامچىلىرىغا قارىتا مۇددەتكە بۆلۈپ تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك.

بۇنىڭدىن باشقا، «لايىھە»دە يەنە پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ يۆلىشىنى پائال قولغا كەلتۈرۈش، يېزىلارنىڭ ئومۇم مەنپەئەتدارلىقىدىكى پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشىنى پۇختا قەدەم بىلەن كېڭەيتىش، يېڭىچە يېزا ئىگىلىك تىجارەت سۇبيېكتلىرى تىزىملىكىنى ئېلان قىلىش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش قاتارلىق ئىشلار توغرىسىدا بەلگىلىمە چىقاردى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.