تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

قاراڭ، مانا بۇ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى ياش كۈچلەر

10 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، جىڭ ناھىيەسىنىڭ تولى بازىرى يېلىشىنەن كەنتىدە، لازا يىغىش ماشىنىسى لازا يىغماقتا. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جىڭ ناھىيەسى يېزا ئىگىلىك كەسىپ قۇرۇلمىسىنى پائال تەڭشەپ، «ھەمكارلىق كوپىراتىپى + دېھقان ئائىلىسى» شەكلىنى قوللىنىپ، كەسىپ ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا ياردەم بەردى. □سەي يۇڭجيې فوتوسى

□ئوقۇش ئەسكەرتمىسى

جاۋ سۈي، ساۋ يۇڭچى، سۇڭ شۈەن، ما يۈخۇي، ئادىلجان تۆلەڭ، پەرھات روزى، گۇ فېنيۈەن، ئەبەيدۇللا ئۆمەر قاتارلىق شىنجاڭلىق ياشلار يېقىندا كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى، يېزا ئىگىلىكى - يېزا مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن تۇنجى نۆۋەتلىك «مەملىكەت بويىچە يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى ياش ئاۋانگارت» بولۇپ باھالاندى. ئۇلار ئوخشاش بولمىغان كەسىپ، ئوخشاش بولمىغان ئىش ئورنىدىن كەلگەن بولۇپ، يېزىلاردىكى كەڭ تۇپراقتا تالانتىنى نامايان قىلىپ، كارامىتىنى كۆرسىتىپ، قالتىس خىزمەت نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئاددىي بولمىغان ياشلىق جاۋاب قەغىزىنى تاپشۇردى.

ھازىر، ئاپتونوم رايونىمىز يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى داغدۇغىلىق قانات يايدۇرۇپ، ئورتاق بېيىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ تۈرتكە بولدى، كەسىپلەر تەرەققىياتىدا يېڭى كەسىپ ھالەتلىرى، يېڭى ئەندىزىلەر ئارقا - ئارقىدىن بارلىققا كەلمەكتە، بۇ، زور بىر تۈركۈم كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق ياشلارنىڭ ئاۋانگارت بولۇشى، نەمۇنىچى بولۇشى، يېڭى تۆھپە يارىتىشىغا ئېھتىياجلىق.

ياشلار كۈچەيسە دۆلەت قۇدرەت تاپىدۇ، پەقەت ياشلار دەۋر يۈكلىگەن ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالغاندىلا، بىزنىڭ يولىمىز ماڭغانسېرى كېڭىيىدۇ. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى، ھۆكۈمەتلەر ۋە جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى ساھەلەر تېخىمۇ ئېتىبار بېرىش سىياسىتى، تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىر، تېخىمۇ كەڭ قورساقلىق، تېخىمۇ ئىللىق مۇلازىمەت بىلەن ياشلارغا ئىش قىلىپ ئىگىلىك تىكلەيدىغان كەڭ سەھنە ھازىرلاپ بېرىشى، ياشلارغا تالانتىنى تولۇق جارى قىلدۇرىدىغان مۇھىت ۋە بوشلۇق يارىتىپ بېرىشى كېرەك.

□ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋېي يۇڭگۇي، پىراكتىكانت چېن جياڭلىن

كۈرەش قىلىش ياشلىقنىڭ ئەڭ يارقىن ئاساسىي رېڭى، يېڭى دەۋردىكى ياشلار باتۇرلۇق بىلەن دەۋرنىڭ ئالدىدا ماڭىدىغان جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگۈچىلەردىن، يول ئاچقۇچىلاردىن، تۆھپە قوشقۇچىلاردىن بولۇشى كېرەك.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركەز ئىختىساسلىقلار خىزمىتى يىغىنىدا مۇنداق كۆرسەتتى: كۆلىمى زور بولغان ياش پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى قوشۇنىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئىختىساسلىقلار كۈچىنى يېتىشتۈرۈش سىياسىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ياش پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىغا قويۇپ، ياش ئىختىساسلىقلارنىڭ تايانچلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى، باش رول ئېلىشىنى قوللاش كېرەك. تۈرلۈك ئىختىساسلىقلار ئۈچۈن ئىش قىلىپ ئىگىلىك تىكلەيدىغان سۇپا ھازىرلاپ بېرىپ، بىلىم، تېخنىكا قاتارلىق يېڭىلىق يارىتىش مۇھىم ئامىللىرىنىڭ قىممىتىنى تولۇق گەۋدىلەندۈرىدىغان پايدا تەقسىملەش مېخانىزمى بەرپا قىلىپ، كەسىپ ئارقىلىق ئىختىساسلىقلارنى رىغبەتلەندۈرۈش، ئىختىساسلىقلارنىڭ كەسىپتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىش كېرەك.

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە، نۇرغۇن ياش پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرى، كارخانا تىجارەت ئىختىساسلىقلىرى ياشلىق ناخشىسىنى ياڭرىتىپ، ياشلىق كۈچىنى تەقدىم قىلىپ، بىرىنچى سەپتە جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرۈپ، يېزا - كەنتلەردە جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلماقتا، بۇ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇشتىكى بىر يارقىن مەنزىرىگە ئايلاندى.

يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە ھاياتىي كۈچ قوشتى

يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە ئاۋۋال كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. ياش پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرى، پىدائىيلار يېزا - كەنتلەر، چارۋىچىلىق رايونلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشماقتا.

11 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، خوتەن ۋىلايىتى كېرىيە ناھىيەسىنىڭ گۈلقەنت نان كەسىپلەر باغچىسىدا ئالدىراش مەنزىرە شەكىللەنگەنىدى. سېخ ئىچىدە، ئاپتوماتىك نان راسلاش ماشىنىسى راۋان مەشغۇلات قىلىۋاتاتتى، راسلانغان نانلار يەتكۈزۈش تاسمىسىدا ئايلىنىۋاتاتتى؛ قاتار كەتكەن توك تونۇرلىرىنىڭ ھەممىسى ئىشقا كىرىشكەن بولۇپ، ناۋاي ئۇستاملار نانلارنى يېقىش - قومۇرۇش بىلەن ئالدىراش ئىدى.

شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسىنىڭ كېرىيە ناھىيەسى ئاچچان يېزىسى ئاچچان كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە مەسئۇل كادىرى پەرھات روزى سېخ ئىچىدە ئارىلاپ يۈرەتتى، ئۇ بەزىدە نان راسلاش ماشىنىسى ئالدىدا توختاپ، ماشىنىنىڭ ئايلىنىش سۈرئىتىنى تەڭشەپ قوياتتى.

32 ياشلىق پەرھات جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى داشۆسىدە دوكتورلۇقنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسىدە دوتسېنت بولغان، يېمەكلىك ئىلمى ساھەسىدە كۆپ تۈرلۈك تەتقىقات نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈرگەن. كېرىيە ناھىيەسى گۈلقەنت نان كەسىپلەر باغچىسىدىكى توك تونۇر، گاز تونۇر، نان پىشۇرۇش ماشىنىسى ھەم ئاپتوماتلاشقان نان راسلاش ماشىنىسىنى ئۇ تېخنىكا كوللېكتىپىغا يېتەكچىلىك قىلىپ تەتقىق قىلىپ ياسىغان. شۇ كۈنى، ئۇ تەكلىپ بىلەن بۇ نان كەسىپلەر باغچىسىغا كېلىپ تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلغانىدى.

«نانچىلىق كەسپى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم كەسىپلەرنىڭ بىرى. نانچىلىق كەسپىنى زورايتىش، كۈچەيتىشتە ئۆلچەملەشتۈرۈش، ماشىنىلاشتۇرۇش كەم بولسا بولمايدۇ.» پەرھات مۇنداق دېدى: «نۆۋەتتە، بىز ناننىڭ ئوزۇقلۇق نىسبىتىنى تەڭشەش، چىرىشتىن ساقلاش ئۆلچىمىدە ئوراش - قاچىلاش، ساقلاش - توشۇش تېخنىكىسىنى قېلىپلاشتۇرۇش قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىۋاتىمىز، شىنجاڭنىڭ نانچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا يەنە تۆھپە قوشۇشقا تىرىشىمىز».

«بىز تەتقىق قىلىپ ياسىغان ئاتلاردىكى كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش - داۋالاش يان تېلېفون APPسى ئەڭ ئاخىرقى ماتېرىيال، سانلىق مەلۇماتلارنى كىرگۈزۈش باسقۇچىغا كىردى. بۇ APPنى قاچىلىۋالسا، تاغلىق رايوندىكى دېھقان - چارۋىچىلار بىز بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئاتلاردىكى كېسەللىكلەرگە يىراقتىن دىياگنوز قويدۇرالايدۇ» دېدى ما يۈخۇي خۇشال ھالدا.

35 ياشلىق ما يۈخۇي مال دوختۇرلۇق ئىلمى دوكتورى بولۇپ، موڭغۇلكۈرە ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىكى - يېزا ئىدارىسىدە ئىشلەيدۇ. ئۇ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى ئاتچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن كىرگۈزگەن يۇقىرى دەرىجىلىك ئىختىساسلىق بولۇپ، ئاتلاردا كۆرۈلىدىغان يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، ئەلا نەسىل يېتىشتۈرۈش، ساغلام باقمىچىلىق قاتارلىق جەھەتلەردىكى نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك.

موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىدە، ما يۈخۇي يېزا - كەنت كەچلىك كۇرسىدا ئاتلاردىكى كېسەللىكلەرگە دىياگنوز قويۇش، داۋالاش بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى ئاچتى، تەتقىقات ۋە كېسەل كۆرۈشتىن باشقا ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ ئاساسىي قاتلامدىكى دېھقان - چارۋىچىلار ئۈچۈن ئەمەلىي قوللىنىشچان ئاتلاردىكى كېسەللىكلەرنى داۋالاش قوللانمىسى، ئاتچىلىق ئىلىم - پەن بىلىملىرى يانچۇق كىتابىنى تۈزۈپ چىقىپ، چارۋىچىلىق رايونىدا مال دوختۇرلىرىغا نەق مەيداندا دەرس ئۆتتى؛ يەنە «ما يۈخۇي ئەمگەك نەمۇنىچىسى، ھۈنەرۋەن ئىختىساسلىقلار ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئىشخانىسى»غا تايىنىپ، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى بىلەن بىرلىكتە چارۋا - مال دوختۇرلۇق بويىچە دوكتوردىن بىرنى، ماگىستىردىن ئىككىنى، تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىسىدىن تۆتنى يېتىشتۈردى.

ساۋ يۇڭچى 2012 - يىللىق داشۆسىڭ پىدائىيلار مۇلازىمىتى غەربىي قىسىم پىلانىدىكى پىدائىي بولۇپ، ھازىر ئاقتۇ ناھىيەلىك سودا - پەن - تېخنىكا ۋە سانائەت - ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىدارىسىدە خىزمەت قىلىدۇ. ئۇ جۇڭگو جەمئىيەت پاراۋانلىقى فوندى جەمئىيىتى ئىللىق ئېقىم پىلانى ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق فوندىنىڭ شىنجاڭ رايونى مەسئۇلى. توققۇز يىلدىن بۇيان، ئۇ تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى پىدائىيلارنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئىللىق ئېقىم ئاممىۋى مېھىر - شەپقەت سومكىسىنى 100دىن ئارتۇق يېزا - كەنت باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى 30 مىڭدىن ئارتۇق بالىنىڭ قولىغا يەتكۈزۈپ، يېزا - كەنتلەرنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا مېھىر - شەپقەت يەتكۈزگۈچىگە ئايلاندى.

«ئۇزاق ئۆتمەيلا بىر تۈركۈم مېھىر - شەپقەت پاختىلىق كىيىملىرى يېتىپ كېلىدۇ، ئېگىزلىكتىكى بالىلارغا يەتكۈزۈپ بەرمەكچى. يېزا - كەنتلەرنىڭ مائارىپ ئىشلىرى ئۈچۈن قۇربىم يەتكىدەك ئىشلارنى قىلىپ بېرەلىگەنلىكىمدىن ئىنتايىن پەخىرلىنىمەن» دېدى ساۋ يۇڭچى.

يۇرتىغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلەپ قابىلىيىتىنى نامايان قىلدى

تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى كەڭ شەھەر - يېزىلاردا يېڭى كەسىپ، يېڭى كەسىپ ھالەتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇدى، تېرىقچىلىق، باقمىچىلىقنىڭ سۈپىتى، ئۈنۈمى ئۆستى، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش چوڭ دولقۇنىدا ياشلارنىڭ سىيماسى چاقناپ تۇرىدۇ.

10 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، دوۋيىن، كۇەيشوۋ، مېيتۇەن قاتارلىق كارخانىلاردا 15 كۈن ئېكسكۇرسىيەدە، ئۆگىنىشتە بولغاندىن كېيىن، 26 ياشلىق ئەبەيدۇللا ئۆمەر نۇرغۇن تەسىراتقا ئېرىشىپ بېيجىڭدىن شىنجاڭغا قايتىپ كەلدى.

ئەبەيدۇللا تۇرپان شەھىرى ئوۋبەي ئېلېكتىرونلۇق سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى. بۇ شىركەت 2019 - يىلى 7 - ئايدا قۇرۇلغان، ئاساسلىق كەسپى دوۋيىن ۋە كۇەيشوۋ سۇپىسىغا تايىنىپ، شۇ جاينىڭ قۇرۇق ئۈزۈم، قوغۇن قاتارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى بىۋاسىتە كۆرسىتىپ سېتىش.

«تۇرپاننىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى كۆپلەپ سېتىپ، ياخشى باھادا سېتىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىش بىزنىڭ نىشانىمىز. شىركىتىمىزنىڭ 2020 - يىلىدىكى سېتىش سوممىسى 13 مىليون يۈەنگە يەتتى، ھەمكارلاشقان دېھقان ئائىلىسىدىن 125ى بار، شۇ جايدىكى 152 كىشىنىڭ ئىشلەپ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدۇق» ئەبەيدۇللا مۇنداق دېدى: «بىز دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئېھتىياجى ۋە ئىستېمالچىلارنىڭ تەكلىپىگە بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى تۈرلەرنى پىلانلاۋاتىمىز، كېلەر يىلى 4 - ئايدا يولغا قويۇشىمىز مۇمكىن».

توققۇز يىل ئىلگىرى، گۇ فېنيۈەن بېيجىڭ ئاۋىياتسىيە ئالەم قاتنىشى داشۆسىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، يۇرتىغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلەشنى قارار قىلدى.

ئۇ يۇرتى ئۈرۈمچى شەھىرى مىدۇڭ رايونى سەنداۋبا بازىرى خۇاڭگۇڭ كەنتىدە، ئىشنى شال تېرىش، باقمىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىشتىن باشلاپ، جاپا - مۇشەققەت ئىچىدە زەپەر مارشى ياڭرىتىپ ئىلگىرىلىدى، ھازىر ئۇ ئۈرۈمچى لۈجوۋ جىنيې ئېكولوگىيەلىك ئورگانىك تېرىقچىلىق دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كېڭەش باشلىقى.

بۇ ھەمكارلىق كوپىراتىپى 860 تۇياق گۆش ئېشىكى، 2000 مو شاللىقى بار بولغان باقمىچىلىق ۋە تېرىقچىلىق كۆلىمىنى شەكىللەندۈردى. بۇنىڭ ئىچىدە، گۆش ئېشىكى باقمىچىلىق تۈرى ئەلا نەسىل يېتىشتۈرۈش، تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىش، زاكازلىق باقمىچىلىق قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ئەتراپتىكى 500دىن ئارتۇق دىھقان ئائىلىسىگە تەسىر كۆرسىتىپ، تۈرتكە بولۇپ، ھەربىر دېھقان ئائىلىسىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمىنى تەخمىنەن 3000 يۈەن ئاشۇردى.

گۇ فېنيۈەن مۇنداق دېدى: «ئەڭ پەخىرلىنىدىغىنىم شۇكى، دۆلەت شورلۇق سۇغا چىداملىق شال تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى مىدۇڭ رايونىدىكى ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى بىزنىڭ تەجرىبە ئېتىزىمىزدا، تېرىغىنىمىز دەل كۆپچىلىك دائىم دەۋاتقان <شورغا چىداملىق شال>. 9 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، دۆلەت ئىچىدىكى يەتتە شال مۇتەخەسسىسى نەق مەيداندا ھوسۇلنى ئۆلچىگەندە، 130 مو تەجرىبە ئېتىزىنىڭ ئوتتۇرىچە مو بېشى ھوسۇلى 659.3 كىلوگىرام بولدى. مو بېشى ھوسۇلى مۇنچە يۇقىرى بولسا، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا ناھايىتى زور ياردىمى بولىدۇ. كېلەر يىلى بىز تېرىقچىلىق كۆلىمىنى كېڭەيتىشنى ئىلتىماس قىلماقچى».

2018 - يىلىدىن 2020 - يىلىغىچە، گۇ فېنيۈەننىڭ ھەمكارلىق كوپىراتىپى يەنە خوتەن ۋىلايىتىنىڭ گۆش ئېشىكى باقمىچىلىقى ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەيدىغان بىر تۈرىنى ئۈستىگە ئالدى. «ئاساسلىقى باقمىچىلىقنى ھاۋالىلىك باشقۇرۇش ئارقىلىق ئەينى چاغدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ، كارتا بېجىرىلگەن بىر قىسىم نامرات ئائىلىلەر، گىرۋەك ئائىلىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەردۇق. بىز ۋەزىپىنى خېلى ياخشى ئورۇندىدۇق، ھەربىر ئائىلىگە يىلىغا 1200 يۈەندىن پايدا تەقسىم قىلىندى، 300 ئائىلە بۇنىڭدىن نەپ ئالدى» دېدى گۇ فېنيۈەن.

ئەمەلىي ئىش كۆڭۈللەرنى خۇش قىلدى

ياش پارتىيە ئەزالىرى ئۇلۇغۋار غايە تىكلەپ، قەدەمنى پۇختا ئېلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش مۇساپىسىدە ئاۋانگارت بولدى، نەمۇنىچى بولدى، يېڭى تۆھپە قوشتى.

ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى ئورگان مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئادىلجان تۆلەڭ بۇ يىل 34 ياش. 2018 - يىلى 2 - ئايدا، ئۇ خوتەن ناھىيەسىنىڭ تەۋەككۇل يېزىسى يېڭىباغ كەنتىگە ئەۋەتىلىپ 1 - شۇجى بولدى. بۇ كەنتتىكى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر ئاران 0.9 مو بولۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى ناھايىتى زور ئىدى.

ئۈچ يىلدىن بۇيان، ئادىلجان يۇرتداشلارنى يېتەكلەپ، ئۈزۈمچىلىك كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېڭى تېخنىكىلارنى قوللىنىپ، كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش قىلىپ، كۆڭۈل قويۇپ قۇرۇتۇپ، ئەسلىدىكى ھەر كىلوگىرامى ئۈچ يۈەنلىك قۇرۇق ئۈزۈمنىڭ باھاسىنى 30 يۈەنگە ئۆستۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇ ياشلارنى سىرتقا چىقىپ ئىشلەپ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا پائال سەپەرۋەر قىلدى، كەنتتىكى 800دىن ئارتۇق كىشى شىنجاڭنىڭ ئىچى - سىرتىدا يېمەك - ئىچمەك كەسپى بىلەن شۇغۇللاندى. ئۈزۈمچىلىك كەسپىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تايىنىپ، كەنتتىكى نامرات ئائىلىلەر نامراتلىقتىن تەلتۆكۈس قۇتۇلدى.

ئادىلجان پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى يېتەكلەپ، يۇرتداشلارنى ئېشەك، كەپتەر، غاز، توشقان بېقىشقا سەپەرۋەر قىلدى. باقمىچىلىق كىرىمنى ئاشۇرىدىغان يېڭى نۇقتىغا، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار يۇرتداشلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىدىكى «يۆلەنچۈك»كە ئايلاندى. يېڭىباغ كەنتىنىڭ قىياپىتى يېڭىلىنىپ، نۇرغۇن خىزمەتلەردە يېزا بويىچە ئالدىدا ماڭدى.

يېزا - كەنتلەرنىڭ بىرىنچى سېپىدە، پارتىيە ئىزنىكى جۇلالاندى. دۆلەت باج باش ئىدارىسى بۇرۇلتۇقاي ناھىيەلىك باج ئىدارىسىنىڭ كادىرى سۇڭ شۈەن بۇ يىل 32 ياش، ئۇ 2017 - يىلى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تىزىملىتىپ، يەتتە ئارال بازىرى بوتا بويۇن كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ نامراتلارنى يۆلەشكە مەسئۇل كادىرى بولۇپ، ئۇدا ئۈچ يىل كەنتتە تۇردى.

ئۈچ يىلدىن بۇيان، سۇڭ شۈەن تويلۇق دەم ئېلىش ۋە ھېيت - بايراملىق دەم ئېلىشتىن ۋاز كېچىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۆگە بېقىشى، ئىگىلىك تىكلەش فوندى ئىلتىماس قىلىشىغا ياردەم بەردى، ئۆزئارا ھەمكارلىشىش ئەترىتىنى يېتەكلەپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بېدە يىغىشىغا ياردەم بەردى، كەنتتىكى «ئەڭ يىراق بىر ئائىلە كىشىلىرى»گە سۇ، توك يەتكۈزۈپ بەردى... ھەربىر ئەمەلىي ئىشنى ئامما خۇش بولغۇدەك بېجىردى.

2020 - يىلى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەزگىلىدە، سۇڭ شۈەن يېنىدىن 10 مىڭ يۈەن چىقىرىپ بىر تۈركۈم يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ماددىي ئەشيالىرىنى سېتىۋېلىپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا ۋۇخەن شەھىرى ۋە بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىگە ئىئانە قىلدى.

يېزا - كەنت مائارىپىغا ئۆزىنى بېغىشلىغان جاۋ سۈينى بالىلار يېقىملىق ھالدا «مەكتەپ مۇدىرى ئاپا» دەپ ئاتىشىدۇ. جاۋ سۈي ھازىر ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى ئىتتىپاق مەكتىپى خەلقئارا ئالماشتۇرۇش مەركىزىنىڭ مۇدىرى. 2018 - يىلى 6 - ئايدا، ئۇ خوتەن ناھىيەسى تەۋەككۇل يېزىسى باكىدۆڭ كەنتى باشلانغۇچ مەكتىپىگە مائارىپقا ياردەم بېرىشقا ئەۋەتىلىپ، مەكتەپ مۇدىرى بولۇپ، بىر ئىشلىگەنچە ئۈچ يىل ئىشلىدى.

جاۋ سۈي مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلارنى يېتەكلەپ مەكتەپ باشقۇرۇشنى تۇتتى، بالىلارنىڭ ئۆگىنىشىنى تۇتتى، باكىدۆڭ كەنتىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئومۇمىي نەتىجىسى پۈتۈن يېزىدىكى 11 باشلانغۇچ مەكتەپ ئىچىدە 1 - ئورۇنغا چىقتى، ئىككى بالا رايون ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپىغا ئۆتتى.

«بالىلار ئىلگىرى تاشقى دۇنيانى چۈشەنمەيتتى. بۈگۈنكى كۈندە، سىز بالىلاردىن قەيەرگە بېرىشنى ئەڭ ئارزۇ قىلىسىز دەپ سورىسىڭىز، ئۇلار بېيجىڭ، شاڭخەيگە ئەڭ بارغۇمىز بار دەيدۇ. بالىلارنى ياراملىق ئىختىساسلىقلارغا ئايلاندۇرۇش مېنىڭ ئىستىكىم» دېدى جاۋ سۈي.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.