تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

قاينام - تاشقىنلىققا تولغان مۇنبەت قارا تۇپراق

− بېيداخۇاڭ روھى توغرىسىدا بايان

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ لىبىن

70 نەچچە يىلدىن بۇيان، نەچچە ئەۋلاد جۇڭگولۇق بۇ يەردە ياشلىق باھارىنى سەرپ قىلىپ، ھاياتى بەدىلىگە تىللاردا داستان بولغۇدەك بوز يەر ئېچىش تارىخىي داستانىنى پۈتۈپ، قان تەرى ۋە ئىسسىق قېنى بىلەن چەت، قاقاس، سوغۇق دەپ ئاتالغان «بېيداخۇاڭ»نى باي «بېيداساڭ»غا، ئىسسىق «جۇڭگو تاماق قاچىسى»غا ئايلاندۇردى.

شەرقىي شىمال ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش بىرلەشمە ئارمىيەسى روھى، بېيداخۇاڭ روھى، داچىڭ روھى، تۆمۈر ئادەم روھى نەچچە ئەۋلاد كىشىلەرنى رىغبەتلەندۈردى.

«جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش، ئېچىشقا جۈرئەت قىلىش، ئومۇملۇققا ئېتىبار بېرىش، خالىس ئۆزىنى بېغىشلاش»تىن ئىبارەت بېيداخۇاڭ روھى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ مەنىۋى شەجەرىسىنىڭ بېيداخۇاڭ سەھىپىسى، پارتىيەنىڭ قىزىل تومۇرغا بولغان داۋاملاشتۇرۇشى ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشى. يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش، يېڭى سەپەرگە ئاتلىنىش، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى يېڭىلىنىپ تۇرىدىغان بېيداخۇاڭ روھى تېخىمۇ جۇلالىق نۇر چېچىپ، بېيداخۇاڭلىقلارنىڭ جاپا - مۇشەققەت، خەۋپ - خەتەر، توسالغۇ ئۈستىدىن غالىب كېلىپ، يېڭى دەۋرنىڭ يېڭى شانلىق نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تىرەك بولماقتا.

بېيداخۇاڭ! بېيداساڭ!

1947 - يىلى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇستەھكەم شەرقىي شىمال تايانچ بازىسى قۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقى بويىچە، بىر تۈركۈم ئازادلىق ئارمىيە ئۇيقۇدا ياتقان بۇ چۆللۈككە كېلىپ، «تۇنجى ئوت»نى تۇتاشتۇرۇپ، «تۇنجى ساپان»نى سېلىپ، تۇنجى تۈركۈمدىكى دېھقانچىلىق مەيدانلىرىنى قۇرۇپ، تۇنجى قېتىم مول ھوسۇل ئېلىپ، ئازادلىق ئۇرۇشىنىڭ ئالدىنقى سېپىگە كۈچلۈك ياردەم بەردى.

تۈمەنلىگەن ئىشلار ئىچىدە، تاماق مەسىلىسى ھەممىدىن مۇھىم. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئاشلىق بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ۋەزىپىسى ئىنتايىن تەخىرسىز ئىدى. پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ تاماق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، كەسىپ ئالماشتۇرغان، ئارمىيەدىن قايتقان 140 مىڭ ئوفىتسېر - ئەسكەر، ئالىي مەكتەپ، تېخنىكومنى پۈتكۈزگەن 100 مىڭ ئوقۇغۇچى، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن چېگرا رايونغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن 200 مىڭ ياش، شەھەرلەردىكى 540 مىڭ زىيالىي ياش ئارقا - ئارقىدىن بېيداخۇاڭغا كېلىپ، يەر ئاغدۇرۇپ، توپا يۆلەپ، بۇغداي ئورۇپ، ئاشلىق ئالدى. ئۇلار يەر ھەيدەپ سۆرەم سېلىپ، چۆللۈكنى ئويغاتتى.

ئېلىمىزنىڭ ئۈچىنچى يۈرۈش خەلق پۇلى «بىر يۈەن»دىكى بەلگە خاراكتېرلىك شەخسنىڭ ئەسلىي تىپى بولغان لياڭ جۈن يېڭى جۇڭگودىكى تۇنجى ئايال تىراكتور ھەيدىگۈچى، شۇنداقلا بېيداخۇاڭنى ئەڭ دەسلەپ قۇرغۇچىلارنىڭ بىرى.

1948 - يىلى، 18 ياشلىق لياڭ جۈن خېيلۇڭجياڭ بېيئەندە تىراكتورچىلار كۇرسىغا قاتنىشىپ، سىنىپتىكى 70 نەچچە كۇرسانت ئىچىدىكى بىردىنبىر ئايال كۇرسانت بولۇپ قالدى. شوپۇرلۇق تېخنىكىسىنى ياخشى ئۆگىنىش ئۈچۈن، ئۇ چىشىنى چىشلەپ نەچچە ئون جىڭ ئېغىرلىقتىكى تىراكتور زاپچاسلىرىنى يۆتكەپ، ئەر كۇرسانتلارنى ھەيران قالدۇردى. «مېنى ئايال كىشى ئىكەن دەپ قالماڭلار، ھەرقانچە جاپادىنمۇ، چارچاشتىنمۇ قورقمايمەن، مەن پارتىيەگە ۋەدە بېرىمەنكى، ئۆگىنىش ۋەزىپىسىنى قەتئىي ئورۇندايمەن».

لياڭ جۈن قەتئىي ئىرادىسى بىلەن بېيداخۇاڭنى ئېچىش قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى سانسىزلىغان ياشلارنىڭ قەلبىدىكى نەمۇنىگە ئايلاندى.

«يېزىغا بارايلى، چېگرا رايونغا بارايلى، ۋەتەن ئەڭ ئېھتىياجلىق جايلارغا بارايلى!» 20 - ئەسىرنىڭ 50 -، 60 - يىللىرىدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ چاقىرىقى بىلەن، چېگرا رايونغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن تۈركۈم - تۈركۈم ياشلار ۋە زىيالىي ياشلار بېيداخۇاڭغا كېلىپ تۆھپە قوشۇپ چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ، دۆلەتكە جاۋاب قايتۇردى.

يىللار ئېقىن سۇدەك ئۆتۈپ كېتىدۇ، ئەسلىمە مەڭگۈ ساقلىنىپ قالىدۇ. بېيداخۇاڭ مۇزېيىدا، ئايىغى ئۈزۈلمەيدىغان ئېكسكۇرسىيەچىلەر ئۇزۇنلۇقى 25 مېتىر كېلىدىغان مىس تام ئالدىدا قەدىمىنى توختىتىدۇ، بۇ يەرگە بۇ قارا تۇپراقتا مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كەتكەن كەسىپ ئالماشتۇرغان 12 مىڭدىن ئارتۇق ئوفىتسېر - ئەسكەرنىڭ ئىسمى ئويۇلغان.

چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىپ، ئىنقىلاب قىلىپ، كەڭ زېمىندا قىزىل قەلبنى تاۋلىدى. بېيداخۇاڭدىن بېيداساڭغىچە نەچچە ئەۋلاد بوز يەر ئاچقۇچىلار بۇ يەردە تەبىئەت بىلەن كۈرەش قىلىپ، ئالدىنقىلارنىڭ ئىزىنى كېيىنكىلەر بېسىپ، ئېگىلمەس - سۇنماس روھىنى جارى قىلدۇردى.

ئىلگىرى يىللىق ئاشلىق مەھسۇلاتى ئاران 4 مىليون 800 مىڭ جىڭ بولغان بېيداخۇاڭ بۈگۈنكى كۈندە ئۇدا ئون يىل مۇقىم ھالدا يىللىق ئاشلىق مەھسۇلات مىقدارىنى 40 مىليارد جىڭدىن ئاشۇرۇپ، 160 مىليون شەھەر - يېزا ئاھالىسىنىڭ بىر يىللىق ئاشلىق تەمىناتىنى قامدىيالايدىغان بولدى.

بېيداخۇاڭدىكى تارىخىي ئۆزگىرىش دەل يېڭى بىر دۇنيا يارىتىشقا جۈرئەت قىلىدىغان تارىخىي داستاندۇر.

ئىسلاھ قىلىش كېرەك! يېڭىلىق يارىتىش كېرەك!

20 - ئەسىرنىڭ 80 - يىللىرى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ باھار شامىلىغا ئەگىشىپ، بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونىدا سىناق تەرىقىسىدە ئائىلىۋى دېھقانچىلىق مەيدانى قۇرۇش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، «داش قازان تامىقى»نى يەپ كۆنگەن بېيداخۇاڭلىقلار ھەققانىيەت يولىدىن قايتماي ئىگىلىك تىكلەش يولىغا مېڭىشقا باشلىدى. ئائىلىۋى دېھقانچىلىق مەيدانلىرى ئىسلاھات دولقۇنىدا مەيدانغا كەلدى ھەم غايەت زور ئېنېرگىيە قويۇپ بەردى.

بېيداخۇاڭ روھىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، بېيداخۇاڭلىقلار دەۋر تەلىپىگە ماسلىشىپ، جاسارەت بىلەن ئىسلاھ قىلىپ، باتۇرلۇق بىلەن يول ئېچىپ، دادىل ئىزدىنىپ، ئائىلىۋى دېھقانچىلىق مەيدانى قۇرۇشنى بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، ئەنئەنىۋى پىلانلىق ئىگىلىك باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، يەرگە ئائىلىلەر ئىگە بولۇش، ماشىنىلارغا ئائىلىلەر ئىگە بولۇش، ھېساباتقا ئائىلىلەر ئىگە بولۇش، پايدا - زىيانغا ئائىلىلەر ئىگە بولۇش ۋە ئىشلەپچىقىرىش خىراجىتىنى ئۆزى ئۈستىگە ئېلىش، تۇرمۇش خىراجىتىنى ئۆزى ئۈستىگە ئېلىشتىن ئىبارەت «تۆتتە ئائىلىلەر ئىگە بولۇش، ئىككىنى ئۆزى ئۈستىگە ئېلىش» ھەمدە چوڭ دېھقانچىلىق مەيدانىغا كىچىك دېھقانچىلىق مەيدانىنى سەپلەش، بىرتۇتاش باشقۇرۇش بىلەن تارقاق باشقۇرۇش بىرلەشتۈرۈلگەن قوش قاتلاملىق ئىگىلىك باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئورنىتىپ، بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش ئەھۋالىغا مۇۋاپىق كېلىدىغان يېزا ئىگىلىك ئىسلاھاتى يولىنى تېپىپ چىقىپ، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ تېز يولىدا ماڭدى.

2016 - يىلى، باش شۇجى شى جىنپىڭ خېيلۇڭجياڭدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: دۆلەت ئىلكىدىكى بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىك چوڭ بازىسى، چوڭ كارخانا، چوڭ كەسپىنى بەرپا قىلىش كېرەك.

بېيداخۇاڭلىقلار بېيداخۇاڭ روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تىپىنى ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، مۇقىم چوڭ ۋەزىيەتنى قوغداپ، ئوتتەك قىزغىن ئەمەلىيىتى ۋە نەتىجىلىرى ئارقىلىق، بېيداخۇاڭ روھىنىڭ يېڭى دەۋردە يېڭى نۇر چېچىشىغا تۈرتكە بولدى.

ئىسلاھاتنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، بېيداخۇاڭ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش گۇرۇھى ھۆكۈمەت بىلەن كارخانىنى ئايرىش، كەسپىي ئورۇن بىلەن كارخانىنى ئايرىش، كوپىراتىپ بىلەن كارخانىنى ئايرىشنى ئىشقا ئاشۇردى، بۇنىڭ بىلەن كارخانىنىڭ ھاياتىي كۈچى تولۇق قويۇپ بېرىلدى. 2020 - يىلى تىجارەت ئومۇمىي كىرىمى 142 مىليارد 330 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %15.4 ئاشتى؛ پايدا ئومۇمىي سوممىسى 1 مىليارد 310 مىليون يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى يىلدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 3.29 ھەسسە ئاشتى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىدا تىجارەت ئومۇمىي كىرىمى 71 مىليارد 820 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %38 ئاشتى. مۆلچەرلىنىشىچە، 2021 - يىلى بېيداخۇاڭ گۇرۇھىنىڭ ئاشلىق مەھسۇلات مىقدارى 43 مىليارد جىڭدىن ئېشىپ، دۆلەتكە جەمئىي 1 تىرىليون جىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىپ بېرىشتەك تارىخىي مۇۋەپپەقىيەت ئىشقا ئاشۇرۇلىدىكەن.

ئىسلاھات دەۋرنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ساداسى. دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتى ئۈچ يىللىق ھەرىكىتىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىش ئارقىلىق، ئىچكى تىزگىنلەش سىستېمىسىنى ئورنىتىپ، ئاساسىي كەسىپنى بېكىتىپ، قاتلام - دەرىجىنى قىسقارتىپ، ئۈچ تۈرلۈك تۈزۈم ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇپ، بېيداخۇاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك كارخانىلارنىڭ ئاساسىي كەسپى تېخىمۇ ئېنىق، يۈرۈشۈشى تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولدى، بېيداخۇاڭچە دۆلەت كارخانىلىرىنى ئىدارە قىلىش ئەندىزىسى شەكىللىنىش ئالدىدا تۇرماقتا.

ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى يەرگە باغلاش كېرەك، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى تېخنىكىغا باغلاش كېرەك

2020 - يىلى 7 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ جىلىندا تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، ھەقىقىي تۈردە قارا تۇپراقتىن ئىبارەت بۇ «تېرىلغۇ يەر ئىچىدىكى چوڭ مۈشۈكئېيىق»نى ياخشى قوغداپ، ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئۇنى خەلققە مەڭگۈ بەخت يارىتىدىغان قىلىش كېرەك.

قارا تۇپراق بېيداساڭنىڭ جېنى.

ئىسسىق قان بىلەن سۇغۇرۇلغان بۇ مۇنبەت تۇپراققا نىسبەتەن، ئۇنىڭدىن تەلەپ قىلىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇنى ئاسراش كېرەك.

«تېرىلغۇ يەر ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنىڭ جېنى!» بېيداخۇاڭ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش گۇرۇھى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر ۋاڭ شوۋسۇڭ مۇنداق دېدى: «<14 - بەش يىل> باشلاندى، بىز تېرىلغۇ يەردىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش بىلەن ئۇنى قاتتىق قوغداشنى تەڭ تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادىي ئۈنۈم بىلەن ئېكولوگىيەلىك ئۈنۈمگە تەڭ ئەھمىيەت بېرىپ، ھەقىقىي تۈردە قارا تۇپراقتىن ئىبارەت بۇ <تېرىلغۇ يەر ئىچىدىكى چوڭ مۈشۈكئېيىق>نى ياخشى قوغداپ، تېرىلغۇ يەر سانى ۋە سۈپىتىدىن ئىبارەت <قوش قىزىل سىزىق>نى ساقلاپ، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلايمىز».

خىمىيەۋى ئوغۇتنى ئازايتىش، دېھقانچىلىق دورىلىرىنى ئازايتىش، ئوت - چۆپ يوقىتىش دورىلىرىنى ئازايتىش، بىر مەيدان «ئۈچنى ئازايتىش» ھەرىكىتى بېيداخۇاڭدا چوڭقۇر يولغا قويۇلۇپ، يېشىل، ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىكى تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىنىپ، قارا تۇپراق تېخىمۇ ياخشى قوغدالدى.

2020 - يىلى، بېيداخۇاڭدا يېزا ئىگىلىكىدە «ئۈچنى ئازايتىش» بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش كۆلىمى 15 مىليون 920 مىڭ مو بولۇپ، خىمىيەۋى ئوغۇت ۋە دېھقانچىلىق دورىلىرىنىڭ ئىشلىتىلىش مىقدارى ئالدىنقى يىلدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم - ئايرىم ھالدا 30 مىڭ 585 توننا ۋە 669 توننا ئازايدى. بۇ يىل خىمىيەۋى ئوغۇتنىڭ ئورنىغا ئورگانىك ئوغۇت ئىشلىتىش، ئەنئەنىۋى دېھقانچىلىق دورىلىرىنىڭ ئورنىغا يېشىل دېھقانچىلىق دورىلىرىنى ئىشلىتىشنى ئالغا سىلجىتىش تېزلىتىلىدۇ. «ئۈچنى ئازايتىش» بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىدا تۇپراقنى رېتسېپلىق ئوغۇتلاش، ئۆلچەملەشكەن ئۆسۈملۈك ئاسراش ماشىنىلىرى مەشغۇلاتى تولۇق قاپلاش، خىمىيەۋى ئوغۇت، دېھقانچىلىق دورىلىرىنى ئىشلىتىشتە نۆل ئېشىش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.

مۆلچەرلىنىشىچە، «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، خىمىيەۋى ئوغۇتنىڭ ئورنىغا ئورگانىك ئوغۇت ئىشلىتىش، ئەنئەنىۋى دېھقانچىلىق دورىلىرىنىڭ ئورنىغا يېشىل دېھقانچىلىق دورىلىرىنى ئىشلىتىش، يەر ئاستى سۈيىنىڭ ئورنىغا يەر ئۈستى سۈيىنى ئىشلىتىش، ئەنئەنىۋى يەر ئاغدۇرۇشنىڭ ئورنىغا قوغداش خاراكتېرلىك تېرىقچىلىق قىلىش، ماشىنىلاشتۇرۇشنىڭ ئورنىغا ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇشنى دەسسىتىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىش ئارقىلىق، 2025 - يىلى تۇپراقنىڭ ئورگانىك ماددا مىقدارىنى 0.5 گىرام/كىلوگىرام ئاشۇرۇپ، تېرىلغۇ قەۋىتىنىڭ ئوتتۇرىچە قېلىنلىقىنى 30 سانتىمېتىردىن ئاشۇرۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئۈمىد بار.

ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى يەرگە باغلاش كېرەك، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى تېخنىكىغا باغلاش كېرەك. ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنىڭ تۈپ چىقىش يولى پەن - تېخنىكا تەرەققىياتىدا. نۆۋەتتە، بېيداخۇاڭدا يېزا ئىگىلىكىنىڭ ماشىنىلىشىش نىسبىتى%99.6كە يەتتى. 100دىن ئارتۇق ئايروپىلان بار بولۇپ، ئايروپىلان بىلەن مەشغۇلات قىلىش كۆلىمى 21 مىليون 795 مىڭ مو. يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكىسىنىڭ تۆھپە قوشۇش نىسبىتى%68.2كە، پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنىڭ ئايلاندۇرۇلۇش نىسبىتى%82كە يېتىپ، دۇنيادا ئالدىنقى سەۋىيەدە تۇردى. بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونى يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈپ باشقۇرۇشنى يولغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، گۈرۈچ، ئۇن، ياغ، گۆش، سۈت، ياڭيۇ، ئۇرۇق قاتارلىق تۈۋرۈك كەسىپلەرنى بەرپا قىلىپ، «بېيداخۇاڭ» «ۋەنداشەن» قاتارلىق جۇڭگونىڭ بىر تۈركۈم داڭلىق ماركىلىرىنى يېتىشتۈردى، بۇنىڭ ئىچىدە «بېيداخۇاڭ» ماركىسى ئۇدا 15 يىل جۇڭگودىكى ئەڭ قىممىتى بار ماركا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلۈپ، جۇڭگو يېزا ئىگىلىكىدىكى بىرىنچى ماركىلىق ئورنىنى مۇقىم ساقلىدى.

دېھقانچىلىق مەيدانلىرى سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق ئورۇن بېكىتىش، بۇلۇت ھېسابلاش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، 10 مىڭ مولۇق مۇنبەت ئېتىزلارنى دەل جايىدا باشقۇردى. ھاياتىي كۈچكە تولغان قارا تۇپراقتا، ياش بىر ئەۋلاد كىشىلەر بېيداخۇاڭ روھىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشتى. بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونىدا ھازىر تۈرلۈك پەن - تېخنىكا خادىمىدىن 108 مىڭى بار، يەنە بىر «100 مىڭ كىشىلىك چوڭ قوشۇن» بېيداخۇاڭ روھىنى پەن - تېخنىكا ئارقىلىق قاناتلاندۇرماقتا.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 15 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.