تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ ئىگىلىك تىكلەش ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىش

− قىزىلبايراق ئۆستىڭى روھى توغرىسىدا بايان

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى يۈ ۋېنجىڭ، خەن چاۋياڭ

«يېرىپ تەيخاڭشەن تېغىنى، ئېقىپ كەلدى جاڭخې دەرياسى. ئەڭ ئۇلۇغ ئىستەك ئۈچۈن لىنشيەن خەلقى، بەل باغلىدى ئۆزگەرتىشكە يۇرت قىياپىتىنى...»

20 - ئەسىرنىڭ 60 - يىللىرى، خېنەن ئۆلكىسىنىڭ لىنشيەن ناھىيەسى(بۈگۈنكى لىنجوۋ شەھىرى) خەلقى ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ئون يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، تىك قىيانى تېشىپ ئۆتۈپ، مىڭ چاقىرىم ئۆستەڭ كولاپ، «ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈش، جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ ئىگىلىك تىكلەش، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىش، خالىس ئۆزىنى بېغىشلاش»تىن ئىبارەت مەنىۋى بايراقنى تەيخاڭشەن تېغى چوققىسىغا تىكلىدى.

قىزىلبايراق ئۆستىڭى تەيخاڭشەن تېغىدا ھازىرغىچە يىلانباغرى سوزۇلۇپ ئېقىپ كەلمەكتە، ئۇ، پۇقرالارنى ئوزۇقلاندۇرىدىغان «ھاياتلىق ئۆستىڭى»، كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدىغان «بەخت ئۆستىڭى»، تېخىمۇ مۇھىمى مەڭگۈ ئۈزۈلمەي ئاقىدىغان «ئۆستەڭ روھى».

«ھاياتلىق ئۆستىڭى» قەلبلەرنى ئوزۇقلاندۇردى

سەنشى، خېبېي، خېنەندىن ئىبارەت ئۈچ ئۆلكە تۇتىشىدىغان لىنجوۋدا تاغ كۆپ، سۇ ئاز، سۇ كەمچىل بولۇش نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭقۇر، ئەڭ ئازابلىق ئەسلىمە ھېسابلىنىدۇ. ناھىيە تەزكىرىسىدە «قۇرغاقچىلىق، ئۇدا قۇرغاقچىلىق، قاتتىق قۇرغاقچىلىق، ئېغىر قۇرغاقچىلىق» قاتارلىق سۆزلەر كۆپ ئۇچرايدۇ.

ئۇزاق مەزگىل سۇ كەمچىل بولدى، سۇغا بولغان تەشنالىق كۈچەيدى. كىشىلەر ئىلگىرى تىرىشقان بولسىمۇ، لېكىن سۇ كەمچىل بولۇش تارىخى ئاخىرلاشمىدى، تاكى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىنمۇ، يەنە بەزىلەر سۇ چېلىكىنى ئۆرۈۋەتكەنلىكتىن ئۆزىنى ئەيىبلەپ ئېسىلىپ ئۆلۈۋالغانىدى. ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ 31 ياشلىق شۇجىسى ياڭ گۇي ئوتتۇرىغا چىقىپ، كۆپ تەرەپلىمە تەكشۈرگەندىن كېيىن، ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى سەنشىنىڭ پىڭشۇن ناھىيەسىدىن جاڭخې دەرياسى سۈيىنى لىنشيەن ناھىيەسىگە باشلاپ كىرىشنى قارار قىلدى.

بۇ بىر تۈرلۈك خەۋپ - خەتەرگە تولغان تەدبىر ئىدى. ياڭ گۇي قۇرۇلۇش تېخنىكىسى جەھەتتىكى سىناققا دۇچ كېلىپلا قالماي، يەنە سىياسىي ئىستىقبال جەھەتتىكى خەۋپ - خەتەرگە دۇچ كەلدى.

«بىز ئولتۇرۇپ تەبىئەتنىڭ ئىلتىپاتىنى ساقلىساقمۇ بولاتتى، شۇنداق بولغاندا بىز مەنسەپ قالپىقىمىزنى جەزمەن ساقلاپ قالالايتتۇق، ئەمما ئاپەتنى يېڭەلمەيتتۇق، جاپا چېكىدىغىنى خەلق ئاممىسى بولاتتى.» مەردانە، جاراڭلىق سۆزلەر بىر كوممۇنىستنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقىنى ئىپادىلىگەنىدى.

خەلق ئۈچۈن ئۆستەڭ ياسىلىپ، پۇقرالارنىڭ قوللىشى ۋە ھىمايە قىلىشى قولغا كەلتۈرۈلدى. ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى پىكىر ئالغاندا، لىنشيەن ناھىيەسىدىكى پۇقرالار مۇنداق دېدى: «دۆلەتتە پۇل بولمىسا، بىز ئوزۇق - تۈلۈكنى ئۆزىمىز تەييارلاپ بولسىمۇ ياساپ پۈتكۈزىمىز، بۇ، ئاتا - بوۋىلىرىمىزدىن تارتىپ كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن چوڭ ئىش».

«يېپىنچا قىلدۇق كۆك ئاسمان، ئاق بۇلۇتلارنى، سېلىنچا قىلدۇق يەر - زېمىن، قاقاس يايلاقنى. ئېگىز تاغلار قوغداپ تۇرار قاراۋۇل بولۇپ، جاڭخې دەرياسى ئەللەيلىتىپ ئۇخلىتار مېنى!» قىزىلبايراق ئۆستىڭى تەيخاڭشەن تېغىغا يۆگەشتى، ھەممە كىشىنىڭ كۈرەش ئىرادىسى كۆتۈرەڭگۈ بولدى. ئۈستىدە يامىشىشقا بولىدىغان ھېچقانداق نەرسە، ئاستىدا دەسسەپ تۇرۇشقا بولىدىغان بىر پارچىمۇ يەر يوق ئىدى، كىشىلەر بېلىگە ئارغامچا چېگىپ، جىلغىغا ئېسىلىپ تاغ ئېچىپ تاش پارتلاتتى؛ ماددىي ئەشيا يېتىشمىگەندە، دېھقانلار ئۆزلىرى جابدۇق، ئوزۇق - تۈلۈك ئېلىۋېلىپ، ھاكتىن پارتلاتقۇچ ياسىدى.

جاپاغا چىداپ ئىشلەشكە رازى بولىمىزكى، ئازاب - ئوقۇبەتلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشكە ھەرگىز بولمايدۇ. 100 مىڭ كىشىلىك قۇرۇلۇش چوڭ قوشۇنى ئون يىل جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، ئىككى قولىغا تايىنىپ ئۇزۇنلۇقى 1500 كىلومېتىر كېلىدىغان، كىشىلەر تەرىپىدىن «سۈنئىي پەلەك دەرياسى» دەپ ئاتالغان بىر ھاياتلىق ئۆستىڭىنى «كولاپ» چىقتى. سۇ ئىچىش مەسىلىسى ھەل قىلىندى، نەچچە يۈز مىڭ مو تېرىلغۇ يەر سۇغىرىلدى، پاكىز سۇلار پۇقرالارنىڭ قەلبىگە ئېقىپ كىردى.

«بەخت ئۆستىڭى» كىشىلەرنى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندىدى

لىنجوۋلۇقلار كۆڭلىدە ئارقىدا قېلىشنى خالىمىدى، قىزىلبايراق ئۆستىڭى ئۇلارنىڭ بېلىنى تېخىمۇ رۇسلىدى.

ئەينى يىلى ئۆستەڭ ياسىغاندا، كىچىك ھارۋا ھەققىدە ئىجاد قىلىنغان بىر ناخشا بار ئىدى: «قەيسەر كېلەر تاغلىقلار، بەسلىشىپ ئىشلەر ئالدىغا ئۆتۈپ.» بۇنىڭ مەنىسى، كۆپچىلىك بىرلىكتە ھارۋا ئىتتىرىدۇ، ئارام ئالغاندا، كەينىدە ماڭغانلار چوقۇم ھارۋىنى ئالدىغا ئاپىرىپ قويۇپ ئاندىن توختايدۇ.

ئۆستەڭ ياسىغان ئون يىلدا، ئېقىنغا قارشى ئۆرلەپ ئەڭ قاتتىق قىيىنچىلىقلارنى يېڭىدىغان بىر خىل كۈچ كىشىلەرنىڭ قان تومۇرىغا سىڭىپ كىردى.

جاڭ يىجى تۇغۇلۇپ 2 - يىلى قىزىلبايراق ئۆستىڭى ئومۇميۈزلۈك پۈتتى. ئۇ، 1969 - يىلى 7 - ئاي ئىدى، ئون يىللىق جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىشنى ئەمدىلا ئاخىرلاشتۇرغان كىشىلەرنىڭ جاسارىتى پەلەككە يەتتى. دائىم ئاڭلاش ۋە كۆرۈش داۋامىدا، ئۇ تەيخاڭشەن تېغىغا ئوخشاش كۈچلۈك خاراكتېرگە ۋارىسلىق قىلدى.

ئائىلىسى نامرات بولغانلىقتىن، جاڭ يىجى 16 يېشىدىلا سىرتقا چىقىپ ئىشلىدى. ئۇ جاپا - مۇشەققەتكە چىدايتتى، ئىجتىھات بىلەن ئۆگىنىپ كۆپ سوئال سورايتتى، 19 يېشىدا ئۇ تامچىلار بەنجاڭى بولدى؛ 21 يېشىدا، ئىشچىلارنى باشقۇرىدىغان ئىش باشلىقى بولدى؛ 26 يېشىدا، ئۇ قۇرۇلۇش شىركىتى قۇرۇپ ئۆز ئالدىغا ئىش قىلدى. 2012 - يىلى، جاڭ يىجى يۇرتىدىكى ئاساسەن دېگۈدەك تاشلىۋېتىلگەن ۋەنچۈەنخۇ مەنزىرە رايونىنى قولىغا ئېلىپ، يېڭى كۈرىشىنى باشلىدى. جاڭ يىجىنىڭ كەچۈرمىشى مىڭلىغان - ئونمىڭلىغان لىنجوۋلۇقلارنىڭ ئىخچام كارتىنىسى −

20 - ئەسىرنىڭ 60 - يىللىرىدىكى «تەيخاڭشەندە جەڭ قىلىش»تا، كىشىلەر ئىككى قولىغا تايىنىپ مىڭ چاقىرىملىق ھاياتلىق ئۆستىڭىنى كولاپ چىقتى؛

20 - ئەسىرنىڭ 80 - يىللىرىدىكى «تەيخاڭشەندىن چىقىش»تا، 100 مىڭ كىشىلىك چوڭ قوشۇن پۈتۈن مەملىكەتتە قۇرۇلۇشنىڭ ئالتۇن خەتلىك ۋىۋىسكىسىنى ئاستى؛

20 - ئەسىرنىڭ 90 - يىللىرىدىكى «تەيخاڭشەننى بېيىتىش»تا، لىنجوۋلۇقلار تۇنجى تاپقان پۇلىنى ئېلىپ، ئۆيىگە قايتىپ زاۋۇت قۇرۇپ ئىش باشلاپ، يۇرتىنى بېيىتتى؛

يېڭى ئەسىردىكى «تەيخاڭشەننى گۈزەللەشتۈرۈش»تە، لىنجوۋ تەرەققىيات پىكىر يولىنى ئۆزگەرتىپ، تۆۋەن كاربونلۇق مۇھىت ئاسرايدىغان ئىقتىسادقا قاراپ يۈرۈش قىلدى.

بۈگۈنكى كۈندە، لىنجوۋ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش قاتتىق جېڭىدە غەلىبە قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش يېڭى مۇساپىسىگە ئاتلاندى.

بىر دەۋر كىشىلىرىنىڭ شۇ دەۋر كىشىلىرىگە خاس بۇرچى بولىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە، لىنجوۋدىكى پۇقرالار ئىچىدىغان سۇ ئۈچۈن غەم قىلمايدىغان بولدى، جۇڭگو خەلقى قورسىقىنى تويغۇزۇش ئۈچۈن غەم قىلمايدىغان بولدى، ئەمما تەيخاڭشەن تېغىدا ئۈن - تىنسىز ئېقىۋاتقان «بەخت ئۆستىڭى» جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، بەختكە ئىنتىلىشتىكى تىرىشچانلىقىغا ئىزچىل گۇۋاھ بولغۇسى.

«ئۆستەڭ روھى» مەڭگۈ ئۈزۈلمەي ئاقىدۇ

«ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈش، جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ ئىگىلىك تىكلەش، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىش، خالىس ئۆزىنى بېغىشلاش.» قىزىلبايراق ئۆستىڭىگە بارغان نۇرغۇن كىشى ئەڭ ئۇنتۇلغۇسىز بولغىنى سۇدا چاقناپ تۇرغان روھ، دەيدۇ.

ئىلگىرى، ئۆستەڭ ياسىغۇچىلار ھاياتىنى ئۆستەڭ بىلەن بىر گەۋدە قىلىپ يۇغۇرغانىدى؛ بۈگۈنكى كۈندە، ھەربىر كىشى جان تىكىپ ئېلىشىش ئارقىلىق يېڭى ھېكايىلەرنى يېزىپ چىقتى.

2013 - يىلى، 55 ياشلىق ۋاڭ شېڭيوۋ مۇنداق بىر تاللاشقا دۇچ كەلدى. پەنلۇڭشەن كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولغىنىغا 20 يىلدىن ئاشقان ئاكىسى ۋاڭ زىيوۋ كەنتنىڭ يول ياساش ئىشلىرى ئۈچۈن ئاتلانغان سەپىرىدە، يۈرەك تىقىلمىسى كېسىلى تۇيۇقسىز قوزغىلىپ، ئالەمدىن ئۆتتى، كەنتنىڭ «ئاسمىنى» ئۆرۈلۈپ چۈشتى. ۋاڭ شېڭيوۋ يىل بويى سىرتلاردا تىجارەت قىلىدىغان بولۇپ، قاتناش ۋەقەسى سەۋەبىدىن بىر بېلىكىدىن ئايرىلىپ قالغانىدى. يۇرتداشلار كەسىپتە ئۇتۇق قازانغان ۋاڭ شېڭيوۋنىڭ كەنتكە قايتىپ كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىلىقىنى ئۆتكۈزۈۋېلىشىنى ئۈمىد قىلدى.

قايتىش كېرەكمۇ - قايتماسلىق كېرەكمۇ؟ ۋاڭ شېڭيوۋ پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن پۈتۈن كەنتنىڭ ئۈمىدىنى زىممىسىگە ئالدى. كۆپ تەرەپتىن قاتراش ۋە تىرىشىش ئارقىلىق، ئۇ يۇرتداشلارنى يېتەكلەپ ئوڭغۇل - دوڭغۇل توپا يوللارنى تەكشى سېمونت يولغا ئايلاندۇردى ھەم قاقاسلىقنى داۋاملىق كۆكەرتىپ، خۇاجياۋ، ياڭاق، جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرىنى تېرىدى، بۇنىڭ بىلەن خاس كەسىپلەر تېخىمۇ جانلاندى، شۇنداقلا ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئاساس سېلىندى.

ۋاقىت بىلىپ - بىلمەيلا ئۆتۈپ كەتتى. بوشلۇقتىن نەزەر سالغاندا، پەنلۇڭشەن كەنتىنىڭ ئەگرى - بۈگرى كەتكەن تاغ يولى خۇددى ئۇزۇن ئەجدىھاغا ئوخشاش، يىراقتىكى تاغ ئارىسىدا شىلدىرلاپ ئېقىۋاتقان قىزىلبايراق ئۆستىڭى بىلەن قارىشىپ تۇراتتى. بۇ، يېرىم ئەسىر ھالقىغان مىسلىسىز ئۆزگىرىش، شۇنداقلا كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئەسلىي مەقسىتىنىڭ گۇۋاھچىسى.

ھەممىدە خەلق مەنپەئىتىنى كۆزلىگەنلەرنى خەلق ھىمايە قىلىدۇ.

بۈگۈنكى كوممۇنىستلارغا نىسبەتەن، قىزىلبايراق ئۆستىڭى ھەم تارىخنىڭ جاۋابى، ھەم دەۋرنىڭ يۈرۈش بەلگىسى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 11 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.