تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن كارخانا ۋە ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش

​− ئاپتونوم رايونلۇق بازارنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتتى

□ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رېن خۇا

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن كارخانا ۋە ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتتى.

«قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئارقىلىق تىجارەت - سودا مۇھىتىنىڭ تېخىمۇ ئەلالىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش

11 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، قاراماي يۇڭيۈەن تەكشۈرۈش - ئۆلچەش تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ئىش بېجىرگۈچىسى جاۋ جېن ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت مەركىزى ئىش بېجىرىش زالىنىڭ بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش كۆزنىكىگە كېلىپ، تەكشۈرۈش - ئۆلچەش ئاپپاراتىنىڭ سالاھىيىتىنى بېكىتىش رەسمىيىتىنى بېجىردى.

«ئىلگىرى سالاھىيەت بېكىتىش رەسمىيىتىنى بېجىرگەندە، ماتېرىيال تاپشۇرۇش، مۇتەخەسسىسلەر تەكشۈرۈش، باھالاش، ئاخىرقى تەكشۈرۈشتىن گۇۋاھنامە تارقىتىشقىچە 40 نەچچە خىزمەت كۈنى كېتەتتى، ھازىر پەقەت 15 خىزمەت كۈنىدىلا گۇۋاھنامىنى ئالغىلى بولىدۇ، بۇ، كارخانىلارغا نۇرغۇن قولايلىق ئېلىپ كەلدى» دېدى جاۋ جېن.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، «قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ھوقۇق چېكىنى بىرىكتۈرۈپ، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇپ، كارخانىلارغا تىجارەت كىنىشكىسىنى بېجىرىپ بېرىش ۋاقتىنى بىر خىزمەت كۈنىگە قىسقارتتى؛ تەكشۈرۈش - ئۆلچەش ئاپپاراتلىرىنىڭ سالاھىيىتىنى بېكىتىش، ئىجازەت بېرىش ۋاقىت چېكىنى يەنىمۇ قىسقارتىپ، نەق مەيداندا تەكشۈرۈشكە مۇناسىۋەتلىكلىرىنى ئەسلىدىكى 45 خىزمەت كۈنىدىن 30 خىزمەت كۈنى ئىچىگە قىسقارتىپ، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ۋاقىت چېكىنى ئەسلىدىكى 20 خىزمەت كۈنىدىن ئون خىزمەت كۈنىگە قىسقارتىپ، بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ئەلا مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىدى.

ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى يەنە توردا تىزىملاش سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، «ھۆكۈمەت بىلەن بانكا ھەمكارلىقى» «ھۆكۈمەت بىلەن پوچتا ھەمكارلىقى»نى پائال ئالغا سىلجىتىپ، ئاممىنىڭ ئىش بېجىرىش يوللىرىنى كېڭەيتتى. بۇ ئىدارە نۆۋەتتە ئون سودا بانكىسى بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىغان بولۇپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى 2000دىن ئارتۇق بانكا تور نۇقتىسىنى قاپلىدى، سودا بانكىسى پۈتۈن مۇساپىلىك ئېلېكتىرونلاشتۇرۇپ تىزىملاش، رويخەتكە ئېلىش كەسپىنى ھەقسىز ۋاكالىتەن بېجىرىپ، تىزىملاش، رويخەتكە ئېلىشتا «دەرھال بېجىرىش، يېقىن ئەتراپتا بېجىرىش، ئاپتوماتىك بېجىرىش»نى ئىشقا ئاشۇردى. پوچتا شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، توردا ۋە تور سىرتىدا تىزىمغا، رويخەتكە ئالدۇرغان كارخانا ياكى شەخسلەرنى تىجارەت كىنىشكىسىنى يەتكۈزۈپ بېرىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، خېرىدارلارنىڭ ئۆيىدىن چىقمايلا كىنىشكىنى تاپشۇرۇۋېلىشىنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇردى.

كارخانا ۋە ئاممىنىڭ ئېھتىياجىنى كۆزلەپ كۈچەش

11 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، «سىز كۆرسىتىڭ، مەن تەكشۈرەي» تېمىسىدىكى پائالىيەتتە ئىستېمالچىلار ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلىدىغان يېمەكلىك بىخەتەرلىكى مەسىلىسىگە قارىتا، ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ يېمەكلىكنى ئارىلاپ تەكشۈرۈش باشقارمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق مەھسۇلات سۈپىتىنى نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈش تەتقىقات يۇرتى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ خىزمەتچىلىرى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئۈچ چوڭ تىپتىكى يېمەك - ئىچمەك دۇكىنىغا بېرىپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈپ، يېمەكلىكلەرنى پىششىقلاپ تەييارلاش، ئاشخانىنىڭ مۇھىت تازىلىقى قاتارلىق تەرەپلەرنى تەكشۈردى.

بۇ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش تارماقلىرى «سىز كۆرسىتىڭ، مەن تەكشۈرەي» تېمىسىدىكى پائالىيەتنى 31 قېتىم قانات يايدۇردى، ئارىلاپ تەكشۈرۈش ئاشلىقتىن پىششىقلانغان مەھسۇلاتلار، تېتىتقۇ، سۈت مەھسۇلاتلىرى، ئىچىملىك، تېز توڭلىتىلغان يېمەكلىك قاتارلىق 20 يېمەكلىك چوڭ تۈرى بويىچە 1089 تۈركۈم قېتىم مەھسۇلاتتىن ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالدى، توردا ۋە تور سىرتىدا پائالىيەتكە قاتناشقان ئامما 330 مىڭ ئادەم قېتىمدىن كۆپرەككە يەتتى.

«<سىز كۆرسىتىڭ، مەن تەكشۈرەي> تېمىسىدىكى پائالىيەتتە، ئىستېمالچىلار قايسى جەھەتتىكى يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى بىلمەكچى بولسا، بىز ئېھتىياجغا ئاساسەن تەكشۈرىمىز. نۆۋەتتە، بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش تارماقلىرى <سىز كۆرسىتىڭ، مەن تەكشۈرەي> تېمىسىدىكى پائالىيەتنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، قەرەللىك ھالدا ئاممىنى ھەقسىز تېز بولغان يېمەكلىك تەكشۈرۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى يېمەكلىكلەرنى ئارىلاپ تەكشۈرۈش باشقارمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى.

پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش تارماقلىرى مەۋقەنى بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىگە قويۇپ، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئاممىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان، كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتتىكى ئەڭ جىددىي، ئەڭ ئېھتىياجلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ياردەم بەردى.

ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى رەنىگە قويۇپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى قىيىن بولۇش مەسىلىسىگە قارىتا، ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى مۇلازىمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەركىزى ھۆكۈمەت بىلەن كارخانا، ھۆكۈمەت بىلەن بانكا، بانكا بىلەن كارخانىلارنى ئۇدۇللاشتۇرۇش يىغىنىنى تەشكىللەپ ئېچىپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى رەنىگە قويۇپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كەسپىنى ماسلاشتۇرۇپ قانات يايدۇرۇپ، پەن - تېخنىكا تىپىدىكى كارخانىلارنى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى رەنىگە قويۇپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشقا يېتەكلىدى. 9 - ئاينىڭ 1 - كۈنىگە قەدەر، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى رەنىگە قويۇش قېتىم سانى 19 قېتىمدىكى 143 پارچىغا يېتىپ، رەنىگە قويۇپ يۈرۈشتۈرۈلگەن مەبلەغ 573 مىليون يۈەن بولۇپ، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كۆلىمى يەنىمۇ كېڭىيىپ، كارخانىلارنىڭ كۆز ئالدىدىكى جىددىي قىيىنچىلىقى ھەل قىلىندى.

ئەمەلىي ئىش قىلىشتا ياخشى «باشلامچى» بولۇش

بۇ يىل 10 - ئايدا، شىنجاڭ خېيياتوۋ سۈت مەھسۇلاتلىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسىنىڭ ۋاقتى توشاي دەپ قالغان بولۇپ، مەھسۇلاتلىرى جازىدىن چۈشۈرۈلۈپ، كارخانا توختامغا خىلاپلىق قىلىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەنىدى. ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈش - باھالاش مەركىزى پارتىيە باش ياچېيكىسى كارخانىغا ۋاقتىدا پارتىيە ئەزالىرى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ، نەق مەيداندا تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، كارخانىنىڭ نەق مەيداندا بېكىتىش، باھالاش خىزمىتىنى تاماملىشىغا ياردەم بېرىپ، كارخانىنى داۋاملىق نورمال تىجارەت قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

«مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىدە، ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىدىغان، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدىغان ياخشى «باشلامچى»لاردىن بولدى.

ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈش - باھالاش مەركىزى پارتىيە باش ياچېيكىسى «كارخانىلارغا ياردەم بېرىش، ئەمەلىي ئىش قىلىش، مۇلازىمەت يەتكۈزۈش، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش» مەخسۇس پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، پارتىيە ئەزالىرى، مۇتەخەسسىسلەر مۇلازىمەت ئەترىتىنى تەشكىللەپ 84 كارخانىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، نەق مەيداندا پىكىر ئالماشتۇرۇش، نەق مەيداندا چۈشەندۈرۈش، ئەمەلىي مەشغۇلات بويىچە تەربىيەلەش، كەسپىي كىتابلارنى تەقدىم قىلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بەردى.

شىنجاڭ ئۆلچەش - سىناش تەتقىقات يۇرتىدىكى 17 پارتىيە ياچېيكىسى كارخانا، ئامما ئۈچۈن پائال ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىش قىلىپ بەردى. بۇ يىلدىن بۇيان، بۇ تەتقىقات يۇرتى «ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارغا ئۆلچەش مۇلازىمىتى قىلىش سەپىرى» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، دىققەتنى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ سۈپەتنى ئۆستۈرۈش ۋە ئەمەلىي ئىشلەپچىقىرىش داۋامىدىكى ئۆلچەش ئېھتىياجىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، قاراتمىلىق ھالدا دەل جايىدا مۇلازىمەت قىلىشنى يولغا قويدى. 10 - ئاينىڭ 31 - كۈنىگە قەدەر، 6120 ئادەم قېتىم تەكشۈرۈشكە چىقىپ، 5832 كارخانىغا مۇلازىمەت قىلدى، كارخانىلار ئۈچۈن 2830 ئۆلچەش ئەسۋابىنى ھەقسىز تەڭشەپ بېرىپ، رېمونت قىلىپ بېرىپ، ئاسراپ بېرىپ، 874 مىڭ يۈەن خىراجەتنى تېجەپ بەردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.