تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

بېكىتىلگەن كۈرەش نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، غەيرەت-شىجائەتنى ئۇرغۇتۇپ كەلگۈسىگە يۈزلىنەيلى

​− پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

□خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

تارىخىي تەرەققىياتنىڭ ئۆز قانۇنىيىتى بولىدۇ، تارىخىي قانۇنىيەتنى ئىلمىي ئىگىلەپ، تارىخىي قانۇنىيەت بويىچە ئىش قىلغاندا، ھەممىدە غەلىبە قىلغىلى بولىدۇ.

پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىدا تارىخنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتى ۋە چوڭ يۈزلىنىشى چوڭقۇر تەتقىق قىلىندى، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي تەجرىبىلەر ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلەندى، پۈتۈن پارتىيە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قانداق پارتىيە، نېمە ئىش قىلىدۇ دېگەندىن ئىبارەت بۇ تۈپ مەسىلىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، تارىخىي تەرەققىيات چوڭ يۈزلىنىشىنى ئىگىلەپ، غايە-ئېتىقادنى چىڭىتىپ، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، باشتىن-ئاخىر كەمتەر، ئېھتىياتچان بولۇپ، مەغرۇرلۇق-ئالدىراقسانلىق قىلماي، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، ھەر قانداق خەۋپ-خەتەردىن قورقماي، ھەرقانداق كاشىلىدىن قايمۇقۇپ قالماي، نېگىزلىك مەسىلىلەردە ئەجەللىك خاتالىق سادىر قىلماي، قەتئىي بەل قويۇۋەتمەيدىغان قەيسەرلىك بىلەن بېكىتىلگەن نىشاننى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىش ۋۇجۇدقا چىقمىغۇچە بەل قويۇۋەتمەيدىغان سەگەكلىك بىلەن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى بوشاشماي ئالغا سىلجىتىشى كېرەكلىكى تەكىتلەندى. بۇ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تارىخىي تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، باشتىن-ئاخىر پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىدىكى تارىخىي تەشەببۇسكارلىق ۋە بۇرچ، مەسئۇلىيەتنى ئىگىلىگەنلىكىنى تولۇق نامايان قىلدى، بۇ، پۈتۈن پارتىيەمىز پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىن بىزنىڭ ئىلگىرى نېمىشقا مۇۋەپپەقىيەت قازىنالىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ يېتىپ، كەلگۈسىدە قانداق قىلساق ئۈزلۈكسىز مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايدىغانلىقىمىزنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى تېخىمۇ قەتئىي، تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا تېخىمۇ ياخشى چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى تېخىمۇ ياخشى راۋاجلاندۇرۇشىمىزدا مۇھىم رېئال ئەھمىيەتكە ۋە چوڭقۇر، ئۇزاق تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە.

100 يىللىق كۈرەش داۋامىدا، پارتىيەمىز باشتىن-ئاخىر ماركسىزمنى يېتەكچى قىلىپ تارىخىي چوڭ يۈزلىنىشنى تەھلىل قىلىش، ئىگىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن دۇنيانىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، تۈرلۈك تارىخىي پۇرسەتلەرنى تۇتۇش ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىشقا ماھىر بولدى. 100 يىلدىن بۇيان، ۋەزىيەت ۋە ۋەزىپىدە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشتىن، قانداق دەھشەتلىك دولقۇنلارغا دۇچ كېلىشتىن قەتئىينەزەر، پارتىيەمىز باشتىن-ئاخىر تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى ئىگىلەپ، بېكىتىلگەن كۈرەش نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ قەتئىي ئالغا ئىلگىرىلىدى. پارتىيەمىز خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، 30 يىلغا يېقىن ۋاقىت سەرپ قىلىپ يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلابنى تاماملاپ، يېڭى جۇڭگو قۇردى، جۇڭگو خەلقى شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئورنىدىن دەس تۇردى؛ پارتىيەمىز خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇش ئاساسىدا 40 نەچچە يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى يولغا قويۇپ، كەڭ جۇڭخۇا زېمىنىدا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتنى قۇرۇپ چىقىپ، مۇتلەق نامراتلىق مەسىلىسىنى تارىخىي خاراكتېرلىك ھەل قىلىپ، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇردى؛ كېيىنكى قەدەمدە، 2035-يىلىغا بارغاندا، پارتىيەمىز خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرىدۇ ھەم مۇشۇ ئاساستا يەنە 15 يىل كۈرەش قىلىپ، مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا بارغاندا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىدۇ. ئەمەلىيەت تولۇق ئىسپاتلىدىكى، تارىخنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتى ۋە چوڭ يۈزلىنىشىنى ئىگىلەپ، تارىخىي ئۆزگىرىش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش كۆرۈپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە ياراتساقلا، بىز تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرىلىيەلەيمىز.

بۈگۈنكى كۈندە، بىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش نىشانىغا تارىختىكى ھەرقانداق مەزگىلدىكىدىن تېخىمۇ يېقىنلاشتۇق، تېخىمۇ ئىشەنچىمىز ۋە ئىقتىدارىمىز بار. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پۈتۈن پارتىيە جەزمەن شۇنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يېتىشى كېرەككى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ھەرگىزمۇ ئاسانلا، داقا-دۇمباق چېلىپلا ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمايدۇ. بىز تەستە تېپىلىدىغان پۇرسەتكە دۇچ كېلىۋاتىمىز، شۇنداقلا كەسكىن خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتىمىز. بۇنداق ئاچقۇچلۇق پەيتتە، قىلچىمۇ توختاپ قېلىشقا، ئىككىلىنىشكە، قاراپ تۇرۇشقا بولمايدۇ، جەزمەن ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، بىرلا غەيرەتكە كېلىپ، داۋاملىق كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك. تارىخنى چۈشەنگەندە، ئاندىن يىراقنى كۆرگىلى بولىدۇ، تارىخنى بىلگەندە، ئاندىن يىراققا يۈرگىلى بولىدۇ. پۈتۈن پارتىيە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيىتىنى ۋە دۇنيادا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، چوڭ تارىخ قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، زامانىمىزدىكى جۇڭگو تۇرۇۋاتقان تارىخىي ئورۇننى ئېنىق تونۇپ، تارىخىي ئاڭلىقلىقنى كۈچەيتىپ، جاپا-مۇشەققەت ۋە شانلىق نەتىجىلەرگە تولغان ئۆتمۈش، كۈنسېرى يېڭىلىنىۋاتقان ھازىر، پارلاق، بۈيۈك كەلگۈسىنى تۇتاشتۇرۇپ، ئۇزاق تارىخىي مۇساپە، دەۋر دولقۇنى، يەر شارىۋى ۋەزىيەتتىن ئۆزگىرىش مېخانىزمىنى تەھلىل قىلىپ، تارىخىي قانۇنىيەت ئۈستىدە ئىزدىنىپ، قارا بۇلۇتلار ئارىسىدا توغرا يۆنىلىشنى پۇختا ئىگىلەپ، خەۋپ-خەتەر، خىرىس ئالدىدا جاسارەت ۋە پاراسەتنى چېنىقتۇرۇپ، باشتىن-ئاخىر يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ تارىخىي تەشەببۇسكارلىقىنى ئىگىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش ئىشەنچى ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، بېكىتىلگەن كۈرەش نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، غەيرەت-شىجائەتنى ئۇرغۇتۇپ كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، بىز بۇ بىر ئەۋلاد كىشىلەرگە تەۋە بولغان تارىخىي ئۇلۇغ ئىشلارنى يارىتىشى كېرەك.

بېكىتىلگەن كۈرەش نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، غەيرەت-شىجائەتنى ئۇرغۇتۇپ كەلگۈسىگە يۈزلىنىشتە، بىز شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ماركسىزملىق مەيدان، نۇقتىئىنەزەر، ئۇسۇل ئارقىلىق دەۋرنى كۆزىتىپ، دەۋرنى ئىگىلەپ، دەۋرگە يېتەكچىلىك قىلىشىمىز كېرەك. ماركسىزم دۇنيانى بىلىش، دۇنيانى ئۆزگەرتىشتىكى ئىلمىي ھەقىقەت، بىزنىڭ پارتىيە قۇرۇش، دۆلەت قۇرۇش، پارتىيەنى گۈللەندۈرۈش، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشىمىزدىكى تۈپ يېتەكچى ئىدىيە. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى زامانىمىزدىكى جۇڭگو ماركسىزمى، 21-ئەسىر ماركسىزمى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ۋە جۇڭگو روھىنىڭ دەۋر جەۋھىرى بولۇپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشتىكى يېڭى ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردى. يېڭى ئۇلۇغ مۇساپىدە، قەتئىي بوشاشماي پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىلىرى ئارقىلىق كاللىمىزنى قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇپ، ماركسىزمنىڭ ھەقىقەت نۇرى ئارقىلىق ئالغا ئىلگىرىلەش يولىمىزنى يورۇتساقلا، بىز چوقۇم خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، بارلىق جاپا-مۇشەققەت، خەۋپ-خەتەر، توسالغۇلار ئۈستىدىن غالىب كېلىپ، يېڭى، تېخىمۇ زور مۆجىزىلەرنى يارىتالايمىز.

بېكىتىلگەن كۈرەش نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، غەيرەت-شىجائەتنى ئۇرغۇتۇپ كەلگۈسىگە يۈزلىنىشتە، بىز پارتىيەنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسى، ئاساسىي لۇشيەنى، ئاساسىي تەدبىرىدە چىڭ تۇرۇپ، سىستېما قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشىمىز، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك. دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى يەنىلا مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، لېكىن پۇرسەت ۋە خىرىسنىڭ ھەممىسىدە يېڭى تەرەققىيات ئۆزگىرىشى بار، پۇرسەت ۋە خىرىسنىڭ زورلۇقى مىسلىسىز، ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا پۇرسەت خىرىستىن كۆپ. يېڭى ئۇلۇغ مۇساپىدە، تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى ئىگىلەپ، كۈرەش قىلىش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، كىرىزىس ئىچىدە پۇرسەت يېتىلدۈرۈپ، ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى داۋامىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىنى مەۋقە قىلىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، خەلقنى بېيىتىش، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، جۇڭگونى گۈزەللەشتۈرۈشنى ماس ئالغا سىلجىتساقلا، بىز چوقۇم كەلگۈسى تەرەققىياتنىڭ تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى ئىگىلەپ، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل، تېخىمۇ بىخەتەر تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرالايمىز.

بېكىتىلگەن كۈرەش نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، غەيرەت-شىجائەتنى ئۇرغۇتۇپ كەلگۈسىگە يۈزلىنىشتە، بىز خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋەتنى مەڭگۈ ساقلاپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ياخشى قوغداپ، ياخشى راۋاجلاندۇرۇشىمىز كېرەك. ھاكىمىيەت دېمەك خەلق دېمەكتۇر، خەلق دېمەك ھاكىمىيەت دېمەكتۇر، ھاكىمىيەتنى قولغا ئېلىش، ھاكىمىيەتنى ساقلاپ قېلىشتا، ئەمەل قىلىنغىنى خەلقنىڭ رايى. يېڭى ئۇلۇغ مۇساپىدە، جان-دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش تۈپ مەقسىتىدە باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ھەممىدە خەلقنى كۆزلەش، ھەممىدە خەلققە تايىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، باشتىن-ئاخىر خەلقنى قەلبتە ئەڭ يۈكسەك ئورۇنغا قويۇپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكىنى كۈرەش نىشانى قىلىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئومۇمىي خەلق ئورتاق بېيىش يولىدا مېڭىپ، 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق خەلقنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىگە تۈرتكە بولىدىغان قۇدرەتلىك كۈچ قىلىپ مۇجەسسەملىسەكلا، بىز چوقۇم خەلققە زىچ تايىنىپ يېڭى تارىخىي ئۇلۇغ ئىشلارنى يارىتالايمىز.

بېكىتىلگەن كۈرەش نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، غەيرەت-شىجائەتنى ئۇرغۇتۇپ كەلگۈسىگە يۈزلىنىشتە، بىز خەۋپ-خەتەرنى ئەستىن چىقارمىغان روناق تاپۇر، راھەت-پاراغەتكە بېرىلگەن ھالاك بولۇر، دېگەن ھېكمەتنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، دائىم كېلەچەكنىڭ غېمىنى يەپ، تىنچ شارائىتتىمۇ خەۋپ-خەتەرنى ئويلاپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك. دادىللىق بىلەن ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش پارتىيەمىزنىڭ ئەڭ روشەن پەزىلىتى، شۇنداقلا پارتىيەمىزنىڭ ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىكى، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھى پارتىيەنىڭ ياشلىق ھاياتىي كۈچىنى مەڭگۈ ساقلاپ قېلىشىدىكى كۈچلۈك تىرەك. يېڭى ئۇلۇغ مۇساپىدە، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەڭگۈ داۋاملاشتۇرىدىغان قەتئىيلىك ۋە قەيسەرلىك بىلەن پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇرلاپ ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى ۋە ساپلىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان بارلىق ئامىللارنى ئۈزلۈكسىز تازىلىساقلا، پارتىيەنىڭ ساغلام ئورگانىزمىنى چىرىتىدىغان بارلىق ۋىرۇسلارنى ئۈزلۈكسىز تازىلىساقلا، بىز چوقۇم پارتىيەنىڭ سۈپىتىنىڭ ئۆزگەرمەسلىكىگە، خىسلىتىنىڭ ئۆزگەرمەسلىكىگە، خاراكتېرىنىڭ ئۆزگەرمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلالايمىز، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتىن ئىبارەت تارىخىي مۇساپىدە باشتىن-ئاخىر كۈچلۈك رەھبەرلىك يادروسى بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلالايمىز.

تارىخنىڭ ئىلگىرىلەش لوگىكىسى بويىچە ئالغا ئىلگىرىلەپ، دەۋرنىڭ تەرەققىيات ئېقىمىدا تەرەققىي قىلىپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان يېڭى ئىمتىھانغا بېرىش يولىغا ئاتلىنىشتا، بىز چوقۇم ئىمتىھاندا داۋاملىق ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە يېڭى كەيپىيات، يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىشىمىز كېرەك. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۆتمۈشتىكى ئازاب-ئوقۇبەت ۋە شانلىق نەتىجىلەرنى ئۇنتۇپ قالماي، ھازىرقى بۇرچ ۋە مەسئۇلىيەتكە مۇناسىپ ئىش قىلىپ، كەلگۈسى ئۇلۇغ ئارزۇنى كۆڭلىمىزگە پۈكۈپ، تارىخنى ئەينەك قىلىپ، كەلگۈسىنى يارىتىپ، جاپاغا چىداپ باش چۆكۈرۈپ ئىشلەپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلايلى!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11-ئاينىڭ 19-كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.