تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​ئومۇمىي يىغىن روھىنىڭ ھەممە ئائىلىگە يەتكۈزۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك

پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ھەم ئاپتونوم رايوننىڭ لېكسىيە سۆزلەش سەپەرۋەرلىك تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى ئېچىلدى​

ئومۇمىي يىغىن روھىنىڭ ھەممە ئائىلىگە يەتكۈزۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مېھرىگۈل غوپۇر خەۋەر قىلىدۇ: 11 - ئاينىڭ 23 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ھەم ئاپتونوم رايوننىڭ لېكسىيە سۆزلەش سەپەرۋەرلىك تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ئەستايىدىل ئۆگىنىلىپ، ئۆزلەشتۈرۈلۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئومۇمىي يىغىن روھى بويىچە لېكسىيە سۆزلەش خىزمىتىگە سەپەرۋەر قىلىنىپ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، تېزدىن پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش قىزغىن دولقۇنى قوزغىتىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى لى يىفېي يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم دوكلاتى، مۇھىم ئىزاھاتى، مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي تەجرىبىلەر توغرىسىدىكى قارارى»غا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، قەتئىي تەۋرەنمەي يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا زىچ ئەگىشىپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، كۈچلۈك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، تارىخىي بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، جاسارەت بىلەن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ياخشى پۈتۈپ چىقىش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە، شۇنداقلا تەشۋىقات - ئىدىيە سېپى جەزمەن زىممىسىگە ئالىدىغان مۇھىم، زور سىياسىي مەسئۇلىيەت. ئومۇمىي يىغىن روھىنىڭ مول ئىچكى خاس مەزمۇنى ۋە يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، توغرا يۆنىلىش، يېتەكچىلىكنى مەھكەم ئىگىلەپ، تەشۋىق قىلىشنى كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ھەر تەرەپلىمە تەشۋىق قىلىپ، كۆپ نۇقتىدىن خەۋەر قىلىپ، تور ۋە تور سىرتىدا ئىجابىي ئاممىۋى پىكىر داغدۇغىسى شەكىللەندۈرۈپ، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي تەجرىبىلەرنى ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلىپ، يۈكسەك سىياسىي ئاڭلىقلىق، ئىدىيە ئاڭلىقلىقى بىلەن ئومۇمىي يىغىن روھىنى تەشۋىق قىلىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنىڭ ھەممە ئائىلىگە يەتكۈزۈلۈپ، كەڭ دائىرىدە كاللىغا، قەلبكە سىڭىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكى تەشكىللەشنى قارار قىلدى. ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، لېكسىيە سۆزلەشنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى دەل جايىدا، نوپۇزلۇق چۈشەندۈرۈش كېرەك. چوڭقۇر لېكسىيە سۆزلەش ئارقىلىق، ئۆتكەن بىر يىلدىن بۇيان پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى ئېنىق سۆزلەپ، ئەتراپلىق سۆزلەپ پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىنىڭ شانلىق مۇساپىسى، شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلىرى، تارىخىي ئەھمىيىتىنى ئېنىق سۆزلەپ، ئەتراپلىق سۆزلەپ، پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى چىڭ ساقلاش يولىدا قىلغان قەتئىي كۈرىشىنى ئېنىق سۆزلەپ، ئەتراپلىق سۆزلەپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش تەلىپىنى ئېنىق سۆزلەپ، ئەتراپلىق سۆزلەپ، يېڭى دەۋردىكى تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى ئېنىق سۆزلەپ، ئەتراپلىق سۆزلەپ، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى تارىخىي تەجرىبىلەرنى ئېنىق سۆزلەپ، ئەتراپلىق سۆزلەپ، تارىخنى ئەينەك قىلىپ، كەلگۈسىنى يارىتىش مۇھىم تەلىپىنى ئېنىق سۆزلەپ، ئەتراپلىق سۆزلەپ، كەڭ كادىرلار، ئاممىنىڭ ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈشىگە تېخىمۇ ياخشى تۈرتكە بولۇپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.