تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرىدىغان قەتئىيلىك ۋە دادىللىقنى كۈچەيتەيلى

− پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

□خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

جۇڭگونىڭ ئىشلىرىنى ياخشى قىلىشتا ئاچقۇچ پارتىيەدە، ئاچقۇچ پارتىيە ئۆزىنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا. پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىدا پارتىيەنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشىدىكى 100 يىللىق مۇساپىسى چوڭقۇر تەتقىق قىلىنىپ، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي خاراكتېرلىك، ئىجادىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەر تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈپ، «ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشتا چىڭ تۇرۇش» پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى ئون تۈرلۈك تارىخىي تەجرىبىنىڭ بىرى قىلىپ يىغىنچاقلىنىپ، پۈتۈن پارتىيە خەۋپ-خەتەرنى ئەستىن چىقارمىغان روناق تاپۇر، راھەت-پاراغەتكە بېرىلگەن ھالاك بولۇر دېگەن ھېكمەتنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، دائىم كېلەچەكنىڭ غېمىنى يەپ، تىنچ شارائىتتىمۇ خەۋپ-خەتەرنى ئويلاپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ئىستىلى-پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىپ، قىيىنچىلىق ئالدىدا تىز پۈكمەي، بېسىم ئالدىدا باش ئەگمەي، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرى پاراخوتىنىڭ دولقۇن يېرىپ توختىماي ئالغا ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇشى شەرت دەپ تەكىتلەندى.

ئىلغار ماركسىزملىق سىياسىي پارتىيە تۇغما بولمايدۇ، بەلكى ئۆزى ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىنقىلاب قىلىش داۋامىدا تاۋلىنىپ چىقىدۇ. دادىللىق بىلەن ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش پارتىيەمىزنىڭ ئەڭ روشەن پەزىلىتى، شۇنداقلا پارتىيەمىزنىڭ ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىكى، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھى پارتىيەنىڭ ياشلىق ھاياتىي كۈچىنى مەڭگۈ ساقلاپ قېلىشىدىكى كۈچلۈك تىرەك. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئۇلۇغلۇقى خاتالىق ئۆتكۈزمىگەنلىكىدە بولماستىن، بەلكى ئەزەلدىن كېسىلىنى يوشۇرمىغانلىقى، داۋالىنىشتىن باش تارتمىغانلىقىدا، تەنقىد ۋە ئۆز ـ ئۆزىنى تەنقىد قىلىشنى پائال قانات يايدۇرغانلىقىدا، دادىللىق بىلەن مەسىلىگە بىۋاسىتە يۈزلەنگەنلىكىدە، باتۇرلۇق بىلەن ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلغانلىقىدا. 100 يىللىق ئىسسىق-سوغۇق، قار-يامغۇر، 100 يىللىق كۈچلۈك دولقۇندا تاۋلانغان پارتىيەمىزنىڭ نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ، ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىشى، جاسارىتىنىڭ يەنىلا ئۇرغۇپ تۇرۇشى، قىيىنچىلىقلارنى بىر-بىرلەپ يېڭىپ، ئارقا-ئارقىدىن غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشىدىكى ئاچقۇچ پارتىيەنىڭ ئۆزىنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا باشتىن-ئاخىر بوشاشماي چىڭ تۇرۇپ، جەمئىيەت ئىنقىلابىغا تۈرتكە بولۇش بىلەن بىللە، ئۆزى ئۈستىدە ئۈزۈل-كېسىل ئىنقىلاب قىلغانلىقىدا. پارتىيەمىز باشتىن-ئاخىر مۇشۇنداق قىلىشتا چىڭ تۇرغاچقا، ئاندىن خەۋپلىك پەيتلەردە خەتەر ئىچىدىن ھاياتلىق يولىنى تېپىپ، سەۋەنلىكتىن كېيىن قالايمىقانچىلىقنى ئومۇميۈزلۈك ئوڭشاپ، مەڭگۈ يىقىلمايدىغان، ئۆرۈلمەيدىغان ماركسىزملىق سىياسىي پارتىيەگە ئايلاندى. پارتىيەنىڭ خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ئەمەلىيىتى قاچان پارتىيەمىز ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇرۇپ كۈچەيسە، شۇ چاغدا پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىنىڭ توختاۋسىز ئالغا ئىلگىرىلەپ ھەممىدە غەلىبە قىلالايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى. پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئۇلۇغ قۇرۇلۇش سۈپىتىدە ئالغا سىلجىتىش پارتىيەمىزنىڭ بىر چوڭ ئىجادىيىتى، پارتىيەمىزنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئۇلۇغ جەمئىيەت ئىنقىلابى ئېلىپ بېرىشىدىكى مۇھىم ئەڭگۈشتەرى.

دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن پارتىيەنى ئىدارە قىلىش شەرت، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتا قاتتىق بولۇش شەرت. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنى قاتتىق باشقۇرۇپ، پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشنى پىلانلاپ ۋە ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك تۈپ مەسىلىلەرنى يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلىدى؛ «پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، خەلق تەشكىلاتلىرى ۋە پەن-مەدەنىيەت ساھەلىرىدە، ھەر يەردە، پارتىيە ھەممىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ» دېگەننى پارتىيە نىزامنامىسىگە كىرگۈزۈپ، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئەڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى» دېگەننى ئاساسىي قانۇنغا كىرگۈزۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشقا قارىتا تۈزۈم خاراكتېرلىك قېلىپلاشتۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى؛ پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنىڭ پۈتۈن جەريانىدا، ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ئەمەلىيلەشتۈردى؛ ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش روھى بىلەن پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تۇتۇپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىدىيەدە قاتتىق بولۇش، نازارەت قىلىش قاتتىق بولۇش، ئىنتىزام ئىجرا قىلىش قاتتىق بولۇش، ئەمەلدارلارنى باشقۇرۇش قاتتىق بولۇش، ئىستىل قاتتىق بولۇش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش قاتتىق بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ يۆنىلىشنى ئىگىلەش، چوڭ ۋەزىيەتنى كۆزلەش، سىياسەت بەلگىلەش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى. دەل ئومۇمىي يىغىندا كۆرسىتىلگىنىدەك، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش جەھەتتە، پارتىيەنىڭ ئۆزىنى ساپلاشتۇرۇش، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۆزىنى يېڭىلاش، ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئاشتى، پارتىيەنى باشقۇرۇش-ئىدارە قىلىش كەڭ، بوش، يۇمشاق بولۇش ئەھۋالى تۈپتىن ئۆزگەردى، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە مۇتلەق غەلىبە قولغا كەلتۈرۈلدى ھەمدە ئومۇميۈزلۈك مۇستەھكەملەندى، پارتىيە ئىنقىلاب خاراكتېرلىك تاۋلىنىش داۋامىدا تېخىمۇ كۈچەيدى. پارتىيەمىز سۆڭەكنى قىرىپ زەھەر تازىلاش جەريانىدا ئۆزىنىڭ سىياسىي، ئىدىيەۋى، تەشكىلىي، ئىستىل، ئىنتىزام قاتارلىق جەھەتلەردە ساقلانغان بىر قاتار مۇھىم، زور مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ، يامانغا زەربە بېرىپ، ياخشىغا مەدەت بېرىش داۋامىدا پىرولېتارىيات سىياسىي پارتىيەسىنىڭ سىياسىي خىسلىتىنى نامايان قىلىپ، كونىنىڭ ئورنىغا يېڭىنى تىكلەش داۋامىدا پىرولېتارىيات سىياسىي پارتىيەسىنىڭ سىياسىي ئەۋزەللىكىنى قايتا يارىتىپ، يېڭى، قۇدرەتلىك، جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى.

پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ. ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان يېڭى ئىمتىھانغا بېرىش يولىغا ئاتلىنىشتا، جەزمەن شۇنى تولۇق تونۇشىمىز كېرەككى، پارتىيەمىز دۇچ كەلگەن ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش سىنىقى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش سىنىقى، بازار ئىگىلىكى سىنىقى، تاشقى مۇھىت سىنىقى ئۇزاق مەزگىللىك ۋە مۇرەككەپ، دۇچ كەلگەن روھىي بوشاڭلىق خەۋپى، ئىقتىدار يېتىشمەسلىك خەۋپى، ئاممىدىن ئايرىلىپ قېلىش خەۋپى، پاسسىپلىق، چىرىكلىك خەۋپى ئۆتكۈر ۋە كەسكىن. پارتىيەمىز 100 يىللىق چوڭ پارتىيە بولۇش سۈپىتى بىلەن، قانداق قىلىپ ئىلغارلىقى ۋە ساپلىقىنى مەڭگۈ ساقلاش، ياشلىق ھاياتىي كۈچىنى مەڭگۈ ساقلاش، قانداق قىلىپ خەلقنىڭ ھىمايىسى ۋە قوللىشىغا مەڭگۈ ئېرىشىش، قانداق قىلىپ ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش − بىز جەزمەن ياخشى جاۋاب بېرىشكە، ياخشى ھەل قىلىشقا تېگىشلىك تۈپ مەسىلە. يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ مەيدان ئۇلۇغ جەمئىيەت ئىنقىلابىنى ياخشى قىلىش ئۈچۈن، پارتىيەمىز جەزمەن باتۇرلۇق بىلەن ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىپ، پارتىيەنى تېخىمۇ مۇستەھكەم، كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ چىقىشى كېرەك. دادىللىق بىلەن پىچاقنىڭ بىسىنى ئۆزىگە قارىتىپ، دادىللىق بىلەن كەسكىن ئىش كۆرۈشكە جۈرئەت قىلغاندىلا، ئۆزى باشتىن-ئاخىر قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتۈپ، باشتىن-ئاخىر دەۋرنىڭ ئاۋانگارتى، مىللەتنىڭ تۈۋرۈكى بولالايدۇ، باشتىن-ئاخىر ماركسىزملىق ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە بولالايدۇ. پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتا كۈلپەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەڭگۈ داۋاملاشتۇرىدىغان قەتئىيلىك ۋە دادىللىق بىلەن پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇرلاپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك. پۈتۈن پارتىيە «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى كۆڭلىگە پۈكۈپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئاڭلىق ھالدا ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، ئاڭلىق ھالدا پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى، بىرلىكىنى قوغداپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، باشتىن-ئاخىر خەلق بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋەتنى ساقلىشى كېرەك. دەل ئومۇمىي يىغىندا قاراپ چىقىلىپ ماقۇللانغان «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي تەجرىبىلەر توغرىسىدىكى قارارى»دا تەكىتلەنگەندەك: بىز پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى ۋە ساپلىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان بارلىق ئامىللارنى ئۈزلۈكسىز تازىلاپ، پارتىيەنىڭ ساغلام ئورگانىزمىنى چىرىتىدىغان بارلىق ۋىرۇسلارنى ئۈزلۈكسىز تازىلىساقلا، چوقۇم پارتىيەنىڭ سۈپىتىنىڭ ئۆزگەرمەسلىكىگە، خىسلىتىنىڭ ئۆزگەرمەسلىكىگە، خاراكتېرىنىڭ ئۆزگەرمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلالايمىز، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتىن ئىبارەت تارىخىي مۇساپىدە باشتىن-ئاخىر كۈچلۈك رەھبەرلىك يادروسى بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلالايمىز.

«باشقىلار ئۈستىدىن غالىب كەلگەنلەر پەقەت كۈچلۈك سانىلىدۇ، ئۆز كەمچىلىكى ئۈستىدىن غالىب كەلگەنلەر ھەقىقىي باتۇر ھېسابلىنىدۇ.» پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇش ئۇلۇغ كۈرەش، ئۇلۇغ ئىشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئۇلۇغ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ تۈپ كاپالىتى. يېڭى مۇساپىدە، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشى ئارقىلىق يېڭى، ئۇلۇغ جەمئىيەت ئىنقىلابىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي رەھبەرلىك ئىقتىدارى، ئىدىيەۋى يېتەكچىلىك ئىقتىدارى، ئاممىنى تەشكىللەش ئىقتىدارى، جەمئىيەتكە قارىتا چاقىرىق قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچى ئارقىلىق پۈتۈن جەمئىيەتتە جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى، ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولىدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملىگەندىلا، پارتىيەمىز چوقۇم تولۇپ تاشقان ھاياتىي كۈچى ۋە قۇدرەتلىك جەڭگىۋارلىقىنى مەڭگۈ ساقلاپ، خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، بارلىق خەۋپ-خەتەر، خىرىسلار ئۈستىدىن غالىب كېلىپ، يېڭى ئۇلۇغ غەلىبىنى ئۈزلۈكسىز قولغا كەلتۈرەلەيدۇ!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11-ئاينىڭ 18-كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.