تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

پارتىيەنىڭ خەلق بىلەن ھايات-ماماتتا بىللە بولىدىغان، خۇشاللىق-قايغۇدىمۇ بىللە بولىدىغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇر تونۇيلى

− پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

□خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

پارتىيەنىڭ يىلتىزى خەلقتە، جان تومۇرى خەلقتە، كۈچى خەلقتە، خەلق پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشتىكى ئەڭ زور ئىشەنچى. پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىدا پارتىيەنىڭ جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت 100 يىللىق مۇساپىسى چوڭقۇر تەتقىق قىلىنىپ، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشى جۇڭگو خەلقىنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرىنى تۈپتىن ئۆزگەرتكەنلىكى چوڭقۇر كۆرسىتىپ بېرىلدى، «خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇش» پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى ئون تارىخىي تەجرىبىسىنىڭ بىرى قىلىپ يىغىنچاقلاندى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ جەزمەن خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى مەڭگۈ ساقلاپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ياخشى قوغداپ، ياخشى راۋاجلاندۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە گۈزەل تۇرمۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشى تەكىتلەندى.

خەلق ئۈچۈن دۇنياغا كېلىش، خەلق ئۈچۈن گۈللىنىش، باشتىن-ئاخىر خەلق بىلەن بىللە بولۇش، خەلقنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن كۈرەش قىلىش پارتىيەمىزنىڭ پارتىيە قۇرۇش، پارتىيەنى گۈللەندۈرۈش، پارتىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتىكى تۈپ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى. 100 يىللىق كۈرەش مۇساپىسىنى ئەسلىسەك، پارتىيەمىزنىڭ خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشتىكى تۈپ مەقسىتى خەلقنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈندۇر، مەيلى قانچىلىك زور خىرىس ۋە بېسىمغا دۇچ كەلسۇن، مەيلى قانچىلىك زور قۇربان بەرسۇن ۋە بەدەل تۆلىسۇن، بۇ نۇقتىدا باشتىن-ئاخىر ئېغىشمىدى، قىلچە تەۋرەنمىدى. 100 يىللىق كۈرەش مۇساپىسىنى ئەسلىسەك، پارتىيەمىزنىڭ ئوڭۇشسىزلىقلارنى باشتىن كەچۈرۈپ، توختىماي كۈرەش قىلىشى، چەكسىز ئازاب-ئوقۇبەت چەككەن بولسىمۇ، پولاتتەك تاۋلانغانلىقىنىڭ سەۋەبى دەل باشتىن-ئاخىر خەلقنى «مەنبە» ۋە «ئاساس» قىلىپ، خەلق ئارىسىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتقانلىقىدىندۇر. 100 يىللىق كۈرەش مۇساپىسىنى ئەسلىسەك، پارتىيە قۇرۇلغان مىسلى كۆرۈلمىگەن بۈيۈك ئىشتىن يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشكىچە، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ يەر-جاھاننى زىلزىلىگە كەلتۈرۈشىگىچە، يەنە پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشنى بارلىققا كەلتۈرۈشكىچە، بۇ ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىدە تايانغىنىمىز ھەممىدە خەلقنى كۆزلەپ، ھەممىدە خەلققە تايىنىشتا باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى باشتىن-ئاخىر ساقلىغانلىقىمىز بولدى. 100 يىلدىن بۇيان، پارتىيە خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ، قاينام-تاشقىنلىققا تولغان ئۇلۇغ كۈرەشلەرنى باشتىن كەچۈردى، جۇڭگو خەلقى بوزەك بولۇش، ئېزىلىش، قۇل بولۇش تەقدىرىدىن ئۈزۈل-كېسىل قۇتۇلۇپ، دۆلەتنىڭ، جەمئىيەتنىڭ ۋە ئۆز تەقدىرىنىڭ ئىگىسىگە ئايلاندى، خەلق دېموكراتىيەسى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدى، 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇس ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەنى ئىشقا ئاشۇردى، جۇڭگو خەلقىنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكى ئۈزلۈكسىز رېئاللىققا ئايلاندى. پارتىيەنىڭ 100 يىللىق تارىخى پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسىتى، بۇرچىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكەن تارىخ، پارتىيە ۋە خەلق قەلبداش، ھەمنەپەس، تەقدىرداش بولغان تارىخ. پارتىيەنىڭ خەلق بىلەن ھايات-ماماتتا بىللە بولۇپ، خۇشاللىق-قايغۇدىمۇ بىللە بولۇپ قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋەتنى باشتىن-ئاخىر ساقلىشى پارتىيەنىڭ بارلىق قىيىنچىلىق ۋە خەۋپ-خەتەر ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشىدىكى تۈپ كاپالەت.

پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتا، پارتىيەنىڭ خەلق بىلەن ھايات ـ ماماتتا بىللە بولىدىغان، خۇشاللىق-قايغۇدىمۇ بىللە بولىدىغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، خەلققە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى كۆزلەش، خەلققە تايىنىپ تارىخىي ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش كېرەك. جەزمەن شۇنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يېتىش كېرەككى، پارتىيەمىز خەلق ئارىسىدىن كەلگەن، خەلق ئارىسىدا يىلتىز تارتقان، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ، تۈپ نېگىزىدىن ئېيتقاندا، پارتىيەنىڭ نەزەرىيەسى ھەممىدە خەلقنى كۆزلەيدىغان نەزەرىيە، پارتىيەنىڭ لۇشيەنى ھەممىدە خەلقنى كۆزلەيدىغان لۇشيەن، پارتىيەنىڭ ئىشلىرى ھەممىدە خەلقنى كۆزلەيدىغان ئىشلار. پارتىيەنىڭ ئەڭ چوڭ سىياسىي ئەۋزەللىكى ئامما بىلەن زىچ ئالاقە باغلاش، پارتىيە ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندىن كېيىنكى ئەڭ زور خەۋپ ئاممىدىن ئايرىلىپ قېلىش. پارتىيە جۇڭگودىكى ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، ئۆزىنىڭ ھېچقانداق ئالاھىدە مەنپەئىتى يوق بولۇپ، ئەزەلدىن ھەرقانداق مەنپەئەت گۇرۇھى، ھەرقانداق ھوقۇق-كۈچ تەشكىلاتى، ھەرقانداق ئىمتىياز قاتلىمىنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلمىدى، بۇ پارتىيەنىڭ يېڭىلمەس ئورۇندا تۇرۇشىنىڭ تۈپ ئاساسى. ئومۇمىي يىغىندا قاراپ چىقىپ ماقۇللانغان «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي تەجرىبىلەر توغرىسىدىكى قارارى»دا تەكىتلەنگىنىدەك: بىز جان دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش تۈپ مەقسىتىدە باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىدە چىڭ تۇرۇپ، ھاكىمىيەت دېمەك خەلق دېمەكتۇر، خەلق دېمەك ھاكىمىيەت دېمەكتۇر دېگەننى باشتىن-ئاخىر ئەستە چىڭ ساقلاپ، ھەممىدە خەلقنى كۆزلەش، ھەممىدە خەلققە تايىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، خەلققە تايىنىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىياتتا خەلقنى كۆزلەش، تەرەققىياتتا خەلققە تايىنىش، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن خەلقنى ئورتاق بەھرىلەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئومۇمىي خەلق ئورتاق بېيىش يولىدا ماڭساقلا، چوقۇم خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى، تېخىمۇ زور غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى جۇڭگو خەلقىدىن ئايرىۋېتىشكە، قارىمۇقارشى قىلىپ قويۇشقا ئۇرۇنىدىغان ھەرقانداق غەرەز مەڭگۈ ئەمەلگە ئاشمايدۇ.

«قورساقنى تويغۇزۇش»تىن «ساپ دان» يېيىشكىچە، يەنە «ئاق ئاشلىق يېگۈسى كەلسە ئاق ئاشلىق يېيىش، يەنە دائىم گۆش يېيىش»كىچە، شىمالىي شەنشىدىكى سېرىق توپىلىق ئېگىزلىكتىكى پۇقرالارنىڭ بەختلىك تۇرمۇشقا بولغان نىشانىنى ئەسلىگىنىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىلگىرى چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن مۇنداق بايان قىلدى: «بىز بۇ ئەۋلاد كىشىلەر قەلبىمىزدە ساقلاپ كېلىۋاتقان مۇنداق بىر ھېسسىيات بار، پۇقرالىرىمىزنى، بولۇپمۇ دېھقانلىرىمىزنى يۆلىشىمىز كېرەك. سوتسىيالىزم يولىدا بىرىمۇ كەم بولسا بولمايدۇ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش يولىدا كۆپچىلىك بىرلىكتە ماڭىمىز!» بۈگۈنكى كۈندە، بىز ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقتۇق، ئەمدى كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىدىغان ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ ئىلگىرىلەۋاتىمىز. يېڭى ئۇلۇغ مۇساپىدە، بىز جەمئىيەتنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ھۆرمەت قىلىش بىلەن خەلقنىڭ تارىخىي ئاساسىي گەۋدىلىك ئورنىغا ھۆرمەت قىلىشنىڭ بىردەكلىكى، يۈكسەك غايە ئۈچۈن كۈرەش قىلىش بىلەن ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلەشنىڭ بىردەكلىكى، پارتىيەنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى تاماملاش بىلەن خەلق مەنپەئىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ بىردەكلىكىدە جەزمەن چىڭ تۇرۇپ، ئاممىدىن مەڭگۈ ئايرىلماي، ئامما بىلەن جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇشىمىز، بارنىمۇ، يوقنىمۇ تەڭ كۆرۈشىمىز كېرەك؛ جەزمەن خەلققە يېقىندىن تايىنىپ تارىخ يارىتىپ، جان-دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش تۈپ ئاساسىي مەقسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ مەيدانىدا مەزمۇت تۇرۇپ، خەلقنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ باش ئىجادكارلىق روھىغا ھۆرمەت قىلىپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، باشتىن-ئاخىر خەلقنى قەلبنىڭ ئەڭ يۈكسەك ئورنىغا قويۇپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكىنى كۈرەش نىشانى قىلىپ، ئىسلاھات-تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن بارلىق خەلققە تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل نەپ يەتكۈزۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئورتاق بېيىشتا تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق جۇڭگو خەلقىنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىگە تۈرتكە بولىدىغان قۇدرەتلىك كۈچ قىلىپ مۇجەسسەملىشىمىز كېرەك.

بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگو خەلقى ئۆزىگە تېخىمۇ ئىشىنىپ، ئۆزىگە تېخىمۇ تايىنىپ، ئۆزىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، ئىرادىسى، شىجائىتى، غەيرىتىنى ئىنتايىن زور دەرىجىدە كۈچەيتىپ، تارىخىي مۇساپىدە توپلانغان قۇدرەتلىك ئېنېرگىيەنى تولۇق ئۇرغۇتۇپ، مىسلىسىز تارىخىي تەشەببۇسكارلىق روھى، تارىخىي ئىجادىيەت روھىنى ئۇرغۇتۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو تەرەققىياتىنىڭ ئۇلۇغ تارىخىنى تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن پۈتمەكتە. يېڭى مۇساپىدە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ماركسىزملىق ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيەنىڭ خىسلىتىنى مەڭگۈ ساقلاپ، مەڭگۈ دەۋرنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا مېڭىپ، مەڭگۈ جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ يۆلەنچۈكى بولۇپ، باشتىن-ئاخىر خەلق بىلەن قەلبداش بولساقلا، خەلق بىلەن جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولساقلا، خەلق بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلساقلا، چوقۇم بارلىق جاپا-مۇشەققەت، خەۋپ-خەتەر، توسالغۇلار ئۈستىدىن غالىب كېلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ يېڭى تارىخىي شانلىق نەتىجىلىرىنى ئۈزلۈكسىز يارىتالايمىز!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11-ئاينىڭ 17-كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.